مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3558|ئىنكاس: 36

توزاق ( پوۋېست ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36126
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5158
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 1794 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 04:46:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

توزاق

پوۋېست

ئۆزبېكىستان  ئەركىن ئوسمان

ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : ئېرپان





تاش بارماقلىرى ئارىسىغا قىسىۋالغان تاماكىسىنى كۇلداننىڭ چېتىگە بېسىپ ئۆچۇردى – دە ، ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان يىگىتلەرگە يەر تېگىدىن گۆلىيىپ قارىدى ، ئاندىن ئۈستەل ئۇستىدە تۇرغان تۇگۇنچەكنى ئىما قىلىپ :
-        بۇ نېمە ؟ دەپ سورىدى .
يىگىتلەر تېزلەكتە بىر – بىرىگە قارشىۋالدى .
-        ھېلى دېگەندەك ، ئولجا شۇ ..-  دېدى قول – پۇتلىرى قىسقا ، كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدىغان قۇچقاچ لەقەملىك بىر يىگىت  ھىجىيىپ .
تاش ئۇلارغا ئاچ دەپ ئىما قىلدى .
بۇقىنىڭ بوينىدەك يوغان بوينىغا ئىنچىكە زەنجىر ئېسىۋالغان ، چاچلىرى كوممەقوناق  ساقىلىدەك بۇدرە چاچلىق ساپ – سېرىق بالا چاققانلىق بىلەن تۇگۇنچەكنىڭ تۇگۇنىنى يەشتى- دە، ئورنىغا كېلىپ ئولتۇردى .
تاش بەزىلىرنىڭ رېزىنگە بىلەن بەزىلىرىنىڭ يىپ بىلەن بېلىدىن باغلانغا يۇز سوملۇق ، ئىككى يۇز سوملۇق كونا پۇللارنى كۆرۈپ ، خۇددى ھارام بىر نەرسىنى ياۋالغاندەك چىرايى پۇرۇشۇپ كەتتى .
-        نېمە بۇ ؟ - دەپ سورىدى يەنە .
-        پۇل – دېدى قۇچقاچ ھىجىيىپ .
-        مەن سەندىن سوراۋاتىمەن ئاق پىشماق ؟ - تاش ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ ۋاقىردى .
-        بۈگۈنكى ئولجىمىز شۇ بولدى تاش ئاكا – دېدى ئاق پىشماق لەقەملىك بالا كۆزلىرىنى ئۇنىڭ كۆزىدىن قاچۇرۇپ .
-        نەدىن ئالدىڭلار بۇنى – تاش ئۇنىڭغا يەۋەتكۇدەك قارىدى .
-         چوڭ بازارنى ئارلاپ كېتىۋاتاتتۇق – دېدى قۇچقاچ ھىجىيىپ كۈلۈپ تۇرۇپ – بىر – بىرىنى ‹ پاتروشكۇلاپ › كېتىپ بارغان بىر قېرى بىلەن موماينى كۆرۇپ قالدۇق .قوللىرىدا سومكا بار ئىكەن ، سومكىدا شۇ بار ئىكەن ، ئالدۇق شۇ ..
سۆھبەتنىڭ غەلىتە تۇرس ئېلىۋاتقانلىقىنى ۋە تاشنىڭ ئاھاڭىدىكى سوغۇق كەيپىياتنى سېزىپ ، كارۋات يېنىدا  چىرايى بىر – بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان قوشگېزەك ئىككى يىگىت ۋە ئۆڭى قاپقارا ،ئەپتىدىن سوغاق چىقىپ تۇرۇدىغان يىگىت جىم بولۇشتى.
-        قانچە پۇلكەن بۇ ؟ - سورىدى تاش قوللىرىنى ئىشقىلاپ ئولتۇرۇپ .
-        بىلمىدىم – دېدى ئاق پىشماق يەلكە قىسىپ – ساناپ باقمىدۇ .
-        يىگىرمە – ئوتتۇرمىڭدەك قىلىدۇ –دەپ گەپكە قوشۇلدى قۇچقاچ ئۇستەل ئۇستىدىكى پۇللاردىن كۆزلىرىنى ئۇزمەي .  
-        كۈنلىرىڭلار ئەمدى قېرى بوۋاي  مومايلانىڭ پىنسىيە پۇلىنى                                         ئېلىشقا قالدىما ؟ - دېدى تاش ئاچچىق كۈلۈپ – ئۇيالمىدڭىڭلارمۇ بۇنى ئېلىشتىن ؟
-        نىمىگە ئۇيىلاتتۇق – دېدى قۇچقاچ ،تاشىڭ گېپىنى چۈشەنمەي گەپ باشلاپ – ئىككى قولنى بۇرۇنغا تىقىپ قۇرۇق كەلگەندىن ياخشىغۇ .
-        ئاغزىڭنى يۇم – دېدى تاش ئۇستەلگە < پاق > قىدە ئۇرۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ ۋە بالىلارنىڭ ئالدىغا كەلدى – مەن سىلەرگە نېمە دېگەن ئىدىم ھە ؟
ئۇنىڭ سۇئالىغا ھېچكىم جاۋاپ بەرمىدى .
-        كەمبەغەلنىڭ ، كۈنىنى ئاران ئېلىپ كېتىۋاتقان ئادەمنىڭ پۇلىنى ئالماڭلار دېمىگەنمىدىم ؟– تاشنىڭ كۆزلىرىدىن سوغاق بىر ئوت چاقناپ كەتتى – گەپ قىلىشىچە !
-        نېمە دەيمىز ئەمدى – دېدى ئاق پىشماق خۇرسىنىپ .
-        نىمە دەيتتىڭ ۋاي داد دە ! – بىردىنلا تاش ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ ۋاقىراپ مۇشتىنى تۇگدى – قاملاشتۇرۇپ قىلالىساڭ ئوغۇرلىق قىل ماقۇلمۇ ؟ پۇتى گۆرگە ساڭگىلاپ قالغان ، گېپەنلىك ئۈچۈن يۇرگەن ئادەمنىڭ ئەرزىمەس پۇلىنى ئوغۇرلاپ ، يەنە ئولجا دەپ پەخىرلىنىپ يۇرمە .
ھېچكىم ئۇندىمەي جىم تۇرشتى .
-        ئوغۇل بالىدەك قىلىمەن دېسەڭ بېلى قايرىلمىغان دوللارنى ساناپ ئولتۇرغان بايۋەكچىلەرنىڭ ، خەقنىڭ ھەققىگە كۆز تاشلاپ پايدا ئالغان سودىگەرنىڭكىنى ئال . بۇنى ئاپىرىپ بېرىڭلار
-        نەگە ئاپىرىپ بېرىمىز ؟ - ھەيران بولدى قۇچقاق .
-        چوڭ ئاچاڭنىڭكىگە !– ئۇنىڭغا يەۋەتكۇدەك قارىغان تاشنىڭ چاۋغايلىرى تىترەپ كەتتى – ئېسىڭلەردە بولسۇن ، كەمبەغەلنىڭ قاياشى كەمبەغەل بولىدۇ . ئوغرى ئوغرىنى شىلىشى كېرەك .
-        بىزنى دەۋاتامسەن ؟ - دېدى قاراۋاي يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ .
-        ھېچكىم ساڭا گەپ قىلغىنى يوق – دېدى ئۇنىڭغا ھۆمۇيۇپ قاراپ قويۇپ – سەن بىلەن بىزنى داغدا قويۇدىغان ئوغرىلار ساماندەك . بوينىغا گىلاستۇك تاقىغان ، بېشىغا شىلەپە كەيگەن ،ئەنە شۇلارنى شىلاش كېرەك – ئۇ سۆزلەۋېتىپ ئۇدۇلدىكى بالىغا ئورۇلدى – بۇنى قايسى سومكىدىن ئالغان بولساڭلار شۇ يەرگە ئاپىرىپ ئورنىغا قويۇپ قويۇسىلەر .
-        تاش ئاكا شۇنداق قىلىش شەرتمۇ ؟ - غۇدۇرشىدى قۇچقاچ لەۋلىرىنى قىمىرلىتىپ .
-        ماڭا قارا ، قۇچقاچ – يەنە شۇنداق گەپ قىلىدىغان بولساڭ پەيلىرىڭنى بىر تال – بىر تالدىن يۇلۇۋېتىمەن .
قۇچقاچ ماقۇللۇق بىلدۇرۇپ ئۇستەل ئۇستىدىكى پۇللارنى ياغلىققا يوگەشكە باشلىدى ،نېرىراقتا تاشنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۇرغان قاراۋاي ئاستا تاشنىڭ يېنىغا كەلدى .
-        نىمە قىلىۋاتىسەن تاش ؟ - دېدى نارازىلىق ئاھاڭدا –سەن بۇلارنى نەگە ئەۋەتمەكچى . قايسى ئوغرى ئوغۇرلاپ كەلگەن نەرسىسىنى ئاپىرىپ بېرىدۇ ؟   تۇتۇلۇپ قالسا قانداق قىلىسەن ؟
-        سەن ئارلاشما بۇ ئىشقا  - دېدى تاش ئۇنىڭغا قارىماستىن .
-        سەن ئۆزەڭنى ياخشى ئادەم ، ۋىجدانلىق كۆرسەتمەكچىمۇ ؟ - قاراۋاي ئاغزىدىكى ئالتۇن چىشلىرىنى پاقىرتىپ مەسخىرلىك كۈلدى – قانچە توۋلىساڭمۇ ، سەنمۇ بىزگە ئوخشاش ئوغرىسەن ! ..
تاش ئۇنىڭغا شاپپىدە ئۆرۇلدى ، ئەمما گەپ قىلمىدى.ئاستا ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى .
-يەنىچۇ؟ – دېدى ئۇ كۆزلىرىنى قىسىپ .
- بولدى .
-ياق بولمىدى .
-نېمە بولمىدى ؟ - قاراۋاي ئۇنى مەسخىرە قىلغاندەك ھىجىيىپ ئەتراپتىكىلەرگە تاماشا كۆرۇڭلار دېگەندەك قاراپ قويدى .
- مانا بۇ – تاش تىزى بىلەن قارىۋاينىڭ چاترىقىغا كېلىشتۇرۇپ بىرنى تەپتى .
قارا < ۋايجان > دېگىنىچە پۇكلىشىپ قالدى ،ئۇ ئۆزىنى ئوڭشاپ بېشىنى كۆتۇرگۇچە چانىقىغا تەككەن زەربىدىن گۇپلا قىلىپ يىقىلىپ تۇگۇلگىنىچە تىپىرلاپ قالدى .ئاغزى – بۇرنىدىن ئوقتەك قان چىقىشقا باشلىدى. ئۆي ئىچىدىكىلەر قىمىرلاپ كەتتى ، ئەمما نېمە قىلىشنى بىلمەي قالغان ئىدى .
-        ئەمدى يەنە قىتىغۇرلۇق قىلىپ شۇنداق گەپ قىلىدىغان بولساڭ چاترىقىڭنى يېرىۋېتىمەن –تاش قاراۋايغا شۇنداق دەپ بولۇپ ،ئاق پىشماق بىلەن قۇچقاچقا ھۆمۇيۇپ قاراپ – ئەمدى دېگىنىمنى قىلىپ كېلىش . تاماشا تۇگۇدى .
ئىككىسى ئالدىراپ – تېنەپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشتى .
-        ھەسەن – دەپ چاقىردى تاش قوشگېزەكلەرگە قارىماستىن .
-        قۇلۇقۇم سەندە ، ئاكا .
-        ئاۋۇ ئىككىسىنىڭ كەينىدىن سەزدۇرمەي بار . ماڭا قارا ، ئەگەر بىرەر ئويۇن ئوينايدىغان بولسا مەندىن ياخشىلىق كۈتۈشمىسۇن .
-        خوپ ئاكا – ئۇ شۇنداق دەپ قوزۇقتىكى قىسقا خۇرۇپ چاپىنىنى ئېلىپ مۇرىسىگە تاشلىدى –دە ، ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى .
-        ھۈسەن –  دەپ چاقىردى تاش يەنىلا يەردە ئىڭراپ ياتقان قارىۋايغا يىرگەنگەندەك قاراپ تۇرۇپ .
-        لەببەي ، ئاكا – ھۈسەن ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى .
-        ماۋۇ قارىۋايغا ياردەملەش ، يۈز – قولىنى يۇيۇۋالسۇن  - ئۇ شۇنداق دەپ بولۇپ كۈلگىنىچە گېپىنى داۋاملاشتۇردى – بەك يۇۋەتمە جۇمۇ ، بۇ قارا ئاقىرىپ كەتسە تونۇماي قالمايلى يەنە .
-        خوپ – ھۈسەن قارىۋاينى يولەشكە ماڭدى .
تاش ئاغزىغا بىر تال تاماكا قىستۇردى ، تاپانچا شەكىللىك چاقماق بىلەن ئوت تۇتاشتۇردى –دە ، گەپ – سۆز قىلماي ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى .

شەھەرنىڭ خىلۋەت بىر جايىغا جايلاشقان ،سىرتىدىن قارىغاندا ھېچكىمنىڭ دېققىتىنى تارتمايدىغان ،دەرىزە ئەينەكلىرى چېقىلىپ كەتكەن ،قىيسىيىپ قالغان چوڭ ئىشىك تۆپۇسىگە < كېرەكسىز قەغەز ،بوتۇلكا ،سۇلىيئاۋ قاچا – قۇچا يىغىۋېلىش پونكىتى>   دەپ قىڭغىر – قىيسىق خەتلەر يېزىپ قويۇلغان بۇ بىنا تولىمۇ كۆرۇمسىز ئىدى ، ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئەخلەتخانىنى ئەسلىتىدىغان ئىگىز – پەس ھۆيلىسى ھەر جايلاردىن توشۇپ كېلىنگەن ئەسكى قەغەز ۋە كېرەكسىز بويۇملار بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىدى .
ھۆيلىنىڭ ئەتراپىنى  تومۇر پەنجىرلىك بېتون تام ئوراپ تۇراتتى ، بۇ چوڭ ھۆيلىنىنىڭ ئەتراپىنى، ئېنىقراق ئېيتقاندا بۇ ئەخلەتخانە مەيداننىڭ ئەتراپىنى تىكەنزارلىق ، بۇلجۇرگەن ، ھەر خىل چوڭ- كىچىك دەرەخلەرنىڭ شاخلىرى ئوراپ تۇراتتى، مۇشۇ دەرەخلەر ئارىسىدىكى تار يولنىڭ  ئاخىرىنىڭ سىرلىق بىر جايغا بارىدىغانلىقىنى ،دەرۋازا ئورنىدا ئىشلىتىدىغان پەنجىرلىك توسۇقنى ئاچقاندا بۇ سىرلىق يەرگە ۋە شەھەرگە چىققىلى بولىدىغانلىقىنى ھېچكىمنىڭ چۇشۇگە كىرمەس ئىدى. بۇ نەرسە بۇ يەرگە كۈندە ماشىنا – ماشىنا ئەسكى قەغەز ،قۇرۇق بوتۇلكا ۋە باشقا نەرسىلەرنى توشۇيدىغان شوپۇرلارنىڭمۇ خىيالىغا كەلمەس ئىدى .
ھۆيلىنىڭ ئاياغ تەرەپتىكى مال قويۇش ئۆيىنىڭ تار پەلەمپىيىدىن چۇشۇدىغان يەر ئاستى ئۆيى ۋە ئۇ يەردىكى مەنزىرىنى كۆرگەن كىشىنىڭ ئەقلى ھەيران بولاتتى .يەر ئاستى بىرنەچچە خانىلەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ ،بۇ يەرنى يەر ئاستى قەسىر دېسە توغرا بولاتتى .
شاھانە بېزەلگەن مېھماننانىڭ كىرىدىغان  كارىدورغا چوڭ بىر ھاۋا تەڭشىگۇچ ئورنىتىلغان ،پەس تورۇسلارغا  ئېسىلغان خرىستال چىراقلارنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇرلىرى تاملارغا ئېسىلغان گۇلدار گىلەملەر يۈزىگەن .ئەينەكلىك ئىشكاپلارنىڭ ئەينەكلىرى ئۇستىدە جىلۋە قىلاتتى .قەيەرگىدۇر قويۇلغان ئۇن قويغۇدىن تۈرك ھازىرقى زامان ناخشىسى ياڭراپ تۇراتتى ،ئەنە شۇ مۇزىكا ۋە بۇلۇڭدىكى ئوچاقتىكى ئوتۇننىڭ قانداقتۇر بىر نەرسىدىن چۆچۈگەندەك ئاستا چىرىسلاپ كۆيۈشى بۇ يەردىكى سىرلىق سۈكۈتنى بۇزۇپ تۇراتتى .
ئوچاقنىڭ ئۇدۇلىدا تەۋرەنمە ياغاچ كرىسلودا تىزىغا سېمىز بىر جۇۋاننى ئولتۇرغۇزىۋالغان تۈكلۈك ،پالۋانلاردەك يوغان بەدەنلىك يىگىت ، مانا بۇ < يىغىۋېلىش پونكىتى > نىڭ باشلىقى ، ئەينى چاغدىكى بۇ ئوغرىلار گۇرۇھىنىڭ شايكىسى  ئىدى ، تارلاننىڭ كەيپىياتى ياخشى ئەمەسلىكى چىرايىدىن چىقىپ تۇراتتى .
گۈللۈك شايى كۆڭلىكىنىڭ ياقىلىرى ئوچۇق سەتەڭنىڭ ئۆزىگە مۇشۇكتەك چاپلىشىپ تۇرۇشىمۇ ،قاتتىق مەيدىسىنى قوللىرى بىلەن سىلاشلىرىمۇ ،ئۇزۇن تىرناقلىق قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ چاچلىرىنى تاراشلىرىمۇ ،بوينىغا گىرە سېلىپ تۇرۇپ ئۇنى سۆيۇشلىرىمۇ تارلانغا   كۆڭۇل خۇشلىقى بېرەلمەيتتى ، ئۇ گاھ قەدەھتىكى كونياكتىن ئوتلايتتى ،گاھ قولىدىكى سىگارتنى تۇتقۇنىچە خىيالغا پاتاتتى .
شۇ تاپتا كارىدوردىكى پەلەمپەيدىن كىمنىڭدۇر ئاياق تىۋىشى كېلىشى بىلەن جۇۋان سەگەكلەشتى. ئۇ نارازى بولۇپ ئاياق تىۋىشى كەلگەن تەرەپكە ئالىيىپ قاراپ قويدى –دە ،ياقىلىرىنى ئوڭشاپ تارلاننىڭ تىزلىرىدىن تۇرۇپ كەتتى .
ئىشىك تىرىقشىپ ئېچىلىدى ۋە تاشنىڭ ھەيكەلتاراشنىڭ قولىدا ئىشلەنگەندەك چىرايلىق يۇزى پەيدا بولدى .
-        كەل ،قېنى كەل تاش – تارلان كرىسلوغا ياخشى ئۇرۇنلاشقاچ ئۇنى كۈلۈپ تۇرۇپ قارشى ئالدى، كەيپىياتنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن خاپا بولۇپ تاشقا ئالىيىپ قاراپ تۇرغان جۇۋانغا < چىقىپ كەت > دەپ كۆزلىرى بىلەن ئىشارەت قىلدى. جۇۋان ئۇنىڭ گېپىنى چۇشۇنۇپ ئۆينىڭ بۇلۇڭىدىكى بامبۇك پەردە تارتىلغان تەرەپكە ئۆتۇپ كەتتى ۋە بىردەمدە غايىپ بولدى .
تاش جۇۋاننىڭ باش – ئايىقىغا بىر قاراپ قويۇپ كۈلۈمسىرىگەنچە تارلاننىڭ ئۇدۇلىدىكى كرىسلوغا كېلىپ ئولتۇردى .
