تارىخقا تۆھپىكار ئاتىلار، بىلسەڭ ،
دەۋرلەر شۇلارسىز ئالماشقان ئەمەس.
شۇلارمۇ مەپىلەر سۆرىگەنلەرمۇ،
بىنالار شۇلارسىز قاملاشقان ئەمەس.
ئاتىلار تەرىدەك مۇقەددەس تەر يوق،
مۇبارەك ئىزلىرى تامام چىمەنزار.
جاھاندا ئادەملەر ئۆزى بىر قوشون،
ئاتىلار قۇماندان، ئاتىلار سەردار.
تارىخنىڭ قايسىبىر سەھىپىسىنى ،
ئېيىقىنا ،قان بىلەن شۇلار يازمىغان؟!
چۆرەڭدە قايسى كان ،قايسى بىر خاڭنى ،
قولىدا مىتىنلار ،شۇلار قازمىغان؟!
ئاتىلار قەددىدۇر ئېگىز بىنالار،
ئەجرىدىن تۈن بولماس شەھەرلەرمۇ ھەم.
پەرزەنتلەر كېلىمىز شۇلار كەينىدىن،
بۇ ھايات يولىدا تۇتۇپ تۇغ-ئەلەم.
تالاي ئىش شۇلاردىن مىراستۇر بىزگە،
ئاتىلار ئۈگەتكەن يەر ھەيدەشنىمۇ .
سوغوققا ئوت ئۇلار ،تۇمۇزغا سالقىن،
ئاتالار قىزدۇرغان ئاددىي مەشنىمۇ.
ئاتىلار ئىزىدا نىجاتلىق گۈلى،
ئاتىلار ئويغاتقان تەبىئەتنىمۇ .
ئاتىلار قەلبىدىن بىلدۇق ئۈگەندۇق،
بۇ ئۇلۇغ ھاياتقا مۇھەببەتنىمۇ.
ئاتالار ئاغزىدىن ئالدى كۆپ ھېكمەت،
ئاڭلىساڭ ،بىرىدىن بىرى تەسىرلىك.
ئاتىلار ئەجرىسىز نەدە گۈلىستان،
بولمايدۇ دۇنيامۇ باغلىق، قەسىرلىك.
ئانىلار قەلبىدە شۇڭا ئۇلارغا،
تەشەككۈر باغلېرى ئېچىقلىق دائىم .
مۇھەببەت يىپىدا ئۆزلىرى تىككەن،
بىر لەۋھە ھەم شۇنداق ئېسىقلىق دائىم.
زېمىندىن يۈكسەكلىك تالاشقان تاغلار،
بۇلالماس ئاتىلار ئەجرىگە تەڭداش.
پارلايدۇ ئالەمدە شۇلارنىڭ ئەجرى ،
كائىنات سۇلتانى —قۇياشقا رەڭدار.
* * *
ئانىلار ھەققىدە داستانلار يازساق،
ئاتىلار ئۇنىڭدىن زوقلىنار شۇنچە.
ئاتىلار ھەققىدە يازساق قەسىدە،
ئانىلار شادلىنىپ روھلىنار شۇنچە.
مۇھەممەدجان راشىدىن