مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1187|ئىنكاس: 6

سىزنىڭ پاراشوتىڭىزنى كىم تەييارلىدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30816
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8800
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 4802 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 06:15:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                       سىزنىڭ پاراشوتىڭىزنى كىم تەييارلىدى
                                      (تەرجىمە ئەسەر)

    چارلېس پلۇمب ۋىتنام ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئامىركىلىق، تەجرىبىلىك بىر كۈرەشچى ئايرۇپىلانى ئۇچقۇچىسى ئىدى. بىر قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا ئايرۇپىلانى زەخمىلەندى ۋە پارتىلاپ كېتىشتىن بۇرۇن بىخەتەرلىك قولىنى تارتىشقا ئۈلگۈرۈپ ئايرۇپىلاندىن سەكرىدى. پاراشۇتى ئېچىلدى ۋە سالامەت يەرگە چۈشتى. ئەمما ۋىتنام ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىنىپ 6 يىل ۋىتنام تۇرمىلىرىدا ياشىغاندىن كېيىن ئەركىنلىكىگە ئېرىشىپ ئامىركىغا قايتىپ كەلدى.
    ئەمدىلىكتە بولسا ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشى يىغىلىش ۋە يىغىنلاردا كىشىلەرگە ۋىتنام تۇرمىلىرىدىكى ھاياتىنى ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرىش ئىدى.
    بىر كۈنى پلۇمب ئايالى بىلەن بىر رىستۇراندا تاماق يەپ ئولتۇرغان ئىدى. يان تەرەپتىكى شىرەدە ئولتۇرغان كىشىلەردىن بىرسى پلۇمبنىڭ يېنىغا كېلىپ- "مەن سېنى تۇنۇدۇم، سەن Kitty Hawk ئۇرۇش پەرخۇتىدىن ۋىتنامغا ئۇچتۇڭ ۋە ئايرۇپىلانىڭ چۈشتى" دېدى،
    پلۇمب ھەيران قېلىپ- "سۆزلىرىڭگە ئىشەنگىم كەلمەيلا قالدى، سەن بۇ ئىشلارنى قانداق بىلىسەن؟" دېدى.
     - ناھايىتى ياخشى بىلىمەن، چۈنكى سېنىڭ پاراشوتۇڭنى مەن تەييارلىغان ئىدىم، دېدى ئۇ كىشى.
    پلۇمب ئاجايىپ بىر ھاياجان ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ئورنىدىن تۇردى- دە ئۇ كىشىنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇرۇپ رەخمەت ئېيتتى. ئۇ ئادەم- "ئۇ پاراشوت ساڭا قىيىنچىلىق تۇغدۇرمىغاندۇ" دېدى. پلۇمب- ئەگەر بىرەر چاتاق چىقارسا ئىدى بۈگۈن بۇ يەردە سېنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمىگەن بۇلار ئىدىم دېدى.
    پلۇمب ئۇ كېچە پەقەت ئۇخلىيالمىدى. كېچىچە ئۇ ئادەمنى ئويلاپ چىقتى. دېڭىز ئارمىيەسىدە ئىكەن ئەجەبا قانداق ئادەم ئىدى، كىمگە ئوخشايتتى، ئاق شەپكە، كۆك چاپان، مېتال تۈگمىلىرى بىلەن يۈزلەرچە ئەسكەرلەر ئىچىدىن ئۇنى قانداقمۇ تۇنۇيالايتتى. بەلكىم پلۇمب كېمىدە ئۇنى يۈزلەرچە قېتىم كۆرگەندۇ، ئۇچراشقاندۇ، ئەمما بىرەر قېتىم بولسىمۇ سالام بەرمىگەن ئىدى. چۈنكى نىمىلار دىگەن بىلەن پلۇمب بولسا بىر  كۈرەشچى ئايرۇپىلان ئۇچقۇچۇسى ئۇ بولسا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئادەتتىكى بىر ئەسكىرى ئىدى.
    كىم بىلىدۇ، بەلكىم ئۇ دېڭىزچى ئەسكەر ھەر كۈنى قانچە سائەتلەپ پەرخۇتنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدە بۇرۇقتۇرمىلىق بۆلمىلىرىدىكى قۇرۇق تاختەيلەر ئۈستىدە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ شۇنچىۋولا يىپلارنى ۋە پاختىدىن توقۇلغان لاتىلارنى گويا بىر ئادەمنى ئوپىراتسىيە قىلىۋاتقان دوختۇردەك پۈتۈن دىققىتى بىلەن رەتلەپ، قاتلاپ ئۇ پاراشوتلارنى تەييارلىغان بولغىيتتى. بەلكىم ئۇنىڭ قوللىرى قانچە قېتىملاپ باشقا بىر كىشىلەرنىڭ تەغدىرىنى تۇقۇغان بولغىيتى. بەلكىم ئۇنىڭ قوللىرى قانچە قېتىملاپ باشقا كىشىلەرنىڭ ھايات قېلىشىغا ياردەمچى بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. يەنە كېلىپ ئۇ بۇ كىشىلەرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ھىچ بىلمەيتتى، بىلمەي تۇرۇپ ئەنە شۇنداق ئۈنسىز ئىشلەيتتى.
   ئەمدىلىكتە بولسا پلۇمب يىغىن ۋە يىغىلىشلاردا شۇنداق دەيتتى:- سىزنىڭ پاراشوتىڭىزنى كىم تەييارلىدى؟ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەتراپىدا ئونىڭ ئۈچۈن بىر ئىشلارنى قىلىپ، ئۇنىڭ ھاياتىنى ئاسانلاشتۇرغان، ئونىڭ ھاياتىغا ھايات قوشقان كىشىلەر بولىدۇ. قېنى ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، سىلەرنىڭ پاراشوتىڭلارنى كىم تەييارلىدى؟ مەن دۈشمەن تەرەپكە چۈشكەن ۋاقتىمدا يالغۇز بىرتاللا پاراشوتۇم ئەمەس، ناھايىتى كۆپ پاراشوتۇم بار ئىدى.
    ھاياتىمىزدا، تۇرمۇشىمىزدا بىزنىڭ ئۈچۈن مىھنەتسىز، ساداسىز تەر تۆككەنلەرنى، تۆكىدىغانلارنى، تۆكىۋاتقانلارنى، ياردەمچى بولۇۋاتقانلارنى بىلىشىمىز مۇمكىن، بىلىمىز، ھىس قىلىمىز. ئەمما كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇلارغا رەخمەت ئېيتمايمىز، ئۇلارغا بولغان مىننەتدارلىغىمىزنى بىلدۈرمەيمىز، ئىپادىلىمەيمىز. ھەتتا ئۇلار ئۈچۈن ئاددى بىر سالامنىمۇ ئايايمىز.
    ئەسلىدە بىز كۆزگە ئىلمىغان، نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلىۋەتكەن. رەخمەت ۋە سالاملاردەك بۇ ئاددى سۆزلەر بىزنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىمىزنىڭ ئىسپاتىدۇر، بىزنى ھۆرمەتلىك، ئىززەتلىك قىلغان، قىلىدىغان مۇھىم سۆزلەردۇر. بۇ يىل، بۇ ئاي چىقماستا سىزمۇ سىزنىڭ پاراشوتلىرىڭىزنى ھازىرلىغان كىشىلەرگە بىر رەخمەت بولسىمۇ ئېيتىشنى ئۇنۇتماڭ، سىزمۇ باشقىلارنىڭ پاراشوتلىرىنى ھازىرلاپ بىرىش ئۈچۈن تىرىشىڭ.

http://www.kigem.com/content.asp?bodyID=3212
دىن تەرجىمە قىلىندى.

بىرنى بىر دەيتمىز ماخما!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10414
يازما سانى: 1428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15301
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 9546 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 11:48:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
« ...ئەسلىدە بىز كۆزگە ئىلمىغان، نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلىۋەتكەن. رەخمەت ۋە سالاملاردەك بۇ ئاددى سۆزلەر بىزنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىمىزنىڭ ئىسپاتىدۇر، بىزنى ھۆرمەتلىك، ئىززەتلىك قىلغان، قىلىدىغان مۇھىم سۆزلەردۇر. بۇ يىل، بۇ ئاي چىقماستا سىزمۇ سىزنىڭ پاراشوتلىرىڭىزنى ھازىرلىغان كىشىلەرگە بىر رەخمەت بولسىمۇ ئېيتىشنى ئۇنۇتماڭ، سىزمۇ باشقىلارنىڭ پاراشوتلىرىنى ھازىرلاپ بىرىش ئۈچۈن تىرىشىڭ. » بۇ ئابزاسنى قايتا- قايتا ئۇقۇپ چىقىش ۋە ئەستە ساقلاشقا تىگىشلىككەن.

قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىنىڭ باھاسى قىممەت بۇلىدۇ!

بىرنى بىر دەيتمىز ماخما!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10414
يازما سانى: 1428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15301
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 9546 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 11:48:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەرەپ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-17 11:54 AM  


قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىنىڭ باھاسى قىممەت بۇلىدۇ!

بىرنى بىر دەيتمىز ماخما!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10414
يازما سانى: 1428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15301
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 9546 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 11:49:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ ئەسەر ئادەمگە ئاددى ئەمما ئەڭ مۇھىم قائىدىنى چۈشەندۈرۈدىكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەرەپ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-17 11:51 AM  


قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىنىڭ باھاسى قىممەت بۇلىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 05:35:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Made in Answer

ئوماق قوزام!!!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1917
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9902
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 549 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 07:46:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەرجىمە ئەسەركەن... ئەجرىڭىزگە رەھمەت

ئىزدىمىگىن گۈزەللىكنى ھەر ياندىن ، گۈزەللىك ئۆز قەلبىڭدە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89016
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-12-23
ئاخىرقى: 2012-12-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 10:49:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
寻找梦中的魂.南宁网站建设我们更企盼明天.










。南宁网站建设www.eformor.com
。上海代开www.gxplmm.com
南宁seo,南宁seo优化www.eformor.com

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش