مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3471|ئىنكاس: 23

چاۋشىيەن تەسىراتلىرى …( ساياھەت خاتىرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77071
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4268
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 300 سائەت
تىزىم: 2012-3-7
ئاخىرقى: 2014-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 10:38:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
-يىل 1-سىنتەبىر كۈنى.

ئېلىمىزنىڭ جىلىن ئۆلكىسىگە تەۋە يەنبيەن چاۋشيەن ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى يەنجى شەھىرىدە جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يىزىق تەرجىمە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئىدى. يىغىن تەشكىىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىز مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىپ بۇ يەردە جەم بولغان ھەر مىللەت تەرجىمانلىرى جاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەلىكىدىكى چېگرا شەھىرى راجىنغا ساياھەتكە بارىدىغان بولدۇق. بۇ كۈنبويى ئىشخانىدىن چىقماي ھۆججەت دۆۋىسىگە كۆمۈلۈپ ئىشلەيدىغان ھۆكۈمەت تەرجىمانلىرى ئۈچۈن بىر خۇشاللىنارلىق ئىش ئىدى. شىنجاڭدىن ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ بولۇپ بەش كىشى بۇ يىغىنغا بارغانىدۇق. جاۋشيەنگە بېرىش-بارماسلىقنى ئۆزىمىزنىڭ ئىختىيارلىقىغا قويدى. بۇ ساياھەت كوپىراتىپى چاۋشيەننىڭ راجىن قاتارلىق چېگرا شەھەرلىرى ۋە رويىنىڭ ۋىلادىۋوستوك قاتارلىق ئارال شەھەرلىرىگە ئىككى كۈنلۈكتىن تارتىپ يەتتە كۈنلۈككىچە چېگرا ساياھىتى رەسمىيىتى بىجىرىدىكەن. رەسمىيىتى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ كىملىك كىنىشكىمىز بىلەن بەش پارچە رەسىمدىن باشقا ئىككى كۈنلۈكىمىزگە 560 يۈەن جۇڭگو پۇلى تاپشۇردۇق. بەزىلەر «چاۋشيەندە كۆرگىدەك نېمە ئىش بار، بەك نامرات جاي ئۇ» دېيىشىپ بېرىشنى خالىمىدى. بىز 60 نەچچە كىشى چاۋشيەنگە بارىدىغان بولۇپ تىزىملاتتۇق. «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا» ئەمەسمۇ، راجىن شەھىرىگە بارغانلىق چەت ئەلگە چىققانغا ئوخشاش، دېگەن ئوي بىلەن بىز يەنجى شەھىرىدىن چاۋشيەن چىگرىسىغا قاراپ يول ئالدۇق. گەرچە بېرىپ كېلىش ۋاقتىمىز ناھايىتى قىس ھەم ئالدىراش بولسىمۇ، لېكىن راجىن شەھىرى بىزگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. بىز راجىن شەھىرىنى كۆرۈش ۋە بىرقىسىم ساياھەت ئورۇنلىرىغا بېرىش ئارقىلىق چاۋشيەن ۋە چاۋشيەن مىللىتىگە بولغان چۈشەنچىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردۇق.

چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا بىر مىللەت- كورىيان مىللىتى بولۇپ ھەممىسى بىر خىل تىل كورىيان تىلىنى ئىشلىتىدىكەن. كورىيە ئىلگىرى جۇڭگۇ تارىخىدا گاۋلى دىيىلگەن بولۇپ كورىيانلار ئۆزلىرىنى گاھىدا كورى ۋە گاھىدا چويسون دەپ ئاتىشىدىكەن، چويسون دىگىنى دەل چاۋشەننى كۆرسىتىدىكەن. چاۋشيەندە پيوڭياڭ تىلىنى ئۆلچەملىك چاۋشيەن تىلى قىلغان بولسىمۇ باشقا جايلىرىنىڭ تىلى يەرلىك شىۋىسى بويىچە پەرقلىنىپ تۇرىدىكەن. كورىيىدىكى چاۋشيەن تىلى بىلەنمۇ ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىكەن. ھازىرقى زامان چاۋشيەن تىلىدا نۇرغۇن خەنزۇچە سۆزلۈكلەر ئىشلىتىلىۋاتقان، خەنزۇ يېزىقىنى قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خەنزۇ يېزىقىنى قوللانغان ۋاقتى ناھايىتى ئۇزۇن بولغاچقا، ئۆز تىلىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، چاۋشيەن تىلىدا قوللىنىلغان خەنزۇچە خەتلەرنىڭ شەكلى ۋە مەزمۇنى جۇڭگودا قوللىنىلىۋاتقان خەنزۇچە خەت بىلەن تامامەن ئوخشايدىكەن. 1910-يىلى چارشيەن ياپونىيىنىڭ مۇستەملىكىگە ئايلىنىپ قالغاندىن كېيىن، ياپونىيە مەدەنىيەت سىياسىتى جەھەتتىن چاۋشيەننىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى بۇرمىلاش ۋە ئۆزگەرتىش بىلەن بىرگە چاۋشيەن تىلى ۋە يېزىقىنى ئىشلىتىشنى چەكلەپ، ياپون تىلى ۋە يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا مەجبۇرلىغان. 1945-يىلى ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ قاشتىل قۇللاشتۇرۇش مائارىپىنى تازىلاش ئۈچۈن ياپون مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلغان چاۋشيەن ھۆمۈمىتى يېرىم ئارالنىڭ شىمالىدا بىرقاتار مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىپ، مىللىي مائارىپنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى تۇردۇزۇپ، چاۋشيەن تىلىنى ساپلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ھەمدە ئىمكانقەدەر چەت ئەل تىلىنى ئىشلەتمەسلىك ياكى كەم ئىشلىتىشنى، خەىزۇ يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەكىتلىگەن. شۇڭا ھازىرقى چارشيەن تىلىدا خەنزۇچە سۆزلۈك بولسىمۇ، خەنزۇچە خەتنى كۆرگىلى بولمايدىكەن. ئەمما كورىيىدە خەنزۇچە خەتلەرنى داۋاملىق قوللىنىپ كەلگەن، بىز تەرجىمان ئارقىلىق بۇ ئەھۋالنى چۈشىنىپ، چاۋشيەننىڭ يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئېلىمىزگە قوشنا شەھەر خۇيچۈن شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدا چاۋشيەننىڭ تۇنجى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى-«راجىن-سېڭبوڭ» ئالاھىدە رايونى تەسىس قىلىنغانلىقى، بۇ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنىڭ «راجىن» بىلەن «سېڭبوڭ» دىن ئىبارەت ئىككى شەھەردىن تەركىپ تاپقانلىقىنى بىزنىڭ بارىدىغان نىشانىمىز دەل مۇشۇ ئىقتىسادىي رايونغا تەۋە راجىن شەھىرى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق.

چېگرادا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم
بىزنى يېتەكلەپ ماڭغان جۇڭگولۇق تەرجىمان ئۆزىمۇ چاۋشيەن مىللىتىدىن بولۇپ، يەنجى شەھىرىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانىكەن. ئۇ توختىماي راجىن شەھىرىنى تونۇشتۇرۇپ تۇراتتى. راجىن شەھىرى ياپون دېڭىزىنىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، چاۋشيەنلىكلەر بۇ دېڭىزنىڭ ئۆزىگە تەۋە تەرەپنى شەرقىي چاۋشيەن دېڭىزى دەيدىكەن. بۇ دېڭىزنىڭ بىر پىشى روسىيىگە تەۋە ۋىلادۋوستوك شەھىرىگە تۇتۇشىدىكەن. بىز يەنجى شەھىرىدىن جۇڭگو چېگرا قاراۋۇلخانىسىگە تۇتاشقىچە پۈتۈنلەي قاتتۇرۇپ قارامايلاشتۇرۇلغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بىلەن بارغاچقا ناھايىتى تېزلا تۇمېنجياڭ دەريا بويىدىكى جۇڭگو تەرەپ قاراۋۇلخانىسىدىكى چېگرىدىن چىقىش ئېغىزىغا كېلىپ قالدۇق.

جۇڭگو تەرەپنىڭ يوللىرى ناھايىتى راۋان، ئېتىز، ئېرىقلىرى ناھايىتى رەتلەك، تاغ، ئىدىرلىرى ياپيېشىل ئورمان ۋە ئوت-چۆپ بىلەن قاپلانغانىدى. ئېتىزدىكى كۆممۇقاناقلار ناھايىتى تەكشى بولۇپ، دېھقانلار ئېتىزلاردا ۋە يول بويلىرىدا ئاندا-ساندا كۆرۈنەتتى. ھەر خىل ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى، ئېسىل ئاپتوبوسلار بىز چاۋشيەننىڭ چېگرىسىگە بارغىچە ئۈزۈلمەي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. بۇ ماشىنا-ئاپتوموبىللارنىڭ مۇتلەق كۆپۈنچىسى جىلىن ئۆلكىسى ۋە جەنۇبى جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇ يەرگە ساياھەتكە ياكى چېگرا سودىسى قىلىشقا كەلگەن جۇڭگولۇق ساياھەتچى ۋە سودىگەرلەر ئىكەن. بىزنىڭ چېگرىدىن ئۆتۈش پاسپورتىمىزنى ساياھەت كوپېراتىپى بىر تۇتاش بىجىرگەن بولۇپ، ئادەتتىكى بىر ۋاراق سېرىق قەغەز ئىدى. بىز جۇڭگو چېگرىسىدىن ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ چاۋشيەن چېگرىسىغا ئۆتۈپ كەتتۇق. بىز تەلەپ بويىچە تىزىلىپ چاۋشيەن چېگرىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتىدىغان چاغدا جۇڭگودىن چاۋشيەنگە بارىدىغان ساياھەتچى ۋە سودىگەرلەر خېلى كۆپ بولغاچقا، ھەممىمىز ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ يىرىم سائەتچە چېگرا تەكشۈرۈش زالىدا ساقلاپ تۇردۇق. بىزنى باشلاپ ماڭغۇچى تەرجىمان بىزگە «كۆۋرۈكتىن تىزىلىپ پىيادە ئۆتىمىز. قارشى تەرەپتىكى چاۋشيەن ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ئاپتوبۇسى بىلەن راجىن شەھىرىگە كىرىمىز. يول بويى سۈرەت تارتىشقا بولمايدۇ. يانفوننى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. چاۋشيەن تەرەپتىكى يولداشلار يول بويى بىزگە چاۋشيەنننى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى تونۇشتۇرۇپ ماڭىدۇ. ھەممىمىزنى پاسپورتتىكى نومۇر بويىچە چاقىرىدۇ. ئۇلارغا يېقىندىن ماسلىشىپ ئىش كۆرەيلى» دېدى.

بىزنى تەكشۈرۈش خېلى ئەستايىدىل بولدى. يانچۇق ۋە سومكىلىرىمىزنى تەكشۈرۈپ بولۇپ، پاسپورتتىكى رەسىمىمىز بىلەن بىر-بىرلەپ قاراپ ئۆتكۈزدى. چېگرادىكى ئەسكەرلەر ۋە خادىملار ناھايىتى ھۇشيار كۆرۈنەتتى. كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپلا قارشى تەرەپتىن ئالدىمىزغا كەلگەن بىر كونا ئاپتوبۇسقا بىر-بىرلەپ چىقىپ، ھەممىمىز چاقىرغان نومۇر بويىچە ئاپتوبۇستىن ئورۇن ئالدۇق. ئۇلاردىن بىر تەرجىمان، بىر ساياھەت كوپېراتىپىنىڭ مۇدىرى ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، بىزنى باشلاپ قويۇق ئورمان بىلەن قاپلانغان ئېەىز داۋان ۋە تاغ يوللىرىغا قاراپ يول ئالدى. يول ئاددىي ھەم تار ئىدى. بىزنىڭ ماشىنىمىزدىن باشقا ئاندا-ساندا كىچىك ماشىنىلار ۋە يۈل ئاپتوموبىلىرى چاۋشيەن تەرەپتىن جۇڭگو تەرەپكە قاراپ چاڭ-توزان چىقىرىپ ئۆتۈپ كېتەتتى. بىر سائەتچە يول يۈرگەندىن كېيىن، بىز تېخىمۇ قويۇق ئورمانلىق تاغنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتۇق. بۇ چاغدا يولدا كېتىۋاتقان چاۋشيەنلىك دېھقانلارنىڭ تۆمۈر چاقلىق كالا ھارۋىسى ۋە يالاڭ ئاياق پىيادە كېتىۋاتقان بىرقانچە دېھقان كۆزىمىزگە چېلىقتى. ئۇلارنىڭ چىرايى ياداڭغۇ، كىيىنىشى ناھايىتى ئاددى بولۇپ، جۇڭگو يېزىلىرىدىكى دېھقانلاردىن پەرقلىنىپ كەتمەيتتى. تۆمۈر چاقلىق كالا ھارۋىسى بىزنىڭ قەدىمكى يارىيا ھارۋىسىغا ئوخشايتتى. ھايال ئۆتمەي ئېتىز-ئېرىقلار كۆرۈندى. دېھقانلار ئېتىز-ئېرىق ۋە ئورمانلىقنىڭ سايىسىدا 4-5 ياكى 3-4 كىشى بىر توپ بولۇپ ئولتۇراتتى. ئوقۇغۇچىلار ھەممىسى كۆك ئىشتان، ئاق كۆينەك كىيگەن بولۇپ، كۆپۈنچىلىرى پىئونېر ئىكەن. ئۇلار رەتلىك تىزىلغان بولۇپ پىيادە يول يۈرۈۋاتاتتى. قاتناش قورالى ئاساسەن كالا ھارۋىسى بولۇپ، ماشىنا-ئاپتوموبىللار ناھايىتى ئاز كۆرۈنەتتى. بەزى جەڭچىلەر ياكى شەپكە كىيىۋالغان دېھقان سىياقىدىكى ئەرلەر مىنىۋالغان كونا ۋېلىسىپىت بىلەن خېلى مەغرۇر كۆرۈنەتتى. تەرجىمان قىزنىڭ
قولىدىكى مىكروفون پات-پات توختاپ قالاتتى، ئاپتوبۇسمۇ ئارىلىقتا ئىككى قېتىم توختاپ، شوپۇر ناھايىتى خىجىللىق ھالدا پەسكە چۈشۈپ يوغان بىر داس سۇ ئېلىپ چىقىپ، ماشىنىغا قۇيدى. راستنى ئېيتقاندا بىز ئولتۇرغان بۇ ئاپتوبۇس چەت ئەللىكلەرنى توشۇيدىغان مەخسۇس ئاپتوبۇس بولسىمۇ ناھايىتى كونىراپ كەتكەنىدى. يول بويى شوپۇر بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. پەقەت تەرجىمان قىز ناھايىتى قىزغىن ھەم ئەدەبلىك ھالدا ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن يېنىدىكى جۇڭگولۇق تەرجىمان بىلەن قىزغىن پاراڭلىشاتتى ھەمدە بىزنى نومۇر بويىچە چاقىرىپ ناخشا ئېيتىشقا تەكلىپ قىلاتتى. ھەممىمىز ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قلىپ نىشانغا بارغۇچە يول بويى ناخشا ئېيتتۇق. ئارىلىقتا مەن تەرجىمان قىزدىن: «خەنزۇچىنى ياخشى سۆزلەيدىكەنسىز، قايسى مەكتەپتە ئوقۇغان؟ ھازىر نەدە ئىشلەيسىز؟» دەپ سورىدىم ئېھتىياتچانلىق بىلەن. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ھەممىمىزگە ئورتاق ھالدا «مەن پيوڭياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىلى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر پيوڭياڭ دۆلەتلىك ساياھەت كوپىراتىپىدا ئىشلەيمەن» دېدى. «چاۋشيەندە جۇڭگو پۇلى ئاقامدۇ؟» دەپ سورىدى، ئارىمىزدىن بىرەيلەن. ئۇ يەنە كۈلۈپ تۇرۇپ: «ئاقىدۇ، جۇڭگو پۇلى بىلەن ياۋرو ئاقىدۇ. ئامېرىكا جاھانگىرىنىڭ دوللىرى ئاقمايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ يەنە بىزگە راجىنغا بارغاندىن كېيىن يالغۇز ھەركەتتە بولماسلىقنى، يالغۇز باشقىلارنى ئۆز ئالدىغا زىيارەت قىلماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

تۇنجى تاماق ۋە ئېكىسكۇرسىيە

بىز چاۋشيەنلىك تەرجىمان قىزنىڭ تونۇشتۇرۇشى ۋە يېتەكلىشى بىلەن راجىن شەھىرىگە – ياپون دېڭىزىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان 150 مىڭ ئاھالىسى بار تۇنجى ئېچېۋىتىلگەن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىغا يېتىپ كەلدۇق. تۇنجى تاماق مۇشۇ شەھەرنىڭ بىر كوللېكتىپ ئاشخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىكەن. تازا چىڭقى چۈش ۋاقتى ئىدى. بۇ يەردىن ياپون دېڭىزى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە بىز ئاۋال تاماق يەپ ئاندىن ياتاققا ئورۇنلىشىدىكەنمىز. بېيجىڭ ۋە شىنجاڭدىن بولۇپ بىز ئۆمەكتە 11 مۇسۇلمان بىر داستىخانغا جەم بولۇشتۇق. چۈشلۈك تاماق ناھايىتى ئاددىي ئىدى. بىرقانچە خىل قورىما ۋە تەرخەمەك، پەمىدۇردىن باشقا ھەممىمىزگە بىر پىيالىدىن گۈرۈچ تامىقى تارقاتتى. بىرقانچىمىز پەمىدۇر بىلەن تۇخۇم قورۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، مۇلازىم قىز تەرجىمان ئارقىلىق «رەھبەرلىكتىن سوراپ باقاي» دەپ كىرىپ كەتتى. ھايات ئۆتمەي بىر تەخسە تۇخۇم قورۇمىسى ئالدىمىزغا قويۇلدى. بىز ئۈچۈن بۇ ناھايىتى ئېسىل تاماق بولۇپ شۇنداق تەملىك تېتىدى. چۈنكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان، يەپ باقمىغان بۇنداق يوغان راك، قىسقۇچ پاقا دەيدىغان نەرسىلەرنى يىيىشكە ھەرگىز پېتىنالمىدۇق. بۇنىڭغا ئامراقلار قانغۇچە يەۋالدى. بىزنى خوش قىلغىنى ئۇلار يەنە خۇددى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ چېيىدەك يوغان چەينەكتە ھازىرلا قاينىتىپ چىققان قىزىق چېيى بولۇپ، ھەر بىرىمىزنىڭ چاي قۇتۇسىغا توشقۇزۇپ بېرىش بولدى. مەن مۇشۇ چاي بىلەن ئارماننىڭ تەييار چۆپىدىن بىر خالتا چىلاپ تويغۇچە ئىچىۋالدىم. راستىنى ئېيتقاندا يەنجىدىمۇ بۇنداق قىزىق چاي ئىچمىگەنىدۇق. تاماقتىن كېيىن بىز تەشكىللىك ھالدا ماشىنا بىلەن راجىن شەھىرىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆردۇق. كوچىلاردا ئادەملەر ئاز، ماشىنا تېخىمۇ ئاز ئىدى. خەلق مەيدانىغا كەلگەندە غايەت زور مۇنارلار ۋە مۇنارلارغا ئويۇلغان قىزىل خەتلەر بىزنى جەلپ قىلىۋالدى.
بۇ نېمىدېگەن خەت؟_ سورىدىم مەن تەرجىماندىن. تەرجىمان قىز كۈلۈپ تۇرۇپ «21-ئەسىردىكى قىزىل قوياشىمىز كىم زىڭئىل ياشىسۇن» دېگەن خەت دېدى. بۇنداق خەتلەرنى كوچىلارنىڭ تام ۋە بىتونلۇق مۇنارلىرىدا ناھايىتى كۆپ ئۇچراتتۇق. «كىم زىڭئىل» دېگەن سۆز مېنىڭ دىققىتىمنى قوزغىدى. ئۇلار جىن رىچېڭ _ 金日成_نى «كىم ئىرسېن» جىن جىڭرى _金正日 _ نى «كىم جۇڭئىل» دەيدىكەن. بىراق بىزنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىمىزدە ئاتىسىنى ئۆز ئاھاڭى بويىچە كىم ئېرسېن دەپ تەرجىمە قىلىپ، نېمە ئۈچۈن ئوغلىنىمۇ ئىسمىنى ئىگىسىگە بويسۇندۇرۇش بويىچە كىم زىڭئىل دەپ تەرجىمە قىلماي خەنزۇچە ئاھاڭ بويىچە «جىن جىڭرى» دەپ تەرجىمە قىلىمىز. مېنىڭچە بۇنى ئۆزگەرتىش كېرەك. يەنە بىر چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىش شۇكى، بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئاساسلىقى ئورگان خىزمەتچىلەر ۋە ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كىم ئېرسىننىڭ ئىزنىكىنى تاقايدىكەن. دۆلەت بايرىقى ئىزنىكىنى مەيدىسىگە تاقىۋالغانلارمۇ كۆپ ئىكەن. بىر چاغلاردا بىزدىمۇ شۇنداق ئەھۋاللر بولغان ئەمەسمۇ؟ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بىز بىر تىياتىرخانىدا چاۋشيەنلىك ئۆسمۈر بالىلارنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردۇق. بالىلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇللىرى ناھايىتى تەسىرلىك بولۇپ، ئارىمىزدىن بەزىلەرنىڭ كۆزىدىن ياش تاراملاپ ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. چۈنكى بالىلارنىڭ ئويۇنى ھەقسىز كۆرۈلۈۋاتاتتى، بالىلار شۇنچە چىرايلىق ھەم ئوماق بولۇپ، جۇڭگو ھەم چاۋشيەن ناخشىلىرىنى شۇنداق ھېسسىياتلىق ئېيتىۋەتتى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ناخشا ۋە ئۇسسۇللىرىدىن ۋەتەن، مىللەت ۋە «مېھرىبان ئاتىسى»گە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە ھۆرمىتى ناھايىتى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. چاۋشيەنلىكلەرنىڭ بۇ خىل ھېسسىياتىنى بىز باشقا جايدىكى چاۋشيەنلىكلەرنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنمۇ ھېس قىلدۇق. شۇ كۈن بىز روسىيىنىڭ بىر يۈك پاراخوتى توختىتىپ قويۇلغان ياپون دېڭىزى بويىدىكى راجىن پورتى، پىپا ئارىلى ۋە بىر دۇكاننى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇق. دۇكاندا چەت ئەللىكلەر ئۈچۈن تەمىنلەيدىغان پوچتا ماركىلىرى، كىم ئېرسىننىڭ ئەسەرلىرى، داھىينىڭ سۈرئىتى چۈشۈرۈلگەن ھەر خىل خاتىرە بويۇملىرى، بولۇپمۇ چاۋشيەننىڭ دۆلەت بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ھەر خىل ئىزنەكلەردىن باشقا نەرسىلەر ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. يىمەك-ئىچمەك دۇكانلىرى ۋە بىزنىڭ شەھەرلىرىمىزدەك تاللا بازارلىرى، ھەتتا شەخسلەر ئاچقان بىرەر بوتكا-دۇكانلارمۇ يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چاۋشيەنمۇ «ئىقتىسادىي ئىسلاھات» ئېلىپ بارغان بولۇپ، 1998-يىلى «سوتسىيالىستىك قۇدرەتلىك چوڭ دۆلەت» قۇرۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈۋالغان پىلان تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە باشلاپ، ئەمەلىي مەنپەئەتكە ئەھمىيەت بېرىش، كونا قاراشنى تۈگىتىش، يېڭى قاراش تىكلەشكە چاقىرغان. 2002-يىلى بۇنى ئۈنۈمنى كۆرۈپ، ئادەتتىكى سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنى 110 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە ئۆستۈرگەن. بۇ جۇڭگو پۇلى بويىچە ھېسابلىغاندا 1.10 يۈەندىن 20 يۈەن بولىدىكەن. كان ئىشچىلىرىنىڭ ئاساسىي مۇئاشى 60 يۈەنگە بارغان. بىزنىڭ تەرجىمانىمىزنىڭ مائاشى جۇڭگو پۇلى بويىچە 30 يۈەن ئىكەن. دېمەك، بۇ يېقىنقى يىلدىن بۇيان چاۋشيەننىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا قاراپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن. شۇ كۈنى بىز تۇنجى قېتىم بۇ شەھەرنىڭ تۆت يۇلتۇزلۇق مېھمانسارىيىغا چۈشتۇق. ئالتە قەۋەتلىك بۇ مېھمان سارايدا خانقىزلارنى ئاساسەن كۆرگىلى بولمايتتى. لىفىتچىمۇ بىر ئەر كىشى بولۇپ، مەخسۇس لىفىت باشقۇرىدىكەن. مېمانساراينىڭ چوڭ زالىدا كىم ئېرسىننىڭ ئەسەرلىرى ۋە باشقا خاتىرە بويۇملىرىدىن باشقا نەرسە يوق ئىكەن. ئارىمىزدىن بىر كىشى كىم ئىرسىننىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئىزنەكتىن بىرنى ئالماقچى بولۇپ مۇلازىم ئايالدىن پۇلىنى سورىۋىدى، ئۇ ئايال ناھايىتى جىددىي قىياپەتتە »ئۇلۇغ داھىمىزنىڭ ئىزنىكى سېتىلمايدۇ. دۆلەت بايرىى چۈشۈرۈلگەن ئىزنەكنى ئالسىڭىز بىرسى 600 يۈەن (جۇڭگو پۇلىغا 6.00 يۈەن)» دەپ جاۋاب بەردى. قىزىق يېرى شۇكى بۇ يەردە جۇڭگو پۇلى بىلەن ياۋرو ئاقىدىكەن. ئامېرىكا دوللىرىنى تونىمايدىكەن. بۇ مېھمانسارىيىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش سورىنىمۇ بولۇپ پۈتۈنلەي چەت ئەللىكلەر ئۈچۈن ئېچىلغانىكەن. چەت ئەللىك دېگەندىمۇ جۇڭگودىن بۇ يەرگە كەلگەنلەر ئىكەن. مۇشۇ مېھمانخانىنىڭ 1-قەۋىتىدە بىر بەزمىخانا بولۇپ، ئىختىيارىي قىلغانلار بۇ يەرگە كىرىپ كەتتى. مەن ياتاقتا يالغۇز قالدىم. كۈن تېخى يورۇق بولغاچقا، مەن ئۆز ئالدىمغا شەھەر-رەستىلەرنى ئايلىنىپ كېلىش ئويىدا سىرتقا چىقتىم. چۈنكى بۇ شەھەر بىزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقانداق شەھەردىن چوڭ ئەمەس ئىدى. ئوخشىمايدىغان يېرى ياپون دېڭىزىغا تۇتىشىدىغان بولغاچقا، ئۆزگىچە بىر مەنزىرە بار ئىدى. تاغ-دەريالىرى شۇنچە گۈزەل، ئەتراپ پۈتۈنلەي قويۇق ئورمانلىق تاغ بىلەن قاپلانغانىدى
ھاۋاسى شۇنچە نەمخۇش ۋە ساپ ئىدى. بۇ مېنىڭ كەچلىك تاماقتىن كېيىنكى تۇنجى قېتىم يالغۇز راجىن شەھىرىنى ئايلىنىپ چىقىش ئىدى. بىراق مەن يوللىرى خېلى يىللاردىن بۇيان رېمونت قىلىنمىغان، ياپونىيىكلەر بېسىۋالغان چاغدا ياسالغان پويىز ئىستانسىسىنىڭ ۋوگزاللىرى ۋە كىنوخانا-كۇلۇبلار تېخىچە ئىشلىتىۋاتقان، كوچا تاملىرىغا ھەر خىل قىزىل شوئارلار ۋە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئوبرازى چۈشۈرۈلگەن، مۇشتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ شوئار توۋلاۋاتقان ھەر خىل تەشۋىقات رەسىملىرى بىلەن قاپلانغان بىر كوچىنى ئايلىنىپ يېرىم بولماستىن ئىشتىن چاتاق چىققانلىقىنى سىزىپ قالدىم. چۈنكى مەن بۇ شەھەرنىڭ خەلق مەيدانىدا بىر توپ ئوقۇغۇچى-ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ناھايىتى خۇشال ئويناۋاتقانلىقىنى، بىر خىل خۇشاللىق ۋە ئىناقلىق كەيپىياتىنىڭ تاشقىنلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى سۈرەتكە تارتماقچى بولغانىدىم. بىراق شۇ دەقىقىدە بىر ياشانغان كىشىنىڭ ماڭا شۇنداق غەزەب بىلەن تىكىلىپ قاراۋاتقانلىقىنى ھەمدە ماڭا يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. چىراي-شەكلىممۇ بۇ يەردىكىلەرگە ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۇنىڭدا گۇمان پەيدا قىلغانلىقى ئىنىق ئىدى. مەن بىراز جىددىيلىشىپ قىلىپ، ئارقامغا بۇرۇلۇپ كەلگەن يولۇمغا قاراپ ماڭدىم. بىراق ياشانغان كىشى ئارقامدىن ئىز بېسىپ كېلىۋېتىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ چىكەمدىن تەر چىقىپ كەتتى. چاۋشيەنلىكلەرنىڭ ناھايىتى ھۇشيارلىقىنى، كۆرگەنلا يەردە رەسىم تارتماسلىق كېرەكلىكىنى ئويلاپ، قەدىمىمنى تېزلىتىپ ئۇدۇل مېھمانسارايغا قاراپ ماڭدىم. مەن مېھمانساراينىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ياشانغان كىشىنىڭ يول بويىدىكى بىر مومايغا بىرنەرسىلەرنى دەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. موماي دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ مېنىڭ ئارقامغا چۈشتى. 7-8 مېتىرچە قالغاندا مەن مېھمانساراينىڭ چوڭ زالىغا كىرىپ مومايغا قاراپ نېمە دەيدىغانلىقىنى كۈتۈپ تۇردۇم. موماي زالغا كىرمەي سىرتتا تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن مەن ئاندىن خاتىرجەم بولۇپ، زالنىڭ ئەتراپىغا سەپسالدىم. مۇلازىم قىزنى چاقىرىپ ياتاقنى ئاچۇرماقچى بولدۇم. بىراق بىرمۇ قىز كۆرۈنمەيتتى. جىددىيچىلىكتە ياتاق ئاچقۇچىنىڭ ئۆزۈمدە ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغانىكەنمەن. ياتاقتا 15 دىئوملۇق بىر تېلېۋىزور بار ئىدى، بىراق مۇنچىسىدا سۇ توختاپ قالغان، خالاسىدا سوپۇن بىلەن تازىلىق قەغىزىمۇ يوق ئىدى. تامغا چاپلانغان زىننەت قەغىزىمۇ سويۇلۇپ ساڭگىلاپ قالغانىكەن . ئاڭلىشىمچە چاۋشيەندە تېلېۋىزورنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %80 كە يەتكەن ئىكەن. بىراق راجىن شەھىرىدە بۇنداق سەۋىيىگە يېتىشىدىن گۇمانلىنىپ قالدىم. چۈنكى بىز كىم ئىرسىن ۋە ئۇنىڭ ئوغلى كىم زىڭئىل ئۈلگە قىلىپ تىكلىگەن دېڭىز بويىدىكى بىر بېلىقچى ھەم دېھقاننىڭ ئۆيىگە ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ بارغىنىمىزدا ناھايىتى ئاددىي ھەم كىچىك رەڭسىز تېلېۋىزورنىڭ بارلىقىنى كۆرگەنىدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن جەمئىي ئىككى قانال تەسىس قىلىنىپ، كۈندۈزى ئادەتتە پروگراممىلار تارقىتىلمايدىكەن. كېچىسى تارقىتىلىدىكەن. مەن ياتاقتا تېلېۋىزورنى ئاچتىم. دېگەندەك ئىككى قانالدا پروگرامما نومۇرلىرى قويۇلۇۋېتىپتۇ. بىرىدە دەل چاۋشيەننىڭ قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقان، ئۇلۇغ داھىيسى كىم ئىرسىن بىلەن قەدىرلىك يېتەكچىسى كىم زىڭئىلنى مەدھىيلىشىۋاتقان، كۆرۈنۈشنى ئارقىدىن پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ پائالىيىتى، ئامېرىكىغا قارشى نامايىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆردۈم. بىرىدە چاۋشيەننىڭ ئىنقىلابى ھېكايە فىلىمى قويۇلۇۋېتىپتۇ. خەلقئارا خەۋەرلىرىنى ھەر شەنبە كۈنىدە بىرلا قېتىم تارقىتىدىكەن. دېمەك، چاۋشيەن خەلقى دۇنيا خەۋەرلىرىدىن ئاساسەن بىخەۋەر ئىكەن. تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ياكى رادىئو ئىستانسىسىلىرىدە ئاساسەن خەلقئارا خەۋەرلىرى تارقىتىلمايدىكەن. شۇڭا، چاۋشيەنلىكلەر ئۆزىنىڭ قوشنىسى، مىللەتداشى بولغان كورىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە باشقا مۇھىم دۇنيا خەۋەرلىرىدىن بىخەۋەر ئىكەن.
ئەڭ چوڭ قىمار شەھىرى ۋە «دېھقان بازىرى»

چاۋشيەننىڭ چېگرا شەھەرلىرى جۇڭگونىڭ چېگرا شەھەرلىرى بىلەن ئۆزئارا چېگرا سودىسىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، چېگرا شەھىرىدىكى چاۋشيەنلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ئاز-تولا ئۆزگىرىش بولغان. بىرمۇ خۇسۇسي دۇكان ياكى تاماقخانىسى يوق راجىن شەھىرىدە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۈزۈلمەي كېلىپ ساياھەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە سودا-سىتىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قىلىشتۇق. بولۇپمۇ «ھەقىقىي سوتسىيالىزمنىڭ بۆشۈكى بىز» دەپ قارايدىغان چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ راجىن شەھىرىدە شاڭگاڭ يىڭخۇاڭ گورۇھىنىڭ ئاجايىپ بىر چوڭ ھەم ھەشەمەتلىك قىمار شەھىرى قۇرغانلىقىدىن تېخىمۇ ھەيران قېلىشتۇق. تەرجىمانىمىزنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يەر ياپون دېڭىزى بويىچە جايلاشقانلىقى، مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل بولغانلىقى، بولۇپمۇ خىمىيىۋى ئوغۇت ئىشلەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردىكى قوناقمۇ يېشىل يېمەكلىكەرگە تەۋە بولغاندىن باشقا دېڭىز مەھسۇلاتلىرىمۇ شۇنچە سەر خىل ئىكەن. شۇڭا جۇڭگولۇقلار بۇ يەردىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئەتىۋار بىلىپ باھاسىنى نەچچە ھەسسە ئۆرلىتىۋەتكەنىكەن. يەنە بىر جەھەتتىن ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ئانچە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىغانلىقى دېڭىز بۇلغانمىغانلىقى ئۈچۈن راك، قىسقۇچ پاقا قاتارلىق مەھسۇلاتلار ۋە بېلىقلار ناھايىتى يوغان بولىدىكەن. يېرىم سائەتچە ماڭغاندىن كېيىن بۇ شەھەرنىڭ ئەڭ گۈزەل ئارىلى پىپا ئارىلىغا كېلىپ قالدۇق. قىمار شەھىرى−«يىڭخۇاڭ مېھمانسارىيى» دەل مۇشۇ جايغا ئورۇنلاشقانىدى. 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن پۈتكۈن بۇ مېھمانساراي بۇ شەھەرگە باشقىچە كەيپىيات ۋە تۈس ئېلىپ كەلگەنىدى. بۇ يەرگە كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگولۇقلار بولۇپ، كۈنىگە 2000 دوللار تاپشۇرسىلا تاماق-ياتاق ۋە ھەر خىل ئويۇنلاردىن ھەقسىز بەھىرلىنىدىكەن. قىمارخانىسى بۇ ساراينىڭ 1-قەۋىتىدە بولۇپ، زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر بىلەن جابدۇقلانغانىكەن. جۇڭگو پۇلىدىن بىر يۈەنلىك تەڭگىنىڭ شاراقلاپ سۇدەك ئېقىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قاپتىمەن. مۇلازىملار ئىچىدە چاۋشيەنلىك بىرمۇ كىشى يوق ئىكەن. جۇڭگولۇقلاردىن باشقا كامبۇدژا قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن قىزلارمۇ بار ئىكەن. بۇ يەردە سۈرەتكە چۈشۈش مەنئىي قىلىنغاچقا زالنىڭ ياپون دېڭىزغا قاراپ تۇرىىغان ئارامخانىسىدا چاي ئىچكەچ سۈرەتكە چۈشۈۋالدۇق. «دېھقان بازىرى» دېگىنىمىز، دەل بىزنىڭ چەت-ياقا بەزى جايلىرىمىزدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا ئوخشاش بولغاچقا بىز ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ كەلگەن راجىن شەھىرىنىڭ يېڭىدىن ئېچىلغان ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى شۇنداق دەپ ئاتىۋالدۇق. بۇ بازاردا ئادەملەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، چاۋشيەن دېھقانلىرى (كۆپۈنچىسى ئاياللار) بىر ئىككى بالىسى بىلەن توپا يەردە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىكەن. دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بەك كۆپ ئىكەن، مەڭدەپ، يىگىلىشىپ قالغان ئالما، ئۈزۈم قاتارلىق بىزگە تونۇشلۇق مىۋە-چىۋىلەرمۇ بار ئىكەن. بىراق بىزنىڭ يۇرتىمىزدىكى مىۋە-چىۋىگە ھەرگىز سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئۈستى يېپىق بازاردا ئاساسلىقى جۇڭگودىن كىرگەن ئاددىي تاۋارلار، كىيىم-كېچەكلەر، ھاراق-تاماكىلار ۋە بالىلار كىيىملىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلار بار ئىكەن. بىزگە يارىغىدەك، خاتىرە ئورۇندا ئالغۇدەك بىرەر نەرسىمۇ كۆرۈنمىدى. كىشىلەرنىڭ چىرايىدا توپا يىغىپ تۇراتتى. كۆپ پەرزەنتلىك بولغان ئانىلارنى مۇكاپاتلايدىغان «قەھرىمان ئانا » دەپ نام بېرىدىغان بۇ دۆلەتنىڭ چېگرا شەھىرىدىكى ئۆسمۈر بالىلارنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ بازاردا يۈگۈرۈپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىشتۇق. خۇددى تەرجىمانىمىز بىزگە دېگەندەك تىلەمچى ۋە يانچۇقچى بالىلارمۇ ئاز ئەمەسكەن… «بۇ بالىلار ياخشى ئوقىماي، مەكتەپتىن چىقىۋالغان بالىلار، بۇلارغا ھەرگىز پۇل بەرمەڭلار، بىزگە تەتۈر ياردەم قىلغان بولۇپ قالىسىلەر» دېدى تەرجىمانىمىز بىزگە چۈشەندۈرۈپ. بۇلارنى كۆرۈپ «نامراتلىق سپتسىيالىزم ئەمەس، سوتسىيالىزم نامراتلىقنى تۈگىتىدۇ» دېگەن سۆز پات-پات ئېسىمگە كېلىپ قالاتتى. كۆرگەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىز ئۈچۈن ھەرگىز ناتونۇش ئەمەس ئىدى. خۇددى جۇڭگونىڭ تۈنۈگۈنى مۇشۇنداق ئىشلار بولغاندەك ياكى بۈگۈن يەنىلا يۈز بېرىۋاتقاندەك تۇيۇلدى. دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ھەرقانداق دۆلەت ۋە مىللەتكە تەسىر قىلماي قالمايدۇ. چاۋشيەنمۇ شۇنداق. ھەرقانداق سىرلىق نەرسىلەر دۇنيا بىلەن بىرلەشكەندىن كېيىن ئاستا-ئاستا سىرلىقىنى تۈگىتىشكە باشلايدۇ. ئىككى كۈنلۈك ساياھەت داۋامىدا چاۋشيەننىڭ جۇڭگو بىلەن ئالاقىلىشىدىغان، ئالماشتۇرىدىغان نەرسىسىنىڭ تەدرىجى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. قايتىش سەپىرىدە بىز چاۋشيەنلىك تەرجىماننىڭ يېتەكچىلىكىدە يەنە چېگرا پورتىغا كېلىپ قالدۇق. ئۇنىڭ يېنىدا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ مۇدىرى ئايرىلمايتتى. مەن ھەربىي سەپتىن ھازىرقى كەسىپكە چېكىنگەن بۇ كىشىگە قاراپ قالدىم. ئۇلار ھەر ئىككىسى يول بويى ناخشا ئېيتىپ بىز بىلەن خېلى ئازادە پاراڭلاشقانىدى. ئارىمىزدىن بىر كىشى ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە تەشەككۈر ئېيتىپ، ھەممىمىزنىڭ ئۇلارغا ئاز-تولا خەير-ساخاۋەت قىلىپ قويۇشىنى مۇراجىئەت قىلدىم. چۈنكى ئۇلارمۇ بىزگە زوقلىنىش، ئۇھسىنىش نەزەرىدە ناھايىتى خۇرسەن بولغانلىقىنى، كۆپ خۇشال بولغانلىقىنى ئېيتىپ كەلگەنىدى. بولۇپمۇ تەرجىمان كىم خېنىمگە ھەممەيلەن ناھايىتى رازى بولۇشتى. ئۇ ھارماي-تالماي سۆزلەپ تۇراتتى، بىردەممۇ جىم تۇرماي، يول يۈرسىمۇ ناھايىتى ئاستا ماڭاتتى. ئۇ جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ شۇنچە ئەركىن، ھەتتا چەت ئەلگىمۇ چىقالايدىغانلقىنى كۆرۈپ ناھايىتى تەسىرلەنگەنلىكىنى ئىلھاملانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كۆزىگە ياش ئالغانىدى. بىز ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن 500 يۈەن يىغىش قىلىپ بۇ قىزغا تۇتقۇزغاندا ئۇ قايتا-قايتا: «رەھمەت! رەھمەت!» دەپ ساياھەت مۇدىرىغا قارىدى. شۈبھىسىزكى، بىز ئۈچۈن خىزمەتتە بولغان چاۋشيەنلىك ئۈچ كىشى بۇ پۇلدىن تەڭ بەھرىمان بولىدۇ. ئۇلار ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ بىزگە رەھمەت بىلدۈردى. ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ پۇل چاۋشيەنلىك بىر خىزمەتچىنىڭ ئىككى يىللىق مائاشى بىلەن تەڭ ئىدى. راجىن شەھىرىدە مەن ئۇچراشقان كىشىلەردە شۇنداق بىر ئورتاقلىقنىڭ بارلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، ئۇلار چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىگە ناھايىتى دىققەت قىلىدىكەن. گەرچە تاشقى دۇنيادىكى ئاۋازنى كۆپ ئاڭلىيالمىسىمۇ، ئۇلار مۇشۇ چېگرادىن كىرىۋاتقان جۇڭگولۇقلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش ۋە گەپ-سۆزلىرىدىن خېلى كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بولۇپ قالغان. ئۇلار ئۈچۈن يېرىم ئارالنىڭ تىنچ، مۇقىملىقى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىدى. چېگرا پەقەت ناھايىتى تار بىر سىزىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كىشىلەرنىڭ تەقدىرى، مىللەتنىڭ تەقدىرى ھەتتا دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى باغلاپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ئۇلار مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە ناھايىتى دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، جۇڭگونىڭ قۇدرەت تېپىۋاتقانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولۇۋاتقانلىقىنىمۇ بىلدۈرۈشتى.

تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ 2004-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىندى









ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45517
يازما سانى: 424
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5284
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 543 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 12:50:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كونا خەۋەركەنغۇ بۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79854
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3295
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-5-7
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 01:14:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
towa     bu  qawxanlik      sarang   la    xu  haliga   tehi   yadro   korali   yasamix        .....dut    qoxkila        jenini   baksiqu  

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 02:11:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنىڭدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇ ، ھۆكىمەت پۇقرانىڭ دادىسى ، ۋەتىنى بولسا ئانىسى !
ھۆكىمەت دىگەن پۇقراغا ئىگە ، پۇقرانى قايانغا باشلىسا شۇيانغا ماڭىدۇ دىگەنلىك !  ھەقىقەتەن مۇستەبىت دۆلەت ئىكەن چاۋشىيەن .  پۇقرالارنىڭ ھىچقانداق ئەركىنلىكى بولمىسا ، ...

دۆلىتىمىزگە سىلىشتۇرغىلى بولمايدىكەن .

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7093
يازما سانى: 576
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7142
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 6444 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 02:14:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆتۈمدە ئىشتان يوق، ئىتىم مارجان بۇۋى.

ھامان بىر كۇنى گېنرال بولىمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79858
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3064
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2012-5-8
ئاخىرقى: 2014-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 03:11:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاۋشىيەننىڭ ھازىرقى ھالىتى بىزدىن 50 يىل كەينىدە دېسەك ئارتۇق كەتمەيدىغۇ دەيمەن؟

ئاغزى،كۆز ئېتىلگەن،قولى كىشەنلەنگەن،ئارغامچىغا باغلانغان مىللەت!

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 04:09:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ نىمانداق دۆلەتتۇ دەيمەن كىچىككىنە ئەركىنلىكىمۇ بولمىسا،تىخى نۇمۇس قىلماي ئۆتكەندە 29 بىلىقچىنى تۇتىۋىلىپ پۇل تەلەپ قىلدى!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79820
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7036
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 738 سائەت
تىزىم: 2012-5-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 10:46:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەردە دوللار ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن دەيسىز لېكىن ئارلىقتا ‹‹بۇ يەرگە كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگولۇقلار بولۇپ، كۈنىگە 2000 دوللار تاپشۇرسىلا تاماق-ياتاق ۋە ھەر خىل ئويۇنلاردىن ھەقسىز بەھىرلىنىدىكەن››بۇنى قانداق چۈشىنىمىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79503
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3287
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2014-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 11:33:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىىنى ئوقۇشتىن زىرىكتىم، ئەمما چاۋشەننىڭ مۇستەبىت  ئختىدارسىز ھۆكىمەت ئىكەنلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ.

ئويغانغىن زىمىن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60891
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4343
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 655 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 11:40:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zanjir34 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-16 05:16 PM
بۇ  دۆلەتنى  جۇڭگۇنىڭ  70-يىللىرغا  سېلىشتۇرسىمۇ  بولىد ...

ھا ھا، جوڭگۇ ئاكىسى بىكار باقمايدۇ، شۇ مۇشنىڭ يوغىنىنى ئاتمىسۇن دەپ قىلىۋاتقان ئىش. بولمىسا باش ئىششىپ قالمىدى. ھەممە نەرسىنى نىيەتلىك قىلىدۇ بۇلارمۇ، بولمىسا ئۆزىنىڭ ئاچ قالغان ئادەملىرىنى باقمامتى شۇ پۇلغا...

ئويغانغىن زىمىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش