شىنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى <ئاسپىرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى> تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
2012- يىلى 6- ئاينىڭ 16 - كۈنى ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازار 4- قەۋەت مەرىكە زالىدا ،ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9 دە ئۆز تۈرك شىركىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاسپىرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
مەزكۇر مۇراسىمغا ئۈرۈمچىدىكى بارلىق تېلۋىزىيە، رادىئو ئىستانسىلىرى ، بىر قىسىم توربېكەتلەر ،شۇنداقلا ھەرقايسى گېزىتلەرنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشقان بولۇپ ،پائالىيەتكە 500 گە يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلدى.
____________ مەزكۇر پائالىيەت تاھىر ئىمىن ئەپدندىمنىڭ مۇستەقىل پىلانلىشى ،ئۆز تۈرك شىركىتىنىڭ بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەت كۈرەش ئەپەندىم ۋە شەمسىيە خانىملارنىڭ رىياسەتچىلىك قىلىشى بىلەن مۇۋەپپىقىيەتلىك باشلاندى.
10 نەپەر ئاسپىرانت قىزلارنىڭ 10 خىل تىلدا <ئۆزتۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئاسپىرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ھازىر باشلاندى> دېگەن سۆزى بىلەن پائالىيەت تېخىمۇ جۇشقۇنلۇققا تولدى!
پائالىيەتكە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ،ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى رەھىمە خانىم ، ھاجى مۇختار بۇغرا،ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىۋىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەسەنجان ئابدۇراخمان ،سەنئەت ئىنىستۇتىنىڭ پىروففىسورى ئىمىن ئەھمىدى ،مۇنبىرىمىز پەخىرلىك يازغۇچىسى ئابدۇۋېلى ئايۇپ گۈلەن ئەپەندىلەر تەكلىب بىلەن قاتناشتى.
پائالىيەت باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئاپتونۇم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رەھىمە خانىم قىسقىچە يازما سۆزى قىلدى.
ئارقىدىنلا ئۆزتۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ لىرىدى ئابدۇلئەزىز ئابدۇقادىر سۆز قىلدى.
ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىۋىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەسەنجان ئابدۇراخمان بۇ پائالىيەتنىڭ تولىمۇ جايىدا ھەم مائارىپنى قوللاش تەرىپىدىن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكى توغرىسدا سۆز قىلدى.
سەنئەت ئىنىستۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى ،پروففىسور ئىمىن ئەھمىدى بۇنداق پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشنىڭ رايونىمىز مائارىپىغا نىسبەتەن چوڭ رىغبەتلەندۈرۈش كۈچىنى ئوينايدىغانلىقى توغرىسىدا سۆز قىلدى ھەم ئۆز تۈرك شىركىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدى.
بۇ پائالىيەتنىڭ 1- قول ئورۇنلاشتۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندىم بۇ پائالىيەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيتى ،رولى ،شۇنداقلا يەنە 10 يىل ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن مەزكۇر پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى!
پائالىيەت باشلىنىپ يېرىم سائەتلەرچە بولغاندا ئامېرىكا كانزاس ئۇنىۋرسىتىتى تىلشۇناسلىق ماگىستىر ئاسپرانتى ، ئۇيغۇرتىل تەتقىقاتچىسى ۋە مۇستەقىل مائارىپچى ،مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەكلىبلىك ئالاھىدە ئەزىز مېھمىنى ئابدۇۋەلى ئايۇپ گۈلەن ئەپەندىم سۆزگە تەكلىب قىلىندى.
يىغىنغا يەنە ھەرقايسى دۆلەت كىشىلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.
ئارقىدىنلا مەرىپەتپەرۋەر ئاتا ئانىلار مۇكاپاتلاندى. شىركەت دېرىكتورى ئابلەتخان ئەپەندى بۇلارغا قىزلىرىنىڭ شەرەبپ گۇۋاھنامىلىرى ۋە شىركەتنىڭ ماددىي بويۇم سوۋغاتلىرىنى تەقدىم قىلدى.
نۇرغۇن قىزلارنىڭ ئىلمىي نەتىجىسى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ ئۇلار مۇشەققەتلىك ئوقۇش ھاياتىنى ئۆز ئىرادىسى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن يەڭدى ،ئۆزتۈرك شىركىتى ئاسپرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ شەرەپ ساھىبلىرىنى ئېلان قىلدى
.
بۇ قىزلاردىن يەنە 1- مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى خارۋارد ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى ماھىنۇر مەتتوختى بولدى.ماھىنۇر مەتتوختىنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرلىشى ئوقۇپ ئۆتۈلدى،ئاندىن بارلىق قىزلارنىڭ ئىسىملىكى ئوقۇلۇپ سەھنىگە چىقىپ مۇكاپاتقا نائىل بولدى.
ھەرقايسى ئورۇندىن كەلگەنلەر خاتېرە سۈرەتكە چۈشتى..
گۈلەن ئەپەندىم ھاجى مۇختەر بۇغرا بىلەن سۆھبەتتە
پائالىيەت ئاخىرىدا لىرىك گېتتار مۇزىكىسى ،غىجەك مۇزىكىسى قاتارلىقلار ئورۇندىلىپ سورۇن كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈردى!
بىز تورىمىز نامىدىن ئۆزتۈرك شىركىتىنىڭ مۇشۇنداق خاسىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكىگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز،شۇنداقلا ھەر يىلقى پائالىيەتنىڭ مۇشۇنىڭدەك مول مەزمۇنلۇق بولىشىنى ،شىركەتنىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز!
2012 - يىلى 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-16 05:29 PM
|