ئەرز قىلىش شەرتى
بىمارلار دوختۇرخانىلار ۋە ئۇنىڭ تىبىبى خادىملىرى داۋالاش جەريانىدا داۋالاش زىيىنى پەيدا قىلدى دەپ قارىسا، سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئەرز تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك:
1. ئېنىق جاۋاپكار بولۇشى كېرەك. يەنى داۋالاش زىيىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دوختۇرخانا ئېنىق بولۇشى كېرەك. ئەگەر بىمار ئىككىدىن ئارتۇق دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ، داۋالاش زىيىنى پەيدا بولغان ھەمدە بۇ داۋالاش زىيىنىنى قايسى دوختۇرخانىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېنىقلاش مۈمكىن بولمىسا، ھەرقايسى دوختۇرخانىلارنى ئەرزىگە جاۋاپكار قىلىپ قوشۇشى كېرەك. ئادەتتە دوختۇرخانىلارنىڭ تىببى خادىملىرىنى جاۋاپكار قىلىپ قوشۇشقا بولمايدۇ.
2. ئېنىق دەۋا تەلىپى بولۇشى كېرەك. يەنى دوختۇرخانا قانچىلىك زىياننى تۆلەش جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدانلىقىنى ئېنىق يېزىش كېرەك.
3. پاكىت ئاساسى ۋە مۇناسىپ دەلىل-ئىسپات بولۇشى كېرەك. يەنى دوختۇرخانىدا داۋالانغان پاكىت، كېلىپ چىققان زىيان ئېنىق بولۇشى كېرەك. يەنە دېئاگنوز ئىسپاتى، پۇل تۆلەش تالۇنى، كېسەللىك ئارخىپى، باشقا دوختۇرخانىلارنىڭ ئىسپاتى دېگەندەك دەلىل-ئىسپاتلار بولۇشى كېرەك.
بىمارلار دېلو قۇبۇل قىلدۇرۇشتا ئۆزىنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسىلا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن دېئاگنوز ئىسپاتى، پۇل تۆلەش تالۇنى دېگەندەك دەلىل-ئىسپاتلار بولسىلا كۇپايە. داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاشنامىسى، داۋالاش سەۋەنلىكىنى باھالاشنامىسى قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇش شەرت ئەمەس. ئەمما داۋالاش زىيىنى كېلىپ چىققانلىقىنى بىمارلار ئۆزى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بۇلارنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن باشقا دوختۇرخانىلارنىڭ بولۇپمۇ يوقۇرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ دېئاگنوز قەغىزى زۆرۈر بولىدۇ.
دوختۇرخانىلار بولسا ئۆزىدە خاتالىق يوق ئىكەنلىكى، خاتالىق بىلەن زىيان ئوتتۇرىسىدا سەۋەپ نەتىجىلىك مۇناسىۋەتنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىشى كېرەك. ئەگەر دوختۇرخانىلار بۇلارنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، دەۋادا پايدىسىز ئاقىۋەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1. ئالدى بىلەن كېسەللىك ئارخىپىنى كۆپەيتىۋېلىڭ. بۇ سىزنىڭ ھوقۇقىڭىز بولۇپ، سىز ياكى ئۇرۇق-تۇققانلىڭىز كېسەللىك ئارخىپىنى كۆپەيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسىڭىز، دوختۇرخانىلار كۆپەيتىپ بېرىدۇ.
2. كېسەللىك ئارخىپىدىكى مەزمۇنلارنىڭ چىنلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈڭ. يەنى كېسەللىك ئارخىپى ئۆزگەرتىلگەنمۇ يوق، بىر-بىرىگە زىت مەزمۇنلار بارمۇ يوق دېگەندەك.
2. دوختۇرخانىدا سەۋەنلىك بار ياكى يوقلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈڭ. يەنى دوختۇرخانىلاردا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزانلارغا، قائىدىلەرگە، ئۆلچەملەرگە خىلاپلىق قىلغان ئەھۋال بارمۇ يوق، دېگەندەك. دوختۇرلۇققا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بۇ جەھەتتىن كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ يېقىندا جۇڭخۇا تىببى پەنلەر ئىلمىي جەمىيىتى بىر قاتار مەشغۇلات ۋە داۋالاش قائىدىلىرىنى ئېلان قىلدى. سىز دوختۇرخانىنىڭ دېئاگنوزى، داۋالاش تەدبىرلىرى شۇ قائىدىلەرگە ئۇيغۇن بولغانمۇ يوق، بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈڭ، بۇ ئىنتايىن مۇھىم ھالقا. يەنە ئىشلىتىلگەن دورىلار جۇڭگۇ دورا قامۇسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇنمۇ يوق يوق، بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈڭ، بۇمۇ بەك مۇھىم.
3. سەۋەپ نەتىجىلىك مۇناسىۋەتنى دەسلەپكى قەدەمدە مۇئەييەنلەشتۈرۈڭ. يەنى كېلىپ چىققان زىيانلىق ئاقىۋەت بىلەن بىمارنىڭ ئەسلى كېسىلى ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت بارمۇ يوق، كېلىپ چىققان زىيانلىق ئاقىۋەت بىلەن داۋالاش پائالىيىتى ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت بارمۇ يوق، كېلىپ چىققان زىيانلىق ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۈمكىنچىلىكى بارمىتى دېگەندەك.
يۇقارقى جەريانلارنى پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزنىڭ تاماملاپ كېتەلىشىڭىز ناتايىن، چۈنكى بۇلار كۈچلۈك كەسىپچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. سىز ئەڭ ياخشىسى كەسىپ ئەھلىلىرى بىلەن مۇزاكىرىلىشىپ كۆرۈڭ.
شىنجاڭ خەيرىلىك ئادۋوكاتلار ئىش بېجىرىش ئورنىدىن
ئەخمەت ياسىن ئادۋوكات
ئادرېس:ئاقسۇ شەھرى دوڭخۈەن سودا سارىيى 5-قەۋەت
تېلفۇن: 13779800483
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qiwer02 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-16 11:34 AM