|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا دوستۇمنىڭ مەلۇم يېزىدىكى تۇققانلىرىنىڭ ئۈيىگە چىققان ئىدىم ،ئېتىز بېشىدا خام ئورۇلغان بۇغدايلارنى كۈرۈپ ئىچىم سىرىلىپ كەتتى ھەم بەك ئاچچىغىم كەلدى .
دېھقان ئاكىمىزنىڭ دىيىشىچە ، يېزا ۋە كەنىتنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ،شۇنداق قىلشىقا بۇيرىغانمىش ، بۇ ناھىيەنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىشى ئىكەن . بۇغداي تېخ خام تۇرسا ، بۇ ئاشلقنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرساق ئالمايدۇ ،ئالغاندىمۇ دەرىجىگە توشمايدۇ .....دىگەندەك بىر قاتار ئەمىلى گەپلەرنى قىپتۇ ھەم دۆلەتنىڭ دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتى توغرۇلۇق ئۆزىنىڭ بىلگەنلىرى بۇيىچە سۆزلەپتۇ ، ئەمما " بۇ دىگەن بۇيرۇق ، قىلساڭ قىل ، مانچىنچى چىسلاغىچە قوناق تېرىپ بولالمىساڭ جەرىمانە!!! " دەپ قوقاق سېپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئەشۇ ساناق سانايدىغان ئەمەلدارلارغا شۇنداق ئاچچىغىم كەلدى ، بۇ يەرنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا قارىسام تېرىغۇ يەرنى باغ-ئورمانغا قايتۇرغان يەرلەر ئىكەن ، يېڭى ئەي بولغان مىۋىلىك كۆچەتلەر تېخى تۇلۇق مىۋىگە كىرمەپتۇ ، ئارلقىغا تېرىلغان زىرائەتلەر تۇلۇق كۈن تەگمەسلىك سەۋەبى بىلەن تۇلۇق پىشىپ بولالماپتۇ ،يەنە بىر ھەپتە ۋاختى بار ئىكەن، مىنىڭچە بۇنداق يەرلەر شىنجاڭ تەۋەسىدە خېلى كۆپ بولىشى مۇمكىن ، دېھقانلىرىمىز مۇشۇنداق ئايرىم ساندىكى ئۈنۈم قوغلاشماي سان -مەرتىۋە قوغلىشىدىغان ئەمەلدارلار سەۋەبىدىن باي بولماي نامراتلىىشىپ ھەتتا قەزر بوپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ.... ,
|
|
|
|
|
|