-        پەيزىڭلارنىڭ بېلىگە تېپىپ قويدۇممۇ قانداق ؟ - دېدى ئۇ بامبۇك پەردە تەرەپنى ئىشارى قىلىپ – خانىمنىڭ كەيپى بۇزۇلدى .
-        بولدى ، ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن – دەپ كۈلدى تارلان ئۇستەلدىكى قەدەھلەرگە ھاراق قۇيغاچ –چاقىرساڭ يەنە كېلىدۇ . بولدى بۇ گەپلەرنى قويۇپ ئۆزۈڭدىن كېلەيلى ، ئىشلىرىڭ قانداق ؟
-        خاپىلاپ يۇرمىسە بولاتتىغۇ – تاش شۇنداق دېگەچ قەدەھتىن بىرنى قولىغا ئالدى ۋە بىر كۆتۇرىشىدە بوشاتتى ، تەخسىدىكى پارچىلانغا لىموندىن بىرنى ئېلىپ ئاغزىغا سالغاچ تارلانغا قارىدى – مېنى چاقىرتىپسەن،بىرەر ئىش بولدىما ؟
-        ھېچ ئىش بولمىدى  – دېدى تارلان سىرلىق كۈلۈپ -  شۇنداق مەن چاقىرتقان ،شۇ چىرايىڭنى كۆرگۇم كېلىپ قالدى .
-        نىمەمنى كۆرەتتىڭ – دېدى تاش كۈلۈپ ،سىگارتنى ئاغزىغا چىشلىگەچ – مۇشۇ چىراي ، مۇشۇ تۇرقۇم بىلەن مەن !
ئۇلار بىر – بىرىگە قاراپ مەنىلىك قارىشىپ كۈلۈشۇپ كەتتى . كەينىدىن ئارىنى بىردەم جىمجىتلىق باستى.
-        تاش ،سەن ئوغۇل بالىسەن - دېدى تارلان ئۇنىڭدىن كۆز ئۇزمەي قارىغانچە بىر چوڭقۇر تىنىپ – سېنىڭ مەرتلىكىڭ، ھەق ئىش قىلىشىڭ،ھېچنىمىدىن تەپ تارتمايدىغان مىجەزىڭ بىلەن مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن . ساڭا ئىشەنسە بولىدۇ .
-        ئەركەكلەر بىر – بىرىنى ماختىسا ياراشمايدۇ – دېدى تاش كۆڭلى نىمىنىدۇر سەزگەندەك بولۇپ – مەقسەتىڭنى ئېنىق دەۋەرگىن.
-        مەقسەكە كەلسەك ...- تارلان شۇنداق دەپ توختاپ قالدى – ئۆزەڭنىڭ خەۋىرى بار بەلكىم ، سېنى ساقچىلار ئىزدەپ يۇرىدۇ ، ھەممە ساقچىخانىلارغا سۇرىتىڭنى چاپلاپ قويۇپتۇ .
-        ئۇنى بىلىمەن – دېدى تاش بېشىنى ئىگىپ .
-        بىلىش بىلەنلا ئىش پۇتمەيدۇ – شارائىتقا قاراپ ئىش تۇتۇش كېرەك . قاچانغىچە ئۆي مۇشۇكىدەك يوشۇرنۇپ يۇرىسەن .
تاش بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە گەپ قىلماي جىم ئولتۇردى .
-        مەن ساڭا بۇرۇنلا دېگەن ئىدىم – تارلان تاماكىنىڭ كۈلىنى قېقىۋېتىپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى – ھېلىقى رېجىسور دېگەنگە بىكار قول سەپ قويدۇڭ . ئەمدى ئۇ ھەزىلىك بىرى زورلاپ بىر نىمە قىلىپ قويغان شاللاق خوتۇندەك چالۋاقاپ يۇرىدۇ .ھېلى ساقچىغا ئەرز قىلغان ، ھېلى ئۇستىڭدىن ھەر خىل غەيۋەت سۆزلەرنى قىلىپ يۇرىدۇ .
-        ئۇنى شۇ چاغدا ئۆلتۇرۋەتمىگەنگە پۇشايمەن قىلىمەن – دېدى تاش تارلاننىڭ گېپىنى تارتىۋېلىپ، ئېچىنغادەك باش لىڭشىتىپ .
-        بۇنداق بىمەنە گەپلەرنى قىلما – دېدى تارلان ئۇنىڭغا ۋاقىراپ –  ساڭا ئىككى يىل يېتىپ چىققىنىڭ ئازلىق قىلىۋاتامدۇ ؟ ئۆزەڭ بىر گەپ تەشمىسەڭ ، شۇ جىم يۇرۇۋېرىسەن –دە.
تاش بىرنەرسە دېمەكچى بولغان ئىدى ،تالان ئۇنىڭغا قول سىلكىپ گەپ قىلدۇرمىدى.
-        مەن سېنى ئوبدان بىلىمەن ، ئۇچرىغان ئادەمگە دەردىڭنى ئېيتىپ يۇرۇشنى ياقتۇرمايسەن .شۇنىڭ ئۈچۈن سېنى بەك ھۆرمەت قىلىمەن .سەن دىمىسەڭمۇ مەن ھەممىنى ئېنىقلاپ چىقتىم .
تاش ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا قارىدى .
-        بىلىسەنغۇ رازۋېتچىكلىرىىم بەك يامان مېنىڭ – دەپ ھىجايدى ئۇ – ئاشۇ ناخشىچى قىزنى دەپ رېجىسسورغا قول كۆتەرگىنىڭگە ھېچ ئەقلىم يەتمەيدۇ مېنىڭ .سېنى بۇنداق كىچىك ئىشلارغا قول تىقىدۇ دەپ ئويلىماپتىكەنمەن .
-        قانداقتۇر ناخشىچى قىز ئەمەس ئىدى .
-        كىمىڭ ئەمىسە ؟ ئوينىشىڭما ؟
-        ياق ، سىڭلىم زۇمرەتنىڭ دوستى ئىدى  - دېدى تاش ئويچان ھالدا – ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا ئالدىمغا يىغلاپ كەپتۇ .ڧەرىد ئىسىملىك بىر رېجىسسور كەينىمگە كىرىۋېلىپ ھېچ ئاراملىق بەرمەيۋاتىدۇ دەپ .  
-        نىمە قىلىپتۇ ،زورلۇق قىلىپ قويۇپتۇما ؟ - دەپ مەسخىرلىك كۈلدى تارلان ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۇزمەي .
-        ياق –دەپ باش چايقىنى تاش – ھۆللىۋۇدتتىكى ئايال ئەرتىسلەر تۆشەككە چىقىش ئارقىلىق ئېكرانغا چىقىدۇ دەپ ئۇنى قايمۇقتۇرۇپتۇ .
-        بۇ نىمە دېگىنى ؟ ھۆللىۋۇدنىڭ بۇنىڭ بىلەن نىمە ئالاقىسى ؟ - دېدى تارلان چۇشەنمەي .
-          بۇ مەرەزنىڭ مەقسىدى < مەن بىلەن بىر قويۇندا ياتىسەن ،ماڭا ئويناش بولىسەن ،مۇشۇندا قىلساڭ سېنى تېلۋىزورغا چىقىرىمەن ،سەنئەت پراگگىرامنىلىرىغا چىقىرىمەن ، سۈرەتلىك ناخشا ئىشلەپ بېرىمەن > دىمەكچى ئىكەن .
-        ئۇ ناخشىچى قىز شۇنداق چىرايلىقما ؟ - دەپ سورىدى تارلان سىنجى كۆزى بىلەن تاشقا قاراپ .
-        خېلى يامان ئەمەس قىز – دېدى تاش تارلانغا تاماكا تەڭلەپ – تېخى كىچىك ئەمدى 19 ياشقا كىردى .باشقىلار ئۇنى تالانتى بار دەپ ماختىشىدۇ . سىڭلىم بىلەن بىر سنىپتا ئوقۇيدۇ . سىڭلىمنىڭ يېققىن دوستى ...
-        بۇنىغۇ دېدىڭ كېيىنچۇ ؟ - دېدى تارلان سەبرىسى تۇگۇگەندەك ئالدىراپ .
-        كېيىن ئۇ قىز ..
-        ئىسمى نېمە ئىدى ، بەرناغۇ دەيمەن ؟
-        ھە ، بەرنا – دېدى ئاۋازىدىن ھەيرانلىقىنى يوشۇرماي –ئۇ قىز مېنىڭ يېنىمغا كەپتۇ. < ماڭا ياردەم قىلىڭ ،بەك ئاۋارە قىلىپ كەتتى ،جېنىمدىن جاق تويغۇزدى > دەپ يىغلاپ بەردى .ئۇ قىزنىڭ دادىسى مېيىپلار ھارۋىسىدا ئولتۇردىغان بىچارە ئادەم ئىكەن .شۇنداق قىلىپ رېجىسسور بىلەن سۆزلىشىپ قويۇشقا توغرا كېلىپ قالدى .
-        ئۇنىڭ تېرىسىنى تەتۇر سويماقچى ،ئېسىپ قويماقچى بوپسەن ھە ؟
-        ئۇنداق ئىش يوق ، بۇ گەپنى ئۇ ئۆزى توقۇپ چىقىپتۇ  - دېدى تاشنىڭ ئاچچقىقى كېلىپ .
-         ئۇنى بىلمىدىم – دېدى تارلان مۇرە قىسىپ – ئىشقىلىپ ماڭا كەلگەن خەۋەر شۇنداق ،ساقچىخانىغا شۇنداق ئەرز يېزىپتۇ .
-        ئۇ ئىپلاسقا قولۇمنىڭ ئۇچىنىمۇ تەككۇزمىدىم – سۆزىنى داۋام ئەتتى تاش – ئۇ كۈنى شېرىكلىرىم بىلەن ئۇ ئۇخلاپ ياتقان ئۆيگە باردۇق .كارۋىتىغان پۇل – قوللىرىنى باغلاتتىم ،ئاندىن ئۇستىگە بىر چىلەك بىنزىن توككۇزدۇم ...
-        بەك ئاشۇرۋېتىپسەن جۇمۇ – دېدى تارلان كۈلۈپ .
-        ئەسلىدە بۇمۇ ئاز ئۇ ئىپلاسقا – تاش غەزىۋى كېلىپ لەۋلىرىنى قانىتىۋەتكۈدەك قاتتىق چىشلىدى .
-        كېيىنچۇ ؟
-        كېيىن ،، ئۇنستىگە بېنزىننى سېپىپ بولۇپ ،سەرەڭگە ياقتىم – تارلان ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاچ شۇ مەنزىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۇردى – ئۇ خۇددى تۇغۇپ قوياي دېگەن خوتۇندەك تىپىرلاپ ، كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ كېتەي دېدى .ئۇنىڭ ئۇستىگە ياققان سەرەڭگە تېلىنى تاشلىساملا بولاتتى ...
-        ئۇنىڭغا شەپقەت قىپسەن-دە ، شۇنداقمۇ ؟
-        ئەسلى ئۆلۈشى كېرەك ئىدى – دېدى تاش ئەلەم بىلەن .
-        شۇنداق بولغان بولسا ئۇ ئۇستىڭدىن ئەرز قىلمىغان بولاتتى شۇنداقمۇ ؟ ھەي ، بولدى – تارلان ئورنىدىن تۇرۇپ قوللىرىنى بىر – بىرىگە ئۇردى – بولار ئىش بوپ بولدى . ئەمما ئۇستىڭدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغىنى چاتاق بولدى . بولدى ، ئىچىڭنى پۇشۇرما،بۇنى ئۆزەم جوندەيمەن .
-        كېرىكى يوق – دېدى تاش چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ – ماڭا باشپاناھ بولۇپ تۇرۇۋاتىسەن ، شۇنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش . ئىشلىرىم سەل تىنجىسا بۇ يەردىن كېتىمەن .رۇسىۇيەگە بولامدۇ، قازاقىستانغا بولامدۇ ...ئىشقىلىپ ۋاقتى كەلگەندە بىر گەپ بولسۇن ...
-        شۇنداق قىل ،ئۇ ياقلار << تاش دېگەن < داڭلىق > كىشى كېلىدىكىن>> دەپ سېنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقۇدەك – دېدى تارلان كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ – بۇنداق ئەخمىقانە گەپلىرىڭنى قوي . مەن ھېلىقى رېجىسسور بىلەن كۆرۇشتۇم ،نىمە ئىدى ئىسمى ؟ ڧەرىدمۇ ؟
-          ھە
-        يۈرۈكى چاتاق بوپ قاپتۇ – دېدى تارلان ھىجىيىپ – كېسەلخانىدا يېتىپ چىقىپتۇ . يول ماڭسا بېشى بىر تەرەپكە كېتىدىغان بولۇپ قاپتۇ ،نېرۋىسىدىن چاتاق چىقىپ شۇنداق بولغان ئوخشايدۇ .ھازىر ئاياللارنى كۆرسە تۇتۇر قاراپ قاچىدىغان بولۇپ قاپتۇدەك... – ئىككىسى قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىشتى .
-        ھەر ھالدا ئېھتىيات قىلغان ياخشى – دېدى تارلان بىردىن ئۆزىگە جىددى تۇس بېرىپ – دىمىسەممۇ بىلىسەن ھازىر دوستىن دۇشمەن كۆپ .بولمىسا ماڭا بۇ ئەخلەتخانىدا ئىشلەپ نىمە جاپا ! بۇ يەر خىلۋەت جاي شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە تۇرۇۋاتىمەن . نىمە ئۈچۈنلىكىنى چۇشۇنىسەنغۇ .
تاش چۇشۇنىمەن دېگەندەك قىلىپ بېشىنى لىڭشىتتى .
-        ماقۇل ئەمىسە مەقسەتكە كېلەيلى – تارلان قولىنى تاشنىڭ يەلكىسىگە قويدى -مەن بار ئىكەنمەن ، ھېچ نەرسىدىن غەم قىلما ، ئاغىنە .مەن سېنى ئۇلارغا يەم قىلىپ تۇتۇپ بەرمەيمەن.دېمەكچىمەن ، يىگىتلەر ئۆيۇڭدىكىلەرنى يوقلاپ بېرىپ كەلدى .
-        خەۋىرىم بار – دېدى تاش سالقىن ئاھاڭدا .
-        ئاپاڭمۇ،سىڭلىڭمۇ سېنى يىراق بىر مەملىكەتكە سودا قىلىپ يۇرۇۋاتىدۇ دەپ بىلىدىكەن – تارلان خۇشال كەيپىياتتا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى – بۇمۇ ياخشى بولدى ، ھېچكىم سېنى بۇ يەردە دەپ گۇمان قىلىشمايدۇ . يىگىتلەر ئۆيىڭگە بىر خالتا ئۇن ،گۇرۇچ ، كارتوشكا ، پىياز ،يەنە باشقا بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىپتۇ < بۇلارنى تاش ئاكام بىزدىن ئەۋەتتى ، ئۆزى يېققىندا كېلىدىكەن > دەپ قويۇپ كەپتۇ.
-        رەھمەت ساڭا – دېدى تاش تارلانغا مىننەددارلىق نەزىرىدە قاراپ .
-        ئۇنداق دېمە، مەن بۇلارنى ساڭا مىننەت قىلىش ئۈچۈن دەۋاقىنىم يوق – دېدى تارلان قولىنى كەينىگە قىلىپ ئۆي ئىچىدە ئۇياندىن – بۇيانغا ماڭغاچ – بىز دوست – بۇرادەر ھەم كەسپداش شۇنداقمۇ ؟ شۇڭلاشقا ھەمىشە بىر – بىرىمىزنى قوللىشىپ ئۆتۇشىمىز كېرەك . نېمە بولسا تەڭدە تەڭ ئالىمىز .
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئۇستەل يېنىغا كېلىپ ئىككى رومكىغا براندى قۇيدى ، ئاندىن بىر رومكىنى قولىغا ئېلىپ تاشقا ئۇزاتتى .
-        بىر چاغلاردا سىبىريىدىكى تۇرمىدە تۇرغان چاغلىرىمدا بىر نەرسىگە دېققەت قىلغان ئىدىم – دېدى تارلان رومكا ئىچىدە چايقىلىپ تۇرغان  ئىچىملىككە تىكىلگىنىچە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ –بىلىسەن، ئۇ يەرلەرنىڭ شامىلى، بورىنى يامان . شۇڭلاشقا ئۇ يەرلەردە دەرەخلەرنى بىر – بىرىگە يېققىن قىلىپ زىچ تىكىدىكەن. ئۇلار بوراندا يىقىلىپ قالسىمۇ يېنىدىكى تەرەخكە يولۇنۇپ قالىدىكەن ...
-        ياخشى گەپ قىلدىڭ – دېدى تاش تارلانغا ھەۋەس بىلەن قاراپ .
-        قېىنى كەل ، بىزمۇ ئاشۇ دەرەخلەردەك بىر – بىرىمىزگە ھەمدەم بولۇپ ياشىمىمىز ئۈچۈن كۆتۇرەيلى .
ئۇلار رومكىلارنى بىر – بىرىگە چېقىشتۇرۇپ ئىچىشتى.لىمون پارچىلىرىدىن يىيىشىپ زاكۇسكا قىلىشتى.
-        ياخشى گەپلەرنى دەۋاتىسەن ، لېكىن سەن يەنىلا مەقسەتنڭ ئۆزىنى دېمەيۋاتىسەن – دېدى تاش دوستىغا يەر تېگىدىن قاراپ .
-        ئۇ ئىشقا ئالدىرما – دېدى تارلدن كۈلۈپ – قېنى دىگىنە ، قارىۋاينى نىمىشقا ئۇردۇڭ ؟
تاش ئۇنىڭ گېپىدىن ھەيران قالدى .
-        بىردەمدە نەدىن بىلدىڭ بۇ ئىشنى ؟
-        مەن بايا ساڭا رازۋېتكام خېلى قاتتىق دېدىمغۇ دەيمەن ؟
-        ئۆزىدىن كەتتى – دېدى تاش خۇرسىنىپ – ناۋادا يەنە يۇيۇلمىغان قوشۇقتەك ئۆزىگە ئالاقىسى يوق ئىشقا ئارلىشىدىكەن مەندىن ئاغرىنمىسۇن .ئۇ ھىلىگەر ،خائىن بىرنىمە ، مەن بۇنداقلارغا ئىشەنمەيمەن .
-        ياخشى – دېدى تارلان كۈلۈپ – بىلىدىكەنسەنغۇ . لېكىن بىلىدىغانلىقىڭنى چاندۇرما ، بىلسەڭمۇ بىلمەسكە سېلىپ يۇر . بۇنى ساڭا نەچچە قېتىم دېگەن ئىدىم – تارلان تاشنىڭ كەيپىياتىنىڭ ئۆزگۇرۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ ئۇنىڭ مۇرىسىنى مۇشلاپ قويدى – بولدى تولا ئويلاپ كەتمە . ئەمدى مەقسەتكە كېلەيلى. ئەمدى ھازىرقىدەك ئوغۇرلۇق قىلىش باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىرىش دېگەندەك ئىشلارنى جىق قىلدىڭ ، ئەمدى بولدى قوي بۇلارنى، قىلمىغىن، بۇمۇ سېنىڭ مىجەزىڭگە توغرا كەلمەيدۇ .
تاش دوستىنىڭ قانداقتۇر بىر مۇھىم بىر ئىشنى ئېيتماقچى بولغانلىقنى سېزىپ ئۇنىڭغا قارىدى ...

ئاق پىشماق بىلەن قۇچقاچ چوڭ بازارنى ئارىلاپ كېتىپ باراتتى .ۋاقىت پىشىندىن ئۆتكىنىگە قارىماي بازار يەنىلا ئادەملەر بىلەن قايناق ،چومۇلىدەك ئادەملەەر توپى ئىچىدىدىن ئۇياق – بۇياققا ئۆتۇشمۇ قىيىن ئىدى .
-        بۇ ھەرىنىڭ ئۇۋۇسىدىن قېرى بىلەن موماينى نەدىنمۇ تاپارمىز – دېدى قۇچقاچ لەۋلىرىنى پۇرۇشتۇرۇپ .
-        تاشنىڭ گېپىنى ئاڭلىدىڭغۇ – دېدى تاشنى ئويلاپ جىددىلەشكەن ئاق پىشماق جىددى ھالدا – چوقۇم تېپىشىمىز كېرەك .
-        پۇلۇم يوقىدى دەپ دەۋراڭ سېلىپ يۇرگەن بولسىچۇ ؟ - قۇچقاچ ئېھتىيات بىلەن ئەتراپقا نەزەر سالدى .
-ئۇنداق بولماپتۇ، ئۇلارمۇ پۇلى يوقىغىنىنى سەزمەپتۇ .بولمىسا بۇ يەردىن بىلگىلى بولاتتى – دېدى ئاق پىشماق .
ئۇلار يېنىدىن ئۆتۇپ كېتىۋاتقان ئادەملەرگە دېققەت بىلەن قاراپ كېتىپ باراتتى .قۇچقاچ يەنە گەپ باشلىدى .
-        تاش قارىۋاينى بەك ئۇرىۋەتتى ھە ؟
-        سەنمۇ ئاشۇنداق تاياق يەپ كەتمەي دېسەڭ تولا گەپ قىلماي تېز ماڭ – دېدى ئاق پىشماق قاپىقىنى تۇرۇپ .
بازارنىڭ بۇلۇڭ – پۇشقاقلىرىنى ئوغرىلاردەك بىلىدىغان ئادەم يوق دېگىنى راست ئىكەن ،ئۇلار چارەك سائەت ئۆتمەستىن يول بويىدا بىر – بىرىنى يېتىلىشىپ كېتىپ بارغان بوۋاي بىلەن موماينى تېپىشتى . قۇچقاچ بوۋاينىڭ سومكىسىدىن پۇلنى قانداق چاققانلىق بىلەن ئالغان بولسا ،شۇنداق ئەپچىللىك بىلەن پۇلنى ئۇنىڭ سومكىسىغا سېلىپ قويدى .بۇنى كۆرۈپ ئۆزىنى تەجرىبىلك ئوغرى دەپ كەلگەن ئاق پىشماقمۇ ئۇنىڭغا قايىل بولدى .
ئاق پىشماقنىڭ چىرايىدىكى ئىپادىنى كۆرۈپ قۇچقاچمۇ ئۆزىنىڭ ئىشىدىن مەمنۇن بولۇپ كۈلۈپ كەتتى .
ئۇلار ساناقسىز رەستىلەر ، مىغ – مىغ ئادەملەر ئارىسىدىن سوقۇلۇپ كېتىپ باراتتى .دوستى بىلەن كۈلۈپ كېلىۋاتقان چاچلىرى بۇدرە ،قەددى – قامىتى كېلىشكەن چىرايلىق بىر خانىم     بىلمەستىن تۇيۇقسىز ئاق پىشماقنىڭ پۇتۇنى دەسسىۋالدى ،چىرايلىق خانىم ئۆزىنى ئوڭشاپ ئۇنىڭدىن ئاپۇ سوراپ بولغۇچە ئاق پىشماق مۇرىسى بىلەن ئۇنى بىرنى ئۇرۇۋەتتى .خانىم ۋاي دېگۇنىچە كەينىگە سەنتۇرلۇپ كەتتى .بۇ چاغدا قۇچقاچ ئايالنىڭ بېلىكىدىن تۇتۇۋالدى ، ناۋادا قۇچقاچ ئۇنىڭ بېلىكىدىن تۇتۇۋالمىغان بولسا ئايال ئۇنىڭ ئايىقىغا يىقىپ چۇشكەن بولاتتى .
-        ساراڭ ! – دېدى ئايال قىپقىزىل بويىۋالغان لەۋلىرىنى پۇرۇپ ،ئاندىن قۇچقاچقا قاراپ تاتلىق كۈلۈپ قويدى.
-        پاردون مەدەم ( كەچۇرۇڭ خانىم ) – دېدى قۇچقاچ كۈلۈمسىرەپ . ئاندىن ئايالنىڭ بوينىدىكى بىر يانغا بولۇپ كەتكەن شارپىسىنى ئوڭشاپ قويدى .ئاق پىشماقنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى .
-        ئايال كىشىگىمۇ شۇنداق قوپاللىق قىلامسەن ؟ -دېدى قۇچقاچ نېرىراق بارغاندا .
-        ئايال ئەمەس ئۇ مەينەت ! – ھۆمەيدى ئاق پىشماق – مۇشۇنداقلارنى كۆرسەم كۆڭلۇم ئاينىيدۇ مېنىڭ .
ئۇلار شۇ ماڭغانچە بىردەمدە كونا شەھەر تەرەپكە ئۆتۇپ قالدى .
-        مۇشۇنداق ئاۋات يەردىن قۇرۇق چىقىپ كېتەمدۇق – دېدى قۇچقاچ ئەپسۇسلىنىپ باش چايقاپ .
-        قۇرۇق كەتمەي دېسەڭ ھېلىقى بوۋاي بىلەن موماينىڭ كەينىدىن چاپ – دېدى ئاق پىشماق ئۇنى مازاق قىلىپ كۈلۈپ .
-        ھېچ بولمىغاندا بۇنىڭ يەنە بىرىنى ئېلىۋاپ كەلسە بولاتتى – دېدى قۇچقاپ ھىجايغىنىچە  ئالقىنىدىكى بەش سوملۇق تەڭگە چوڭلىقىدىكى ئالتۇن زىرىنى كۆرسۇتۇپ .
-        نەدىن ئالدىڭ – دېدى ئاق پىشماق ھەيرانلىقىنى يوشۇرالماي .
-        ھېلىقى خانىمدىن – دېدى قۇچقاچ بېشىنى ئىرغىتىپ كەينىنى كۆرسۇتۇپ .
-        ھە ، بايا ئۇنى يولىگەن چاغدا ئېىۋاپسەندە ؟- ئاق پىشماق شېرىكىنىڭ چاققانلىقىغا ھەيران بولدى .
-         مېنى ئۇنى پەقەتلا يولەپ قويغان دەپ ئويلاپ قالغانمىدىڭ ؟
-        ھە، ساڭا گەپ كەتمەيدىكەن ،تارلان ئاكام بىكارغا سېنى ئەتىۋارلىمايدىكەن- دە .
-        مەن ئۇنىڭ شاگىرتى تۇرسام – دېدى ماختىنىپ .
ئىككىسى پاراڭ قىلغىنىچە بېكەت تەرەپكە ئوتۇپ كېتىۋاتقاندا ، بازار ئوتتۇرسىدىكى پەلەمپەيدە تۇرۇپ ئۆزلىرىنى كۈزىتىۋاتقان شېرىكىنى – ھەسەننى خىيالىغىمۇ كەلتۇرمىگەن ئىدى ...



داۋامى بار


مەنبە : ئۆزبېكچە ئەدەبىيەت تور بېكىتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   eerpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-19 05:04 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79122
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3199
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2012-4-20
ئاخىرقى: 2013-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 11:44:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولۇق ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن قايتا ئىنكاسىمنى تەھرىرلەيمەن.
   تەھرىرلىنىۋاتىدۇ.......................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68307
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3298
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2011-12-3
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 11:44:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن  ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر ھارمىغايسىز  مۇمكىن بولسا داۋامىنى تېزرەك يوللىغايسىز    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   guzal0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-19 11:45 AM  


ئۆمۈد بىلەن ياشاش كېرەك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3299
يازما سانى: 1248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12246
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 7693 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2014-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 01:19:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋىمىنى  تىزرەك يوللارسىز  . ۋىجدانلىق ئوغۇرلار كىنو بىلەن مۇشۇنداق ئەسەرلەدىلام  بولدىغان ئو خشايدۇ .  

مۇۋاپىقىيەت قازىنېش ئېرادەملا بولىدىكەن ،مەغلۇبىيەت مىنى ئۆرىۋىتەلمەيدۇ

SERGERDAN

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 601
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5913
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 213 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2014-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 01:23:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
دۇنيا گۈزەل مۇھەببەتتە ،       ............................................. ھەركىم قىلسا ئۆزىگە ........................................................!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5289
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7875
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2023 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 01:31:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسىت  گەپنى  قىلسام  ،  ئەزەلدىن  بۇنداق   رومان  ،  پوۋسىتلارنى  ئوقۇپ
  كەتمەيتتىم .
چۈنكى  ، زېھىن   ئۇپرىتىپ   ۋاقىت  ئىسراپ  قىلىشتىن  باشقا  ئىش  ئەمەس  .  
كىتابتا   يېزىلغاننىڭ  ھەممىسگە  ئىشىنىپ  تەسىرلىنىپ  كېتىشمۇ  ھاماقەتلىكتۇر .

داۋامىغا  قىزىقىپ  قالدىم  .  ئۇ   ئوغرىلارنىڭ  ...  
ئەسەردىكى باش پىرسۇناژ   تاش  بىرەر   ھەقىقەت  يولىدا  ئۆلۈپ  تۈگىمىسە  بۇلاتتى  ...



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-19 04:57 PM  


ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

باشقىلار كۆكتە ئ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 3523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3639
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 02:37:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمىدىگەن ياخشى يېزىلغان، شۇنداق بېرىلىپ ئوقۇپ كېتىپتىمەن، ۋەقەلىكى كىشىنى بەك جەلىپ قىلىدىكەن، ئاخىرىغا تەشنامەن...............

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15229
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3602 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 03:04:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىرپان! بۇ پوۋسىتنىمۇ خېلى ياخشى تەرجىمە قىپسىز! سىزگە قايىلمەن! ئاخىرىنى تېزرەك يوللارسىز! ئاللاھ خالىسا، مەنمۇ بىرەر پوۋسىت يىزىپ چىقىشىم مۇمكۇن،ۋاختىم چىقسا!


ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5289
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7875
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2023 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 04:59:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
katran يوللىغان ۋاقتى  2012-6-19 02:37 PM
نېمىدىگەن ياخشى يېزىلغان، شۇنداق بېرىلىپ ئوقۇپ كېتىپت ...

راسىت  جەلىپ   قىلدىكەن  ،  مەندەك   رومان  ئوقۇشقا  قىزىقمايدىغان  ئادەم  چېغىدا
ئوقۇپ  كەتتىم  ئەمەسمۇ  ؟

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

دۇنيا مېھرى-مۇھە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5228
يازما سانى: 934
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10008
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 10096 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 08:44:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغانكەن. قىزىقىپ قالدىم. ئاخىرىغا تەشنامەن.

دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش