مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: nevruz

مۇختەر بۇغرا شېئىرلىرىدىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58483
يازما سانى: 629
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5935
تۆھپە نۇمۇرى: 589
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 12:35:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە رەھمەت

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 5787
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 44949
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2397 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 10:41:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇختەر بۇغرانىڭ ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالغۇدەك،بىر -بىرىدىن چوڭقۇر مەنىلىك، بۇ ئېسىل شېئىرلىرىنى بېرىلىپ ئاڭلىدىم...

ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر...

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81647
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3033
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-6-16
ئاخىرقى: 2012-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 11:38:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتۇر: كامىلجان ناسىر(دىلداش)

يەنە ئۆتتى بىر كۈن ئۇچۇرسىز،
ۋۇجۇدۇمنى ئەزمەكتە ھەسرەت.
ئارمانلىرىم مۇڭلاندى غەمكىن،
مېنى كۈتۈپ ئالماقتا كۈلپەت .

تەلمۈرگەنتىم شۇ قەدەر تەشنا،
ئەپسۇس يەنە بولمىدى ئىمكان.
بۇ قىسمەتكە بىرەلمەي تەبىر ،
كۈتۈش بىلەن كۆيمەكتە بۇ جان.

دىلىم غەمكىن سۈكۈتلىك قەلبىم،
تەشۋىشلەردىن باياۋان ئارا.
ھەيرانلىقتىن سەزگۈلىرىم لال،
بىلەلمىدىم بىلمىدىم توۋا .

==========================

نەقەدەر قىيىندۇر سۆيگۈسىز ياشاش

ئازابى نەقەدەر چەكسىزدۇر، چەكسىز،
بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۈرۈشنىڭ.
سۆيگۈنىڭ دەھشەتلىك گۈلخانلىرىدا،
گوياكى سەمەندەر بۇلۇپ كۈيۈشنىڭ.

ئۇيقۇسىز كېچىلەر ئۆتەر مەنىسىز،
يۇلتۇزلار ھەسرەتتىن تۆككەندە كۆزياش.
يۈرەكتە مۇھەببەت مەۋىج ئۇرسىمۇ،
نەقەدەر قىيىندۇر سۆيگۈسىز ياشاش.

بىر جەسەت دەپ مېنى ئويلا مۇھەببەت،
يۈرىكى گوياكى مۇز بۇلۇپ قاتقان.
ھەسرەتلىك كۈيلەرنى مۇجەسسەم ئەيلەپ،
تۈنلەردە ئارمانلىق ئويلارغا پاتقان.
===========================

ئاشىق نىداسى


تاپشۇرسام كۆڭلۈمنى ساڭا ئۈمۈتتە،
نە ئۈچۈن يۈرۈيسەن مەندىن يىتىرقاپ.
ۋىسال دەپ تەلمۈرگەن ئوتلۇق ئارمانلار،
تامادا زارلانسا دەھشەت ئىچىرقاپ.

شۇقەدەر پارۋاسىز يۈرۈيسەن ئۈنسىز،
قەلبىمنىڭ قىتىدا چوغلانسا گۈلخان.
پايانسىز ئۇپۇققا تىككىن كۆزۈڭنى ،
بىلەمسەن ئەقىدەم ئۇندىن نۇر ئالغان.

لەۋلىرىم يادلايدۇ تەكرار ئىسمىڭنى،
ئاھىمغا ھېسداش بوپ بۇلۇت تۆكەر ياش.
ئاشىق بۇ ھالىمغا سالمامسەن نەزەر،
يەنىلا مەۋجۇتقۇ سەندە يىتىرقاش.

========================
يۈشۈرۈن ئازاب

بىلمەيسەن نە ئۈچۈن كۆيەر بۇ يۈرەك،
بىلمەيسەن نە ئۈچۈن ئۇيقۇسىز تۈنلەر.
بىلمەيسەن باغرىدىن سىرغىتىپ زەرداپ،
قەلبىمدە پورەكلەپ ئېچىلسا گۈللەر.

بىلمەيسەن نە ئۈچۈن ھەسرەتلىك كۈيلەر،
بىلمەيسەن نە ئۈچۈن تۆكۈلەر كۆز ياش.
بىلمەيسەن تەلمۈرۈپ كۈتكەننى كىمنى،
گوياكى ئۆلۈمنى كۈتكەنگە ئوخشاش.

شۇ قەدەر ساددا سەن شۇ قەدەر ئەخماق،
بىلمەيسەن نېمە ئۇ زادى مۇھەببەت.
ھەممىنى چۈشۈنۈپ قالىسەن بىر كۈن،
مۇھەببەت قەلبىڭگە تاشلىسا كۈلپەت .

============================

ئەھۋالىمنى سۇراپ تۇر يايرىم

ئەھۋالىمنى سۇراپ تۇر يايرىم،
دىدارلاشماي ئۆتسىمۇ كۈنلەر.
ھىجرانلارغا چۆكمىسۇن ئارمان،
يۈرەكلەردە جانلانسۇن كۈيلەر.

جىسىم كۈيۈپ ئىشقىڭدا ھەردەم،
چاڭقاقلىقتا ھالسىزدۇر قەلبىم.
ئەقىدەمنى ھېس قىل قۇياشتىن ،
ئايان بۇلۇر تەپتىدىن مېھرىم.

ھايات باقى ئەمەس ئىنسانغا ،
ئۇشتۇمتۇتلا ئۆلەرمەن بەلكىم.
يادىكارىم ئۆتسەم ئالەمدىن ،
پاك قەلبىڭدە نۇرلانسۇن قەدرىم.

==========================

سۆيگۈ كوچىسىدىكى ھېسلار


(1)

يۈرىكىم سامادىن ئالغانمۇ ئەنداز ،
سىغىدۇ ئۇنۇڭغا بارچە ئازاب - دەرت .
كۆرۈنمەس ھېچقاچان سۆيگۈ قۇياشى ،
نەدىدۇر ،ئېيىتقىنا ،دوستۇم مۇھەببەت.

ھاياتتىن ئالغىنىم تاڭسۇق نىسۋە،
ئەتراپىم يەنىلا تۇماندۇر تۇمان .
تۇمانلار ئىچىدە ماڭدىم توختىماي،
سۇۋۇدى تۇمۇردا دولقۇنلىغان قان .

نەقەدەر مۇھتاجمەن تەسەللىگە ،ئاھ ،
نەقەدەر مۇھتاجمەن سۈيۈش -كۈيۈشكە.
باغرىمنى ئاشىيان ئەتسە پەرىشتەم ،
مەن رازى شۇدەقىق ئۈنسىز ئۆلۈشكە.

===========================
(2)

تۇلۇنئاي ئۈزگەندەك ئۈزسەڭ قەلبىمڭدە ،
بىخلىنار ئارماندىن پاك سۆيگۈم بۇدەم.
بۇ مىسكىن قەلبىمگە تاپىمەن تەسكىن ،
چۈنكى سەن روھىمدا ھامان پەرىشتەم.

ھەسرەتلىك خىياللار دەۋرەيدۇ ئۈنسىز ،
قالىمەن قاراڭغۇ جاڭگالدا ئۇزاق.
گىلاستەك لېۋىڭگە تەلمۈرەر لېۋىم،
ئارىمىز يىراقتۇر يىراق بەك يىراق .

ئۆتىدۇ سائەتلەر ئۇچقۇر شامالدەك،
ئۆتمۈشكە ئايلىنار سېغىنىش كۈتۈش.
چۈشۈمدۇر مۇھەببەت چۈشۈمدۇر ۋىسال،
چۈشۈمدۇر سەن بىلەن بىر بۇلۇپ ئۆتۈش.

ئەڭ پاكىز ئىماندىن تىلىدىم سېنى،
ئاللادىن كۈتكەندەك ۋەھى پەيغەمبەر.
تىلەيمەن تىلىكىم مەقبۇل بولغىچە .
تىلەيمەن تۇپراققا كىرگەنگە قەدەر.

==========================

(3)

ئۆلگەن بىر ئادەمنىڭ روھىدەك گويا -
ماڭىمەن بۇ كوچا پايانسىز كوچا .
ئۇچرىتىپ قىلىشنى كۈتسەممۇ سېنى،
ئۇچرىتىپ قېلىشنى كۈتمەيسەن ئەمما.

بۇ كوچا شۇ قەدەر سۇغۇق ،بىر كوچا ،
ئۆزۈمدىن باشلىنىپ تۈگەر ئۆزۈمدە.
ئىزدەيمەن بىر ئۆمۈر بوپ كېتىشنى يەم،
شۇ سېنىڭ بىپەرۋا خۇما كۆزۈڭگە.


===============================

سۈيۈپ قالسام

ھىدىڭ ئېلىپ كەلگەن شوخ شامال،
ئىللىققىنە تەگسە يۈزۈمگە ؛
كىرپىكىمدىن رەھلەنگەن ھېسلار،
شېھىت بولسا ئويچان كۆزۈمگە.

شىددەتلىنەر قەلبىمدىن ئېقىن ،
ئېچىرقاشتا تېۋىنىپ يۈرەك.
سەن يۈرەرسەن بەلكىم بىپەرۋا،
مەن خىيالدا ساڭا يار يۆلەك.

سۆيۈپ قالساڭ خالىساڭ سەنمۇ،
ئېتىلارمۇ يۈرەككە ۋولقان.
سۇئاللاردا بىخلانغان ئويلار،
يۈرىكىمدىن تامچىلىتار قان.

======================

تۈگەپ كەتسە بىزدە ياتسىراش




ھايات يولى شۇنداق ئۇزاق يول،
گاھى داۋان،گاھىدا راۋان .
تۇرمۇش بەرسە بەزىدە كۆز ياش،
شادلىقنىمۇ بىرىدۇ ھامان .

ھايات پەسلى ھەر بىر جان ئۈچۈن،
سۆيگۈ ئارمان قوزغاپ ئۆتىدۇ.
جانان ئۈچۈن زارىقسا بىرى،
بىرى ھامان كۈلۈپ ئۆتىدۇ.

شۇنداق يۇسۇن دەۋرلىكىدە،
سېنىڭ ئۈچۈن ناخشا پۈتىمەن.
ئۈنسىز كۈتۈش ،ھالسىز سۈكۈتتە،
بىر سېنىلا ھامان كۈتىمەن.

سېنىڭ ئۈچۈن ئاتالغان كۆڭلىم،
سەن قەلبىمدە ھامان بىر قۇياش.
ئارمىنىم شۇ جۈپلەشسە يۈرەك،
تۈگەپ كەتسە بىزدە ياتسىراش .

======================

زارلانما يۈرەك

زىمىستان قوينىدا مۇجۇلدۇڭ يۈرەك،
قېنى ئۇ،باھاردەك شېرىن كەچمىشىم؟
مۇزلايمەن ئاشىقلىق زىمىستانىدا ،
ياستۇققا دەريادەك ئاقىدۇ يېشىم.

ئېھ ،بىر چاغ باھارنىڭ باغرىغا سىڭىپ،
بېسىلغان ھاياتتا سانسىز ئىزلىرىم.
قەلبىمنى سىلىسا سۆيگۈ قۇياشى ،
قادالغان ئۇپۇققا ئويچان كۆزلىرىم.

ۋىسال دەپ توۋلىغان ھەر بىر نىدالىرىم،
باشلىدى دىللارغا سانسىز رىۋايەت.
كۆكتىكى يۇلتۇزلار قىسسا كۆزىنى،
تۇلۇنئاي قەلبىمگە سالدى مۇھەببەت.

ئارمانلىق زارلانما بولدى يۈرىكىم،
ئاشىقلىق بىر ساڭا ئەمەس بەخشەندە.
باقىدۇ ساڭىمۇ ۋىسال تاڭلىرى،
ئازابلىق ئۆتمۈشۈڭ ئۇزاپ كەتكەندە.

===========================

تەشۋىش

ماڭىمەن شۇقەدەر بەكمۇ ئالدىراش،
خىياللار كەزمەكتە قەلبىم قىتىنى.
توختاۋسىز ئۆزۈمگە سۆزلەيمەن ئۈنسىز،
ۋاراقلاپ ئالدىراش كەچمىش بېتىنى.

يوللارغا سىڭمەكتە سىغىنىش كۈتۈش،
گوياكى كۆزۈمدىن ئاققان ياش كەبى.
دىلدىكى تۈگىمەس تاتلىق ئازابلار ،
قۇترىغاچ ئارامسىز شۇنچە ئەسەببى.

مەنزىلىم بەك يىراق بىلىنەر ماڭا،
بىلمەيمەن قەيەردە توختاشنى توۋا.
ئىڭىمدە جار سالغان ئوتلۇق تۇيغۇلار،
ماڭغانچە تۇيۇلۇپ بارماقتا غۇۋا.

مەن ھارغىن بارساممۇ ئالدىڭغا بەلكىم،
تەسەللى بەرمەيسەن كۆز ياشلىرىمغا.
گەر تۇپراق بولساممۇ قەدىمىڭ ئۈچۈن،
چۆكمەيسەن زوقلۇنۇپ ئاراشلىرىغا.

==========================
ھەيرانمەن

ئالەمچە سۆيگۈدىن پۈتكەن ۋۇجۇدۇم،
يارىلار ئىشقىمدىن شادلىق ھۇزۇرۇمۇم.
ساداقەت يار ھامان ئارمانلىرىمغا ،
بولغاچقا دىلىمدا ئويغاق غۇرۇم.

پەرۋاسىز يۈرۈيمەن تۆھمەتلەر ئۈچۈن ،
ئەجرىسىز ئىنتىلمەي ھېممەتلەر ئۈچۈن.
رىسقىمغا شۈكرە دەپ قىلىمەن ئەجىر،
مىڭ ئەپسۇس تۆھمەتنى تاڭلەيدۇ نىچۈن؟

بەزىلەر بەختىمگە قۇرىدۇ قاپقان ،
پايلايدۇ يۇلۇمنى بۇلۇدۇ چاشقان .
پەرۋاسىز بىرھالدا يۈرسەم ئۆزەمچە،
ھەسەتتە ئىچىدە ياشلىرى ئاققان.

بۇ ئالەم ئەشۇنداق سىرلىق بىر ئالەم ،
سىر ئارا سىر تۇتۇپ ياشايدۇ ئادەم.
بىرلىرى ئەجرىدىن كۆكلىسە توۋا ،
بىرلىرى ھەسەتتە يۇتۇدۇ ماتەم.

========================

خەۋىرىڭگە بۇلۇپ تەققەززا

چۈشلىرىمدە كۆرمىدىم مەنمۇ،
بەلكى سەنمۇ كۆرمىدىڭ مېنى.
سىغىنىشتا كۈيۈپ چوغلاندىم ،
تىلىكىمدە تىلەپلا سېنى.

تەشناللىققا تولدى بۇ قەلبىم،
كۈتۈشلەردىن مۇڭلۇنۇپ ئارمان.
تىنىقلاردا تىلەپ ۋەسلىڭنى ،
ئازابلىنىپ قىينالماقتا جان .

نە كويلاردا يۈرگەنسەن مەغرۇر،
سۆيگۈم ئۈچۈن پەرۋاسىز بۇلۇپ.
غەمسىزلىك قىينىغاچ دەمدە ،
ئارمانلىرىم قالدى مۇڭلۇنۇپ .

خەۋىرىڭگە بۇلۇپ تەققەززا ،
تۈندە بىدار بولدۇم ئۇيقۇدىن.
يەنە ئۇچۇر يازدىم ئۈمۈدتە ،
دىلىمدىكى ئويغاق تۇيغۇدىن.

========================

كەلگىن تىزراق يىنىمغا

چۈمبىلىنى قايرىپ قۇياش كۈلگەندە،
مۇڭلىنىمەن ئەسلەپ نۇرلۇق يۈزۈڭنى.
گۇگۇم پەسلى جىمىرلىسا يۇلتۇزلار،
كۆرگەندە ھەم بولمىغىن جۈپ كۆزۈڭنى.

ھەر كېچىسى ئەل ئۇيقۇغا كەتكەندە،
كۆزلىرىمگە ئۇيقۇ كەلمەس ئارماندا.
خىيالىدا كىزىپ چەكسىز ئالەمنى،
كىرپىك قاقار ئارمانلار تاڭ ئاتقاندا.

ھىجرانىڭدا زەپ قىينالدى بۇ جېنىم،
لىغىرلايدۇ قارچۇغۇمدا ھامان ياش.
يىتەلمىگەپ سېنىڭ ئوتلۇق ۋەسلىڭگە،
تىلەك تىلەپ ئۆتەر كۈنۈم ئالدىراش.

رام ئەيلىگەچ ۋۇجۇدۇمنى سېغىنىش ،
سانچىلىدۇ ھىجران تىغدەك جىنىمغا.
تۈن نىسپىدە تېلېغۇن قىلدىم ئۈمۈدتە،
ئەي پەرىشتەم كەلگىن تىزراق يىنىمغا.

==============================
قۇچاق ئىچىپ كەلسەڭ مەن تامان

قۇچاق ئىچىپ كەلسەڭ مەن تامان،
قىيانلىدى قەلبىمدە ھېسلار.
باغلىۋالدى كۆڭلۈمنى مەھكەم،
تەشنالىقتا كۆرۈنمەس يىپلار.

شېرىن چۈشتەك ئۆتمەكتە كۈنلەر،
چاڭقاقلىقتا تىلەيمەن سېنى.
چاك -چاك بولدى يۈرەك ئارماندا،
ئۆڭۈپ كەتتى چىرايىم قېنى.

چۈش كۈرۈپلا ئۆتەرمۇ ئۆمرۈم،
قالدۇرالماي لەۋلىرىڭدە ئىز.
مىسرالارغا تىزدىم مەن سېنى،
كۆڭلۈمدىكى ئەي قەدىرلىك قىز.


==========================

ھاياتلىق ھېچ خالى ئەمەس كەچمىشتىن

<< ھەر كىم ھەر نىمە دەيدۇ،
دەرت كەلمەيدۇ بىلمەيدۇ>>

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش