مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8902|ئىنكاس: 57

ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن (سۈرەتلىك) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30816
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8800
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 4802 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 07:55:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                      ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن (سۈرەتلىك)

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك بىرادەرلەر. مەن بۇ ماۋزۇدا بىر تېما تەييارلاش توغۇرلۇق ئىزدىنىۋاتقان بولۇپ، بىرەر ئاي بولدى پەقەتلا باشقا چىقالمىدىم. سەۋەبى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ تارىخى بەكمۇ مۇرەككەپ بولۇپ، مىڭلاپ يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ تارىخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.  كۆپىنچە تەتقىقاتچىلار قۇرئان كەرىمدىكى ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان ئىسكەندەر بىلەن بۇ ئىسكەندەر تامامەن باشقا دەپ قارايدىكەن، ھەقىقى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننى بىلگىسى بارلار بولسا مەنچە قۇرئان كېرىم بەكمۇ مۇۋاپىق ئىكەن. كۆپلىگەن كىشىلەر قۇرئان كېرىمدىكى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىنگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى تىلغا ئېپتۇ. مەن خاتالىشىپ قېلىشتىن قورقۇپ ئۇنداق قىلالمىدىم.
    ئەگەر بۇ تارىققا قىزىققۇچىلار بولسا، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئەگەر ئىككى كىشى بولسا مەن بىلمىدىم. تۆۋەندىكى ئادرىسلارغا كىرىپ كۆرۈپ باقارسىلەن.

تۇغۇلغان تارىخى، مىلادىدىن ئىلگىرى 356- يىلى 7- 20- كۈنى. ئۆلۈمى، مىلادىدىن ئىلگىرى 323- يىلى 6- ئاينىڭ 10 ياكى 11- كۈنى 32 يېشىدا بابىلدا ئۆلگەن.


ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ يەجۈج ۋە مەجۈجلەرنى بەنت قىلىش ئۈچۈن سىپىل ياساش جەريانى تەسۋىرلەنگەن پارىسلار تەرىپىدىن 16- ئەسىردە سىزىلغان رەسىم.


ئىسكەندەر ۋە فىرئەۋۇن. ئامون لۇكسور بۇتخانىسى


بېگرام ئابغانىستاندىن تېپىلغان ياش ئىسكەندەرنىڭ ھەيكەلچىگى


قەدىمقى زاماندىن قالغان ئىسكەندەر مىدالى


مىلادىدىن ئىلگىرىكى 325- يىلى. قاپارتما نەقىشلىك تاۋاق


بۈيۈك ئىسكەندەر ھەيكىلى. ئىستانبۇل ئارخىلوگىيە مۇزىيى


بۈيۈك ئىسكەندەرنىڭ لەھدى. ئىستانبۇل ئارخىلوگىيە مۇزىيى


3- دارىئۇس. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 150، مىلادىدىن ئىلگىرى 100- يىللار تەسۋىرى


پومپى شەھرىدە تۇرىۋاتقان بۈيۈك ئىسكەندەرنىڭ پارىس ھۆكۈمدارى 3-دارىئۇس بىلەن بولغان ئىسوس ئۇرۇشىنى تەمسىل قىلغان كۆرۈنۈشتىن بىر پارچە


پومپى شەھرىدە تۇرىۋاتقان بۈيۈك ئىسكەندەرنىڭ پارىس ھۆكۈمدارى 3-دارىئۇس بىلەن بولغان ئىسوس ئۇرۇشىنى تەمسىل قىلغان ئىسكەندەر دەۋرىدە سىزىلغان كۆرۈنۈشنىڭ ئۇمۇمى كۆرۈنىشى


ئىسكەندەرنى گېنىرالى كراتېروس بىلەن شىر ئوۋلاش جەريانىنى ئىپادىلىگەن كۆرۈنۈش.


بۈيۈك ئىسكەندەرنىڭ دەرەخ بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىغىنى تەسۋىرلىگەن، 14- ئەسىردە پارىسلار تەرىپىدىن سىزىلغان پارىسچە قوليازمىلىق رەسىم.
      

ئىسكەندەر ۋە ئارىستو


ھىندىستاننىڭ ئېلىنىشىنى تەسۋىرلەپ بۈيۈك ئىسكەندەرنىڭ بېشىنى بىلنىڭ بېشىغا ئوخشاتقانلىغى تەسۋىرلەنگەن پۇل رەسمى


بۇمۇ مەزمۇنى يۇقارقىدەك پۇل رېسىمى ئىكەن.


بۈيۈك ئىسكەندەرنىڭ نامىغا ئاتاپ بېسىلغان مىتال پۇل رېسمى



بۈيۈك ئىسكەندەرنىڭ نامىغا ئاتاپ بېسىلغان مىتال پۇل رېسمى


مىسىردا بۈيۈك ئىسكەندەرنىڭ نامىغا ئاتاپ بېسىلغان مىتال پۇل رېسمى


مىللەتتە (مىللەت گېزىتىنى دىمەكچىمىكىن) قولغا چۈشۈرۈلگەن مىلادىدىن ئىلگىرى 5- ئەسىردە گىرىتسىيەلىك تارىخچى Hecataeus قا ئائىت، بۈيۈك ئىسكەندەر زامانىدا بىلىنگەن دۇنيا خەرىتىسى


مىلادىدىن ئىلگىرى 323- يىلى ئىسكەندەر ئۆلگەن ۋاقىتتا ئارقىدا قالدۇرغان ماكىدونىيە ئىمپىرىيەسى


ئىسكەندەر ئىمپىرىيەسىنىڭ ئەڭ كېڭەيگەن ۋاقتى


http://tr.wikipedia.org/wiki/III._Aleksandros
http://tr.wikipedia.org/wiki/Z%C3%BClkarneyn

http://www.google.com.tr/#hl=tr&gs_nf=1&pq=iskender%20z%C3%BClkarneyn&cp=28&gs_id=10&xhr=t&q=iskender+z%C3%BClkarneyn+vikipedi&pf=p&sclient=psy-ab&oq=iskender+z%C3%BClkarneyn+vikipedi&aq=f&aqi=&aql=&gs_l=&pbx=1&bav=on.2,or.r_gc.r_pw.r_qf.,cf.osb&fp=ace2a2b25805afc7&biw=1440&bih=775

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6746
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7024 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 02:03:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن<شىنجاڭ مەدىنىيىتى>ژورنىلىدىن ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ۋە ئۇيغۇر كىيىم كېچىكىگە ئائىىت مۇنداق بىر رىۋايەتنى ئوقۇغۇنۇم ئېسىمدە:
_ تولىمۇ يىراق قەدىمقى زاماندا قوش مۈڭگۈزلۈك ئىسكەندەر دەيدىغان بىر زالىم ،ئاچكۆز پادىشاھ بولۇپ ، ئۇيغۇرلار يۇرتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ كەپتۇ، باتۇر ئۇيغۇر ئەرلىرى پۈتۈن تىرىشچانلىقى بىلەن ياۋغا قارشى 40 كېچە-كۈندۈز جەڭ قىلغان بولسىمۇ ،لېكىن لەكمىڭ ياۋ قوشۇنىغا تەڭ كېلەلمەي قىرىلىپ تۈگەپتۇ. ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ قەھرىمانلىقىدىن تاڭ قالغان ئىسكەندەر پادىشاھ قوشۇنىغا شەھەرگە كىرگەن ھامان بارلىق ئەركەك زاتىنى قەتلى قىلىپ ،كەلگۈسى بالا قازانىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بۇيرۇپتۇ، ئەسكەرلەر شەھەرگە كىرىپ ،ئۆيمۇ ئۆي ئاقتۇرۇپ،ئۇچرىغانلىكى ئەركەك زاتىنى قىرىپ تاشلاپتۇ. شۇ يۇرتتا پاتىمە ئىسىملىك بىر قىز بار ئىكەن ، ئۇنىڭ بويى ئىگىز بولۇپ ،كۆينىكى يەرنى سىپاپ تۇراتتىكەن،ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ قىرىلىپ تۈگەپ كېتىشىگە چىدىماي ئەتراپتىكى كىچىكى نەچچە ئايلىق، چوڭى 9 ياشقا كىرگەن 9 بالىنى يىغىپ ،كۆينىكى ئاستىغا يوشۇرۋاپتۇ، ياۋ لەشكەرلىرى ئۆينى ئاختۇرغان بولسىمۇ بالىلارنى تاپالماي قاپتۇ، اللەنىڭ كارامىتى بىلەن ئەمچەكتىكى بالىلار يىغلىماپتۇ ، چوڭ بالىلار مىدىرلىماپتۇ.شۇنداق قىلىپ پۈتكۈل شەھەر بويىچە بۇ پاتىمە ئانىنىڭ كۆينىكى ئېتىكىگە يوشۇرنىۋالغان بالىلار ئامان قاپتۇ ، بىز ئەنە شۇ توققۇز ئوغۇلنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنمىز.پاتىمە ئانا كۆينىكىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە كىيىپتۇ،يىرتىلسا ئەنجۈر يوپۇرمىقىدا ياماپتۇ.كىر بولسا ئاخشىمى يۇيۇپ،كۈندۈزى كىيىۋاپتۇ،كېيىنكىلەر كۆينەكنىڭ خاسىيىتىنى قىز-ئاياللارنىڭ مەڭگۈئېسىدە ساقلىشى ئۈچۈن مۇنداق قوشاق قېتىپتۇ:
پاتىمەنىڭ كۆينىكى
يەتمىش يەردىن يامىقى،.
ياماي دىسە ياماق يوق ،
ئەنجۈرنىڭ ياماقىدا ياماپ ،
ياماپ كىيگەن پاتىمە
پاتىمەنىڭ كۆينەگى ،
توققۇز ئوغۇلغا باشپاناھ،
يۇرت- قەۋىمگە غەمخانە....

بەلكىم بۇ تارىخ ئەمەستۇ ،بەلكىم ئەپسانە رىۋايەتتۇ،،ئەمما بۇمىللى كېيىم كېچەكلىرىمىز خاسىيىتىنىڭ نامايەندىسى،،مىللى كىملىكىمىزنى يوقاتمىساقلا مەۋجۇتلىقىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز..تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-17 02:11 PM  


مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 02:06:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسكەندەرنىڭ مەجۈجى - مەجۈجىنى بەنىت قىلغان قىسسى بولسا يوللىساڭلار ، بىلمىگەن بىلىۋالسۇن !  كەللە ۋە دىمەنە دىگەن كىتاپتىن كۆردۈممۇ ياكى باشقىسىدىن كۆردۈممۇ شۇ باياننى ئوقۇغان يادىمدا !!!

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

كۈلكە شەيتاننىڭ راھىتى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2385
يازما سانى: 2039
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13944
تۆھپە نۇمۇرى: 633
توردا: 9224 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 02:30:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما كاللامدىن پەقەت ئۆتىمىدى ، بولىدى ئىشىەنمىدىم .  مەن ئوقۇغان كىتاپلار بىلەن پەقەت ئوخشىمىدى .

ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرمە ، ئىغىزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81627
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3199
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 161 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2012-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 02:56:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن  ئاڭلىشىمچە،
ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ پىرئەۋىننىڭ ساھىبجامال بىر قىزىنى ئۇنۇڭغا ياتلىق قىلغۇسى بارلىقىنى ئېيىتقاندا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن رەت قىلغانكەن ،كىشلەر ھەيران بولۇپ ئۇ دىگەن پادىشاھنىڭ ئەڭ گۈزەل-ساھىبجامال ئەقىل پاراسەتتىمۇ يىتىشكەن دانا قىز تۇرسا نىمىشقا رەت قىلسەن دەپ سورغانلارغا ، مەن ئۆزۈمدىن پەخىرلىنمەن چۈنكى مەن پۈتكۈل دۇنيادىكى ئەرلەرنى يەڭدىم دەپ جاۋاپ بەرگەنىكەن ،بۇ نىمە دىگىنىڭ ئى ئسكەندەر دىگۈچىلەرگە ،بىر ئايال كىشى ئەر كىشىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزسە بۇ بىر نۇمۇس ئەمەسمۇ دەپ جاۋاپ بەرگەنىكەن
32 يىشىدا ئۆلگەن بولسا تىخى ياشكەنتوق ،ئۆز ئەجىلدە ئۆلگەن بولغىيمىتى ياكى جەڭدە ۋە ياكى قەستە ئۆلگەن بولغىيمىتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   7894561 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-17 02:59 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81627
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3199
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 161 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2012-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 03:07:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aysiman يوللىغان ۋاقتى  2012-6-17 02:30 PM
بۇ تىما كاللامدىن پەقەت ئۆتىمىدى ، بولىدى ئىشىەنمىدىم  ...

سىزنىڭ مۇھەببەت ۋە ئەر خوتۇنلۇق تۇرمۇشتىن باشقا ئىشلار كاللىڭىزدىن ئۆتمەيدۇ ،سىز شۇنداق تىمىلارغا بەك ياخشى باھا بىرسىز ،
كۆچۈرۋىلىپ بىشىمىزدىن ئۆرىۋالغۇدەك !!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15617
يازما سانى: 624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9749
تۆھپە نۇمۇرى: 471
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2014-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 03:12:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىسەل بىلەن ئۆلگەن !

كۈلكە شەيتاننىڭ راھىتى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2385
يازما سانى: 2039
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13944
تۆھپە نۇمۇرى: 633
توردا: 9224 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 03:52:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
7894561 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-17 03:07 PM
سىزنىڭ مۇھەببەت ۋە ئەر خوتۇنلۇق تۇرمۇشتىن باشقا ئىشل ...


ھە شۇنداقمۇ . ئاغىزىمغا كەلدى دەپ سۆزلەرۋەرسەك  بىز يەجۇجى بىلەن پەرقىمىز قالمايدۇ ، ئالدىمىزغا نىمە كەلسە يەۋەرسەك مەجۇجىدىن پەرقىمىز يوق بولىدۇ . شۇڭا  باشىقلار نىمە دىسە ئىشىنىۋەرمەيمەن  مىنىڭ مۇھەبىتىم ئاللاھ ماڭا ئاللاھ كۇپايە . ئاللاھ نىڭ ئەڭ ياختۇرمايدىغان كىشىلەر ئەر -ئايالنى ئايرىۋاتكەنلەر . (شەيتانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۆزنىڭ قىلغان ئىشىلىرىنى خوجاينىغا دەيدىكەن ،شەيتانلار مەن بۇگۈن پالاننى .ئىشىنى قىلىدىم مەن پالانىنى قىلىمىدىنم دەپ يەنى بىرسى مەن بۈگۈن ئىككى ئەر ئايالنى ئاجىراشتىۋەتدىم دەپ دوكىلات قىلىدىكەن خۇجايىنى ئەر ئايالنى ئايرىۋەتكىندىن شۇنداق خوشال بۇلۇپ ئۇنى تەربىكلەيدىكەن .....) شەيتان خۇش بولىدۇ ،مۇسۇلمان يىغىلايدۇ . بىر يالغان بىر ھەدىسدە  پەيغەنبىرىمىز  پولاغا ئامراق ئىدى .بىزمۇ شۇڭا پولاغا ئامراق بولىمىز ...مانا مۇشۇنداق ئاقماس گەپلەرگە ئىشىنسەك بىز نىمىگە ئوخشايمىز . بىز ئىسىلام دىىنغا ئىشىنىكەنمىز  ئىسىلام دىنى بىر تەتىتقان قىلىپ بىقىلار ،ئاللاھ بىر قەدەم يىقىلىشىسىلەر .. يەنە يازسام يەنە كۆپ ئىدى ، بۇلارنى ئالدىرماي بىشىڭىزدىن ئورۈۋىلاسىز  ،پايدا قىلىپ قارلار .    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aysiman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-17 03:58 PM  


ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرمە ، ئىغىزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمە .

ئۇزۇن سەپەر ...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 674
يازما سانى: 1117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40011
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 3197 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 03:53:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(( قۇرئان كەرىم )) نىڭ ئىزاھات قىسمىدا (( كۆپچىلىك مۇپەسسىرلەر قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان زۇلقەرنەيىننى مەشھۇر ئىشغالىيەتچى ئىسكەندەر مەقدۇنى (ماكدونى)  )) دەپ قارايدۇ .
بەزىلەر ئۇنى يەمەننىڭ پادىشاھلىرىدىن بىرى دەپ قارايدۇ . يەنە بەزىلەر ئۇنى بىر ياخشى بەندە بولۇپ ئاللا ئۇنىڭغا بۈيۈك سەلتەنەت ئاتاقىلغان دەپ قارايدۇ .
دۇنيا تارىخىدا ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ ئوچىقى دەپ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بالقان يېرىم ئارىلىدىكى يۇنانىستان بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان ماكىدونىيە پادىشاھلىقى ئۆزىنىڭ ، ئىپتىدائىي جەمىيەتتىن قۇللۇق جەمىيەتكە ئۆتۈش ، دۆلەت قۇرۇش ۋە بالقانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئۇزاق تارىخىي جەريانىدا بىر مەشھۇر ياش قەھرىماننى ياراتتى . ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 356- يىلىدىن 323- يىلىغىچە پەقەت 33 يىللا ياشىغان ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن بولۇپ ، ئۇنىڭ گىرىكچە ئىسمى ئالىكساندىر ماكدۇنىسكى ( يەنى ماكىدۇنىيىلىك ئالىكساندىر ) ئىدى . ئۇ ماكىدۇنىيىنىڭ پايتەختى پىلا شەھىرىدە خان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئاتىسى فىلقۇس ( فىلىپII ) نىڭ ئەتراپلىق كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە يۇناننىڭ مەشھۇر ئالىملىرىنىڭ ئەتراپلىق تەربىيلىشى نەتىجىسىدە ، كىچىك ۋاقتىدىلا تالانتىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان .
مىلادىدىن بۇرۇنقى 336- يىلى ئىسكەندەر 20 ياشقا كىرىدۇ ، ئاتىسى فىلقۇس ئالەمدىن ئۆتۈپ ، ئىسكەندەر ماكىدۇنىيە ئېمپىرىيىسىگە پادىشاھ بولىدۇ . مىلادىدىن بۇرۇنقى 334- يىلى ئەتىيازدا ، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن 22 يېشىدا بالقان دۆلەتلىرىنىڭ ياللانما قوشۇنلىرىدىن تەشكىل قىلغان 30 مىڭ پىيادە ئەسكەر 5000 ئاتلىق ئەسكەر ۋە 160 ئۇرۇش كېمىسىگە قۇماندانلىق قىلىپ قۇرۇقلۇق ھەم دېڭىز ئارقىلىق شەرىققە يۈرۈش قىلىدۇ . مانا بۇ دۇنيا قەدىمقى زامان تارىخىدا مەشھۇر بولغان (( ئالىكساندىر ماكدۇنىسكى ( ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ) نىڭ شەرىققە يۈرۈش قىلىشىدۇر .
مىلادىدىن بۇرۇنقى 333- يىلى كۈزدە ، سۈرىيىنىڭ شىمالىدىكى ئېسىس شەھىرىدە ، ئىسكەندەر قۇشۇنلىرى بىلەن ئېران قوشۇنلىرى ئوتتۇرىشىدا قاتتىق جەڭ بولىدۇ . ئېران ئېمپىراتۇرى دارا III ( مىلادىدىن بۇرۇنقى 336__330 يىللار تەخىتتە ئولتۇرغان ) ئۆز قوشۇنلىرىغا قوماندانلىق قىلغان بولسىمۇ يەنىلا مەغلۇپ بولىدۇ . ئىسكەندەر ئەھمانىيلار سۇلالىسىنىڭ غەربىي تېرىتورىيىسى ( كىچىك ئاسىيا ، فىنكىيە ، پەلەستىن ، مىسىر ) نى ئانچە كۆپ كۈچ چىقارمايلا بويسۇندۇرۋالىدۇ . مىلادىدىن بۇرۇنقى 331- يىلى باھاردا ئىسكەندەر 47 مىڭ كىشلىك قوشۇننى باشلاپ مىسىردىن چىقىپ ، پەلەستىن ۋە سۈرىيىدىن ئۆتۈپ مىسۇپۇتامىنىيىگە كىرىدۇ . ئارقىدىنلا تىگىر دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى گاۋگامىل شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا ئېران قوشۇنلىرىنى پۈتۈنلەي مەغلۇپ قىلىپ بابىل ( بابىلون ) بىلەن سۇزانى ئىشغال قىلىدۇ . مىلادىدىن 330 يىل بۇرۇن ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش باشلايدۇ .
ئىسكەندەر بېسېسنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كىيىن سەمەر قەنتكە يۈرۈش قىلىدۇ . ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئاساسىي قىسمى ( ماۋرائۇننەھرى بىلەن باكتىريە ) نى بويسۇندۇرۋالغاندىن كىيىن ئۇيەرگە باش ۋالىي تەيىنلەيدۇ . ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەر ماكىدۇن - يۇنان ئىستىلاچىلىرى ئورناتقان ھۆكۈمرانلىقنى تەن ئالمايدۇ . قوزغىلاڭچىلار نىڭ چوڭى سېفىتامىن باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭ ئىدى ، سېفىتامېن مىلادىيىنىڭ 328- يىل بۇرۇن سەمەرقەنتنى ئىشغال قىلىدۇ . سەمەرقەنتنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىسكەندەر ئاساسىي قوشۇنلىرىنى باشلاپ سوغدىلارنىڭ پايتەختى سەمەرقەنتكە قاراپ يولغا چىقىدۇ . سېفىتامېن قورغان مۇھاسىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ چىكىنىدۇ . ئاخىرى ئۆز ئىچىدىن چىققان جاسۇسلار ئۇنىڭ بېشىنى كىسىپ ئىسكەندەرگە تەقدىم قىلىدۇ . بەزى تارىخىي ماتىرياللاردا ، سېفىتامىننىڭ ئايالى ، يەنە بەزى ماتىرياللاردا قىزى ئۆلتۈرۈپ ، بېشىنى ئۆز قولى بىلەن ئىسكەندەرگە ئاپىرىپ بەرگەن دىيىشىدۇ . سېفىتامىننىڭ يىتەكچىلىكىدىكى قوزغىلاڭ 3 يىل داۋام قىلىپ ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 327- يىل بۇرۇن ئۇ ئۆلگەندىن كىيىن ئاياغلىشىدۇ .
مىلادىدىن ئىلگىرىكى 327- يىلنىڭ ئاخىرى ئىسكەندەر شەرىقتىكى ھېندىستانغا يۈرۈش قىلىدۇ . مىلادىدىن بۇرۇنقى 326- يىلى ئىسكەندەر ھېندىستاننىڭ گانگى دەريا بويىغا بېسىپ كىرىدۇ ، كىيىن ھېندى دەرياسى ۋە ھېندى تېغىنىڭ ئەتراپىدىكى پەنجاپ قاتارلىق كەڭ رايۇنلارنى ئىشغال قىلىدۇ . مىلادىدىن بۇرۇنقى 334- يىلى شەرىققە يۈرۈش باشلاپ مىلادىدىن بۇرۇنقى 324- يىلىغا قەدەر ئون يىللىق جاپالىق يۈرۈشتە غەربىي ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدىن تارتىپ ، شەرقىي ھېندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ تېرىتورىيىنى ئىشغال قىلغان ماكېدون ئىمپىرىيىسىنى قۇرىدۇ . بۇ ئىمپىريە 22 يىل (310 - 332) ھۆكۈم سۈرىدۇ . مىلادىدىن بۇرۇنقى 323- يىلى يازدا ئىسكەندەر ئېغىر كېسەل سەۋەبى بىلەن 33 يېشىدا بابىلدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ .
شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش زۆرۆركى ، بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئالەمشۇمۇل ئۆلمەس ئەسىرى (( تۈركى تىللار دىۋانى )) دا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇھىم بىر قىسىمى بولغان شىنجاڭ رايۇنىننىڭ قىسمەن جايلىرى توغۇرلۇق بەزى بايانلارنى سۆزلەپ ئۆتكەن . ( ((تۈركى تىللار دىۋانى)) 1 - توم ،  شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1980- يىل 8- ئاي نەشىرى ، 122 __123 بەتلەر ) .
ئۇيغۇر دىگەندە ، مەھمۇد قەشقەرى (( دىۋانى )) دا قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىنى كۆرسەتكەن . ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر ئېلى ھازىرقى تۇرپان ئويمانلىقىدىكى قۇجۇ قەدىمكى شەھىرى بىلەن يارغول قەدىمكى شەھىرى ۋە بېشبالىق شەھەرلىرىنى ئوردا بالىق قىلغان ئۇيغۇر خانلىقنىڭ ئەسلى زىمىنلىرى كۆزدە تۇتىلىدۇ . بۇ خانلىق ئەينى زاماندا ، شەرىقتە تىبەت ( شىزاڭ ) ، جەنۇبتا كۇچا ، بۈگۈر ، ھەتتا خوتەندىن قاراڭغۇ تاغ ( قارا قۇرۇم تاغلىرى ) ، شىمالدا ئالتاي تاغلىرى ، غەربتە ئېلى دەريا ۋادىسى قاتارلىق تېرىتورىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى . (( سۇلمى )) ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىغا قارىغاندا ، ھازىرقى قارا شەھەرگە توغرا كېلىدۇ . بەزىلەر يەنە رىۋايەتكە ئاساسلىنىپ ، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئېلىمىزنىڭ جەنگو دەۋرىدىكى چىن بەگلىكىنىڭ چىگرىسىغىچە ( گەنسۇ ) بارغان دەيدۇ .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
cayyara + 50 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

خۇشچىراي ، شېرىن سۆز ( بولسا ) ، مال - دۇنيا بېرىلسە ، بۇ ئۈچ نەرسە ئەتراپىغا ئەركىن كىشىلەرمۇ توپلىنىدۇ . قۇتادغۇبىلىكتىن :

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81627
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3199
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 161 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2012-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 04:10:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aysiman يوللىغان ۋاقتى  2012-6-17 03:52 PM
ھە شۇنداقمۇ . ئاغىزىمغا كەلدى دەپ سۆزلەرۋەرسەك  بىز يە ...


مەن يىڭى ئەزا بولساممۇ سىزنىڭ خىلى كۆپ ئنكاسلىرڭىزنى كۆردۇم سىزگە نىسبەتەن مەندە بىر خىل ھۆرمەت تۇيغۇسى پەيدامۇ بولدى لىكىن بەزى ئىنكاسلىرڭىزدىن شۇنى بىلۋالدىمكى ئىسلامدىمۇ خىلى باركەنسىز ئىسلام دۇنياسىدا قىز ئاياللارنىڭ ھەققى ھۆرمىتىنىڭ قەدىر قىممىتىنىڭ ئورنىنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى بىلمەمسىز  قارغاندا سىز تۇرمۇشتىن قاتتىق زەربە يەپ سەۋدا بولۇپ قالغان قىز  ياكى ئايال ئوخشايسىز .
مەن سىزگە تەڭ كەپبولالمايمەن ماڭا نەقىل قىلماڭ
يۇقۇردىكى خەۋەرگە مەنمۇ ئىشەنمىدىم ئەمما  تارىخـتا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئىسىملىك پادىشاھنىڭ ئۆتكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ شۇ سەۋەپـتىن مەنمۇ قوللاپ قويدۇم  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   7894561 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-17 08:25 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش