ياشىن تورى خەۋېرى :ياۋمىڭنىڭ بوي ئىگىزلىكى 2.26مىتىر،بىراق خۇتەننىڭ قارقاش ناھىيەسىدىن كەلگەن دىھقان ئانايىتنىڭ بۇيى ياۋمىڭدىن پەقەت 9سانتىمىتىرلا پاكار .يېقىندا بۇ بوي ئىگىزلىكى 2.17كىلىدىغان بۇ گىگانىت ئادەم قەنىت كىسىلى بىلەن ئۈرۈمچىگە داۋالانغىلى كەلگەن.15-چىسلا بىر ئادەم بىزگە تېلفۇن بىرىپ خەلىق دوختۇرخانىسىغا بىر گىگانىت ئادەمنىڭ داۋالانغىلى كەلگەنلىكىنى بۇ ئادم ئادەتتە ئولتۇرسىمۇ ئۆرە تۇرغان ئادەم بىلەن تەڭ تۇردىغانلىقىنى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە رەسىمگە چۈشىۋاتقانلىقىنى دېدى.
شۇ كۈنى سائەت 12دە مۇخبىر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق دوختۇرخانىسىنىڭ سۈيدۈك بۈلىمىگە كىلىپ بۇ گىگانىت ئادەم بىلەن كۆرۈشتى،ئۇ كارۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىۋاتقان بۇلۇپ سول پۇتىغا قېلىن داكا ئورالغان ئىدى.ئۇنىڭ بۇيى ئىگىز بولغاچقا كارۋاتتىن پۇتى چىقىپ قالغان بۇلۇپ،يەنە بىر جۈپ ئالاھىدە چوڭ نۇمۇرلۇق ساپما كەشمۇ پەستە تۇراتتى.
ئۇ مۇخبىرغا بۇ يىل 47ياشقا كىرگەنلىكىنى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى بۇ يەرگە كىسەل داۋالىتىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئۇنىڭ ئۆيىدىكلەرنىڭ بۇيىنىڭ نۇرمال ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭمۇ 18ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن نۇرمال بۇلۇپ 18ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن بىراقلا ئىشتىھاسىنىڭ بىراقلا ئېچىلىپ بۇيىنىڭ ۋە ئېغىرلىقىنىڭ بارغانسىرى ئاشقانلىقىنى بۇيىنىڭ ئەسلى 2.25كىلىدىغانلىقىنى لىكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېشىنىڭ چۇڭىيىشى ۋە تۇلا ئاغرىپ قېلىش تۈپەيلى بۇيىنىڭ پاكارلاپ 2.17گە چۈشۈپ قالغانلىقىنى دەپ بەردى.
ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بەك چوڭ بولغانلىقىدىن كىيىم -كىچەك ۋە ئاياغ سېتىۋېلىشتا ناھايىتتى قىينىلىدىغانلىقىنى ،ئايالىنىڭ بىر قانچە يىل بۇرۇن ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ھازىر پۇلىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكى تۈپەيلى دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولغانلىقىنى دەپ بەردى.
مۇخبىر قارىقاش ناھىيەسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭ ئائلىسىدە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق بارلىقىنى ئۇنىڭ ئايدا خەلىق ھۆكىمىتىدىن 150يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئالىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى.لىكىن دوختۇر ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى سول پۇتىنىڭ سېسىپ كىتىشكە قاراپ ماڭغانلىقىنى دېدى.
مەنبە: ياشىن تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-16 05:39 PM