قاقشىمىغىن، چېچىلما دوستۇم،
بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرى يالغان.
ئالدىرىما كاناي، مەش ئىزدەپ،
بالدۇر كەلگەن قىشلىرى يالغان.
بولۇپ يۈرمە ئاشىق- بىقارار،
بىر كۆرۈپلا كۆيگىنى يالغان.
ئەركىلىسە ئېرىپ كەتمىگىن،
لەۋلىرىڭگە سۆيگىنى يالغان.
ھەۋەس قىلما بايغا- نوچىغا،
ھۆركىرىگەن ھەيۋىسى يالغان.
باقىۋەندە ئەمەس پۇل- بايلىق،
بۈگۈن كۈلەر، ئەتىسى يالغان.
خۇشامەت قىپ كۈلمە باشلىققا،
ساڭا ئېيتقان سۆزلىرى يالغان،
تىكىلەلمەي ئاۋامغا ئۇدۇل.
ئېلىپ قاچقان كۆزلىرى يالغان.
تىرىشچان بول، ئۆزۈڭگە ئىشەن،
دوست-بۇرادەر،ھەممىسى يالغان.
<<جېنىم پىدا، ئۆلىمەن>> دېگەن،
قۇرۇق گەپ-سۆز،ۋەدىسى يالغان.
ــــــ نــىــجــات ھــايــات(باتۇر)
مــەنــبــە: قــەلــىــمــىــم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-15 09:34 AM