مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1021|ئىنكاس: 4

ئەمگەك توختامنامسى (تولۇق نۇسخا) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69210
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3785
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 12:44:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەمگەك  توختامى


(پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەم ئىشلىتىدىغانلار ئىشلىتىدۇ)



ئا تەرەپ :____________________________

ب تەرەپ :____________________________

توختام ئىمزالىغان ۋاقىت:____يىل ____ئاي ___كۈن

ب تەرەپنىڭ  ئالاقىلىشىش تېلفۇنى :______________



شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى نازارەت قىلىپ باستۇردى
ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەسلىھەت سوراش تىلىفۇن نۇمۇرى:12333
___________
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى »، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنى » ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزام –بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئا ب ئىككى تەرەپ قانۇنلۇق، ئادىل، باراۋەر ،ئىختىيارى بولۇش ،ئورتاق كىڭىشىش ، سەمىمى بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ بۇ توختامنى ئىمزالايدۇ ھەمدە ئورتاق رىئايە قىلىدۇ.
1.ئا تەرەپنىڭ ئاساسى ئەھۋالى
1- ماددا ئا تەرەپ________________
قانۇنى ۋەكىلى (ئاساسلىق مەسئۇلى) ياكى ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچى______________
  ئىقتىساد شەكلى: _________ئالاقىلاشقۇچى ھەم ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى:_______ _
تىزىمغا ئالدۇرغان ئادرىسى: ______________________________
تىجارەت قىلىدىغان ئادرىسى: _______________________________
ئالاقىلىشىش ئادرىسى:__ _____________________________
2.ب تەرەپنىڭ ئاساسى ئەھۋالى
2- ماددا ب تەرەپ ____________   جىنسى ___ يېشى_______
نۇپۇسنىڭ   تۈرى  (عەيرى يېزا ، يېزا)_________________ _____
كىملىك نۇمۇرى _________________  ياكى باشقا ئىناۋەتلىك گۇۋانامىسىنىڭ نامى______ گۇۋانامە نۇمۇرى__________________
ئا تەرەپ خىزمەت قىلىشقا باشلىغان ۋاقتى _____يىلى ____ئاينىڭ ____كۈنى
ئائىلە ئولتۇرۇقى_________________________ پوچتا نۇمۇرى ________
شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشقان ئادىرىسى______________ پوچتا نۇمۇرى________
نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ____ئۆلكە (شەھەرلىك) ______رايۇنلۇق ( ناھىيە )_______  كوچا ( يېزا – بازار )


3. ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى

3- ماددا  ئا ب  ئىككى تەرەپ تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە ئەمگەك توختام مۇددىتى›نى بىكىتىدۇ.
(1) تۇراقلىق مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى :  بۇ توختام ____يىلى ____ئاينىڭ ____كۈنىدىن باشلىنىپ ____يىلى ____ئاينىڭ ___كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.   بۇنىڭ ئىچىدىكى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى___يىل __ئاينىڭ __كۈنىگىچە بولىدۇ.
(2)تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى:بۇ توختام ____يىلى ____ئاينىڭ ____كۈنىدىن باشلنىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدىكى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى___يىل ___ئاينىڭ ___كۈنىگىچە بولىدۇ.
(3)مۇئەييەن ئىشنى پۈتتۈرۈشنى مۇددەت قىلىنغان ئەمگەك توختامى:بۇ توختام ____يىلى ____ئاينىڭ ____كۈنىدىن باشلىنىپ ئەمگەك ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغاندا ئاخىرلىشىدۇ.
4. خىزمەت مەزمۇنى ۋە خىزمەت ئورنى

4- ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ پۇتۇشكەن ئەمگەك توختامىنى ئادا قىلىدىغان ئورۇن ___________________________.
5- ماددا  ئا تەرەپنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ب تەرەپ _________ئىش ئورنىدا __________خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا قوشۇلدى. ئا تەرەپ خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ، سەمىمىي بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ب تەرەپنىڭ خىزمەت ئورنىنى قانۇن بويىچە ئالماشتۇرسا بولىدۇ.
  6- ماددا  ئا تەرەپ ب تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەت مەزمۇنى ھەم ب تەرەپ ئوتتۇرغا قويغان خىزمەت تەلىۋى دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىدا بەلگىلەنگەن ئەمگەك مىزانى ۋە ئا تەرەپ قانۇن بويىچە تۈزگەن ھەم ئاشكارلىغان قائىدە – تۈزۈملىرىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك . ب تەرەپ ئا تەرەپ ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەت مەزمۇنى ھەم تەلىۋى بويىچە ئەمگەك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

5. ئىش ۋاقتى ۋە دەم ئېلىش ئەھۋالى

  7- ماددا  ئا ب ئىككى تەرەپ بىر پىكىرگە كېلىپ تۆۋەندىكىدەك ___ماددىلار بويىچە ئۆلچەملىك ئىش ۋاقتى تۇزۇمىنى بىكىتىپ ئىجرا قىلىدۇ. ب تەرەپنىڭ خىزمەت ۋاقتى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەر ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتى 40 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
(1) ئا تەرەپ كۈنىگە ____سائەتلىك ئىش ۋاقتى تۈزۇمىنى يولغا قويىدۇ.
كونكرتنى خىزمەت دەم ئېلىش ۋاقتى ئا تەرەپ تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇرىدۇ:
   ھەر ھەپتىنىڭ ____كۈنىدىن _____كۈنىگىچە خىزمەت قىلىدۇ،چۈشتىن بۇرۇن ____چۈشتىن كىيىن ____. ھەر ھەپتىنىڭ ______كۈن دەم  ئېلىش كۈنى بولىدۇ.
(2)ئا تەرەپ سىمىنا تۈزىمى يولغا قويىدۇ. ب تەرەپكە ____سىمىنا ______ئايلانما خىزمەت تۇزۇمى يولغا قويىدۇ.
8- ماددا ئا تەرەپ ب تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرغان ______خىزمەت ئورنى ئومۇملاشتۇرۇپ ھىساپلايدىغان ئىش ۋاقتى خىزمەت تۈزۈمى بولۇپ، ئىككى تەرەپ  قانۇن بويىچە ئومۇملاشتۇرۇپ ھىساپلايدىغان ئىش ۋاقتى تۈزۈمى بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ.
ئا تەرەپ ب تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرغان _____خىزمەت ئورنى مۇقۇمسىز ئىش ۋاقتى تۈزۈمى ئىش ئورنى بولۇپ ئىككى تەرەپ قانۇن بويىچە مۇقۇمسىز ئىش ئورنى خىزمەت تۈزۈم بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ
  9- ماددا ئا تەرەپ دۆلەتنىڭ ىسمېنا قوشۇپ خىزمەت قىلىشىغا ئائىت مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ. ب تەرەپنىڭ دەم ئېلىشىغا ، جىسمانى ۋە روھىي ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئا تەرەپ ھەقىقەتەن خىزمەت ئىېھتىياجى تۈپەيلىدىن ب تەرەپنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرغاندا چوقۇم ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ب تەرەپنىڭ ماقۇللىغىنى ئېلىشى كېرەك. ئۇزارتىلغان خىزمەت ۋاقتى كۈنىگە 3 سائەتتىن ئېيىغا 36 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىگى كېرەك. ھەمدە قانۇن بويىچە ب تەرەپكە دەم ئېلىش ۋاقتى تۇلۇقلاپ بېرىشى ياكى ئىسمېنا ئىشلىگىنىگە مائاش بېرىشى كېرەك. قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيىت- بايرام كۈنلىرى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن بولسا ، چوقۇم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگىنىگە مائاش بېرىشى كېرەك.
    ئا تەرەپنىڭ قىسمەن خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئومۇملاشتۇرۇپ ھىساپلايدىغان ئىش ۋاقتى خىزمەت تۈزۈمى ياكى مۇقۇمسىز ئىش ۋاقتى خىزمەت تۈزۈمى يولغا قويۇشقا ئېھتىياجلىق بولسا ئا تەرەپ ئەمگەك مەمۇرى تارماقلىرىغا يوللاپ تەكشۇرتۇپ تەستىقلاتقاندىن كىيىن يولغا قويسا بولىدۇ.
10- ماددا  ئا تەرەپ قانۇن بويىچە ب تەرەپنىڭ دەم ئېلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ب تەرەپ دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھېيت – بايرام كۈنلىرى ھەمدە تۇققان يوقلاش، توي، ئولۇم – يىتىم ، پىلانلىق تۇغۇت  قاتارلىق دەم ئېلىش ھوقۇقلىرىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدۇ.
ئا تەرەپ 《ئىشچىلار يىللىق دەم ئېلىش تۈزۈمى》گە ئاساسەن ب تەرەپكە قانۇن بويىچە يىللىق دەم ئېلىش تۈزۈمىدىن بەھرىمان بۇلۇشىعا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.
6. ئەمگەك ھەققى

    11- ماددا ئا تەرەپ ئۆز ئورنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئالاھىدىلىگى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىگە بىرلەشتۇرۇپ قانۇن بويىچە ئۆز ئورنىنىڭ مائاش تەقسىمات تۈزۈمىنى بىكىتىدۇ. ب تەرەپنىڭ مائاش سەۋىيىسىنى ئۆز ئورنىنىڭ مائاش تەقسىملەش تۈزۈمىگە ئاساسەن ب تەرەپنىڭ ئەمگەك ماھارىتى ، ئەمگەك سىجىللىقى ، ئەمگەك شارائىتى ، ئەمگەك تۆھپىسى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۇرۇپ بىكىتىدۇ. ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىش يولغا قويىلىدۇ.
   12- ماددا ئا تەرەپ ھەر ئايدا ئاز دىگەندە بىر قېتىم پۇل بېرىش شەكلى بىلەن ب تەرەپكە مائاش بېرىدۇ. ب تەرەپنىڭ مائاشىنى تۇتۇپ قېلىشقا ياكى سەۋەپسىز نىسىي قالدۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر ھېيت- بايرام كۈنلىرىگە ياكى دەم ئېلىش كۈنلىرىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا ، ئەڭ يېقىنقى خىزمەت كۈنىدە بېرىدۇ. ئا تەرەپ ب تەرەپكە مائاش بەرگەن ۋاقتىنى، پۇل سوممىسىنى ، خىزمەت كۈنىنى ، ئىمزاسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى يېزىقچە خاتىرلەيدۇ ھەمدە ب تەرەپنى مائاش تىزىملىگى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
    ب تەرەپ قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋاقتىدا ياكى قانۇن بويىچە ئىمزالىغان ئەمگەك توختامىدا پۇتۇشكەن خىزمەت ۋاقتىدا نورمالنى ئەمگەك بىلەن تەمىن ئەتكەن بولسا ئا تەرەپنىڭ ب تەرەپكە بېرىدىغان مائاشى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
   (1) ئا تەرەپ ھەر ئاينىڭ ____كۈنى ئىش ھەققى تارقىتىدۇ.
  (2) ب تەرەپنىڭ سىناق ئىشلەش مەزگىلىدىكى مائاشى ئېيىغا _____يۇەن بولىدۇ.
  (3) ئا ب ئىككى تەرەپ بىرلىككە كېلىش ئارقىلىق ب تەرەپنىڭ مائاشىغا تۆۋەندىكىدەك ______ماددىنى تاللاپ بىكىتىدۇ.
  ‹1› ب تەرەپنىڭ مائاشىنى ئا تەرەپ قانۇن بويىچە بىكىتكەن قائىدە – تۈزۈملەردىكى ئىچكى قىسىمدا تەقسىملەش چارىسى بويىچە بىكىتىدۇ.ب تەرەپنىڭ خىزمەت ئىش ئورنىغا ئاساسەن ، ئۇنىڭ ئايلىق مائاشى _____يۇەن قىلىپ بىكىتىلىدۇ.
    ‹2› ئا تەرەپ ب تەرەپكە ئاساسى مائاش ۋە نەتىجە – ئۈنۈم مائاشى بىرلەشتۇرگەن ئىچكى قىسىمدىكى مائاش تەقسىملەش چارىسى يولغا قويىدۇ.  ب تەرەپنىڭ ئاساسى مائاشىنى ئېيىغا _____يۇەن قىلىپ بىكىتىدۇ. بۇندىن كىيىن ئىچكى قىسىمدىكى مائاش تەقسىملەش چارىسىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ مائاشىنى تەڭشەيدۇ. نەتىجە، ئۈنۈم مائاشى ب تەرەپنىڭ خىزمەت نەتىجىسى، ئەمگەك مۇۋاپىقىيەتلىرى ۋە ئەمىلىي تۆھپىسىگە ئاساسەن ئىچكى قىسىمدىكى تەقسىملەش چارىسى بويىچە باھالاپ بىكىتىلىدۇ.
  ‹3› ئا تەرەپ ئىش بېشىغا قاراپ مائاش بېرىدىغان تۈزۈم يولغا قويغان بولسا ، ب تەرەپنىڭ ئەمگەك نورمىسى ئۆز ئورنىنىڭ ئوخشاش ئىش ئورنىدىكى %80 تىن ئارتۇق ئەمگەكچى قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋاقتىدا تاماملاپ بولالايدىغان نورما بويىچە بىكىتىلىدۇ. ب تەرەپ قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋاقتىدا سۇپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ، ئا تەرەپنىڭ نورمىسىنى تاماملىسا، ئا تەرەپ پۇتۇشۇمدىكى نورما ۋە ئىش بېشىغا قاراپ بېكىتىلگەن يەككە باھا بويىچە ب تەرەپنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا تۇلۇق بېرىشى كېرەك.
   (4) ئا تەرەپ كارخانىنىڭ تىجارەت ئۈنۈمى، شۇ جايدىكى ئەمگەك مەمۇرى تارماقلىرى تۈزۈپ ئېلان قىلغان مائاش يىتەكچى لىنىيىسى ، مائاش يىتەكچى باھاسى ، ئادەم كۈچى نەرخى ئۇچۇرلىرى قاتارلىق تۈزۈملەرگە ئاساسەن ب تەرەپنىڭ مائاشىنى مۇۋاپىق ئۆستۇرىدۇ . ب تەرەپنىڭ مائاش ئېشىش چارىسى________________(مائاشنى كوللىكتىپ كېڭىشىش كېلىشىمى، ئىچكى قىسىمدىكى مائاشنىڭ نورمالنى ئېشىش چارىسى ) گە ئاساسەن بىكىتىلىدۇ.
  ئا ب ئىككى تەرەپنىڭ مائاشقا قارىتا باشقا پۈتۈشمىلىرى __________________________
_______________________________________________________
  13- ماددا ئا تەرەپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش خىزمەت ۋەزىپىسى تولۇق بولمىغان ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ب تەرەپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان بولسا ئا تەرەپنىڭ ب تەرەپكە ئايدا بېرىدىغان تۇرمۇش پۇلى ______يۇەن ياكى __________بۆيىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

7. ئىجتىمائى سۇغۇرتا ھەم ئۇنڭىدىن باشقا سۇغۇرتا پاراۋانلىق تەمىناتلىرى

   14- ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىدۇ. تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاقتىدا تاپشۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ب تەرەپ قانۇن بويىچە تاپشۇرۇشقا تىگىشىلىك قىسمىنى ئا تەرەپ ب تەرەپنىڭ مائاش ئىش ھەققىدىن تۇتۇپ قېلىپ ۋاكالىتەن تاپشۇرىدۇ.
   15- ماددا ئا تەرەپ ب تەرەپ ئۈچۈن تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىدۇ. ھەمدە ھەر يىلى ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە ئۆز ئورنىنىڭ پۇتۇن بىر يىللىق ئىجدىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىدۇ. ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ نازارىتىنى قۇبۇل قىلىدۇ.
  16- ماددا ئەگەر ب تەرەپ ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىسىگە ئۇچۇرسا ئا تەرەپنىڭ ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتى بولىدۇ ياكى مۇمكىن قەدەر ياردەم قىلىدۇ ھەمدە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئەمگەك مەمۇرى تارماقلىرىغا ئىشتا يارلانغانلىغىنى بىكىتىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنىدۇ. ب تەرەپنى قانۇن بويىچە ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالىتىپ ئىشتا يارلانغاندىكى داۋالىنىش تەمىناتىدىن بەھرىمان قىلىدۇ ۋە زورۇر بولغان مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىدۇ.
  17- ماددا ئا تەرەپ ب تەرەپ ئۈچۈن تۇلۇقلىما ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ( كارخانا يىللىق فوندى) ۋە تۇلۇقلىما داۋالىنىشنى بىجىرىپ بېرىدۇ.   كونكىرىتنى ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە :___________________
_______________________________________________________________________________________________________________________.
18- ماددا ئا تەرەپ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك پاراۋانلىق تەمىناتىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىدۇ.ھەمدە ب تەرەپ ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك پاراۋانلىق تەمىناتى بىلەن تەمىن ئىتىشكە قوشۇلىدۇ:  ______________________
_________________________________________________________________________________________________________.   

8. ئەمگەك مۇھاپىزىتى ، ئەمگەك شارائىتى ۋە كەسپى خەۋپ مۇداپىئەسى

  19- ماددا ئا تەرەپ دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمگەك مۇھاپىزىتىدىكى بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن دۆلەتنىڭ ئەمگەك سەھىيە ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئەمگەك مەشغۇلات سورىنى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ب تەرەپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدىكى بىخەتەرلىكىگە ۋە ساغلاملىقىغا ھەقىقى تۈردە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەگەر ب تەرەپنىڭ خىزمەت جەريانىدا كەسپى كىسەل خەۋپىگە دۇچار بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولسا ئا تەرەپ راستچىللىق بىلەن ب تەرەپكە ئۇقتۇرۇشى ھەمدە « كەسپى كىسەللىكتىن مۇداپىئە كۆرۇش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ب تەرەپنىڭ ساغلاملىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئالاقىدار ھوقۇق مەنپەتىنى قوغدايدۇ.
  20- ماددا ئا تەرەپ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە ب تەرەپ شۇغۇللانغان خىزمەت ئورنىغا ئاساسەن ب تەرەپ ئېھتىياجلىق بولغان ئەمگەك مۇھاپىزەت بويۇملىرىنى تارقىتىپ بېرىدۇ. ھەمدە ھەر  ____(يىل ،ئاي ،كۈن ) ب تەرەپنى ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتىدۇ.
   21- ماددا ئا تەرەپ دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك مۇھاپىزىتى ۋە ساغلاملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.
   22- ماددا ب تەرەپ ئا تەرەپنىڭ  قائىدىگە خىلاپ ھالدا  قوماندانلىق قىلىش ياكى خەتەرلىك مەشغۇلات قىلىشقا بۇيرۇش قىلمىشىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئا تەرەپ ھەم ئۇنىڭ باشقۇرغۇچى خادىملىرى ب تەرەپنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىگى ۋە جىسمانىي ساغلاملىغى بىلەن كارى بولماسلىقتەك قىلمىشىلارنى سادىر قىلسا ئا تەرەپكە تەنقىدىي پىكىر ئوتتۇرغا قويۇشقا ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا پاش قىلىش ۋە شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

9.كەسىپ رىقابىتى مەخپىيەتلىك چەكلىمىسى ۋە تەربىيلەش ئىشلەپ بىرىش پۈتۈشىمى

   23- ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ،ئورتاق كىڭىشىپ تۆۋەندىكى ____ماددىلارنى پۇتۇشىدۇ:
‹1› ب تەرەپنىڭ حىزمىتى ئا تەرەپنىڭ سودا مەحپىيىتى ۋە بىلىم مۈلۈك ھۇقۇق مەحپىيىتىگە چېتىلسا، ئا تەرەپ ئىشتىن ئىلگىرى ب تەرەپ بىلەن قانۇن بويىچە كىڭىشىپ سودا مەخپىيتىنى ساقلاشنى پۈتۈشسە ياكى كەسىپ رىقابىتى چەكلىمىسى كىلىشىمى تۈزسە بۇلۇدۇ(كەسىپ مەخپىيەت رىقابىتى چەكلىمىسى كىلىشىمى مۇشۇتوحتامنامىنىڭ قۇشۇمچە قىسمى قىلىنىدۇ).
‹2› ئا تەرەپ چىقىم قىلىپ ب تەرپنى كەسپى تېحنىكا بويىچە تەربىيلىگەن ، ھەمدە ب تەرپتىن ئىشلەپ بىرىش مۇددىتىنى ئاداقىلىشنى تەلەپ قىلعان بولسا، ئىشتىن ئىلگىرى ب تەرپنىڭ ماقۇللىقىنى  ئالىدۇ ھەمدە كىلىشىم تۈزۈپ ئككى تەرەپنىڭ ھۇقۇق – مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇدۇ(تەربىيلەش ئىشلەپ بىرىش كىلىشىمى مۇشۇ توحتامنامىنىڭ قۇشۇمچە قىسمى قىلىنىدۇ).

10. ئەمگەك توختىمىنى بىكار قىلىش ، ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي تۆلەم

   24- ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ ئەمگەك توختىمىنى بىكار قىلغاندا ، ئاخىرلاشتۇرغاندا ، داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالىغاندا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختام قانۇنى» ۋە دۆلەت ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەت ، بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىجرا قىلىدۇ.
  25- ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ بۇ توختامنى بىكار قىلسا ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندا« ئەمگەك توختام قانۇنىنىڭ 36-ماددىسى، 37- ماددىسى ، 38- ماددىسى ،39- ماددىسى ،40- ماددىسى ،41- ماددىسى ،42- ماددىسى ،43- ماددىسى ، 44- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېلىپ بارىدۇ.
  26- ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ بۇ توختامنى بىكار قىلسا ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندا، « ئەمگەك توختام قانۇنى» نىڭ 46- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە مۇۋاپىق كەلسە ئا تەرەپ ب تەرەپكە ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىدۇ.
  27- ماددا  ئا تەرەپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ   بۇ توختامنى بىكار قىلغاندا ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندا ب تەرەپ توحتامنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلسا، داۋاملىق ئىجرا قىلىشى كېرەك: ب تەرەپ توحتامنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلمىسا ياكى توحتامنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشقا مۇمكىن بولمىسا ئا تەرەپ قانۇنغا ئاساسەن ئىقتىسادىي تۆلەم ئۆلچىمىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە ب تەرەپكە تۆلەم تۆلەيدۇ .
  ب تەرەپ قانۇنغا خىلاپ ھالدا توختامنى بىكار قىلىپ ئا تەرەپكە زىيان كەلتۇرگەن بولسا تۆلەم جاۋاپكارلىغىنى ئۇستىگە ئالىدۇ.
   28- ماددا توختامنى بىكار قىلغاندا ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندا، ئا تەرەپ مۇناسىۋەتلىك قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەمگەك توختامى بىكار قىلىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش ئىسپاتىنى چىقىرىپ بىرىشى ھەمدە 15 كۈن ئىچىدە ب تەرەپ ئۈچۈن ئارخىپ ۋە ئىجدىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بىجىرىپ بېرىشى كېرەك.
  29- ماددا ب تەرەپ ئىككى تەرەپنىڭ كىلىشىمى بويىچە ،خىزمەتلەرنى ئۆتكۇزۇپ بېرىش-ئۆتكۇزۇۋىلىش رەسمىيىتىنى بىجىرىشى كېرەك. ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىشكە توغرا كەلسە،خىزمەت ئۆتكۇزۇپ بېرىش- ئۆتكۇزۇۋىلىش ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك.

11. توختامدىكى ئىككى تەرەپ پۇتۇشكەن باشقا مەزمۇنلار
30. ماددا  ئا ب ئىككى تەرەپ بۇ توختامنامىدا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارنى قوشۇپ پۈتۈشسە بولىدۇ:
____________________________________________________________
____________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________
12. ئەمگەك تالاش- تارتىشلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش ۋە باشقىلار

  31. ماددا ئا ب ئىككى تەرەپ بۇ توختامنى ئادا  قىلىش جەريانىدا تالاش – تارتىش يۇز بەرسە ب تەرەپ ئا تەرەپنىڭ ئەمگەك مۇرەسسە ھەيئىتىگە مۇرەسسە قىلىشقا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ. مۇرەسسە ھاسىل قىلىنمىغاندا ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەمگەك تالاش- تارتىشلىرى كېسىم كومتىتىگە كېسىم قىلىشقا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ. كېسىم قارارىگە قايىل بولمىسا كىسىم قارارىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن قانۇن بويىچە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
   32. ماددا بۇ توختامنىڭ قوشۇمچىسى تۆۋەندىكىچە :
1._________________________________________.
2._________________________________________.
3 .________________________________________.
   33. ماددا بۇ توختامغا كىرگۇزۇلمىگەن ئىشلار ياكى دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە مۇۋاپىق كەلمىگەن مەزمۇنلار مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ .
  34. ماددا بۇ توختام ئا ب ئىككى تەرەپ ئىمزا قويغان ياكى تامغا باسقان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە. بۇ توختام ئىككى نۇسخا بولۇپ ئا ب ئىككى تەرەپ بىر نۇسخىدىن ئىجرا قىلىدۇ.


ئا تەرەپ ( تامغا)                ب تەرەپ ( ئىمزا ياكى تامغا ):_________


قانۇنى ۋەكىلى ( ئاساسلىق مەسئۇلى) ياكى ھاۋالە قىلىنغان ۋاكالەتچى:
( ئىمزاسى ۋە تامغىسى )________________


ئىمزالىغان ۋاقتى ______يىل ______ئاينىڭ _____كۈنى
ئەمگەك توختامىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالاش ھۆججىتى

  بۇ قېتىمقى ئەمگەك توختامىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالاش مۇددىتىنىڭ تۈرى _____________مۇددەتلىك توختام ، داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالىغاندىكى كۈچكە ئىگە بولغان ۋاقىت ______يىل ___ئاينىڭ ____كۈنى .
داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالىغان _________ يىل_____ئاخىرلىشىدۇ.

ئا تەرەپ ( تامغا )                    ب تەرەپ ( ئىمزاسى ياكى تامغىسى )

قانۇنى ۋەكىل ( ئاساسلىق مەسئۇل كىشى ) ياكى ھاۋالە قىلىنغان ۋاكالەتچى
( ئىمزا ياكى تامغا )
____يىل _____ئاي ____كۈن
بۇ قېتىمقى ئەمگەك توختامىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالاش مۇددىتىنىڭ تۈرى _________مۇددەتلىك توختام ، داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالىغاندىكى كۈچكە ئىگە بولغان ۋاقىت ______يىل ___ئاينىڭ ____كۈنى .
داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالىغان توختام _______ يىل___ئاينىڭ ___كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

ئا تەرەپ ( تامغا )                    ب تەرەپ ( ئىمزاسى ياكى تامغىسى )
قانۇنى ۋەكىل ( ئاساسلىق مەسئۇل كىشى ) ياكى ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچى
( ئىمزا ياكى تامغا )
____يىل _____ئاي ____كۈن
ئەمگەك توختامىنى ئۆزگەرتىش ھۆججىتى
ئا ب ئىككى تەرەپ بىرلىككە كېلىپ بۇ توختامغا تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىش قىلىدۇ؛












ئا تەرەپ ( تامغا )                      ب تەرەپ ( ئىمزاسى ياكى تامغىسى )

قانۇنىي ۋەكىلى ( ئاساسلىق مەسئۇلى ) ياكى ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى
( ئىمزاسى ياكى تامغىسى )
____يىل ____ئاي ____كۈن
ئىشلىتىش چۈشەندۈرىشى
1، ئا ب ئىككى تەرەپ توختام ئىمزالاشتىن ئىلگىرى، بۇ توختامنامىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشى كېرەك. بۇ توختام ئىمزالانغان ھامان قانۇنى كۈچكە ئىگە، ئىككى تەرەپ چۈقۈم قاتتىق ئىجرا قىلىشى لازىم.
2، بۇ توختامنى ئا تەرەپنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى (ياكى ھاۋالە قىلىنعان ۋاكالەتچىسى) بىلەن ب تەرەپ ئىمزا قۇيۇپ ياكى تامغا بېسىپ ھەمدە ئا تەرەپنىڭ مەمۇرىي تامغىسىنى( ياكى ئەمگەك توختام مەخسۇس تامغىسىنى) باسقاندىلا كۈچكە ئگە.
3، بۇ توختامدىكى بوش قالدۇرۇلغان جايلارنى ئا ب ئىككى تەرەپ كېڭەشكەندىن كىين تولدۇرۇدۇ ، ھەمدە قانۇن – نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ؛ تولدۇرۇلماي بوش قالدۇرۇلغان جايلارغا “____” سىزىۋىتلىدۇ.
4، ئەمگەك ئىش ۋاقتى تۈزىمى ئۆلچەملىك ئىش ۋاقتى حىزمەت تۈزىمى، ئومۇملاشتۇرۇپ ھىساپلايدىغان ئىش ۋاقتى خىزمەت تۈزۈمى ، مۇقۇمسىز ئىش ۋاقتى خىزمەت تۈزۈمى قاتارلىق 3 تۈرگە بۈلۈنىدۇ.
ئا تەرەپ بىرقىسىم خىزمەت ئورۇنلىرىغا قارتا ئومۇملاشتۇرۇپ ھىساپلايدىغان ئىش ۋاقتى خىزمەت تۈزۈمى ۋە مۇقۇمسىز ئىش ۋاقتى خىزمەت تۈزۈمىنى يولغا قويماقچى بولسا، ئەمگەك مەمۇرىي تارماقلىرىغا تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىدۇ.
5، بۇ توختامدا تىلغا ئېلىنمىغان ئىشلارنى، ئايرىم تۇلۇقلىما كىلىشىم تۈزۈپ، بۇتوختامنىڭ قۇشۇمچسى قىلىشقا بۇلۇدۇ ھەم بۇتوختام بىلەن بىرگە ئىجرا قىلنىدۇ.
6، بۇ توختامنى چۇقۇم ئەستايىدىل تولدۇرىشى، خەتلىرى ئېنىق،سۆزلىرى راۋان، توغرا بۇلىشى لازىم، خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
7، بۇ توختام( قۇشۇمچسىنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ) ئىىمزالانعاندىن كىيىن، ئا ب ئىككى تەرەپ بىر نۇسخىدىن ساقلايدۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
katran + 99 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 99   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77372
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3339
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-3-13
ئاخىرقى: 2012-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 01:53:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ساقلاپ قۇياي. پايدىلنىش قىممىتى بار ماتىريالكەن.

باشقىلار كۆكتە ئ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 2033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13476
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 2570 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 08:04:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلدىڭىزغۇ، لازىم بولۇپ تۇراتتى ماڭا، ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.........

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73132
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3132
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-1-14
ئاخىرقى: 2012-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 11:40:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
朋友不错,谢谢您的努力,顶了












太阳城代理http://www.tycmsc.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78332
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3231
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 09:09:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بوپتۇ راسلا !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش