|
|
|
|
تۆۋەندىكى دېلو مىسالىغا قاراڭ: مۇختار مەلۇم بىر قەغەز يەشىك ياساش زاۋۇتىدا ئىشچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە زاۋۇت ئۈسكۈنىسى ئۇنىڭ ئىككى بارمىقىنى قىسىۋېلىپ ئۈزىۋەتكەن. ئايزىمگۈل دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئەمگەك مەمۇرىي تارماقلىرىغا ئىشتا يارىلانغانلىقىنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغىلى بارغان، مۇشۇ جەرياندا مەزكۇر زاۋۇتنىڭ تىجارەت كېنىشكىسى ئالمىغانلىقى بايقالغان. ئۇنداقتا مۇختارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى قانداق قوغدىلىدۇ؟ «ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى»ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، تىجارەت كىنىشكىسى بولمغان ياكى قانۇن بويىچە تىزىملاتمىغان، ئەنگە ئالدۇرمىغان ئورۇنلار شۇنىڭدەك تىجارەت كىنىشكىسى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان ياكى تىزىمدىن، رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەن ئورۇنلار قانۇنسىز ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دەپ قارىلىدۇ.قانۇنسىز ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغان ياكى كەسپىي كېسەل بولغان بولسا، شۇ ئورۇن يارىلانغان، مېيىپ بولغان ئىشچى – خىزمەتچىگە ياكى ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا بىر يولىلا تۆلەم بېرىدۇ. يۇقارقى دېلودا مۇختار ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش قارارنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ۋىلايەتلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىغا ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش يەكۈنى چىقارغاندىن كېيىن، مۇختار ئەمگەك مەمۇرىي تارماقلىرىغا ئەھۋالنى ئېيتىپ، قانۇنسىز ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن تۆلەم پۇلىنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئەگەر ئىككى تەرەپ تۆلەم سوممىسى ۋە تۈرلىرىدە كېلىشەلمىسە، ئەمگەك ماجىرالىرىنى بىرتەرەپ قىلىش يولى بىلەن كېسىم قىلىش ياكى سوت قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ. شىنجاڭ خەيرىلىك ئادۋوكاتلار ئىش بېجىرىش ئورنىدىن ئەخمەت ياسىن ئادۋوكات ئادرېس:ئاقسۇ شەھرى دوڭخۈەن سودا سارىيى 5-قەۋەت تېلفۇن: 2280309-0997 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qiwer02 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-15 09:06 PM
|
|
|
|
|
|