|
|
|
|
تەسۋىردىكى بۇ كوچاڭدىن يىراق قاچايمۇ؟
باغاشلايمەن دىگەن ئۆمچۈك يېمىسۇن مېنى.
مۇدھىش كېسەل تۇر يىراق بىزنىڭ ئاۋامدىن،
ئويۇۋالىدۇ كۆزلىرىڭنى بىزنىڭ يىگىتلەر. قىسما كۆزۈڭنى ، كىشى بەدىنىگە چىققان چېقاندەك، ئازماي كەت ياندىن ، كېپ قالمىسۇن ، پېرىخون. ياشىغىلى قوي كوچا، ماڭاي مەيدەمنى كېرىپ. يۈرەكنى يېرىپ، مىھىرنى بېرىپ. باغاش ئېتەي گۈزەل ھاياتنى، يەتتە كەتمەن توپا چۈشكىچە، ھاياتىمدا بارمۇ يەنە، ئەشۇ يەتتە كۈن، ياشىۋالاي، ئىلھامدا، مىھىردە. چوقۇم كېتىمەن. ھۆججىتىم يوق ، كەتمەيدىغانغا. ئۆلمەيدىغانغا. مەھشەر كۆرمەيدىغانغا. كەت شەيتان ، غاپىل بولما ئالدىراپ. بوغۇمەن بىر كۈن ، ھامان بوينۇڭدىن، ئىمانىم بىلەن، اللە بەرگەن كامالىم بىلەن . ! 2012-يىلى6-ئەينىڭ 19-كۈنى ئۈرۈمچى
|
|
|
|
|
|