|
|
|
|
سىلاۋىيانلار
سىلاۋىيانلار بولسا ياۋروپادىكى مىللەت ۋە تىل گۇرۇھىلىرى ئىچىدىكى نوپۇس سانى ئەڭ كۆپ بىرى بولۇپ تەخمىنەن 340مىليون ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئاساسلىقى شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ياۋروپاغا تارقالغان. سىلاۋىيانلارنىڭ تىللىرى ھىندى-ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسنىڭ سىلاۋىيان تىللىرى تۈركۈمىگە تەۋە.
سىلاۋىيانلار ئەسلىي بۈگۈنكى پولشادىكى ۋىستۇلا(ۋىسلا)دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىندىكى قەبىلىلەردىن كېلىپ چىققان.مىلادىيە1-ئەسىردە سىرىتقا قاراپ كۆچۈشكە باشلىغان بولۇپ،6-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدە شەرقىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكلىردە پەيدا بولۇشقا باشلىغان.ئۇ چاغلاردا سلاۋىيانلار چارۋىچى مىللەتلەر بىلەن تېرىمچى مىللەتلەر ئوتتۇرىسدىكى قەبىلىلەر بولۇپ ،بەزىدە بۇلاڭ-تالاڭلارغا تايىنىپ جېنىنى ساقلىغان.6-ئەسىردىكى كېڭىيىش سلاۋىيانلارنىڭ ئايىغىنى ئوتتۇرا،شەرقىي قىسمىلىرغا يەتكۈزگەن.يېقىنقى زامانلارغا كەلگەندە رۇسسىيە زېمىننىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ سىلاۋىيانلار سىبىرىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرغا كۆچكەن.
سىلاۋىيانلارنى شەرقىي سىلاۋىيانلار،غەربىي سىلاۋىيانلار ۋە جەنۇبىي سلاۋىيانلار دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
شەرقىي سىلاۋىيانلار:رۇسلار،ئۇكرائىنلار،بېلارۇسلار،رۇسىنىلار.
غەربىي سىلاۋىيانلار:چېخلار،سلوۋاكلار،پولەكلەر،سوربلار.
جەنۇبىي سلاۋىيانلار:سلوۋېنلار،ھىراۋاتلار،سېربلار،بۇلغارلار،ماكېدونلار،بوسناكلار،قاراتاغلىقلار.
ياۋروپا تارىخىدىكى زور بىر ۋەقە بۇ ئۈچ تۈركۈم سلاۋىيانلارنى دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئىككىگە بۆلۈۋەتكەن.مىلادىيە 1054-يىلى خرىستيان دىنىدا زور پارچىلىنىش يۈز بېرىپ ،پراۋۇسلاۋىيە دىنى ۋە كاتولىك دىنى ئۆز-ئارا قارشىلىشىدۇ،شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي سلاۋىيانلار پراۋۇسلاۋىيە دىنىنى ۋەكىل قىلغان بىزانتىيە مەدەنىيەت چەمبىرىكىگە ،غەربىي سلاۋىيانلار بولسا كاتولىك دىنىنى ۋەكىل قىلغان لاتىن مەدەنىيەت چەمبىركىگە تەۋە بولىدۇ.جەنۇبىي سلاۋىيانلارغا كەلسەك،ئىككى قېتىملىق بۆلۈنۈشنىڭ جۇغراپىيلىك چېگرا سىزىقى ئۇلارنىڭ دەل ئوتتۇرا قىسىمىدىن كېسىپ ئۆتكەن بولغاچقا بىرقىسىمى غەربكە،يەنە بىر قىسىمى شەرققە تەۋە بولىدۇ،سېربلار،بۇلغارلار،ماكېدونلار،قاراتاغلىقلار بىزانتىيە مەدەنىيەت چەمبىركىگە،سلوۋېنلار،ھراۋاتلار، بوسناكلار(مۇسۇلمانلار،مەدەنيەت جەھەتتىن ھىراۋاتلارغا يېقىن) لاتىن مەدەنيەت چەمبىرىكىگە تەۋە بولىدۇ.
مەنبە:ئوغۇلچاق مۇنبىرى(www.oghulchaq.co.cc) تەرجىمىدە:بىلگە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-16 11:19 AM
|
|
|
|
|
|