ئاۋال دەپ ئۆتۈش لازىمكى بۇبىر چاقچاق خالاس. قىز-ئاياللار خاپا بولمىغايسىلەر. ئانىلار ھەم كەلگۈسىدىكى ئانا بولغۇچىلار ئەڭ ھۆرمەتلىنشكە لايىق ئىنسانلاردۇر.
بىر كىتابتا مۇنداق بىر ھەزىل باركەن، بىرەيلەن<<خوتۇن ئالدىڭ، ئۆشنەڭگە بىر باغلام ئوتۇن ئالدىڭ>> دېگەن تەمسىلگەقىزىقارلىق قىلىپ<< ھېرىپ قالساڭ شۇ ئوتۇندا ئولتۇرۇپ ئارام ئالساڭ بولىدۇ>> دەپتىكەن. ئەلۋەتتە بۇمۇ بىر چاقچاق.
ئاشكارنىڭ توي قىلىش ھەققىدىكى تېمىسنى كۈرۈپ ئىلھام تۇتتى دەڭلا، شۇنىڭ بىلەن غاچ-غۇچ يېزىپ سالدىم.
توي قىلىش دېمەكلىك يۈكسەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، ئۆزىنىڭ پىشىپ-يىتىلگەنلىكنى ھىس قىلىش ياكى پىشىپ-يىتىلىشكە يەنە بىر چوڭ قەدەم تاشلاش دېمەكلىكتۇر. ئائىلە ناھايتى ئىللىق بىر ماكان( مىھىر-مۇھەببەتكە تويۇنغان بولسا). ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئۆسۈپ -يىتىلىپ توي قىلىپ، پەرزەنتلىك بولۇپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگىننى كۆرسە ھاردۇقى چىقىدۇ. نەۋرلىرنىىڭ قىيا-چىياسىدىن ھۇزۈرلىنىپ ھەربىر نامىزىدا ئۇلارغا بەخت تىلەپ دۇئا قىلىدۇ، ياراتقۇچىغا ھەمدۇ-سانا ئوقۇيدۇ. ئاشكارنىڭ ھەمدە يەنە بىر توردىشىمىزنىڭ ئاتا-ئانسى دەل مۇشۇ خوشاللىق مىنۇتلارنى ھېرىپ-چارچاش ئىچىدە خوشاللىق بىلەن كۈتىۋاتىدۇ ئەلۋەتتە.
ئەمدى چاقچاق باشلايمىز.
مۇلايىم تارتىنچاق قىزلار تويدىن كىيىن تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇپ، زور نىسبەتتىكى ئەقلىنى ئەرلىرىنى باشقۇرۇشقا قارىتىدۇ. ئەرلەر بۇ ۋاقىتتا ماۋۇ ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭلار. سايىماخۇن بولامدۇق يوق، ئۆزىمىزىگە باغلىق. ( چاقچاق ھە تۆۋەندىكىلەر).
1. توي قىلىپ ھەپتىدىن كېيىن ئاياللار دەيدۇلەركى:-ۋايجان ( نازلىنىپ تۇرۇپ دەيدۇ-دە) بۈگۈن سىز چاي دەملەڭە، مېنىڭ ھىچ مىجەزىم يوق جېنىم...
ئەرلەر دەرھال ماقۇل دەپ يۈ گۈرۈپ كەتمەڭ، بۇ تۇنجى تۇزاق جۇمۇ
، دېمەك شۇ چاي دەملەش سىزنىڭ قازان بېشىغا مېڭىشتىكى تۇنجى قەدىمىڭىز،. مۇنداق دەڭ:
- چاينى قانداق دەملەيدۇ؟ سوغۇق سۇ بىلەن نان يەيلىچۇ!؟
ئەگەر يۈز كېلەلمەي قالىسڭىز چاي دەملىگىچە بىرەر تال پىيالە قولىڭىزدىن چۈشۈپ كەتسىمۇ بولىدۇ.( چىقىم شۇ).
2. تاماق ئەتكەندە ئايال شۇنداق دەيدۇلەركى:- ماۋۇ سەينى بىر قورىغاچ تۇرىڭە!
ئەر:_ نىمىدە قوريىدۇ سەينى؟
ئايال:- ئەلۋەتتە چۈمۈچتە دە.
ئەر- چۈمۈچ دېگەن نىمە؟ تونۇمايدىكەنمەن. ھىھىھى
(دىققەت قىلىڭكى قورۇپلا قالسىڭىز پەشتاما سىزگە ئۆتۈپ كېتىدىغانغا چوڭ قەدەم ئالغان بولسىز. قورۇپ بېرەي دېسىڭىز ئايالىڭىزنى چىقىرۋىتىپ قورۇڭ، بىراق ھەممە سەي كۈيۈپ كەتسۇن ھەم ناھايتى تۇزلۇق بولسۇن.)
3. ئۆيگە قېيانىڭىز كەلدى، دېققەت، ئايالىڭىز دەيدۇلەركى،- قۇپۇڭ ئانامغا كۆرپە سېلىڭ!
ئەر:- كۆرپە، ھە!- سىز تۇنۈگۈن ئاپام كەلگەندە تاپالمىغانتىڭىزغۇ؟ مەنمۇ تاپالماي قالارمەنمۇ.( كۆرپە كىچىككىنە نەرسە ئەمەسمۇ.
قېينانا يەنە كەلدى.
ئەر بولغۇچى ئايالىغا ئۇ قىلالمايدىغان تاماقنى ئېتىشكە بۇيرىسۇن. مەسلەن:
-خوتۇن گۆشنان ئىتىڭلار، ئاپام ئاران كەلگەندە.
-ئىتەلمىسەم، بىلىپ تۇرۇپ دەيدىكىنا.
_ نىمىشقا ئىتەلمەيسىلەر؟ ئايال كىشى تۇرۇپ( يۇقىرراق تەلەپپۇزدا) .
-ئۆگەنمەپتىكەن!
-كىمۇ ئۆگەتمىگەن( كىم بولماقچى، خۇپسەنلىكتە بۇ)
4. ئايالىڭىز كىر يۇيغاندا:- مانى سىقىپ بېرىڭە، ( ماقۇل دەڭ، بىراق ئايالىڭىز يەنە بىر ئۈچىنى تۇتسۇن. سىز ئايالىڭىز بىلەن ئوخشاش يۈنىلىشتە تولغاپ سىقىڭ)، ئاپىڭىز سىزنىڭ پارقىراپ تۇرىغان سۈپۇن ھىدى قولىڭىزنى كۈرۈپ قالمىغاي، پۇراپ قالمىغاي.
5. باللىق بولغاندا( ئاللاھ سالىھ پەرزەنىت نېسىپ قىلغاي).
ئايال:- بالىنى كۈتۈرۈپ تۇرسىڭىزچۇ؟ كۈتۈرمەي بولامدۇ يۈرەك پارىمىزنى( كۈتۈرۈڭدە قولڭىزنى بوۋىقىزڭنىڭ ئىغىغا تەككۈزۈڭ، بوۋاق بارمىقىڭىزنى شورىشى بىلەنلا( ھەممە بوۋاق شورايدىغۇ):
-قاراڭ ئەمگۈسى كەپتۇ، قورسىقى بەك ئېچىپ كىتپتۇ، ئېمىتىڭە، ئالىدۇ ئامال يوق ،بىزدە بولمىسا مەمەم
6. ئىككى باللىق بولغاندا:
ئايال؛- ۋاي بىر سىز تاماق قىلسىڭىزچۇ، مەن بالا بېقىپ ھېرىپ ئۆلەي دېدىم( راسىت دەيدۇ).
ئەر:- ماقۇل ، مەن ئىتەي بىراق سىز كېيىن بالىمىزنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ئوغلىمىزنى قازان بېشىدا كۈرۈشنى خالامسىز؟
ئايال:- نىمە دەيدۇ، مەنچۇ بالامنى ئوغۇل دەپ باققان ئايالى نىمە قىلىدۇ تاماق قىلماي.
ئەر:- شۇ، شۇ. مەنمۇ شۇنى دېمەكچى(سېسىق گەپ ماۋۇ) ساق ئايال بولمىسا ئىتتتىك چۈشەنمەيدۇ.
( ھەر قانداق ئايال ئېرىگە تاماق قىلغۇزۇشقا ئامراق بولغان بىلەن، ئوغلىنىڭ قازان بېشىدا قوللىرى خېمىر يوقى پەشتاما تارتقان ھالىتىنى كۈرۈشنى خالىمايدۇ).
شۇنداق قىلىپ چاقچاق قىلىپ قويدۇم-ھە! بارلىق ئائىلىلەر ئىناق، شات -خورام ئۆتكەيسىلەر. ئاتا-ئاناڭلارنى قەدىرلەپ، بىر-بىرىڭلارنى ھۆرمەتلەپ، ئۆمرۈڭلار يار بەرسە پەرزەنتىڭلارنى بىللە بېقىپ قاتارغا قوشقايسىلەر. ئەرلەمۇ ئائىلە ئىشلرىغا ياردەملىشىپ بېرىڭلار، ئاياللارنىڭ يۈكى ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر .
ئولۇغ ئاللاھدىن ھەممە ئائىلىلەرگە بەخىت ئاتا قىلىشنى تىلەيمەن.
ئاشكارنىڭ تېمىسىغا ئىنكاس يېزىپ قازان بېشىدىن نېرى تۇرۇڭ،- دەپ قويىۋىدىم. دېمەكچى مېھرىبان بولسۇن<< سايىماخۇن>> بولمىسۇندە! ھاھاھا
ئاخىرىدا بارلىق قىز-ئاياللارغا، مېھرىبان ئاتا-ئانىلارغا چەكسىز ھۆرمىتمنى بىلدۈرىمەن.
مەنبە: مەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zapar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-15 02:17 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-6-15 07:08 PM):
بوۋاقنىڭ ئېغزىغا دېمەكچى ئىدىم، باشقۇرغۇچىلار تەھىرىرلەپ قويساڭلار.
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-6-15 07:21 PM):
ئىملا خاتالىقى جىقراق تۇرىدۇ، كەچۈرۈڭلار.