ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مىسرانىم تورىدىكى بارلىق قېرىنداشلار. كەمىنە كاۋاپچىدىن بارلىققېرىنداشلارغا ئوتلۇق سالام.
مىسرانىم تورىنىئۇزۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتىمەن، لېكىن ئوقۇشۇمنىڭ ئالدىراش بولۇپ قېلىشى ھەم باشقاسەۋەبلەردىن كەينىگە سۈرۈپ يۈرۈپ ئەمدى ئەزا بولۇشۇم. كەلگەندىن كىيىن قۇرۇقكەلسەم بولمايدۇ.ھازىر جەمئىيىتىمىزدە تور ۋە تېلفۇن ئالدامچىلىقى ئالاھىدە ئەۋجئېلىۋاتىدۇ. ئەمدى ئۆزۈم ئاڭلىغان، بىلگەن ئالدامچىلىق ۋاستىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىتوغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەي.
تور ئالدامچىلىقىۋە ساقلىنىش ئۇسۇلى:
ئىنتىرنىت تورىئالاھىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، توردىكى پاراڭلىشىش دېتاللىرىمۇ ھەرخىل، سەر خىل بولۇپ كەتتى. باشقىلارنىڭ چ چ نۇمۇرى قاتارلىق ماتېرىيالىنىئوغۇرلاپ، دوستلىرىدىن پۇل ئارىيەت ئېلىش دېگەندەك ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى بىرنەچچە يىل ئالدىدا ئالاھىدە ئەۋج ئالغان. تور ئەھلىنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋەرتېپىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىل ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى بارا-بارا ئازلاۋاتىدۇ. لېكىن يەنەبەزى تورداشلار ئىھتىياتسىزلىقتىن ئالدىنىپ كېتىدىغان ئىشلار يەنىلا يۈزبېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، تور سودىسىدىكى ئالدامچىلىقمۇ خېلى ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ.
ئالاقە ۋاستىسىدىكىئالدامچىلىق قىلىدىغانلار ئاساسلىقى باشقىلارنىڭ نامىنى سېتىپ، تور ئۇچۇرى، تېلفۇنقىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق سىزدىن پۇل سورايدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا، ئالدىراپكەتمەي شۇ دوستىڭىزغا تېلفۇن قىلىپ بىر سوراپ بېقىڭ. ئالاھىدە دىققەت قىلىشقاتېگىشلىكى شۇكى، سۈرەتلىك پاراڭلىشىش ئېلىپ بارغاندا قارشى تەرەپ سىزگەكومپىيۇتېردا ساقلانغان فېلىم قويۇپ بېرەلەيدۇ. شۇڭا دوستىڭىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ،جەزىم قىلغاندىن كىيىن ئاندىن پۇل ئارىيەت بەرسىڭىز بىر قەدەر بىخەتەر بولىدۇ.
ياقا يۇرتتائوقۇيدىغان قېرىنداشلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى دىققەت قىلىڭ: بەلكىم سىزگەئاتالمىش بالىڭىزنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ياكى ساۋاقدىشى تېلفۇن قىلىپ، بالىڭىز ئېغىرئاغرىپ قالدى دېگەندەك گەپ سۆزلەر بىلەن سىزنى ئالداپ، مەلۇم كارتا نۇمۇرىغاجىددىي پۇل سېلىشنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا قەتئىي جىددىيلىشىپ كەتمەي، بالىڭىزبىلەن، ئالاقىلىشالمىسىڭىز ياتاقداشلىرى بىلەن ئالاقىلىشىڭ. ئىمكان بولسا ئاشۇمەكتەپنىڭ ئامانلىق قوغداش بۆلۈمىگەتېلفۇن قىلىپ سۈرۈشتە قىلسىڭىز بولىدۇ. ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئاتائانىڭىزغا مەكتەپتىكى ياتاقداشلىرىڭىز، ئوقۇتقۇچىڭىز، ۋە ئامانلىق قوغداشبۆلۈمىنىڭ نۇمۇرىنى قالدۇرۇپ قويۇڭ، ئالاھىدە ئەھۋالدا لازىم بولۇپ قالىدۇ.
توردا مالسېتىۋالغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، سودا تور بىكەت ئادرىسىنى چوقۇمئۆزىڭىز يېزىپ كىرگۈزۈڭ. بەيدۇ قاتارلىق ئىزدەش قوراللىرىدا ئىزدىسىڭىز بەلكىمباشقا بىر يالغان تور بېكەتكە كىرىپ قېلىشىڭىز مۈمكىن. بولۇپمۇ ئايرۇپىلان بېلىتىسېتىۋالغاندا، ئاۋارچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يېقىن ئەتراپتىكى ۋاكالىتەن سېتىشئورنىغا بارسىڭىز قولايلىق ھەم بېخەتەر بولىدۇ. توردا ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىزئالدىنىپ كېتىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى.
يەنە بىر نۇقتا،توردا مال سېتىۋالغاندا، ئۆزىڭىز سېتىۋالماقچى بولغان نەرسىگە پۇل تۆلەڭ. بەزىدۇككاندارلار سىزگە مال باھاسى تۈزۈمدە بىكىتىلگەن باھادىن تۆۋەن بولغاچقا، تورغاقويغىلى بولمايدىغانللىقىنى باھانە قىلىپ،سىزگە باشقا بىر ئۇلانما ئادرىس يوللاپ،مۇشۇ نەرسىگە پۇل تۆلىسىڭىز بولىدۇ، سىزگە لازىملىق مالنى سېتىۋالغان بىلەن ئوخشاشدەيدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئالاھىدە ئىھتىيات قىلىڭ. ئەگەر سىزگە ئەۋەتىپ بەرگەنئادرىس بەزى ئويۇن كارتىسىنىڭ ئادرىسى بولسا قەتئىي سېتىۋالماڭ. چۈنكى بۇ خىلدىكىماللارغا پۇل تۆلىسىڭىزلا سىزگە ئاشۇ كارتا نۇمۇرىنى يوللاپ بېرىدۇ، سىز بۇ كارتانۇمۇرىنى ئىشلىتەلمەيسىز، ياكى قايتۇرالمايسىز. پۇلىڭىز قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىدۇدېگەن گەپ.
تېلفۇنئالدامچىلىقى:
ھازىر ئىچكىرىئۆلكىلەردە مۇنداق بىر خىل ئالدامچىلىق ۋاستىسى ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. بەلكىم سىزگەبىرسى تېلفۇن قىلىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشتىڭىز دېسە ئىشەنمەيسىز، شۇنداقلا ئالدامخالتىسىغا چۈشمەيسىز. لېكىن بىرسى ج خ ئىدارىسىنىڭ نۇمۇرىدىن تېلفۇن قىلىپ، سىزنىڭبانكا ھېساۋاتىڭىز گۇمانلىق، تەكشۈرۈشكە ماسلىشىڭ دېسە بەلكىم قورقۇپ كېتىپشۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىشىڭىز مۈمكىن. ئالدىنقى كۈنى شاڭخەي كەچلىك گېزىتىگەبېسىلغان خەۋەردە مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ئالدىنىپ كەتكەن، ھەمدە ئالدانغان پۇلى بىرمىليون يۈەندىن ئاشقان 8 ئادەمنىڭ خەۋىرى بېسىلدى. بۇلارنىڭ ئورتاقلىقى، ھەممىسىئاتالمىش ج خ خادىمىنىڭ تېلفۇنىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، خىزمەتكە ماسلىشىش ئۈچۈن پۇلنىڭھەممىسىنى ئاتالمىش بېخەتەر ھېسابات نۇمۇرىغا يوللىغان. شۇنىڭ بىلەن پۇل قۇدۇققاچۈشۈپ كەتكەن. يەنە بىر قىسىم ئادەملەر تور بانكا مەخپى نۇمۇرى قاتارلىقئۇچۇرلارنى باشقىلارغا دەپ بەرگەن.
ھەر قايسى بانكاۋە ج خ ئىدارىسى مۇشۇ خىلدىكى ئالدامچىلىققا قارىتا مۇنداق دېگەن: تېلفۇن، توردامۇلازىمەت قىلغاندا بانكا خادىملىرى سىزدىن مەخپى نۇمۇرنى سورىمايدۇ. ج خخادىملىرى سىزگە تېلفۇن قىلىپ سىز گۇمانلىق دېمەيدۇ---(گۇمانلىق بولسىڭىز بېۋاستەتۇتۇپ كېتىدۇدە). شۇڭا قېرىنداشلار شۇنىڭغا دىققەت قىلايلىكى، ھەر قانداق ۋاقىتتامۇشۇنداق ئاتالمىش خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىمىغا چۈشۈپ كەتمەيلى.
ئالاھىدە دىققەتقىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بېيجىڭدا بىر ئايالنىڭ 8 مىليۇن يۈەن پۇلىنى ئالدامچىغاتۇتقۇزۇپ قويۇشىدىكى بىر سەۋەب، ئالدامچى تېلفۇن قىلغاندا، ئايالنىڭ تېلفۇنىداقارشى تەرەپنىڭ نۇمۇرى بېيجىڭدىكى بىر ج خ ئىدارىسىنىڭ نۇمۇرىغا ئوخشاش كۆرۈنگەن.ئايال تېلفۇن نۇمۇرىنى خاتىرلىۋىلىپ، 114كە تېلفۇن قىلىپ سۈرۈشتۈرۈپ جەزملەشتۈرگەندىنكېين پۇل سالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئالدىنىپ قالغان. سەۋەبى شۇكى، ئالدامچىلار تورتېلفۇنىنىڭ خالىغان نۇمۇر كۆرسىتىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ نۇمۇرىنى ج خئىدارىسىنىڭ نۇمۇرىدەك كۆرۈنىدىغان قىلىپ ئاندىن تېلفۇن قىلغان. ئەگەر سىزمۇمۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، دەرھال 110غا تېلفۇن قىلىپ ياردەم سوراڭ.
( قېرىنداشلىرىمىز110غا تېلفۇن قىلىشتىن بەك ئەنسىرەيدۇ. بىلىپ قېلىڭكى، ئەگەر ياقا يۇرتتائوقۇۋاتقان بالىڭىز بىلەن ئالاقىلىشالمىسىڭىز، شۇ يەرنىڭ رايۇن نۇمۇرىنى قوشۇپئاندىن 110غا تېلفۇن قىلىپ ياردەم سورىسىڭىز پۈتۈنلەي بولىدۇ. ھەتتا ئۆيىڭىزنىڭئەتراپىدىكى مەلۇم ئورۇننىڭ قۇرلۇش قىلىشى كېچىلىك ئارام ئېلىشىڭىزغا دەخلىيەتكۈزسىمۇ، 110 دىن ياردەم سورىسىڭىز بولىدۇ. شۇنى بىلىڭكى، 110 سىزگە مۇلازىمەتقىلىدۇ، سىزنىڭ مۇلازىمەت تەلەپ قىلىش ھوقۇقىڭىز بار)
يىغىنچاقلاپئۆتسەم، توردىكى ۋە تېلفۇندىكى ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىڭ:
1. ئۆزىڭىزنىڭ بانكاكارتا، تور بانكا مەخپى نۇمۇرى، كىملىك نۇمۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى باشقىلارغا دەپبەرمەڭ.
2. كارتىڭىزدىكىپۇلنى باشقا كارتىغا يۆتكىگىنىڭىز، پۇلنى شۇ كارتا ئېگىسىگە بېرىۋەتكىنىڭىزبولىدۇ. ئۆزىڭىز باشقىلارغا بېرىدىغان پۇلدىن باشقا، كارتىڭىزدىكى پۇلنى باشقىلاردەپ بەرگەن نۇمۇرغا يۆتكىمەڭ.
3. بالىڭىز ئاغرىپقالدى دېگەندەك ھەر قانداق بىر ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالسىڭىز، شۇ ئۇچۇرنىڭ راستيالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ ئاندىن شۇ بويىچە ئىش كۆرۈڭ.
4. سىرتتائوقۇۋاتقانلار ئائىلىدىكىلىرىڭىز بىلەن ئالاقىڭىزنى ساقلاڭ، بولمىسا ئۇلارئەنسىرەپ قالىدۇ، ۋە ئاسانلا باشقىلارنىڭ ئالدىمىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.
5. ھەرقانداقۋاقىتتا ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھېچقانداق يەردە بېكارلىق پايدا يوق. سىز ئۆزىچىلابىر مۇكاپاتقا ياكى پايدىغا ئېرىشىپ قالمايسىز. ھەرگىز ئازراق پايدىنى دەپ چوڭزىيان تارتماڭ.
6. بۇ بىرنەچچەئىشنى دوستلىرىڭىزغا دەپ بېرىڭ. ئۇلارمۇ ئىھتىيات قىلسۇن.
ۋاقت مۇناسىۋىتىبىلەن مۇشۇ يەردە توختىتاي. تېمام تەستىقلىنىپ تورداشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشسەمكىيىنچە يەنىمۇ تەپسىلىي قىلىپ يېزىپ بىر تېما يوللايمەن.
ئاخىرىدا كاۋاپچىھەممىڭىزلارنىڭ تۇرمۇشىغا خۇشاللىق، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيدۇ.