جامائەت ئەربابى، ئىنسانشۇناس، تارىخشۇناس، مەدەنىيەتشۇناس، تەزكىرىشۇناس ئەدىب شېرىپ خۇشتار ئەپەندىگە تون كىيدۈرۈش مۇراسىمى
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئىتىپاق يولىدىكى ھايات چايخانىسىدا، جامائەت ئەربابى، تارىخشۇناس، مەدەنىيەتشۇناس، تەزكىرىشۇناس ئەدىب شېرىپ خۇشتار ئەپەندى مەۋلۇتىنىڭ 90 يىللىق خاتىرە كۈنىدە تون كىيدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىم پىشقەدەمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تەرىپىدىن ئەتراپلىق تەشكىللەنگەن ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى مۇراسىمغا پىشقەدەم جامائەت ئەربابلىرى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسدىكى پىرافىسور-ئالىملار، يازغۇچى-ئەدىبلەر، رەسسام-سەنئەتچىلەردىن بولۇپ، 30 نەچچە ئادەم قاتناشتى. مۇراسىمغا شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ پىرافىسورى غەيرەتجان ئوسمان رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئالدى بىلەن مىجىت ناسىر، ئابدۇكېرىم راخمان، ئىسلامجان شېرىپ بەشكېرەمى قاتارلىق پېشقەدەم جامائەت ئەربابلىرى شېرىپ خۇشتار ئەپەندىمنىڭ 90 ياشقا كىرگەن قۇتلۇق خاتىرە كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۆمۈرىگە بەرىكەت تىلىدى.
ئالىم ئارسلان ئابدۇللا ئەپەندى شىرىپ خۇشتار ئەپەندىگە ئىلچى شىركىتى لايھىلىگەن بىر يۈرۈش توننى كىيدۈردى. رەسسام غازى ئەھمەت ئەپەندى يېقىندا نەشىر قىلدۇرغان قىممىتى 1200يۈەنلىك ھايات ۋە ئىجادىيەت ئەلبومىنى شىرىپ خۇشتار ئەپەندىگە خاتىرە سۈپىتىدە سوۋغا قىلدى. شائىر ئىمىن ئەخمىدى شىرىپ خۇشتار ئەپەندىگە ئاتاپ يازغان شېئىرىنى ئوقۇدى. ئابدۇراخمان ئەبەي، ئادىل مۇھەممەت تۇران، مەمتىمىن ھۇشۇر، قۇربان مامۇت ، پولات ھېۋىزۇللا قاتارلىق يازغۇچى-ئەدىبلەر ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئىزھار قىلدى.
شېرىپ خۇشتار ئەپەندىم ئۈمۈرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەدەبىيات، تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ئىشلىرىغا سەرپ قىلىپ، ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسىدە ئۆزىگە خاس تەتقىقات ئۇسۇلى، يېزىقچىلىق ئۇسلوبى ۋە نەزىرىيۋىي كۆز قاراشلارنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتىدا تېنىم تاپماي دالا تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، خەلق ئارىسىدىكى تارىخى پاكىتلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتىدا، ئىنسانشۇناسلىقنىڭ دالا تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان. يېزىقچىلىقتا، تارىخى چىن ۋەقەلەرنى تەزكىرە ئەدەبىياتى ئۇسلوبىدا بايان قىلىپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تەزكىرە ئەدەبىياتنىنىڭ نەمۇنىسىنى ياراتقان. ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى توغرىسىدىكى قاراشلىرى دۆلەت-ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىتراپ قىلىشغا ئېرىشىپ، شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخ تەتقىقاتىدا نوپوزلۇق كۆز قاراش ۋە نەزىرىيەگە ئايلاندى. كۆپچىلىك بىردەك شېرىپ خۇشتار ئەپەندىنى «ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەقىقى ئىنسانشۇناسى، تارىخشۇناسى، مەدەنىيەتشۇناسى ۋە تەزكىرىشۇناس ئەدىبى» دەپ ئېتىراپ قىلدى ۋە ئىجادى ئەمگەكلىرىگە ئۆزىلىرىنىڭ قايىللىقىنى بىلدۈرۈشتى. مىسىرانىم تور خەۋەرلىرى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-15 03:42 PM
|