مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3445|ئىنكاس: 37

ناتۇنۇش سۆيگۈ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50478
يازما سانى: 999
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7824
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 1713 سائەت
تىزىم: 2011-8-4
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 01:36:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سابا بۈگۈن ئۆزىنى ھەقىقەتەن يالغۇز قالغاندەك سېزىشكە باشلىدى،ھەممە كۆڭۈلسىزلىك ئۇنىڭ بېشىغىلا كىلىۋاتقاندەك،بارلىق دەر- ئەلەم پەقەت سابانىلا باسقاندەك كەينى كەينىدىن كەلگەن بۇ ئىشلار ئۇنىڭ كىشىلەرگە بولغان ئىشەنچىسىنى يېمىرىپ تاشلىماقتا.ئۇنىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرىدىن ئېقىۋاتقان ئازاپلىق قان ياش بۇنىڭ ئىپادىسى ئېدى.
يېغىدىن قىزارغان كۆزلەر ئۇنىڭ كېچىچە ئۇخلىمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى،نامازدىن كېيىن دوئاغا كۆتۈرۈلگەن قوللار ئۇنىڭ نىدالىق تېۋىنىشلىرىدىن ساقىغان يۇم-يۇم ياشلىرى بىلەن يۇيۇلغان بولۇپ توختىماستىن ئۆزىنىڭ بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزگەن  گۇناھلىرىنى  ئاللاھتىن تىلەيتى.
تۇيۇقسىز كەلگەن تېلېفۇن ئۇنى سەگىتتى،تېلېفۇن ئىكرانىدا ئەنە شۇ يۈزسىز ،نامەرتنىڭ نومۇرى پارقىراپ تۇرماقتا.ئۇ تېلېفۇنغا نەپرەت بىلەن قاراپ قويۇپ بېسىۋەتتى.
قايتا -قايتا كەلگەن تېلېفۇن ئۇنىڭ سەۋىر قاچىسىنى تولدۇردى بولغاي زەردە بىلەن:- سەن كىم ؟؛دېدى.
قارشى تەرەپتىن نېمە بولدۇڭ سابا،سەن كىم دەيسەنغۇ؟مەن سېنى بەك سېغىندىم جېنىم.تۈنۈگۈندىن بېرى تېلېفۇنۇمنى ئالمايلا قويدۇڭغۇ ،شۇنچە ئالدىراشمۇ سەن ئاپپىغىم ؟
- زۇۋانىڭنى يېغ!قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا!سەن كىمىڭنى ئەخمەق قىلىسەن؟مەن سېنىڭ نېمەڭ؟ئەگەر سېنىڭ تۇزكورلۇقىڭىنى دىداردىن ئاڭلىمىغان بولسام سەن مېنى يەنە قانچە ئۇزۇن ئەخمەق قىلماقچى ئېدىڭ؟مەن سېنى ئادەممىكىن دەپ قالغان ئىكەنمەن،ئېسىت ساڭا قىلغان ئەقىدەم!
زۇۋانى تۇتۇلغان دولقۇن چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ : - نېمىلەرنى دەۋاتىسەن؟مەن چۈشىنەلمىدىمغۇ؟
ئاچچىقتىن يېرىلاي دەپ ئاران تۇرغان سابا بۇ قېتىم ئۇنى ئاياپ ئولتۇرمىدى.
- سېنىڭ ئالدىنقى ئايدا توي قىلىۋالغىنىڭ ئەجەبا يالغانمۇ؟
- دىدار دېگەن لاۋزا مۇشۇ گەپنىمۇ دەپ بولدى دېگىنە ساڭا.
- نۇمۇسمۇ قىلمايدىكەنسەن؟كىمنى لاۋزا دەۋاتىسەن؟ئىككىمىزنىڭ ئۆيىمىزنىڭ ئارلىقى يىراق بولغاچقا نېمە قىلسام بولىۋىرىدۇ،سابا ئاڭلاپ قالمايدۇ دەپ ئويلىغانمىدىڭ؟تۆت يىللىق مۇھەببىتىمىزنىڭ يۈز ختىرىسى ئۈچۈنمۇ بولسا (كەچۈرگىن توي قىلىدىغان بولدۇم )دەپمۇ قويالمىدىڭمۇ؟ئەسلى لاۋزا دېگەن سەندەك ئادەم بولىدۇ.تۇنجى قېتىم ئۆزى سۆيگەن يىگىتكە تىل سالغان سابا دولقۇننىڭ ئەينۇلىقىدىن سابا ئاچچىقىدا ئاغزىغا گەپمۇ كەلمەيۋاتاتتى.
ئەمدى ئۆزىنىڭ ئەپتى بەشىرىسى ئېچىۋىتىلگەن دولقۇن نېمىلەرنى دىيىشنى بىلەلمەي قالغان ئېدى.
بوشاشقان ھالدا ئاستا تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ:سابا جېنىم سابا مېنى كەچۈر دىيىشكە يۈزۈم بولمىسىمۇ يەنىلا ساڭا شۇنداق دېيىشكە مەجبۇرمەن.ئارلىقىمزنىڭ يىراق بولىشى چاڭ قونمىغان پاكىز ،پاك مۇھەببىتىمىزنى خازان پەسلىگە باشلاپ كىردى.مەن بىر ئوغۇل بالا بولۇش سالاھىتىم بىلەن ئۆزۈم يۈرۈكۈمدىن سۆيگەن ،پۈتۈن ئىشقىمنى بەرگەن قىز بىلەن ۋىسالىمغا يىتەلمىدىم،ئاجىز كەلدىم دىيىشتىن نۇمۇس قىلساممۇ يەنىلا شۇنداق بولدى،ئۆزۈممۇ خالىمىغان ھالدا چوڭلارنىڭ بېسىمى بىلەن ئالدىنقى ئايدا تويۇمنى قىلدىم،مېنى چۈشەن دىيەلمەيمەن.سەندىن توي قىلغىنىمنى يوشۇرۇشۇم ھەرگىز سېنى ئەخمەق قىلىش ئۈچۈن ئەمەس.
ئىسىڭدىمۇ بىر شەنبە كۈنى كەچتە مېنىڭ سىڭلىم بولۇپ قالغان بولساڭ كۈندە سېنى كۆرۈپ تۇراتتىم دېگىنىم,.،سەن بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشكە جۈرئەت قىلالمايمەن ئەمما يۈرەكتىن تامچىغان قان يېشىم بىلەن يازغان كۈندىلىك خاتىرەمنى ساڭا بەرمەكچىمەن.گەرچە سۆزۈمگە ئىشەنمىسەڭمۇ سېنىڭ مۇھەببىتىڭ بىلەن كۆكلىگەن دولقۇننىڭ يۈرىگى ھىلىمۇ جايىدا。。。
بۇ بىر تەسىرلىك ھەقىقى مۇھەببەت ھىكايىسى،داۋامى داۋاملىق ئىكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.
مەنبە :ئاچامنىڭ دوستىنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن .
2012-6-18

  -

ق

043353e6x4g8kc4fhc4dpf.gif
[img][/img]تېۋىنىپ ياشىغان مىڭ يىل ئۆمۈردىن،مىڭ ئەلا دولقۇنلاپ ئۆتكەن بىر نەپەس!

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1997
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 02:10:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۆرۈي ئاندىن ئىنكاسنى تەھرىرلەي ، ياخشى يىزىپتۇ ، مە .....

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 2953
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7397
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5431 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 02:17:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ ياخشى يەنە بىر تەسىرلىك ھىكايە ئۇقۇيدىغان بولدۇم ، سەنەمجان سىز ئۇنچە بەك ساقلىتىۋەتمەيسىزغۇ بىزنى ھە ! ئاخىرىغا قاراپ قالدىم~!

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

سەن سۆيگەننىڭ قۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2635
يازما سانى: 1674
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12174
تۆھپە نۇمۇرى: 480
توردا: 1484 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 02:23:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى   ئوقۇپ بولۇپ   ئاندىن  پىكىر  قىلاي.

http://1001keqa.blogbus.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81683
يازما سانى: 691
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5954
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 509 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2015-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 02:26:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېخى داۋامىمۇ بارمۇ ؟

ھاللالدىن كەلمىگەن ئاش،ئاش ئەمەس.
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش،ياش ئەمەس،
بېشىم بار دەپ غادىيىپ يۈرمە.
سەجدىگە بارمىغان باش،باش ئەمەس.

بارلىغىم پەقەت س

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2598
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9502
تۆھپە نۇمۇرى: 403
توردا: 493 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 03:13:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى كۆرگەن ئادىمى ئۈچۈن نۇغۇنلىغان جاپا - مۇشەققەتلەرنى تارىتسىمۇ ھىچنىمە بىلىنمەيدىكەن ، بىراق بەزىدە شۇ مۇھەببەت داۋانىدا ھىرىپ ۋاز كەچكۈڭىز كىپمۇ قالىدىكەن .....................

ھايات گويا ئەينەككە ئوخشايدۇ ، سەن ئۇنىڭغا كۈلۈپ قارىساڭ ، ئۇمۇ ساڭا كۈلۈپ باقىدۇ . ەن ئۇنىڭغا قاراپ يىغلىساڭ ، ئۇمۇ ساڭا قاراپ يىغلايدۇ !!! غىرىپسىنىپ قالسام بەزىدە ، كۆڭلۈم تارتىپ قالىدۇ سىنى . مەيلى قايغۇ مەيلى شاتلانغىن ، سەنمۇ چوقوم سىغىندىڭ مىنى....!!!

بارلىغىم پەقەت س

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2598
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9502
تۆھپە نۇمۇرى: 403
توردا: 493 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 03:13:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى كۆرگەن ئادىمى ئۈچۈن نۇغۇنلىغان جاپا - مۇشەققەتلەرنى تارىتسىمۇ ھىچنىمە بىلىنمەيدىكەن ، بىراق بەزىدە شۇ مۇھەببەت داۋانىدا ھىرىپ ۋاز كەچكۈڭىز كىپمۇ قالىدىكەن .....................

ھايات گويا ئەينەككە ئوخشايدۇ ، سەن ئۇنىڭغا كۈلۈپ قارىساڭ ، ئۇمۇ ساڭا كۈلۈپ باقىدۇ . ەن ئۇنىڭغا قاراپ يىغلىساڭ ، ئۇمۇ ساڭا قاراپ يىغلايدۇ !!! غىرىپسىنىپ قالسام بەزىدە ، كۆڭلۈم تارتىپ قالىدۇ سىنى . مەيلى قايغۇ مەيلى شاتلانغىن ، سەنمۇ چوقوم سىغىندىڭ مىنى....!!!

♥LOVE✿KEY♥

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29588
يازما سانى: 682
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7734
تۆھپە نۇمۇرى: 695
توردا: 634 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 04:40:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت... مۇھەببەت.... يەنە شۇ مۇھەببەت........ ھەي....................

گۈل قانچىكى چىرايلىق بولسا ، بولبۇلنىڭ ھەسرەت -پىغانىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28541
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4926
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2013-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 05:01:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن...ياخشى چىقپتۇ...ئەمسە ئاخىرىنى ساقلايلى

ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50478
يازما سانى: 999
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7824
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 1713 سائەت
تىزىم: 2011-8-4
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 05:12:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2-قىسىم

- بولدى قىل دولقۇن ئەمدى سېنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىڭنى ئاڭلىغۇم يوق.مەن ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن ئاغزىمدىن ئانامنىڭ بەرگەن سۈت ھىدى پۇراپ تۇرغان چاغلىرىمدا سېنىڭ مۇشۇنداق شېرىن سۇخەن گەپلىرىڭگە ئېرىپ ،مەكتەپ پۈتتۈرگىچە بارىنى تەڭ يەپ،كىر -قاتلىرىڭنى يۇيۇپ،سېنى ھاراقتىن ،تاماكىدىن ،ھارامدىن توسۇپ ،چىن مىېھرىمنى ساڭا ئاتاپ چىرايلىق مەكتەپ پۈتتۈردۇق.مەكتەپتىكى ھەممە ھەممە ئۆزلىرىدىن گۇمان قىلسىمۇ ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتىمىزدىن گۇمان قىلمايتى.مەكتەپتىكىلەرنىڭ مۇھەببەت ئۈلگىسى دەپ] قارىشاتتى.توي قىلالماي قىلىشىممۇ مېنىڭ ئۇخلاپ چۈشۈمگىمۇ كىرمىگەن ،سېنىڭ نامەرتلىكىڭگە كىچىككىنىمۇ ئورۇن قويماي ئەڭ خاتا قىلغان ئېكەنمەن.
توغرا سېنىڭ ماڭا قىلغانلىرىڭ ھەقلەق بولدى،گەرچە ئاشۇرىۋەتكەن بولساڭمۇ. ئىنسان ئىنسانغا بەخىت ئاتا قىلالمايدۇ.مەن بۇ ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرساممۇ ،يەنە شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشلىرى بىلەن سېنى ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ،بۈيۈك ئىنسان قاتارىدا،ئۆز قىممىتىمدەك مۇھىم بىلىۋاپتىمەن.ئاللاھىم ماڭا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى،خۇددى ماڭا (بەخىتنى مەندىن تىلىمەي ئۆزۈڭ بىلەن ئوخشاش ئىنساندىن بەخىت كۈتىۋاتامسەن؟مەن بەرمىسەم قانداق قىلالايتىڭ؟)دەپ مېنى ئەيىپلەۋاتقاندەك بېلىنىپ كەتتى.ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ دىيىلىۋاتقان بۇ سۆزلەر دولقۇننىڭ يۈرىكىنى 1000 ھەرە چىقىپ كولاپ يەۋاتقاندەك قاتتىق ئازاپلىماقتا ئېدى،ھاياتىدا توي كۈنىسى تۆكۈلگەن يېشى مانا ئەمدى يەنە تۆكۈلمەكتە ئېدى،ئۆزىنى ئەخلاق ،پەزىلەت،بىلىم،ئوغۇلبالدارچىلىق بابىدا يىگانە سانايدىغان دولقۇن توي قىلىشنىڭ ئالدى كەينىدە ئۆزىنى بىراقلا تاشلىۋەتكەن بولۇپ ھاراق دىگەننى رومكىنىڭ ئىچىگە چېلىنىپ تۇرۇپ ئىچىدىغان،تاماكىنى ئىچىدىن بۇس چىققۇچە چىكىدىغان غەيرى بىر دولقۇنغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنىمۇ بىلمىدى،ئولتۇرسا قوپسا كەچۈر سابادىن باشقا گەپ يوق ئىدى،
بۇ ھايات ئۇنىڭغا مەنىسىز ،ۋە چىگىشتەك بىلىنەتتى.

-مېنى كەچۈر سابا !بۇ ئالەمدە مەن ئۆزۈمنى ئادەم ساناش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كەتتىم ،ھەم ئۆزۈمنى ئاقلىماقچىمۇ ئەمەسمەن.مەن سېنىڭ ھىسياتىڭنىڭ قانچىلىك غۇبارسىز ۋە ساپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرساممۇ ئاتا - ئانامنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا لېۋىمنى چىشلەشكە مەجبۇر بولدۇم.
سەنمۇ بىلىسەن،دادامنىڭ يۈرەك كېسىلى مېنىڭ سەن بىلەن توي قىلىمەن دىگىنىمنىڭ ئاڭلاش بىلەن تەڭلا قوزغىلىدۇ،چۈنكى ئاقسۇ بىلەن قەشقەرنىڭ ئارلىقى ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىستامبولدەك يىراقمىش،يىراق يەردىن قىز كۆچۈرسە ،قىز تەرەپنىڭ ئالدىدا يۈزى بولمايمىش،ئۆزىنى ۋاي دەيدىغان يۇرتداشلىرى ئالدىدا يۇرتتىن قىز چىقماي قەشقەرگە كەتتى دەپ ئاھانەتكە قىلىشتىن قورقىمىش،،،،،،،مۇنداق مىشمىشلارغا جاۋاپ بېرىپ بولالماي ،بىر ناھىيىگە باش بولغان كاللىسى (ئوچۇق )دادامنى قايىل قىلالمىغان يەردە 3 ئاكامنىڭ بىر ئاچامنىڭ قۇلاق مېڭەمنى يېيشلىرى بىلەن بىلىسەن مانا 2 يىل ئۆتۈپ كەتتى.تويىمىزدىن ساڭا خوشخەۋەرمۇ بېرەلمىدىم.
  ھەر كۈنى ئۇلارنىڭ قاش قاپىقىغا قارىغىلى بولمىغان ،مېنىڭ توي غىمىمدە ئۇلارنىڭ گېلىدىن غېزامۇ ئۆتمىگىلى تۇردى،ئاچچىقىمدا ئۇلارنى قايىل قىلىمەن دەپ گېپىمدە چىڭ تۇرۇپ دادام بىلەن سوقۇشۇپمۇ قالدىم.شۇ كۈندىن بېرى دادام ناھىيلىك دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى،قان بېسىمى ئۆرلەپ ،يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قاپتۇ،ئۇنىڭ كىسلىدىن قورقۇپ تۇرساممۇ ئاللاھتىن سالامەتلىكىنى تىلەپ دوئا قىلساممۇ ھەپتىگىچە دوختۇرخانىغا بېرىپمۇ قويمىدۇم.ھەممىنىڭ زەھەردەك گەپلىرى،نەشتەردەك كۆزلىرى ماڭىلا قادالغان ئېدى.
مەيلى ئۇ نېىمىلا قىلمىسۇن مېنى بىقىپ چوڭ قىلغان ئاتام،ھالال تەرى بىلەن مېنى بېقىپ قاتارغا قوشۇپ ئوقۇتۇپ ،خىزمەتكە چىقارغان ئاشۇ جاپاكەش ئاتا -ئانام .مەن يەنە نەچچە ئايغىچە ئۇلار بىلەن قارشىلىششقا جۈرئەت قىلالمىدىم،ناۋادا تەلىيىم كاج كېلىپ مۇشۇنداق بىر باھانە بىلەن 70 كە يېقىنلاشقان دادامغا بىر ئىش بولىدىغان بولسا ،مەن شۇمپەن بولىمەن،مەن بىر ئۆمۈر قان يېغلىساممۇ قالغان داغنى يۇيالمايمەن.ئاكىللىرىم ۋە باشقا تۇغقانلىرىم مېنىڭ گۆشۈمنى بىر توغرامدىن يېسىمۇ دەردى چىقمايدۇ،
ئازابىڭنى ئېغىرلاشتۇرۇپ مەن دەرت تۆكۈپ كەتتىم سابا،
ئىسىڭدىمۇ بۇلتۇر 1-ئايدا ئاجايىپ قاتتىق سوغۇق بولغان ئېدى.مەن ئۆيدىكىلەر بىلەن يەنە مۇشۇ مەسىلىدە تالىشىپ قىلىپ بىراقلا ئىشلەۋاتقان مەكتىۋىمگە كۆچۈپ چىقىۋالدىم،ئۆيۈم بىلەن مەن ئىشلەيدىغان يېزا مەكتىۋىنىڭ ئارلىقى خىلى يىراق بولغاچقىمۇ ياكى نېمە سەۋەپتىن بىلمىدىم .8 كۈن ئۆيگە كىرمىسەممۇ بىرسى كىلىپ قېنى سەن دېمىدى،ساڭىمۇ بىلدۈرمىدىم ،چۈنكى غورۇرۇم بۇنداق ئاجىز قىياپىتىمنى ساڭا كۆرسىتىشكە يول قويمىدى،
- نىمانداق كۈندە نۆۋەتچىلىك قىلىۋىرسەن دولقۇن؟شۇنچە سوغۇقتا توڭلىمىدىڭمۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن مەشكە ئوت ياقالمايدىغان تۇرساڭ ،قانداقمۇ قىلىۋاتقانسەن يۈرۈگۈم ئېچىشىپ كەتتى تېز قايىت دولقۇن ،مېنى خاتىرجەم قىلغىن دەپ تاتلىق قېيداشلىرىڭ ،نەسىھەت قىلىشلىرىڭ ۋۇجۇدۇمنى ئىللىتىپ تۇراتتى.
- ھازىر كۆپەرەك تۇرىۋەتسەم تويىمىز بولغاندا سېنى يالغۇچ قويمايمەن جېنىم،نېمىدىن ئەنسىرەيسەن؟ئەينى ۋاقىتتا مۇز يۈرەك سابانى ئېرىتەلىگەن دولقۇن بۇنچىلىك سوغۇققا چىدىيالماي قالامتى؟،مېنىڭ يېنىمدا سۆيگۈنۈم سابا بولمىغان بىلەن سابا ئۈچۈن يانغان يانار تاغدەك يۈرەك بار ،مەن دىئەەن كىمۇ دىگەندەك گەپلىرىم بىلەن ئاتتىن چۈشىۋاتساممۇ پۇتۇم ئۈزەڭگىدە ئېدى.
تېلېفۇننى تۇتۇپ تۇرغان سابا بەرداشلىق بېرەلمىدى،ئۇنىڭ باشلىرى ئاغرىپ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى.قىزىرىپ ئىششىغان كۆزدىن ياشلار توختايدىغاندەك ئەمەس.


[img][/img]تېۋىنىپ ياشىغان مىڭ يىل ئۆمۈردىن،مىڭ ئەلا دولقۇنلاپ ئۆتكەن بىر نەپەس!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش