|
|
|
|
ئافرو-ئاسىيا تىللىرى سىستېمىسى(Afroasiatic Languages)
ئافرو-ئاسىيا تىللىرى سىستېمىسى( بۇرۇنقى نامى سام-ھام تىللىرى سىستېمىسى) دىكى تىللار ئاساسلىقى ئاسىيانىڭ غەربىدىكى ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە ئافرىقىنىڭ شىمالىغا تارقالغان.ئافرو-ئاسىيا تىللىرى سىستېمىسىنىڭ بۇرۇنقى نامى سام-ھام تىللىرى سىستېمىسى ‹كىتابۇل مۇقەددەس› ئىنجىلدىكى نوھ ئەلەيھىسسالام قىسسەسىدىن كەلگەن بولۇپ ، سام ئبراي ۋە ئاسسۇرلارنىڭ،ھام ئافرىقىلىقلارنىڭ ئەجدادى.
ئافرو-ئاسىيا تىللىرى سىستېمىسىدىكى تىللار تۆۋەندىكىدەك ئورتاقلىققا ئىگە: 1.بىر خىل پۈكۈلمە تىل 2.ئۈزۈك تاۋۇشلار جاراڭلىق ۋە جاراڭسىز دەپ ئايرىلغاندىن باشقا يەنە بىر خىل ئېغىر تاۋۇش بار بولۇپ ئېغىز بوشلۇقىنىڭ كەينى ۋە كېكىردەك ئارقىلىق ھاسىل قىلىندۇ. 3.پئېللىردا كىشىلىك ئالدى قوشۇمچە بولىدۇ. 4.بىر قىسىم سۆزلىرىدە جىنىس پەرقى بولىدۇ،بىراق ھىندى-ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسدەك ئېغىر ئەمەس. 5.سۆز يىلتىزى ئاساسەن ئۈزۈك تاۋۇشلاردىن تۈزۈلدۇ.
ئافرو-ئاسىيا تىللىرى سىستېمىسى تۆۋەندىكىدەك تىل تۈركۈملىرىگە بۆلۈندۇ.
سامى تىللىرى تۈركۈمى
ئەرەب تىلى
ئىبراي تىلى
ئارامى تىلى
ھەبەش تىلى
تىگرە تىلى
تىگرىنا تىلى
ئاكاد تىلى(يوقالغان)
بابىل تىلى(يوقالغان)
ئاسۇر تىلى (يوقالغان)
مىسىر تىللىرى تۈركۈمى
قەدىمقى مىسىر تىلى(يوقالغان)
كەپتى تىلى
بەربەر تىللىرى تۈركۈمى
شەرقى بەربەر تىلى
شىمالى بەربەر تىلى
شاۋيا تىلى
تۇارەگ تىلى
چاد تىللىرى تۈركۈمى
خاۋسا تىلى
كۇشىتىك تىللىرى تۈركۈمى
سومالى تىلى
ئافار تىلى
ئودوما تىلى
سىدامو تىلى
مەنبە:ئوغۇلچاق مۇنبىرى(www.oghulchaq.co.cc) تەرجىمىدە:بىلگە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-18 09:21 AM
|
|
|
|
|
|