مالايلار مالايلار(Malays) بولسا شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى يەرلىك خەلىقلەرنىڭ بىرى بولۇپ،مالاي تىلىدا ئۆزلىرىنى Melayu دەپ ئاتايدۇ.دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا مالاي مىللىتى بىر قەدەر كېيىن شەكىللەنگەن.15-ئەسىردىكى مالاككا سۇلالىسىدىن باشلاپ كۆپلىگەن مالايلار ھىندى دىنىدىن ئىسلام دىنىغا ئىشىنىشكە باشلىغان.مالايلار ئاساسلىق شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى مالاي يېرىم ئارىلى،ھىندونېزىيە،سىنگاپور،برۇنېي،فىلىپىن ۋە تايلاندنىڭ جەنۇبىي قىسىمىغا تارقالغان.فىلىپىندىكى مالايلار جەنۇبىتىكى مورولاردىن باشقىسى ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكە قىلىشى تۈپەيلىدىن كاتولىك دىنىغا ئىشىنىدۇ.ئۇلاردىن باشقا،تەيۋەننىڭ يەرلىك خەلقىمۇمالايلاردىن كەلگەن،جەنۇبىي ئافرىقىدىمۇ بىر قىسىم مالايلار ياشايدۇ. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 27.8مىليون.
مالاي دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى بەزى تارىخشۇناسلارنىڭ ئېيتىشىچە،Melayu دېگەن نام سۇماترا ئارىلىدىكى تەخمىنەن 1500يىل بۇرۇن ھىندىلار تەرپىدىن قۇرۇلغان بىر قەدىمىي دۆلەت مېلايۇ(Melayu)نىڭ نامىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.مېلايۇنىڭ خارابىسى سۇماترا ئارىلىدىكى بىر دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىندىكى تارماق دەريا مېلايۇ دەرياسى بويىغا جايلاشقان.كېيىن مېلايۇ دۆلىتى سۇماترا ئارىلىدىكى يەنە بىر مەشھۇر قەدىمىي دۆلەت سرىۋىجايا تەرپىدىن قوشۇۋېلىنغان. مېلايۇ توغرىسىدىكى يەنە بىر پىكىر شۇكى،Melayu دېگەن ئىسىم ھىندىستاننىڭ سانسكرىت تىلىدىكى ئوقۇلۇشى Malaya بولۇپ سانسكرىت تىلىدىكى مەنىسى تاغ ياكى ئېگىز يەر دېگەنلىك بولىدۇ.
سىرىۋىجايا ئېمپىريىسى
مالايلار نەدىن كەلگەن؟ مالايلار نەدىن كەلگەنلىكى توغرىسىدا تارىخ ساھەسىدە تېخى تولۇق بىرلىككە كەلگەن قاراش يوق.مالايلارنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا مالايلار بۈگۈنكى جوڭگودىكى يۈننەندىن كەلگەن ياكى مالاي تاقىم ئاقىم ئاراللىردا شەكىللەنگەن دەيدىغان ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل قاراش بار.
يۈننەندىن كېلىپ چىقىش تەلىماتى بۇ خىل قاراشنى قۇۋۇەتلەيدىغانلار ئاساسلىقى: R.H Geldern, J.H.C Kern, J.R Foster, J.R Logen, Slametmuljana Asmah Haji Omar قاتارلىقلار ئاساسلىرى تۆۋەندىكىدەك: 1.مالاي تاقىم ئاراللىردا بايقالغان قەدىمىي پالتىلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بەزى رايوندىكىلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ،بۇ ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ مالاي تاقىم ئاراللىرىغا كۆچكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
2.مالايلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ئاسسام رايونىدىكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ.(ئاسسام بولسا ھىندىستاننىڭ شەرقى-شىمالىي قىسىمىدىكى بىر شىتات.)
3.مالاي تىلى بىلەن كامبودىيەنىڭ كمەر تىلى ئوخشىشىپ كېتىدۇ.كمەرلەر بولسا يۈننەندىن كەلگەن دەپ قارىلدۇ.ئەينى يىللىرى ئۇلار مېكوڭ دەرياسىنى بويلاپ كامبودىيەگە كەلگەنىدى.
يۈننەندىن كېلىپ چىقىش تەلىماتى كۆپ قىسىم كىشلەر تەرپىدىن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ،مالايسىيەنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخ دەرسلىكىدىمۇ مالايلارنى يۈننەندىن كېلىپ چىققان دەپ تونۇشتۇرۇلدۇ.مۇشۇ تەلىماتقا ئاساسەن مالايلارنىڭ ئەجدادى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ ئوخشىمىغان يىللاردا يۈننەندىن مالاي تاقىم ئاراللىرىغا كۆچكەن.بۇ ئىككى تۈركۈم مالايلارنىڭ ئەجدادى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىپتىدائىي مالايلار ۋە ئارىلاش مالايلار دەپ ئاتىلدۇ.ئىپتىدائىي مالايلار بىلەن ئارىلاش مالايلار يەنە بىرلەشتۈرۈلۈپ ھىندونېزىيەلىكلەر(Indonesian) دېيىلدۇ،ئىككىسنىڭ مەدەنىيىتى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە تەۋە.ھىندونېزىيەلىكلەر ئەمەلىيەتتە مالاي تاقىم ئاراللىرىغا ئەڭ كېيىن كۆچۈپ كىرگەن كىشلەر بولۇپ،ئۇلاردىن بۇرۇن مالاي تاقىم ئاراللىرىغا ئاۋسترالىيە ئىرقى (Australoid)دىكىلەر،نېگرىتو ئىرقىدىكىلەر،مېلانېزىيەلىكلەر كۆچۈپ كىرگەن ئىدى.يېڭى مالايلار بولسا بەييۆ ، داياكلار ۋە ئۇلانىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
ئىپتىدائىي مالايلار :ئارخېلوگىيلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارغا ئاساسلانغاندا،مىلادىيەدىن ئاۋالقى 2500يىل بۇرۇن ئىپتىدائىي مالايلار مالاي تاقىم ئاراللىرىغا تارقالغان بولۇپ،بەلگىلىك دېھقانچىلىق تېخنىكىسىغا ئىگە بولغان.
ئارىلاش مالايلار:ئارىلاش مالايلار مىلادىدىن ئاۋالقى 1500يىل بۇرۇن مالاي تاقىم ئاراللىرىدا ياشىغان بولۇپ ،كۆپ قىسمى دېڭىز بويلىرىدا ئولتۇراقلاشقان،ھەم بېلىقچىلىق تېخنىكىسى خېلى تەرەقىي قىلغان.
مالاي تاقىم ئاراللىرىدىن كېلىپ چىققانلىق تەلىماتى
بۇ خىل قاراشنى قۇۋۋەتلەيدىغانلار ئاساسلىقى:J.Crawfurd, K.Himly, Sutan Takdir Alis jahbana،Gorys Keraf قاتارلىقلار.
ئاساسلىرى تۆۋەندىكىدەك:
1.مالايلار ۋە ياۋالار 19-ئەسىردە ناھايىتى يۇقىرى مەدەنيەتكە ئىگە بولغان بولۇپ، بۇخىل مەدەنىيەتكە پەقەت يەرلىك مەدەنىيەتنى توختىماستىن تەرەقىي قىلدۇرغاندىلا ئاندىن يەتكىلى بولىدۇ.بۇ مالايلار ھەرگىزمۇ باشقا جايدىن كەلگەن بولماستىن بەلكى شۇ يەردە پەيدا بولغانلىقىنى چۈشەندۇردۇ.
2.K.Himly مالاي تىلى بىلەن كىمەر تىلىنىڭ ئوخشىشىدىغانلىقىغا قوشۇلمايدۇ،ئىككى خىلنىڭ ئوخشىشىپ كېتىغانلىقىنى پەقەت يۈزەكى ھادىسە،يېتەرلىك ئاساسىي يوق دەپ قارايدۇ.
3.ياۋا ئارىلىدا بايقالغان سولو مايمۇنسىمان ئادىمى ۋاجا ئادىمىنىڭ تاش قاتمىسىدىن ئىپادىلنىشىچە،مالايلار مالاي تاقىم ئاراللىردا پەيدا بولغان بولۇپ،بەلكىم ياۋا ئارىلدىن تارقالغان بولۇشى مۇمكىن.
4.مالاي تاقىم ئاراللىرىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىللىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھىندى-ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسغا تەۋە تىللارغا ئوخشىمايدۇ.
مەنبە:ئوغۇلچاق مۇنبىرى(www.oghulchaq.co.cc) تەرجىمىدە:بىلگە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-16 09:59 PM
|