|
|
|
|
قەرىز پۇلنىڭ ئۆسۈمى پۇقرالار ئارىسىدىكى قەرىز پۇل ماجرالىردادائىم ئۆسۈمنى قانداق ھىساپلاش ھەققىدە تالاش تارتىش بۇلۇپ تۇرىدۇ.تەرەپلەرئوتتۇرسىدىكى قەرىز پۇل ئىلىش توختامىدا ئۆسۈم تۆلەش توغرۇلۇق ھىچقانداق پۇتۇم يۇق ھەم ئىنىق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆسۇم تەلەپ قىلسا سوتنىڭ قۇللىشىغائىرىشەلمەيدۇ. ئالاقىدار قانۇنلارغا قارايدىغان بۇلساق «توختام قانۇنى»نىڭ211-ماددىسىدا « تەبىئى شەخىسلەر ئوتتۇرسىدىكى پۇل قەرىز ئىلىش توختامىدا ئۆسۈم تۇلەش تۇغرىسدا پۇتۇم بولمىسا ياكى پۇتۈم ئىنىق بولمىسا ،ئۆسۈم تۆلىمەيدۇ دەپ قارىلىدۇ......»دىيىلگەن.شۇنىڭ ئۇچۇن ئۆسۈم تۆلەش پۇتۇشۇلگەن بولسا ئۆسۈم تۆلىنىدۇ . قەرىز پۇل توختامىدا ئۆسۈم تۆلەش پۇتۇشۇلمىگەن بولسا ئۆسۈم تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ. ئەمدى ئۆسۈمنىڭ يۇقۇرى تۆۋەن بۇلۇش مەسلىسىگەكەلسەك بۇ ھەقتە ئالى خەلق سوت مەھكىسمىنىڭ ئىنىق ئىزاھاتى بار.تەرەپلەر ئۆزئالدىغان تۆۋەن ئۆسۈمنى بىكىتىۋالسا ياكى ئۆسۈم بىكىتمىسە بولىدۇ،بۇنىڭغا قانۇنداچەكىلىمە يۇق ،ئەمما قەزىر پۇل ئۆسۈمىنى تەرەپلەر قۇشۇلدى دەپلا قەرىز پۇل توختامىدا يۇقۇرى بىكىتىۋالسا قانۇن قوللىمايدۇ. « ئالى خەلق سوت مەھكىسمىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىللىرنىڭ پۇل قەرىز ئىلىش دىلۇلىرنى سوت قىلىشقا ئائىت بىر قانچە مەسىللەر ھەققىدىكى پىكرى»نىڭ 6-ماددىسىدا«ئەل ئىچىدىكى پۇل قەرىز ئىلىشنىڭ ئۇسۇمى بانكىنىڭ ئۇسۇمىدىن مۇۋاپىق يۇقۇرى بولسابولىدۇ،ھەر قايسى جايلاردىكى خەلق سۇت مەھكىمىللىرى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغائاساسەن ،كۇنكىرىت ئىگىلىسە بولىدۇ،لىكىن ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا بانكىنىڭ ئوخشاش تۇردىكى قەرىز پۇل ئۆسۈمىنىڭ تۆت ھەسسىدىن ئىشىپ كەتسە بولمايدۇ (ئۆسۈمنىڭ ئەسلى سانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)،بۇ چەكتىن ئىشىپ كەتسە ،ئىشىپ كەتكەن قىسمىنڭ ئۆسۈمى قۇغدالمايدۇ» دىيىلگەن . بۇ قانۇن ئىزاھاتىغا قارىغاندا بانكا ئۆسۈمىنىڭ تۆت ھەسسىدىن ئىشىپ كەتكەن پۇتۇشكەن ئۆسۈمنى سوت قوللىمايدۇ.شۇڭا پۇقرالار ئارا قەرىزئىلىم بىرىم ئىشلىردا قايتۇرالمىسام كۇنلىگى ....سۇم ،ئايلىقى .....سوم ،ئۆسۈمى ..% دەپ قارغۇلارچە يىزىۋىلىش ئاقىۋەتتە قانۇننىڭ قوللىشىغا ئىرىشەلمەيدۇ. يەنە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلە شۇكى مۇۋاپىق بولغان ئۆسۈم قايسى بانكىنىڭ ئۇسۇمىنى كۇرسىتىدۇ. ھازىر بانكىلار ئىنتايىن كۆپ،بىراق ئۇزۇن يىللىق ئەدىليە ئەمىليىتىدىن قارىغاندا خەلق سوت مەھكىمىللىرنىڭ قوللايدىغىنى جۇڭگۇخەلق بانكىسىنىڭ قەرىز پۇل ئۆسۈم نىسپىتىدۇر .ھەر كىم خالىغان بانكا ئۆسۈم نىسپىتى بۇيىنچە تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.ئەل ئارىسىدىكى قەرىز ئىشلىردا قەرىز پۇل تۇختامىدائىنىق ئۇسۇم پۇتۇشۇش ،خالىغانچە يۇقۇرى ئۆسۈم بەلگىلمەسلىك كىرەك .شۇنداق بۇلغاندىلائەل ئارىسىدىكى قەرىز ئىلىم بىرىم ماجرالىرنى پەسەيتىپ ،نورمال بولغان پۇل مۇئامىلە قەرىز ئىشلرىنى يۇلغا قويغىلى ئىقتىسادى تەرەققىياتقا تۇرىتكە بولغىلى بولىدۇ. 24سائەت قانۇندىن ھەقسىز مەسلىھەت بىرىش قىزىق لىنىيەلىك تىلفۇنى ؛ 18299819854(بەختىيارئادۇۋكات) مەسلىھەت بىرىش تۇرلىرى:نىكاھ ماجراسى ،جىنايى ئىشلار ،قاتناش ،تۆلەم ،قەرىز ،توختام، ئۆي مۇلۇك ، سودا قاتارلىقلار.( پۇقرا ۋە قانۇنى ئىگىلەرنىڭ ئوزون مۇددەت قانۇن مەسلىھەتچىلىگىنى ئۇستىمىزگە ئالىمىز) چ چ: 1471561935 توردا ماتىريال يوللاش ئۇچۇن بۇ چ چ نۇمۇرقالدۇرۇلدى،چ چ دا مەسلھەت بىرىش قولايسىز، دوسلارنىڭ ئامال بار تىلفۇن بىرىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. مىنىڭ مۇلازىمەت ۋەدەم: باراۋارلىك، ئادىللىق ، ئىتتىپاقلىق ،تىنىچلىق ۋەتەرەققىيات، مىنىڭ ئەڭ ئالى نىشانىم . خەلق ئادۇۋكاتى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alabag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-15 11:21 PM
|
|
|
|
|
|