تىرىشچان ئەزا
ئەسكەرنىڭ مەسئۇلىيىتى (تەرجىمە ئەسەر) كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولمىغان ئىنسانلارنىڭ قولىدىكى ھەربىر تەشەببۇس، ھەر بىر پىكىر، ھەر بىر غايە، ھەر بىر خەلق ئېغىر خەتەر ۋە ئۆلۈم تەھىتىدى ئاستىتا قالىدۇ. 1912- يىلى چاناققەلئە ئۇرۇشىدىكى نۇرۇل بەھىر ئۇرۇش پەرەخۇتىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ئىسمائىل ئىسىملىك ئەسكەر قاراڭغۇ كېچىدە بىر نەرسىنىڭ يۇرۇق نۇر چاشقان ھالدا ئۆزى نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان پەرەخۇتقا قاراپ كېلىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ قالىدۇ. بۇ نەرسە دۈشمەننىڭ پەرەخۇتتىن پەرەخۇتقا قارىتىپ قويۇپ بېرىدىغان سۇ بومبىسى ئىدى. بۇ بومبا پەرەخۇتقا تىگىپ پەرەخۇتنى پارتىلىتىۋېتىدىغانغا پەقەت بىرقانچە سىكونت ۋاقىت قالىدۇ. پەلەڭئى دەريا پەرخۇتىمۇ مۇشۇنداق بىر بومبا بىلەن چۆكتۈرۈۋېتىلگەن ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا ئەھۋال شۇنچىلىك ئېغىر ئىدىكى ھەتتا بىر تال زەيتىنمۇ بەكمۇ قىممەتلىك ئىدى. دۆۋلەتنىڭ كېرەكسىز يەرگە ئاتىدىغان بىر تال ئوقنىمۇ چىقىم قىلغىدەك ئەھۋالى يوق ئىدى. ئەمما، لېكىن ھازىر بولسا دۆۋلەتنىڭ زىيان تارتىدىغىنى ناھايىتى چوڭ بىر ئۇرۇش پەرخۇتى ۋە يۈزلەرچە ئەسكەر ئىدى. ئىسمائىل سىكۇنت ئىچىدە بىر قارارغا كەلدى ۋە شىددەت بىلەن كېلىۋاتقان سۇ بومبىسىنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى ئېتىپ ئۇ بومبىنى ئۆز ۋۇجۇدى بىلەن توستى. ئونىڭ ۋۇجۇدىدىن قالغىنى بولسا پارتلاشتا پەرخۇتقا چاچرىغان بارماقلىرىنىڭ بىرقانچە كىچىك بارچىلىرى ئىدى. قەھرىمانلىق دېگەن نەرسە كۆپ ۋاقىتلاردا ناھايىتى يوقۇرى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئاستىدا بارلىققا كېلىدۇ. دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بۇ ئاددى ئەسكىرى ئىسمائىلنىڭ بۇ ھەركىتى پەقەتلا ئىنسان ۋە ماددى زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەركىتى ئەمەس ئىدى. ئۇ شۇنداق بىر نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ئىدىكى، ۋەزىپىسىگە بولغان مەسئۇلىيەت ۋە جاۋاپكارلىغى ئۈچۈن پىدا قىلغان ھاياتى مىللىتىنىڭ روھى بولدى. مىللەتلەر بەرداشلىق بىرىشكە، ۋەزىپە ئەخلاقىغا، شەرەپ ۋە سەزگۈرلۈككە بىر پەرەخۇتقا مۇختاج بولغاندىنمۇ بەكىرەك مۇختاجدۇر. دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بۇ ئاددى ئەسكىرى ئىسمائىل مىللىتىگە بۇلارنى بىرەلىدى. سىزنىڭ ھاياتىڭىزمۇ بىر نۆۋەتچىلىك ھاياتىدۇر. بارلىق نۆۋەتچىلەر ئۆز قاراۋۇللىغىنى، كۈزەتچىلىكىنى بۇ قەھرىماندەك تۇتىشى كېرەك. سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ سۇ بومبىسى كۆكرىكىگە كەلگەن ۋاقىت، ھاياتلىقنىڭ يۈرەككە ئۇلاشقان ۋاقتىدۇر. ئىسمائىل سۇغا سەكرىگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئارقىسىدا مىليونلارچە خەلقى بار ئىدى. ئىسمائىلى بولمىغان بىر ئەسكىرى قۇۋۋەتنىڭ ئىگە بولغان نەرسىسىنىڭ ھىچ بىرسىنىڭ قىممىتى يوقتۇر. بۇنىڭدىن يۈزلەرچە يىللار بۇرۇن پاك ئېتىقاتلىق ئىسمائىل دادىسى ئىبراھىمنىڭ پىچىغى ئاستىدا ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش، ئۆزى قىلىشقا تىگىشلىك خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن ھاياتى بەدىلىگە دادىسىغا بويۇن ئەككەن بولۇپ، بۇنىڭ بەدىلىگە ئاسماندىن بەركەت، بەركەتلەر ياققان، ياردەمگە ئېرىشكەن ئىدى. ئىبراھىم پەقەت ئىسمائىل بىلەن ئىبراھىمدۇر. ئىسمائىل بولغان ھەرقانداق يەردە بەركەت باردۇر، غەلبە باردۇر، خاتىرجەملىك باردۇر. مەنە، مۇشۇنداق بولغانلىغى ئۈچۈن ئىسمائىلگە ئىگە بولالمىغانلار دۇنيانىڭ ھىچ بىر يېرىدە ھىچقاندا بىر نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ. ئەگەر چولپانلاردىن، ئاۋانگارتلاردىن تەييارلانغا بىر گوروپ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ۋەزىپىسىنى بىلىدىغان جاۋاپكارلىق تۇيغۇسىغا ئىگە بىر كىشى بولمىسا ئۇلار مەغلۇبىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
http://hubeyb33.blogcu.com/sorumluluk-bilinci/2231113
دىن تەرجىمە قىلىندى
پاش قىلىش
ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن
مەستانە ئـــەزا
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