قارا جەمىيەت باشلىقى ئوغلىنىڭ رۇخسەت سوراش خىتى
تەرجىمە قىلغۇچى ئاتازات
ياخشىمۇسىز ، مەن رۇخسەت سورىماقچى، ئەسلىدە مىنىڭ ئۇنداق قىلغۇم يوق ئىدى لىكىن تۈنۈگۈن دادام قوغداش ھەققى يىغىۋاتقاندا باشقىلار تەرىپىدىن يارىلىنىپتۇ، بۈگۈن ئادەم كۈچى يىتەرلىك بولغاچقا مىنىڭ يىنىدا بىللە تۇرۇشۇمنى ئىيتتى.
ۋاڭ مۇئەللىم خاتىرجەم بولوڭ، باشقىلار مىنى يارىلاندۇرالمايدۇ، گەرچە مەن تىخى ئەمدىلا ئىككىنجى يىللىقتا ئوقوۋاتقان بولساممۇ لىكىن ئۆتكەن يىلىلا ياندىكى سىنىپتىكى شىياۋ چىياڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ باققان، شۇ چاغدا ئۇ بەشىنجى يىللىقتا ئوقوۋاتقان بولسمۇ يەنىلا مەندىن تاياق يەپ دوختۇرخانىغا كىرىپ يارىسىنى سەككىز يىپلىق تىكتۈردى، ۋە دوختۇرخانىدا بىر ھەپتە يىتىپ قالدى.
ئەينى ۋاقىتتا مەن يەنىلا رەھىمدىللىك قىلدىم، دادام ماڭا دائىم باشقىلار بىلەن ئىيتىشىپ قالغاندا ھەرگىزمۇ يۇمشاققۇللۇق قىلماسلىق كىرەك دەيتى، شۇڭلاشقا مەن دادامنىڭ تەربىىسىگە ئەمەل قىلىپ شىياۋچىڭنى دوختۇرخانىغا كىرگۈزۈپ قويدۇم، شۇڭا مۇئەللىم سىز خاتىرجەم بولوڭ، مەن ھەرگىزمۇ سىزنىڭ يۈزىڭىزنى تۆكمەيمەن.
توغرا، ۋاڭ مۇئەللىم ئەگەر باشقىلار سىزنى بوزەك قىلسا دەرھال مىنىڭ ئىسمىمنى چىقىرىڭ، مىنىڭ ئىسمىمى بۇ ئەتراپتىكى كىم ئاڭلىسا ئۈچ قىتىم تازىم قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلار پىقىرنىڭ يۈزىنى قىلمىسا دەرھال دادامنىڭ ئىسمىنى چىقىرىڭ، قىنى كىم سىزگە چىقىلالايدىكىن.
ۋاڭ مۇئەللىم مەن دادامغا ياردەملىشىپ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ بولوپلا قايتىپ كىلىپ دەرىسكە قاتنىشىمەن، ئەگەر مەكتەپ مۇدىرى مىنىڭ يوقلىغىمنى ئۇقۇپ قالغۇدەك بولسا بۇ ئىشلارنى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا دىمەڭ، چۈنكى تۈنۈگۈن دادامنى مەكتەپ مۇدىرى دىگەن ئەبلەخ ئادەم باشلاپ بىرىپ يارىلاندۇرۇپتۇ، ۋاڭ مۇئەللىم سىز ئەنسىرىمەڭ، مەن سىزنىڭ بىر قەدەم، بىر ئىز ، بىر تىغ، بىر يارا دىگەن تەلىمىڭىزنى ئىسىمدە مەھكەم تۇتىمەن، مەن ھەرگىزمۇ يۇمشاققۇللۇق قىلمايمەن، ئەگەر مەن ئىككى سائەتكىچە قايتىپ كىلەلمىسەم دوختۇرخانىغا تىلىغۇن قىلىپ بىر قانچە قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرىپ قويغان بولسىڭىز، ۋاڭ مۇئەللىم سىز خاتىرجەم بولوڭ مەن چوقوم غەلبە بىلەن قايتىپ كىلىمەن.
مەن چوقوم دادامغا ياردەملىشىپ بۇ ئاچچىقنى چىقىرىشىم كىرەك، مەن سىزنىڭ دادام ئۈچۈن ھەققانىيەتنى ياقىلايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن، بىر ئائىلىدىكى ئالتە جاننىڭ ھەممىسى دادامنىڭ قوغداش ھەققى يىغىپ تاپقان پۇلىغا قاراشلىق، ئەگەر بۈگۈن يەنە بىرەرسى ئىش تىرىماقچى بولسا مەنمۇ ئۆزۈمنى كۆرسىتىپ قويىمەن، يەنە بىرگە، بۇنىڭغا يول قويغاندا ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، مەن كەتتىم.
مەنبە:
http://blog.ifeng.com/article/111218.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا atazat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-17 11:08 AM