يىقىندا شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ بۈگۈنكى سۆھبەت پىراگىراممىسىدا ئابلىكىم ئوقيا ئەپەندى بىلەن "پىنسىيەگە چىقىش يىشىنى ئۇزارتىش"ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلاپ،ئابلىكىم ئەپەندىنىڭ تولىمۇ مەسئولىيەتسىزلىك بىلەن دىگەن بىرقانچە ئېغىز سۆزى مىنى بەك ئويلاندۇرۇپ قويدى.ئابلىكىم ئەپەندى سۆزىدە "بىر قانچە يىل ئارتۇق ئىشلەشتە ياشانغانلار ئۇنداق –مۇنداق قىلىپمۇ بىر قانچە يىلنى توشقۇزۋىتەلەيدۇ" شۇڭا پىنسىيە يېشىنى ئۇزارتسا ئۇلارنىڭ پىنسىيەگە چىققاندا ئالىدىغان تەمىناتىمۇ كۆپ بۇلارمىش.
خوش ئۇنداقتا بىر قانچە يىلنى ئۇنداق –مۇنداق قىلىپلا ئىشلەپ ئۆتكۈزۋەتكىلى بۇلامدۇ ؟ ياق ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس باشقا كەسىپلەردە بولغان بىلەن مائارىپ كەسپىدە ئۇنداق بولمايدۇ .چۈنكى بىر ئوقۇتقۇچى بىر سائەت دەرسكە كىرسە شۇ سائەتتە دەرس ئاڭلىغان ئەۋلاتلېرىمىزگە مەسئول بۇلىشى كېرەك ھەرگىزمۇ ئۇنداق-مۇنداق ئۆتكۈزۋېتىشكە بولمايدۇ.
يەنە بىر كوچىدىكى تاماشىبىندىن موخبىر پىنسىيەگە چىقىش يىشىنى ئۇزارتىشقا قانداق قارايسىز ؟ دەپ سورىۋىدى ئۇ كىشىمۇ ئويلانمايلا ئەقلى خىزمەت ئىشلەيدىغانلار، ئوقۇتقۇچىلار 50ياش 55 ياشتىن ئاشقاندا ئەقىل كامالەتكە يىتىدۇ شۇڭا ئۇلارنىڭ پىسىيە يىشىنى ئۇزارتسا بولىدۇ دەپ ناھايتى مەسئولىيەتسىزلىك قىلدى.
ئەقلى خىزمەت قىلىدىغان،بولۇپمۇ يېزىلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن پىسىيە يېشىنى ئۇزارتىش ئۇلارنى مۇنبەر ئالدىدىن ئۇ ئالەمگە ئۇزۇتۇپ قويۇش دىمەكتۇر.
مەن خىزمەتكە چىقىپ بىللە ئىشلىگەن پىشقەدەم ئۇستازلېرىمىزدىن ھازىرغىچە پىنسىيەگە چىققانلېرىدىن 19نەپىرى بولۇپ بۇلاردىن 10نەپىرى ئاللى قاچان تۈگەپ كەتتى (ئاللا ئۇلارنىڭ ياتقان جايىنى جەننەت قىلغاي).بۇلارنىڭ تۈگەپ كەتكەن ۋاقتىدىكى ئەڭ چوڭىنىڭ يىشى 62ياشتا ،ئەڭ كىچىكى 56ياشقا توشماي پىنسىيەگە چىققان يىلىلا تۈگەپ كەتتى.يەنە 3نەپىرى ماڭالماس بولۇپ قالدى.باشقا ئىدارىدىن پىنسىيىگە چىققانلار بولسا خېلى ئۇزاق ياشايدىكەن چۈنكى ئۇلاردا بېسىم بىرئاز ئاز ئوخشايدۇ ئۇلار پىنسىيەگە چىقىپمۇ راھەت كۆرۈپ ئۇزاق ياشايدىكەن .بىراق مائارىپچىلار ئۇنداق ئەمەس.
مەن كەڭ تورداشلارنىڭ مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىپ پىنسىيەگە چىقىش يىشىنى ئۇزارتىش جەھەتتە كەسىپلەر بويىچە ئايرىپ بېكىتىشىنى بولۇپمۇ ئاساسى قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىنسىيەگە چىقىش يىشىنى يەنە بىرئاز كىچىكلىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
مەنبە: ئۆزەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-15 06:42 PM