بۇلتۇرقى موشۇ كۈندە سىز يېنىمدا بار ئىدىڭىز. ئەمما سىزنىڭ بۇ بايرىمىڭىزنى تەبرىكلەشنى ئۇنتۇپ قالغان ئىكەنمەن. بۈگۈنچۇ؟ باشقىلارنىڭ «بۈگۈن ئاتىلار بايرىمى، دادامغا بايراملىق نېمە قىلىپ بەرسەم بولار؟» دېگەنلىرىنى ئاڭلىغاندىلا، بۇرۇن شۇنداق بايراممۇ بار بولغىيمىدى؟ مەن بۇندىن بۇرۇنقى بايراملاردا نېمىلەرنى قىلىپ يۈرگەندىمەن؟ دەپ ئويلاپ، كۆڭلۈم يېرىم بولدى. چوپچوڭلا بولۇپ قالغاندا باشقىلارنىڭ ئالدىدا ياش تۆكۈشتىن خىجىل بولدۇم.
تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ۋاقتىدىلا دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ساۋاقدىشىمنىڭ كۆزىدىن تولا ياش كۆرگىنىمدە «ئۇ نېمانچە ئاسان يىغلايدىغاندۇ؟» دەپ ئويلاپتىكەنمەن. ئاتىسىدىن ئايرىلغان كىشىنىڭ بۇنچە دىلى نازۇك بولۇپ كېتىدىغىنىنى سىز كەتكەندىن كېيىن ھېس قىلىۋاتىمەن. بويى ئانچە ئېگىز بولمىغان، ۋىجىك، ئۇرۇق كەلگەن سىزنىڭ مەن ئۈچۈن ناھايىتىمۇ گىگانىت كىشى ئىكەنلىكىڭىزنى، مېنىڭ پەقەت سىز بولغاچقىلا شۇنچە پوچى، شۇنچە مەغرۇر يۈرەلىگەنلىكىمنى ئەمدى ھېس قىلىۋاتىمەن. ئېيتىڭە دادا! دادىسى يوق كىشى شۇنچە ئاجىز كىشىمۇ؟ ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن تەڭ تۇرالىغۇدەك سالاھيىتى يوقمۇ؟
تۇرمۇشىمىز ئانچە باياشات بولمىسىمۇ، ھەرقېتىم سىلەرنى يوقلاپ ئۆيگە بارغان ۋاقىتتا، ھەممىمىز بىرلىكتە ئولتۇرۇپ، بىر قاچىدىن سۇيۇقئاشنى بولسىمۇ تەڭ ئىچكىنىمىزنىڭ ھەقىقەتەنمۇ غەنىيمەت ئىكەنلىكىنى، ئەمدى ئۇنداق كۈنلەرنىڭ كەلمەسكە كەتكىنىنى ھېس قىلىۋاتىمەن.
ئېسىمگە كەلسەم، سىز قەيەرگىلا بارسىڭىز مېنى ئېلىپ ماڭدىكەنسىز، باشقىلارمۇ سىزنى «نەگىلا بارساڭ ئېلىۋالىدىكەنسەن، بۇنداق دېگىنىنى قىلساڭ چوڭ بولغاندا قانداقمۇ گېپىڭنى ئاڭلايدۇ؟» دېيىشىكىنىدە، سىز پەرۋاسىز ھالدا «ئىنساپىنى خۇدا بېرىدۇ» دەپ قوياتتىڭىز. مەن چوڭ بولغانسېرى ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا باشلىدى، سىزمۇ ئانچە مۇنچە تىجارەت قىلىپ، كەنتىمىز بويىچە ھاللىق ئائىلە قاتارىغا ئۆتۈپ، مەھەللە بويىچە ئەڭ ئاۋۋال موتوسىكىلىت سېتىۋېلىپ، مېنىڭ مىنىشىمگە بەردىڭىز. بۇ چاغدا يەنە مەھەللىدىكىلەرنى بۇرۇنقىدەك گەپلەرنى تەكرارلايتتى. سىزمۇ ئوخشاش ماڭا ئاللادىن ئىنساپ تىلەپ ئۆتتىڭىز.
مانا خىزمەتكە چىققىلى 6يىلچە بوپتۇ، ھەپتىدە ئاران 1-2قېتىم ئۆيگە بېرىپ (ئارلىق 10كىلومىتىر كەلسىمۇ)، ھەتتا بەزىدە بىر قېتىممۇ بارالماي، ھەر قېتىم چىققىنىمدا تاپقىنىمنى ئېلىپ، سىلەرنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغان بالىلىرىمنى ئېلىپ يەنە ئانام ئىككىڭلارنى ئاۋارە قىلىپ قايتىپتىمەن(ئەمما سىلەرنىڭ خۇشال بولۇپ كېتىدىغىنىڭلارنى بىلىمەن). بىلمىدىم دادا، سىزنىڭ نەزەرىڭىزدە ئاللا ماڭا ئىنساپ بەرگەنمىدۇ؟
كوچىلاردا كېتىۋاتقاندا پېشىمگە ئېسىلىپ تۇرغان ئىككى بالام بولسىمۇ، لېكىن باشقا بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىنىڭ قوللىرىنى تۇرۇپ كېتىپ بارغىنىنى كۆرسەم، شۇلارغا ھەۋىسىم كېلىدۇ. كۆزۈمگە كەلگەن لىققىدە ياشنى ئاران سىڭدۈرىۋېتىمەن، دادا!
تۇرمۇشتا ھەرقانچە زور قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىسام، ماڭا ياردەم قىلىدىغانغا سىز بار ئىدىڭىز، بەزىدە ياردەم قىلالمىغۇدەك بولسىڭىزمۇ، سىز بولغاچقىمىكىن، ھەممە ئىشلار ئاسانلا ئۆتۈپ كېتەتتى. ئەمدىچۇ؟ كىچىككىنە قىيىنچىلىق بولسا يەنە كۆزۈمگە ياش كېلىدۇ، دادا!
مۇناسىۋەت دائىرىڭىز كەڭ ئادەم بولغاچقىمۇ، دائىملا بىر ئىشلار بىلەن يېزىمىزنىڭ بازىرىغا كېلىپ قالاتتىڭىز، ئىچىمدە «دادامنىڭ مىجەزى تازا ياخشى بولمىغاندىن كېيىن، ئۆيدە ئولتۇرسا بولمامدىغاندۇ؟ » دەپ ئويلاپ قالاتتىم. ھازىر مەنمۇ خىزمەتتە ئازىراق ئارسالدى ۋاقىت بولسىلا بازارلارنى ئارىلاپ يۈرۈيدىغان خۇي چىقاردىم، شۇڭىلاشقا رەھبەرلەر بەزىدە خاپا بولۇپ كېتىدۇ. سەۋەبىىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. بەلكىم بازاردىن سىزنى ئىزدەيدىغاندىمەن، بىرەر پارچە گۆش ئېلىپ بەرگۈم كېلىدىغاندۇ؟ دادا!
سىز يېقىن ئۆتىدىغان بەزى مويسىپىتلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالسام، ئۇلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ ئەھۋاللىشىپ كېتىمەن. شۇنچىلىك خوشال بولۇپ كېتىمەنكى، ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي ئاشخانىغا باشلاپ كىرىپ، نېمە تاماق يەيدىغىنىنى سورىماستىن، سىز ئامراق تاماقلارنى بۇيرۇتۇپ مېھمان قىلىمەن. بەلكىم سىزنىڭ ئاغىنىڭىز بولغاندىن كېيىن، چوقۇم سىز ئامراق تاماقلارنى يەيدىغاندۇ دەپ ئويلايمەن. دادا!
سىز كەتكىلى بىر يىلچە ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە پات- پات كېچىلىرى يامان چۈش كۆرۈپ ئۇيغىنىپ كېتىمەن. بۇرۇنلاردا يامان چۈش كۆرسەم «ئانا... » دەپ توۋلايدىغان، ئەمما ھازىر «دادا...» دەپ توۋلاپ ئۇيغىنىمەن. دادا!
دادا! سىزنى سېغىندىم.....
مەنبە: مېنىڭ قەلىمىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى