شۇ خىلۋەت سەھرادا، ئالمىزارلىقتا،
يوقالغان كۈلكىنى ئىزدەيدۇ بىرقىز.
نەلەردە قالدىكىن خۇشال كۈلكىلەر،
يا ئېلىپ كەتتىمۇ ئاشۇ ۋاپاسىز؟
تىنچ كۆل سۈيىگە چۈشكەندەك چالما،
ئۇ بېسىپ كىرگەنتى قىزنىڭ كۆڭلىگە.
ھەر سۆزى گوياكى چاقماق چاققاندەك.
بىغۇبار قەلبىنى سېلىپ لەرزىگە.
ئىشىنىپ قالغاچقا، شېرىن ۋەدىگە،
شۇ گۈزەل ئەتىچۈن سۈرەتتى خىيال.
كۈنلىرى ئۆتەتتى ئاشۇنداق غەمسىز،
يىگىتنىڭ سۆزىدىن بولغاچقا خۇشال.
مىڭ ئەپسۇس، ئالدىنىپ قالدى بىچارە،
كۈلكىمۇ يوقالدى ئوماق مەڭزىدىن.
تاپالماس ئۇ ئەمدى مىڭ ئىزدىسىمۇ،
مەيلى شۇ تارىختىن، مەيلى ئەتىدىن...
ـــ نـىـجـات ھـايـات(بـاتـۇر)