دوختۇرلار كېسەل داۋالىغاندا، ئېغىر، جىددىي ئاغرىقلارنى قۇتقۇزغاندا ئالدى بىلەن ئاسما ئوكۇل سالىدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئاسما ئوكۇل ھەممە كېسەلگە شىپالىق دەپ قاراپ، سەللا مىجەزى يوق بولسا ياكى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولسا شۇ زامان دوختۇرخانا ياكى شىپاخانىلارغا بېرىپ ئاسما ئوكۇل سالدۇرىدۇ. ئۇنداقتا ئاسما ئوكۇل راستىنلا ھەممە كېسەلگە شىپالىقمۇ، ئېغىر - يېنىك كېسەللەرنىڭ ھەممىسىنى ساقايتالامدۇ؟! ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. بەلكى ئاسما ئوكۇل خېلى كۆپ «نۇقسان»دىن، ناچار تەسىردىن، كونا كېسەلنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، يېڭى كېسەل پەيدا قىلىشتىن، ھەتتا ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشتىن خالىي ئەمەس. بولۇپمۇ ئاغرىققا دىياگنوز قويماي سېلىنغان ئاسما ئوكۇل، ئېھتىياجىدىن ئارتۇق سېلىنغان ئاسما ئوكۇل، مىكروبقا قارشى دورا ۋە ھورمونلۇق دورىلارنى قالايمىقان قوشۇپ ئىشلىتىلگەن ئاسما ئوكۇل سالامەتلىك ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق. بۇ زىيانلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۆۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن. 1. ئاسما ئوكۇل رېياكسىيەسى. بۇ ئاغرىقلارغا ئاسما ئوكۇل سالغاندا كۆپ كۆرۈلدىغان، دائىم ئۇچرايدىغان بىر خىل رېئاكسىيە بولۇپ، ئاساسلىق ئالامەتلىرى: قىزىش، توڭۇپ تىترەش، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، تېرىگە تاشما چىقىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 2. بەدەننىڭ نەملىكىنى، قاننىڭ سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. يۈرەك، مېڭە، ئۆپكە، بۆرەك قاتارلىق ئەزالارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭدا يۈرەك سېلىش، بىئارام بولۇش، ئاغرىش، يۆتىلىش، نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىش، باش ئاغرىش، كۆپ سىيىش، سۈيدۈك تۇتۇلۇپ قېلىشتەك ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. 3. ئورگانىزمنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بەدەنگە ئېھتىياجلىق ماددىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 4. ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قارىماي ئاسما ئوكۇل سۇيۇقلۇقىغا قالايمىقان ئارىلاشتۇرۇلغان مىكروبقا قارشى دورىلار، ھورمونلۇق دورىلار ئادەمنىڭ قېنى، تېنى، ھەر بىر ئەزا، ھەر بىر ھۈجەيرىسىنى ئاستا - ئاستا زەھەرلەيدۇ. بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى ئىمۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ھەر خىل كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ. 5. ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، قان ئايلىنىشنى توسالغۇغا ئۇچرىتىپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ، شۈك - ھوشسىزلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. جىددىي قۇتقۇزۇۋېلىنمىغاندا ياكى جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمىسە ئاغرىقنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدۇ. غەربچە داۋالاشتا كېسەلگە ئاسما ئوكۇل ئىشلىتىشتە ئېنىق ھەم قاتتىق بەلگىلىمە، مۇكەممەل قائىدە ھەم پىرىنسىپ بار. دوختۇرنىڭ ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قارىماي، دىياگنوز قويماي ئاسما ئوكۇل ئىشلىتىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ، قالايمىقان ئاسما ئوكۇل سېلىش، ئاسما ئوكۇل سۇيۇقلۇقىغا مىكروبقا قارشى دورا، ھورمۇنلۇق دورىلارنى قالايمىقان قوشۇپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. شۇڭا كەسىپچانلىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك دوختۇرلار ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قارىماي، دىئاگنوز قويماي ھەرگىز ئاسما ئوكۇل ئىشلەتمەيدۇ. دورا ئىچسە ياخشى بولۇپ كېتىدىغان كېسەلگە ھەرگىز ئاسما ئوكۇل بەرمەيدۇ، كېسەلنىڭ ئارزۇسى، تەلىپى بويىچە ئاسما ئوكۇل بېرىدىغان ئىشنى تېخىمۇ قىلمايدۇ. ئەپسۇسكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەھەر، يېزىلاردىكى بىر قىسىم ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانا، شىپاخانا، ئامبۇلاتورىيەلەردە ئاسما ئوكۇل ئومۇميۈزلۈك، كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلمەكتە، تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر كۆپ ساندىكى ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانلىرىدا بالنېست (ياتاق) تا يېتىپ داۋالانغان ئاغرىقلارنى ئاسما ئوكۇل سېلىپ داۋالاش نىسبىتى %100كە يەتكەن، ئامبۇلاتورىيەدە ئاغرىققا ئاسما ئوكۇل سېلىپ داۋالاش نىسبىتى %80تىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنداق ئەھۋال «ئاسما ئوكۇل يىغىندى كېسىلى» نىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىنى تېزلىتىپ، ئادەملەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن، تالاي ئاغرىقلارنىڭ كونا كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە يېڭى كېسەللەرنى پەيدا قىلغان. بۇنداق ئىسراپچىلىق دۆلەتنىڭ غايەت زور سەھىيە مەبلىغىنىڭ بىھۇدە ئېقىپ كېتىشىگە، ئىسراپ بولۇشىغا سەۋەب بولغاندىن باشقا، ئاغرىقلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، كېسەل كۆرسىتىش قىيىن، داۋالىنىش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن. شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر ئاسما ئوكۇلنى ھەممىلا كېسەلگە شىپالىق دەپ بىلىدىغان، ئازراقلا مىجەزى بولمىسا ياكى يەڭگىل كېسەل بىلەن ئاغرىپ قالسا دورا ئىچمەي، شۇ ھامان دوختۇرخانىغا بېرىپ ئاسما ئوكۇل سالدۇرىدىغان كىشىلەرنى «ئاسما ئوكۇل يىغىندى كېسىلى» دىن ھەزەر ئەيلەڭ، دەپ ئەسكەرتتى.
مەنبەسى جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-18 11:50 PM
|