مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 13536|ئىنكاس: 117

ئىمام مەھدىينىڭ ھەقىقىيلىقى ۋە قىيامەت ئالامەتلىرىنىڭ تەرتىپى - 93111   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن گۇلگە ئامراق

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12411
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 2732 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 10:22:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن.
ئىمام مەھدىي بولسا مۇھەممەدنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ئەۋلادلىرىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدىغان توغرا يوللۇق كىشى بولۇپ ، ئۇ زامان ئاخىرى بولغاندا مەيدانغا چىقىدۇ . ئۇ ئارقىلىق ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىنى ئىسلاھ قىلىدۇ . ھەمدە زىمىنغا ، ئۇ زۇلۇم ۋە ئېزىشقا تولغىنىدەك ، ئادىللىق ۋە باب-باراۋەرلىكنى تولىدۇرىدۇ . ئۇنىڭ ئىسمى پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ئىسمى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ ، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) دادىسىنىڭ ئىسمى بولىدۇ . شۇڭا ئۇ مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ مەھدىي ، ياكى ئەھمەد بىن ئابدۇللاھ مەھدىي بولىدۇ . ھەمدە ئۇنىڭ نەسىبى پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) قىزى فاتىمەگە ئۇلىشىدۇ ، ھەمدە ئۇ ھەسەن بىن ئەلىينىڭ ئەۋلادىدىن بولىدۇ . ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىشىنىڭ بەلگىسى بولسا دەۋىرنىڭ بۇزۇلىشى ، زىمىننىڭ زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىقكە تولۇشى .
ئۇنىڭ مەيدانغا كىلىشى ۋە يۇقۇردا بايان قىلىنغان سۈپەتلىرىنى كۆرسىتىدىغان بىر نەچچە ھەدىيس بار . بۇ نەقىللەر بىرلەشتۈرۈلسە ، مۇتەۋاتىر دەرىجىسىگە يىتىپ بارىدۇ ( يەنى ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان كىشىلەردىن نەقىل قىلغان ،ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەممسىنىڭ بىر يالغانچىلىققا بىردەك بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ) بۇ 1252- سۇئالدا تىخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرلىدۇ .
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كۆرىلىدىغان تەرتىپلەرگە كەلسەك ، ئالىملار ئوتتۇرسىدا بەزى ئىختىلاپى قاراشلار بار . سەۋەبى ، ئۇ لارنىڭ تەرتىۋى سۈننەتتە كەلمىگەن ، لىكىن ئالىملار بەزى ھادىسىلەرنىڭ تەرتىۋىنى تۆۋەندىكىچە جەزىملەشتۈردى :
1- قىيامەتنىڭ كىچىك ئالامەتلىرىنىڭ مەيدانغا كىلىشى : ئۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۇئەييەن تەرتىپ يوق . بۇلار : پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ئەۋەتىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئۆلىمى ، ئەمۋاس ۋاباسى ، پىتنىلەرنىڭ مەيدانغا كىلىشى ، سەمىمىيلىكنىڭ يوقۇلىشى ، بىلىم-مەرىپەتنىڭ يوقۇلىشى ، نادانلىقنىڭ مەيدانغا چىقىشى ، جازانە ، چالغۇلار ۋە ھاراقنىڭ كىڭىيشى ، ۋە ئۇلارنى ھالال دەپ قاراش ، ئىگىز بىنالارنى سىلىشتا بەسلىشىش ، قان تۆكۈشنىڭ كۆپ بولۇشى ، ۋاقىتنىڭ بەك تىز ئۆتۈپ كىتىشى ، مەسچىدلەرنىڭ بىزىلىشى ، شىرىكنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇشى ، ئەخلاقسىزلىقنىڭ كىڭىيىشى ، بىخىللىقنىڭ كۆپ بولۇشى ، كۆپ يەر تەۋرەشلەر ، تاغ گۈمۈرلۈپ چۈشۈش ، قىياپەت ئۆزگىرىش ۋەئاسماندىن تاش چۈشۈشنىڭ كۆرۈلىشى ، توغرا يوللۇق كىشىلەرنىڭ يوقۇلىشى ، مۇئىمىننىڭ چۈشىنىڭ راست چىقىشى ، سۈننەتلەرگە سەل قاراش ، يالغانچىلىقنىڭ كۆپ بولۇشى ، يالغان گۇۋاھلىق بىرىشنىڭ كۆپ بولۇشى ، تۇيۇقسىز ئۆلۈمنىڭ كۆپ بولۇشى ، يامغۇرنىڭ كۆپ يىغىشى لىكن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاز بولۇشى ، ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىش ، رىملىقلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ، ۋە باشقا پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) دىن نەقىل قىلىنغان سەھىيھ ھەدىيسلەردىكى ئالامەتلەر .
2- مەھدىينىڭ مەيدانغا كىلىشى ، ئۇ دەججالنىڭ چىقىشىدىن بۇرۇن ، ۋە ئەيسا بىن مەريەمنىڭ چۈشىشىدىن بۇرۇن مەيدانغا كىلىدۇ . بۇ جابىرنىڭ ھەدىيسىدە كۆرسىتىلگەن ، ئۇنىڭدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « ئەيسا بىن مەريەم چۈشىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ رەھبىرى مەھدىي : "كىلىپ ، بىزگە نامازدا ئىمام بولغىن ،" دەيدۇ . ئۇ : " ياق ، ئاللاھنىڭ بۇ ئۈممەتكە قىلغان ھۆرمىتى سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئىمام بولىدۇ " دەيدۇ . » [ ئۇنى ئەبۇ ئۇسامە مۇسنەدىدە نەقىل قىلغان . ھەمدە ئىبنۇ قەييىم «مەنار ئەل مۇنىيف» تە ئىسنادى بەلەن دىگەن . بۇ ھەدىيسنىڭ ئاساسى مەزمۇنى سەھىيھ مۇسلىمدا رەھبەرنىڭ ئىسمى ئاتالماستىن مۇنداق نەقىل قىلىنغان:« ... ئەيسا بىن مەريەم چۈشىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ رەھبىرى مەھدىي : "كىلىپ ، بىزگە نامازدا ئىمام بولغىن ،" دەيدۇ . ئۇ : " ياق ، ئاللاھنىڭ بۇ ئۈممەتكە قىلغان ھۆرمىتى سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئىمام بولىدۇ " دەيدۇ . » [ ئۇنى مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 225 ] شۇنىڭ بىلەن ئەيسا( ئۇنىڭغا ئامانلىق بولسۇن) مەھدىيگە ئىقتىدا قىلىدۇ ،بۇ ئۇنىڭ ئەيسادىن بۇرۇن كىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . ھەمدە ئەيسا دەججالنى ئۆلتۈرىدۇ ، بۇ دەججالنىڭ مەھدىنىڭ زامانىدا مەيدانغا كىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . ( 10301- سۇئالغا قاراڭ )
3- دەججالنىڭ چىقىشى . ( ئۇنىڭ چىقىشىنىڭ تەپسىلاتىنى 8806- ، 171- ، 8301- سۇئاللاردىن كۆرۈڭ .)
4- ئەيسا بىن مەريەمنىڭ چۈشىشى ۋە ئۇنىڭ دەججالنى ئۆلتۈرىشى . ( 10302- سۇئالغا قاراڭ )
5- يەجۇج ۋە مەجۇجنىڭ چىقىشى ، يەجۇج ۋە مەجۇجنىڭ چىقىشىنىڭ ئەيسا ( ئۇنىڭغا ئامانلىق بولسۇن) زامانىدا بولۇشىنى نەۋاس بىن سەمئاننىڭ ھەدىيسى . ئۇنىڭدا پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ئۇلارغا دەججال ھەققىدە سۆزلەپ مۇنداق دىگەن : « ئۇ ئاشۇنداق ھالەتتە ، ئاللاھ ئەيساغا ۋەھىي قىلىدۇ : « مەن ھىچكىم ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلالمايدىغان بەندىلىرىمنى چىقىرۋەتتىم . بەندىلىرىمنى تۇر تېغىدىكى بىخەتەر جايغا ئىلىپ بارغىن . ھەمدە ئاللاھ يەجۇج ۋە مەجۇجنى ئەۋەتىدۇ . ئۇلار ھەر بىر دۆڭدىن توپ-توپ بولۇپ چۈشىدۇ . ئۇلارنىڭ بېشى تىبرىيە كۆلىدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭدىكى سۇلارنى ئىچىۋىتىدۇ . ئۇلارنىڭ ئاخىرى ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ : " ئىلگىرى بۇ يەردە سۇ بارمىدى ." دەيدۇ . » [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 2937 ] ( 171-، 3437- سۇئاللارغا قاراڭ )
ئاندىن قىيامەت ئالامەتلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى بولۇپ تىز سۈرئەتتە كىلىدۇ . ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « ئالامەتلەر خۇددى يىپتىن مارجان چۈشكەندەك كەينى-كەينىدىن كىلىدۇ .» [ تەبەرانى « مۇئېجەم ئەل ئەۋسەت» تە نەقىل قىلغان ، ھەمدە ئەلبانىي سەھىيھ جامىئېدا ئۇنى سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان . ] ئاندىن قۇياش غەرىپتىن كۆتۈرلىدۇ ، بىر مەخلۇق پەيدا بولىدۇ ، ئاندىن تاغ گۈمۈرلەشلەر ، ۋە باشقا چوڭ ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . ئاللاھتىن ئۆلگىچە مۇستەھكەم تۇرۇشنى سورايمىز ، ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
تىخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئۈچۈن : د. ئابدۇل ئەلىيم بەستەۋىينىڭ « بىز كۈتىۋاتقان مەھدىي» 1 356 ، يۇسۇف ۋابىلنىڭ « قىيامەت ئالامەتلىرى » 249-ب ، ۋە 3259- سۇئالغا قاراڭ . ]
www.islamqa.com

تۇرمۇش ئەتتىرگۇلزارلىق ئەمەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32306
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4213
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 979 سائەت
تىزىم: 2011-3-2
ئاخىرقى: 2012-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 12:05:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ھىكمەت بىلەن ئىش قىلۇچىدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3798
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 12:25:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ  ھەر بەندىسىنى يامانلىقتىن ساقلىغاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22701
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8766
تۆھپە نۇمۇرى: 311
توردا: 1866 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 12:27:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لېكىن مەن ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىشىگە، دەججالنىڭ چۈشىشىگە ئىشەنمەيمەن!
گەرچە ئۇ توغۇرسىدىكى ھەدىسلەر سەھىھ بولسىمۇ، لېكىن سەھىھ ھەدىسلەرنى بېكىتىشتە قۇرئانغا ئۇيغۇن كەلگەن بولىشى كېرەك دېگەن تۈر يوق! قارا نىيەت كىشىلەرنىڭ بەزى يالغان گەپلەرنى سەھىھ دەرىجىسىگە كۆتۈرۋېتىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yoksu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-17 12:30 AM  


ئەھكاملىرىمىز ب

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 659
يازما سانى: 620
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8439
تۆھپە نۇمۇرى: 418
توردا: 6976 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 12:29:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yoksu يوللىغان ۋاقتى  2012-6-17 12:27 AM
لېكىن مەن ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىشىگە، دەججالنىڭ  ...

ئىمان ئېيتىڭ ! ...........

تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار ؟ ~ شۇ تۇخۇمنىڭ تاشتا دەردى بار !؟ MSN  -  AHKAM@live.cn   ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قوشىلىشىنى قارشى ئالىمەن !

چەكلەنگەن ئەزا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78512
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3899
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2012-4-8
ئاخىرقى: 2012-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 12:31:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yoksu يوللىغان ۋاقتى  2012-6-17 12:27 AM
لېكىن مەن ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىشىگە، دەججالنىڭ  ...

توۋا قىلدىم توۋا....ئۇنداقتا ئۆزلىرى نىمىگە ئىشىنىدىلا؟

چەكلەنگەن ئەزا   سۆز قىلىش چەكلەندى!   قۇلۇپلانغان
تەۋپىق ئىسلام تورى www.tewpik.com
kishi mini kishi dise`kishi bilen kishi Ishim ،kishi mini kishi dimise`kishi bilen nime Ishim~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 3050
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16053
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1322 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 12:32:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ە

بەزىدە   ئادەمنىڭ   نەچچە  يىل  ـ  ئاي  ئىلگىرى  كۆرگەن  چۈشى  كىيىن  رېئال
تۇرمۇشىدا  يۈز  بېرىدىكەن  .  بۇ  قانداق  ئىشتۇ  ؟  

ماز   ناخشا  ـ  سازچى ، ئۇسۇلچىلارنىڭ   كۆپىيىشىمۇ  قىيامەتنىڭ  يېقىنلىشىۋاتقانلىقىدىن  
دېرەك  بېرىدىكەندە  ؟    بىزدە  كۆپلىكى  بۇ  خەقنىڭ  ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-17 12:36 AM  


ئەڭ ئاۋال ئۆزۈمنى باشقۇرۇشنى  ئۆگىنىشىم كېرەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22701
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8766
تۆھپە نۇمۇرى: 311
توردا: 1866 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 12:36:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
guzelim يوللىغان ۋاقتى  2012-6-17 12:31 AM
توۋا قىلدىم توۋا....ئۇنداقتا ئۆزلىرى نىمىگە ئىشىنىدىل ...

ھوي مەن ھەممە نەسىگە ئىشەنمەيمەن دېمىدىم، قۇرئانغا ئىشىنىمەن، ھەدىسلەرگە ئىشىنىمەن، لېكىن ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ قايتا چۈشىدىغانلىقى توغۇرسىدىكى ھەدىسلەرگە ئىشىنىشكە ئامالسىزمەن، يا ماڭا توغرا چۈشەندۈرۈپ ئىددىيەمدىن ئۆتكۈزىدىغان ئادەم چىقمىدى. مەنمۇ ئامالسىز، بۇ توغۇرسىدىكى ھەدىسلەر قۇرئاندىكى بەزى ئوچۇق ئايەتلەرگە زىت بولۇپ قالغاچقا مەن ئۇ توغۇرسىدىكى ھەدىسلەرگە ئىشەنمەسلىكنى قارار قىلدىم.
ئەگەر ماڭا ئىلمىي چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى خالايدىغانلار سىلەرگە كۆپ رەھمەت ئېيتاتتىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 2919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 264
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 992 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 12:50:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80963
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2567
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 245 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 12:50:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yoksu يوللىغان ۋاقتى  2012-6-17 12:27 AM
لېكىن مەن ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىشىگە، دەججالنىڭ  ...

قۇرئاننى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ھەدىسلەرنى چۈشىنىپ ئوقۇپ، ئاندىن پىكىر بايان قىلغان ئەڭ ياخشى.سىز ئەڭ ياخشىسى كۇپۇرلۇق سۆزلىمەي، دىنى ئالىملاردىن سوراپ كۆرۈڭ. ئۇلار سىزگە قايىل قىلارلىق پاكىتلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كۇپۇرلۇق سۆزلەپ ئىمانسىز بولۇپ كەتمەڭ يەنە.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەشتەر22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-17 12:59 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش