مەنبە : ھۇررا مۇنبىرىدىن
17-ئىيۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 17 دە جۇڭگو ب دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ غەربىي دىيار تاشئالماكوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 0:3 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ يىتۇڭ كوماندىسىغائۇتتۇرۇپ قويدى.
ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدىلا شىنجاڭ كوماندىسىغا بىر توپ كىرىپ كىتىپ كەينىدە قالدى، شۇندىمۇ شىنجاڭ كوماندىسى قەتئىي بوشاشماستىن قايتىدىن كۈچلۈك ھۇجۇملارنى تەشكىللىگەن بولسىمۇ ئەمما ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ ھۇجۇملىرى بىكارغا كەتتى. مۇسابىقە جەريانىدا شىنجاڭكوماندىسىدىن 4-نومۇرلۇق ئەزانى قولى بىلەن توپ توسۇپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ قاراپ قىزىل كارتا بېرىپ مەيداندىن چۈشۈرۋەتتى ۋە بىر نۇقتا توپ جازاسى بەردى،شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى ئىككى توپ كەينىدە قالدى. كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىدەشىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ ئەمما بېيجىڭ كوماندىسىنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ يەنە بىر توپ كىرگۈزىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئۈچ توپ كەينىدە قالدى ھەم نەتىجىدە 0:3 نەتىجە بىلەن قارشى تەرەپكەئۇتتۇرۇپ قويدى.
. بۈگۈن بېيجىڭدىكى شىنجاڭ كوماندىسىغا مەدەتبەرگىلى بارغان شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ پۇتبول مەستانىلىرى خېلىلا كۆپ شۇنداقلا قىزغىنلىقى شۇنداق يۇقىرى بولدى. داڭلىق ناخشىچىلىرىمىزدىن ئەسقەر كۆك بۆرىمۇ نەق مەيدانغا بېرىپ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىغا مەدەت بەردى. گەرچە شىنجاڭكوماندىسى ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، ئۇلار خېلىغىچە مەيداندىن ئايرىلماي ئىزچىل«ھۇررا» دەپ توۋلاپ، ئۆزلىرىنىڭ شۇنداقلا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بارلىق پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئۇلارنى مەڭگۈ قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقى ۋە مەدەت بېرىدىغانلىقىنى، شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن بىر تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويغان.
شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئالدىنقى مۇسابىقىلەردىكى غەلبىسى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ پۇتبول مەستانىلىرىنى تولىمۇ خوشال قىلغان ھەم قاتتىق ھاياجانلاندۇرغانىدى، ئەمما ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە بىلەن بۇ مەيدان مۇسابىقىدەئويلىمىغان يەردىن رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويدى. بۇ ھەقىقەتەن ئويلىمىغان ئىش بولدى،لېكىن مۇسابىقىدىن كېيىنكى پۇتبول مەيدانىدىكى مەستانىلەرنىڭ ئىپادىسىدىن بىر-ئىككى قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن قىلچە مەيۈسلەنمەيدىغانلىقىنى داۋاملىق ھۇرراتوۋلايدىغانلىقى بىلىپ قالدۇق.
بۈگۈنكى مۇسابىقىدە نېمە سەۋەبتىنكىن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 10-نومۇرلۇق ئەزاسى يەنى كوماندا باشلىقى ئەخمەتجان بۇ مۇسابىقىگەقاتناشمىغان، 5-نومۇرلۇق ئەزا پەرھات كوماندا باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان.7-نومۇرلۇق ئەزا ئەسقەر كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە ئالماشتۇرىتىلگەن.
نەق مەيداندا مۇسابىقە كۆرگەن تاماشىبىنلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بېيجىڭ كوماندىسىدىكى ئەزالارنىڭ تېخنىكىسىمۇ يۇقىرى ئىكەن. ئەممامۇسابىقە جەريانىدا قاتتىق كۈرەش قىلىپ ھېرىپ كەتكەنلىكتىن پۇتلىرىنىڭ پەيلىرى قايتا-قايتا تارتىشىپ قالغان. (پېيى تارتىشىپ قېلىپ ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن يېقىلىپ قالغان ئەزالىرىنىڭ سانى توققۇزغا يەتكەن بولىشى مۇمكىن.) يەنە بىرتەرەپتىن مەيداندىكى تاماشىبىنلار يەنە رىپىرنىڭ ئادالەتسىزلىكىدىنمۇ نارازى بولۇپ قالغان.
مەيلى يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن قانداق سەۋەبلەر بولىشىدىن قەتئىينەزەر، نەتىجە ھامان نەتىجە، بۇ مۇسابىقە شۇنداق قىلىپ ئۇتتۇرۇشبىلەن ئاخىرلاشتى. بۇنداق نەتىجە توپ مەستانىلىرىنى «كوماندىمىزغا كۆز تەگدىمۇ؟»دېگەن قاراشقىمۇ كەلتۈرۈپ قويدى.
شىنجاڭ كوماندىسىغا راستلا كۆز تەگدىمۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ، بۇنى ھېچ بىلىپ بولالمىدۇق. ھەركىم ئۆز كۆز قارىشىنى سۆزلىمەكتە، بەزىلەر توپ تىپىۋاتقان ئەزالاردىن ئاغرىنماقتا، بەزى ۋاقىتلاردائۇلارنى شەخسىيەتچىلىك قىلىپ قالىدىكەن دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويىدىكەن دېمەكتە،بەزى ۋاقىتلاردا ئۇلاردىكى تەجرىبىسىزلىك ئاشكارە بولۇپ قالىدىكەن دەيدىكەن، يەنەبەزىلەر تېرىنىرلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدىمۇ مەسىلىلەر بار دەپ قارايدىكەن، يەنەبەزىلەر ھۇجۇمچىلىرىمىز ئاز بولۇپ قېلىۋاتىدۇ دەيدىكەن، يەنە بەزىلەر پەرھاتنى ئوتتۇرا مەيدانغا يۆتكەپ ھۇجۇم تەشكىللەشكە قويۇش ئەڭ مۇۋاپىق دەيدىكەن، يەنەبەزىلەر ئەزالار ئۇنچە ئىناق ئەمەس دەيدىكەن ۋە ھاكازالار.
مەيلى قانداقلا سەۋەب بولمىسۇن، ئالدىنقى مەيداندىكى ئۇتتۇرۇش-ئۇتۇشلار ھازىر مۇھىم ئەمەس، بۇلار ھەققىدە مۇنازىرە قىلىش ھاجەتسىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىخقا ئايلىنىپ كەتتى. ئەمدى مۇھىم ۋەزىپە تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەش بولۇپ قالدى، ئەگەر راستلا كوماندىمىزغا كۆز تەگكەن بولسا ئۇلارغا «كۆزمونچاق» ئېسىش ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن، پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئۇلارنى مەڭگۈ قوللايدىغانلىقى ئېنىق، بۇمۇ ئۇلارنى قوللىغانلىقتىن يۈرگۈزگەن مۇنازىرىلەر خالاس.
ھۇررا شىنجاڭ، بىز سېنى مەڭگۈ قوللايمىز،مەڭگۈ مەدەت بېرىمىز، ھۇررا، ھۇررا !!