بۆرەك ئاجىزلىقى
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، بۈگۈن مۇشۇ بۆرەك ئاجىزلىق توغرىسىدا بىر توختۇلۇپ ئۆتسەك. چۈنكى نۇرغۇن كىشىللىرىمىز بۇلۇپمۇ ئەرلەر تۇمۇر تۇتقۇزساق تىۋىپلارنىڭ كۈپۈنچىسى بۆرەك ئاجىزلاپتۇ دەيدۇ. تېخى تۈنگۈن قەشقەردە بىر كۇچا تىۋىپى ئۇچقاپ قېلىپ تۇمۇرۇمنى تۇتۇپ باقماق بۇلۇپ ‹بۆركىڭىز زەيىپلىشىپتۇ› دەپتى بۇلىشىغا ئىدىپنى بەردىم. بۇ تىمىنى ئۇقۇپ بۆرەك ئاجىزلىق دىگەن نىمە؟ ئۇنىڭ جىنسى مۇناسىۋەت بىلەن قانداق باغلىنىشى بار؟ بىر ھىس قىلىپ بېقىلا. قىنى ئەمسە تىمىغا مەرھەمەت!
سەۋەبى: بۆرەك ئاجىزلىق بەلغەم، سەپرا، سەۋدا مىزاج كىشىلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ.
ئالامىتى: ئولتۇرۇپ قوپقاندا بەل ساھەسى ئاغرىيدۇ. كېچىلىرى كۆپىنچە تەڭ كېچىدىن كېيىن ئاغرىيدۇ. بەزىدە چۈشتىن كېيىن ئاغرىيدۇ.
بۆرەك ئاجىزلىق سەپرادىن بولسا كۆپرەك ھەرىكەت قىلغاندا ياكى ئىسسىقلىق غىزا دورىلارنى ئىستىمال قىلسا زىيان قىلىدۇ. چۈشتىن كېيىن بەل ساھەسىدىكى ئاغرىق ئېغىرراق بولىدۇ.
بۆرەك ئاجىزلىق بەلغەمدىن بولسا كېچىدە بەل ساھەسىدىكى ئاغرىق ئېغىرراق بولىدۇ. سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىپ چىراي، قاپاق، تۆۋەنكى مۆچىلەر ئىششىش، نەپەس قىستاش، قۇرۇق ھۆ بولۇش پەيدا بولىدۇ.
بۆرەك ئاجىزلىق سەۋدادىن بولسا بەل تېلىپ ئاغرىش بىلەن بىرگە بەل ساھەسى ئىسسىماسلىق، سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك پات- پات كېلىش، يۇقۇرى تۆۋەن مۆچىلەر تېلىپ سىقىراپ ئاغرىش پەيدا بۇلىدۇ.
داۋالاش: بۆرەك ئاجىزلىق سەپرادىن بولسا ھالۋايى تەرەنجىبىن، ھالۋايى بادام، لۇبۇبى سەغىر قاتارلىق دورىلار بىرىلىدۇ.
غىزاسىغا: بىلىق، تۇخۇ گۆشلىرى، سۈت، شېكەر، تۇخۇم چايلىرى بىلەن نان بىرىلىدۇ.
بۆرەك ئاجىزلىق بەلغەمدىن بولسا مائۇلئۇسۇل شەربىتى بىرىش. ئەگەر ئىششىق بولمىسا ماددەتۇلھايات، مەجۇنى مەسھىيا، جاۋارىش ئەنبەر، گۈلقەنىت ھەسىلى بىرىش لازىم. ئەگەر ئىششىق بولسا شەربىتى بۇزۇرى، ئەرقى بادىيان، ئەرقى پۈدىنە بىرىش لازىم.
غىزاسىغا: كەپتەر، كەكلىك، قۇچقاچ گۆشلىرىنى سەۋزە، نۇقۇت بىلەن شورپا قىلىپ بىرىش لازىم.
بۆرەك ئاجىزلىق سەۋدادىن بولسا شەربىتى ئەنجۈر، ھالۋايى بەيزە، لۇبۇبى كەبىر، جاۋارىش زەر ئۇنى، ئەبرىشىم شەربىتى قاتارلىقلارنى بىرىش لازىم.
غىزاسىغا: پاقلان گۆشلىرىگە سەۋزە، ئاق چامغۇر سېلىپ شورپا قىلىپ بىرىش، تۇخۇم سېرىقى، ھەسەل، قايماق بىلەن چاي قىلىپ نان بىرىش، ھۆل ئىسسىق غىزا بىرىلسە ياخشىدۇر.
مەنبە: http://bbs.alsihat.com