مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5926|ئىنكاس: 63

ئاشكار توي قىلىدۇ دەپ ئاڭلىدىم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باشقىلار ھازىركىتاب كۆرىۋاتىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1854
يازما سانى: 2208
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 314254
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 5512 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 07:16:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىرىم كىچىدە ئويغۇنۇپ قالغاندىكىن ئۆزۈمگىمۇ ئاز ، ئالدىنقى جۈملىدىن ھىسابلىغاندا ئاخىرىغىچە خىلى كۆپ كوتولداش مۇنبەر يۈزىگە دەسسەيدىغاندەك تۇرىدۇ .  

       ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەيدىغانلا پەقەت مەن ئاشكارلا بولمىسام كىرەك ،  چۈشۈمگە دىيارىمداشلىرىم كىرىپ قاپتۇ ،  بىر قوللۇق يېزىپ چىققان < ھابابام سىنىپىم>  يەنە قايتا دەرىس باشلىغىدەك  لىكىن كۆپ ساۋاقداشلىرىم تېزىملىكتىن چۈشۈپ قاپتۇ  .  بولدىلا  يازمىنى پىچەت چىقىرىمەن دەپ قىيلىنىپ يۈرگەندىن بۇرۇنقىدەك كاللامغا كەلگەننىڭ ھەممىنى يېزىپ قوياي .

     ئاللاھنىڭ شەپقىتى بىلەن مۇشۇ كەمگىچە ياشاپ كەلدىم ، سىزمۇ ھەم شۇنداق  .  بەلكىم بىراۋلارغا ياخشى بولساق بىراۋلارغا يامان بولغاندىمىز .  يا ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىگە :" مەن ياخشى ئادەم، مىنى خاتا چۈشىنىۋالدىڭىز" دەپ يېزىپ قويغىلى بولمىسا ، كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ قىممىتى ، جىسمى تۇپراققا چاپلانغاندا ئاندىن بىلىنىدىكەن  ،  ھايات چېغىدا قەدىرىنى بىلمەيمىزكەن ، غاجايمىزكەن .  تاتلايمىزكەن  ، ئەمما ئۆلۈپ خەۋىرى قۇلاققا يەتكەندە ئىككى ئالقىنىمىزغا جىق دۇئالارنى ئېلىپ يۈزىمىزگە سۈرتىمىزكەن . ئاپام دائىم :" ۋاي بالام ، ئىش تۈگىمەيدۇ  ، ئۆلگەندە ئاندىن ئارام ئالىدىغان ئوخشايمىز " دەيتتى . ئاپام ئوقىمىغان كىشى بولغىنى بىلەن ھەق گەپتىن بىرنى قىلغان ئىكەن  .  ياخشىلارغا جەننەت تىلەيمەن ، يامانلارغا ئىنساب ...

     ھەر نىمە بولسا قەھىرتان قىش ھەم  شامىلى ئۇرۇپ -ئۇرۇپ تۇرىدىغان ئەتىيازدىن ئۆتىۋالدۇق . مەن تىخى كىشلەرنى شۇ قىشتىلا نامىراتلىشىپ ياز كەلگەندە گۆش يەيدۇ دەپ قاپتىمەن ، ئەسلى پىژ -پىژ ئاپتاپتىمۇ  تىتىرەك باسىدىغان قېرىنداشلىرىمىز كۆپ ئىكەن ،  تەڭشەلمىگەن جاھان ھە!  ۋاھ ، ئۆزىمىز ئىجاد قىلغان مەنتىقىسىز بىر جۈملە بۇ پەقەت .  ئاللاھ ئىگەم ئۆزى تەڭشەيدۇ دەيمىز يەنە بەزەن -بەزەندە !!!  قىشقا يالاڭ ، يازغا قېلىن كىلىدىغان كىيىملەرنى كىيىپ يۈرىدىغان ئۇيغۇرلار توپى....  قەيەردە بىر ئاڭلىغاندەك قىلغان ئىدىم :" چىرايلىق كىيمىڭنى ئۆزۈڭ كىي ، ياخشى تاماقنى باشقىلارغا بەر "  نامراتلىرىمىز چىرايلىق كىيىملىرىنى باشقىلارغا بىرىۋىتىپ  بايلىرىمىز ياخشى تائاملىرىنى ئۆزلىرى يەۋىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ . ئوڭشىلىپ قالار ھە  ، مەن ئۆزۈمنى شۇنداق دەپ ئالداپ يۈرىۋاتىمەن  ، سىزمۇ ئۆزىڭىزنى بەزلەڭ...

     -ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ،
     - ياخشى ، ئۆزىڭىزچۇ ؟
     مانا سالام دىگەن ،  يىدىڭىزمۇ ؟  ھە يىدىم دەيدىغانغا ئازلا قالدۇق .   تىل -يېزىق بويۇن قىسۋاتقىلى خىلى بولغان ئىدى  ، ئەمدى  قائىدە -يۇسۇن دەلتىلىشىۋاتىدۇ  ،  
       ئىي ئوغۇل ، ئېلىپ قولنى مەيدىگە ،
       ئەسسالامۇ    ئەلەيكوم      دىگىن .
      شەلپەر ئوخشاش قىزارغىن قىزچاق ،
     خىجىللىقتا    يەرگە      تەلپۈنگىن  .
تەكشۈرۈشكە كەلگەن باشلىقنىڭ بېشىدا بىز كەيدۈرگەن دوپپا ، يېنىدىكى ھەمرا باشلىقىمىزنىڭ بېشى شۇ پىتى ، ئەدەپ -قائىدە ، ئۇيغۇرغا خاس ئەخلاق ، مىللى كىملىك سۇسلاشمىسۇن ،  بىز شۇ تەربىيەلەردىن قۇرۇق قالغان بولساق بالىلىرىمىز بولسىمۇ تەربىيەنى مۇستەھكەم ئالسۇن ، شۇلارنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا  مەن ئۇيغۇر ئەۋلادى دىگەن ئاڭ سىڭىپ كەتسۇن!

ھىلىقى ساراڭلار دوختۇرخانىسى ئېسىڭلاردا بارمىكىن ،  ئۆيگە قايىتقىچە ئالدىدىن ئۆتىمەن دىگەن ئىدىم ئۆتكەندە  ،  بىر نەچچە كۈن ئالدىدا دەرۋازىسى ئالدىدا توختاپ بىر دەم تىڭشاپ باقتىم ، شۇنچىلىك جىمجىت ، بىرەر ساراڭنىڭ ۋاقىرغان ئاۋازى ئاڭلانمايدۇ ،  ۋاقىرماس قىلىۋىتەمدۇ ياكى ، ۋاقىرغۇسى كەلمەمدۇ بۇنىسى ماڭا نا ئېنىق . ئەمما ئۇلارنىڭ كۆزىدىن بىر خىل يالقۇن چاچىرايدۇ  ، بەلكىم ھايات ، تۇرمۇش شۇلارنى جىمجىت قىلىپ قويغاندۇ ھە ، ياشاش تەس كەلسە ھەممىز ساراڭ بولىۋالىمىز ، ئەمما شۇ ئېسىمىزدە بولسۇن ، تۇرمۇش بىزنى ساراڭ قىلىۋەتسە قىلىۋەتسۇنكى ، بىز تۇرمۇشنى ساراڭ قىلىۋەتمەيلى !

تاس قاپتىمەن ئۇنتۇپ قالغىلى  ،  يەنە 3 كۈن ئۆتسە تويوم بولىدۇ  ، دۇمبەمگە يەنە بىر تاغار يۈك ئارتىلىدىغان بولدى  ، ئۇلۇغ ئاللاھ بەختىمىزنى بەرسۇن ،  توينىمۇ  مۇنبەرگە يازامدۇ  ، تېتېقسىزلىق دەپ يۈرمەڭلا .  نەچچە يىللىق مۇنبەر ھاياتىمدا نۇرغۇنلىغان دوسىتلار ، ئۆتكۈر پىكىرلىك كىشلەر بىلەن تونۇشتۇم ،  شۇ چاغلاردا شۇ كىشلەرگە چوقۇم خەۋەر قىلىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدىم ، ۋەدەم ۋەدىدەك بولسۇن ،  بىر كىشىنىڭ دۇئاسى كۆپ بولسا بىر مىنۇتلۇق كۈلكەم كۆپىيىپ قالار ،
   - ئاللاغا ئامانەت .
  


                                                                                    ئاشكار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-15 10:43 AM  


ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Aytugh + 30 ئاللاھ بەختىڭلارنى بە.
musilina + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
biparwa0997 + 100 يۇقاپ كەتمەڭ! تېمىلىر.
fatima + 100 قۇتلۇق تۇيىڭىزغا مۇبا.
كارۋان + 50 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 480   باھا خاتىرىسى

دۈشمەنلىرىمگە ئۈزۈم تىتىيمەن ، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3427
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10773
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 943 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 09:53:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇي  مۇبارەك بولسۇن .

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 10:09:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئىشكەن،يىگىت چوڭ بولسا ئۆيلىنىدۇ ئەمەسمۇ.چوڭ بولۇپسىز،مۇبارەك بولسۇن!
تېمىڭىزغا كەلسەك ئادەمنى ئويلاندۇرغىدەك ياخشى يېزىپسىز،مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەسلەتتى،رەھمەت،توي قىلغاندىن كىيىن خوتۇن بىلەن خوتۇن بولۇپ كەتمەي مۇنبەرگە كىرىپ تۇرۇڭ،ئېسىل يازمىللىرىڭىزغا بىز تەشنا.

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

تەۋبىكار

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66
يازما سانى: 2745
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23105
تۆھپە نۇمۇرى: 951
توردا: 1620 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 10:14:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇتتاردابار  تارا ساتاردا يوق ،
توي قىلمىغان باللا قاتاردا يوق .

سېپىمىزگە قۇشۇلۇشىڭىزنى قارىشى ئالىمەن ، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   owchi. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-15 10:15 AM  


دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 2040
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12215
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8811 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 10:20:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن، بىشىڭلار باش ئايغىڭلار تاش بۇلسۇن،

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 10:23:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gulbar5 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-15 10:20 AM
مۇبارەك بولسۇن، بىشىڭلار باش ئايغىڭلار تاش بۇلسۇن، ...

يەنە ئايىقىغا  تۇغۇلغان بالاڭلار يوغان باش بولسۇن دىگەننى قۇشۇپ قۇيىمىز...

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 2040
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12215
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8811 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 10:25:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارۋان يوللىغان ۋاقتى  2012-6-15 10:23 AM
يەنە ئايىقىغا  تۇغۇلغان بالاڭلار يوغان باش بولسۇن دىگ ...
مىسرانمدىكى گۈلبەر بالامنى يوغانباش بولسۇن بىشى يوغان تۇغۇلۇپ قالدى دەپ ئاندىن
ئۇنى دىمىسەكمۇ، ھازىرقى باللارنىڭ ھەممسى يوغانباش تۇغۇلدىكەنغۇ ،ھىلقى چوگەي دەپچۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulbar5 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-15 10:33 AM  


ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45093
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 368
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 942 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 10:28:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن !  بەختلىك بولغايسىلەر!!

ئۇزۇن بوپتىكەن يېڭى تېمىلىرىڭىز بىلەن يۈز كۆرۈشمىگىلى،ئەسلى...

-ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ،
     - ياخشى ، ئۆزىڭىزچۇ ؟
     مانا سالام دىگەن ،  يىدىڭىزمۇ ؟  ھە يىدىم دەيدىغانغا ئازلا قالدۇق .   تىل -يېزىق بويۇن قىسۋاتقىلى خىلى بولغان ئىدى  ، ئەمدى  قائىدە -يۇسۇن دەلتىلىشىۋاتىدۇ  ،


ما گەپ مېنى خېلى تېپىۋاتىدۇ جۇما~~~~
داۋاملىق يېزىپ تۇرارسىز،بولمىسا سېغىنىپ قالىدىكەنمىز.

ھىجرانىم تامچىلاپ ئاخىر بولدى كۆل،
ياشلىق مەۋسۇمى ئۇ توزۇغان بىر گۈل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18799
يازما سانى: 665
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8187
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 3329 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 10:32:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن!
توردېشىمىز كارۋان دېگىنىدەك خوتۇنغا خوتۇن بولۇپ كەتمەيمۇنبەر گىمۇ كىرىپ تۇرۇڭ ئۇزۇن بولدى يازمىللىرېڭىزنىمۇ كۆرمىگىلى.
توي باغىقىنى قاچان تاپشۇرۋالىمىز  تورداشلاربۇ ئېلاندىن ئۇچ كۇندىن كىيىن توي بولدىغانلىقىنى ئۇقتۇق لېكىن ئورنى نامەلۇم

ئېھتىياجىمىز كۆپەيگەنسىرى ،ئۆزىمىزنى شۇنچىكى نامرات ھېس قىلىمىز.

سەبىر قىلاي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80769
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2012-5-29
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 10:44:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا خالىسا يەكشەنبە كۈنى مىنىڭ نىكاھ ئۇقىتىلىدىغان كۈنۈم،سىزنىڭ دۈشەنبە كۈنىمۇ نىمە ؟ئەسىرىڭىزنىڭ مەنىسى بەك چوڭقۇر ئىكەن،قايىل بولدۇم.

بىز بەش نەرسىنى دەپ بەش نەرسىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز،پۇلنى دەپ ھالاللىقتىن،گۈزەللىكنى دەپ ھايادىن،ئىشرەتنى دەپ ھاياتتىن،مۇھابەتنى دەپ ئاتا ئانىدىن،مىراسنى دەپ قېرىنداشتىن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش