قىرىنداشلار، بەزىبىر تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈردىغان بۇرادەرلەر مۇشۇ ئىشتىنمۇ قۇسۇر ئىزدەپ، ئەشۇ كارخانىچىللىرمىزنىڭ ساخاۋەتلىك ئىشلىرى ئۈستىدىمۇ غەيۋەتخورلۇق قىلىپ يۈرۈپتۇ. ئۇلارنىڭ غەيۋەت ئاساسى بولسا شىركەت خادىملىرنىڭ ئەزىمەتلىرمىز بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەنلىكى بولۇپتۇ. ئۇقۇشماسلىق بولغان ئوخشايدۇ. ئۇ ئىككى شىركەت خادىملىرى ئەسلىدە كۆڭۈل سوۋغىللىرنى مەشقاۋۇلغا تاپشۇرۇپ بېرىپلا قايىتماقچى بولغان ئىدى. بۇ شىركەت خادىملىرى بىلەن بىرگە كەلگەن 15 ياشلاردىكى بىر توپ مەستانىسى ئەزىمەتلىرمىز بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋىلىش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەچكە مەشقاۋۇل رەسىمگە چۈشۈشنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ ئىككى شىركەتنىڭ ھەرگىزمۇ كۆڭۈل بىلدۈرۈش نامىدا ئۆزىنى تەشۋىق قىلۋىلىش، ياكى، ھەقسىز ئېلان ئىشلىۋىلىش مەقسىتى يوق. " ياخشى ئىشقا چىچەك جىق چىقىدۇ'" دىگەندەك بۇ ياخشى باشلىنىشنىمۇ ئورۇنسىز گۇمان، تېتىقسىز مۇلاھىزىللىرمىز بىلەن ئۇجۇقتۇرۋەتمەيلى!
يۇقۇرقى قەۋەتتىكى دوستىمىز ئۆمرىدە پۇل خەجلەپ ئىخلاسنىڭ شاكىلات ۋە پىرەنىكىنى ئېلىپ يەپ باقمىغان ئوخشايدۇ. ئۇلار ئۈلكەر ۋە ئىخلاس ماركىسىدىكى 7 يەشىك شاكىلات ۋە پىرەنىك ئاپارغان بولۇپ، يۇقۇردىكى قېرىندىشىمىز تاللا بازارلارغا كىرىپ ئەشۇ خىلدىكى مەھسۇلاتنىڭ باھاسىنى كۆرۈپ بىقىپ ئاندىن ئىنكاس يازسىڭىز قانداق؟
ئىخلاس شىركىتىنىڭ بىلدۈرشىچە بۇ تېخى باشلىنشى ئىكەن. شىركەت ئەزىمەتلىرمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى قوشۇمچە يىمەكلىكى ئۈچۈن داۋاملىق تۈردە ئەزىمەتلىرمىزنى ئۆز مەھسۇلاتلىرى بىلەن يوقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ناۋادا شىركەت رەھبەرلىكى مۇشۇ ئىنكاسلارنى كۆرسە مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى يەنە داۋاملاشتۇرارمۇ؟
يۇقۇردىكى دوستىمىز بەلكىم يەنە، ئەزىمەتلىرمىزگە قوشۇمچە يىمەكلىكنىڭ نىمە لازىمى؟ تاماقنى ياخشى يىسىلا بولمىدىمۇ ؟ دىيىشى مۇمكىن. ئەگەر مۇشۇنداق ئويدا بولىۋاتقان بولسا ئەزىمەتلىرمىز بىلەن بىر كۈن 3 ۋاخ تاماقتا بىرگە بولۇپ بېقىپ ئاندىن شۇنداق ئويدا بولسا، چۈنكى ئەزىمەتلىرمىزنىڭ تاماق سۈپىتى ھەرگىزمۇ تەنھەركەتچىلەرنىڭ ئوزۇقلىنىش ئۆلچىمىگە ماس كەلمەيدۇ. شۇ سەۋەپتىن بىز ئەشۇ شىركەتلەرگە ئىلتىماس قىلىپ ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن. قېرىنداشلىرمىزنىڭ بولسا بۇ ئىشلارغا باھا بەرمەسلىكىنى، باھا بەرگىسى كەپكەتسە ئىجابى مەيداندا تۇرۇپ پىكىر بىرشىنى ئۈمۈت قىلىمىز
سىز كۆرۋاتقان بۇ تېمىنىڭ مەنبەسى★ھۇررا مۇنبىرى ★
http://www.urraclub.com/bbs,ئەسلى تېما ئادرىسى:
http://www.urraclub.com/bbs/read.php?tid=7301