داۋالاش ھادىسىسى دېگەن بۇ ئاتالغۇ كۆپ كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولسا كېرەك. ھازىر قانۇن ساھەسىدە داۋالاش زىيىنى دېگەن ئاتالغۇ پەيدا بولدى. ئۇنداقتا بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار؟ بىمارلارنىڭ ھوقۇقى دەخلىگە ئۇچرىغاندا، ئۆز ھوقۇقىنى قانداق قوغدىشى كېرەك؟
1.ئالدى بىلەن داۋالاش ھادىسىسى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
«داۋالاش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى»غا ئاساسلانغاندا، داۋالاش ئاپىراتلىرى ۋە ئۇنىڭ تىببى خادىملىرى داۋالاش پائالىيىتىدە تىببى ساقلىقنى ساقلاش قانۇنلىرى، مەمۇرىي نىزاملىرى، تارماقنىڭ قائىدىلىرى، داۋالاش-دىئاگنۇز قويۇش ۋە پەرۋىش قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، سەۋەنلىكتىن بىمارلارغا جسمانىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارسا، بۇ داۋالاش ھادىسىسى بولىدۇ.
دېمەك، داۋالاش ھادىسىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە: (1)قىلمىش سادىر قىلغۇچى داۋالاش ئاپىراتى ۋە ئۇنىڭ تىببى خادىملىرى بولىدۇ. بۇ يەردە ئېيتىلغان داۋالاش ئاپىراتى «داۋالاش ئاپىراتلىرى ئىجازەتنامىسى» ئالغان ئاپىراتلارنى كۆرسىتىدۇ. (2) قىلمىش سادىر قىلغۇچى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا، قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. مەسىلەن: كەسپىي ۋىراچلىق قانۇنى، قان تەقدىم قىلىش قانۇنى، دورا باشقۇرۇش قانۇنى، داۋالاش ئاپىراتلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى، رېتسىپ باشقۇرۇش چارىسى، دېزىنفىكسىيە باشقۇرۇش چارىسى، كېلىنكىدا تېخنىكىلىق مەشغۇلات قىلىش ئۆلچىمى، كېلىنكىدا دېئاگنوز قويۇپ داۋالاش يېتەكچىسى دېگەندەك. بۇلارنىڭ تۈرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، كېيىن پۇرسەت بولسا، كونكىرىت دېلوغا بىرلەشتۈرۈپ ئايرىم تەھلىل قىلىمىز. (3)بىمارلارغا جىسمانىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى كېرەك. (4)قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ سەۋەنلىكى بىلەن زىيان ئوتتۇرىسىدا سەۋەپ نەتىجىلىك مۇناسىۋەت بولۇشى كېرەك.
2. ئەمدى داۋالاش زىيىنى ھەققىدە توختىلىمىز.
«ھوقۇققا چېقىلىش جاۋاپكارلىقى قانۇنى»غا ئاساسلانغاندا، داۋالاش ئاپىراتلىرى ۋە ئۇنىڭ تىببى خادىملىرى داۋالاش پائالىيىتىدە خاتالىق سادىر قىلىپ بىمارلارغا زىيان كەلتۈرسە، بۇ داۋالاش زىيىنى دېيىلىدۇ.
دېمەك، داۋالاش زىيىنىنىڭ شەكىللىنىشىدە: (1) قىلمىش سادىر قىلغۇچى داۋالاش ئاپىراتى ۋە ئۇنىڭ تىببى خادىملىرى بولىدۇ. بۇ يەردە ئېيتىلغان داۋالاش ئاپىراتى «داۋالاش ئاپىراتلىرى ئىجازەتنامىسى» ئالغان ئاپىراتلارنى كۆرسىتىدۇ. (2) قىلمىش سادىر قىلغۇچىدا خاتالىق بولۇشى كېرەك. بۇ يەردىكى خاتالىق قەستەنلىك ۋە سەۋەنلىك دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. قىلمىش سادىر قىلغۇچى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا، قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلغان بولسا، سەۋەنلىك دەپ بېكىتىلىدۇ.(3) بىمارلارغا زىيان يەتكەن بولۇشى كېرەك. بۇ زىيان كۆپ ھاللاردا يەنىلا جىسمانىي زىياننى كۆرسىتىدۇ. (4) قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ خاتالىقى ۋە بىمارلارنىڭ زىيىنى ئوتتۇرىسىدا سەۋەپ- نەتىجىلىك مۇناسىۋەت بولۇشى كېرەك.
3. تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش ھەققىدە
داۋالاش ھادىسىسى بىلەن داۋالاش زىيىنىنىڭ تۆلەم شەكىللىرىدە ئىلگىرى ئوخشىماسلىق بار ئىدى. مەسىلەن داۋالاش ھادىسىسىدە بىمار ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلۈم تۆلەم پۇلى بېرىش بەلگىلەنمىگەن. بىمار مېيىپ بولۇپ قالسا، 30 يىللىق مېيىپلىق پۇلى بېرىش بەلگىلەنگەن. داۋالاش زىيىنىدا ئۆلۈم تۆلەم پۇلى بېرىش بەلگىلەنگەن. مېيىپلىق پۇلىنى 20 يىللىق بېرىش بەلگىلەنگەن. يېقىندا يوقۇرى خەلق سوت مەھكىمىسى بەلگىلىمە چىقىرىپ، داۋالاش ھادىسىسى بىلەن داۋالاش سەۋەنلىكى زىيىنى (داۋالاش زىيىنى)نىڭ تۆلەم بېرىش ئۇسۇلىنى بىرلىككە كەلتۈردى. يەنى ھەممىسىدە ئادەتتىكى جىسمانىي زىيان تۆلەم دېلولىرىدىكى تۆلەم ئۆلچىمى بويىچە تۆلەم بېرىلىدىغانلىقى بەلگىلەندى.
داۋالاش ھادىسىسى بىلەن داۋالاش زىيىنى ئوتتۇرىسىدا ئۇقۇم جەھەتتىن مۇئەييەن پەرق بولسىمۇ، ئەمما ماجرانى ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلىش يولى ئاساسەن ئوخشاش. كېيىن پۈرسەت بولسا، بۇ ھەقتە تېخىمۇ كونكىرىت توختىلىمىز.
شىنجاڭ خەيرىلىك ئادۋوكاتلار ئىش بېجىرىش ئورنىدىن
ئەخمەت ياسىن ئادۋوكات
ئادرېس:ئاقسۇ شەھرى دوڭخۈەن سودا سارىيى 5-قەۋەت
تېلفۇن: 13779800483
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qiwer02 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-15 10:07 PM