مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2360|ئىنكاس: 34

ۋىكىڭلارنىڭ شىمالىي ئامېرىكىنى مۇستەملىكە قىلىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 09:45:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ۋىكىڭلارنىڭ شىمالىي ئامېرىكىنى  مۇستەملىكە قىلىشى


كىشلەر ئادەتتە كولومبونى ئامېرىكا يېڭى قۇرۇقلۇقنى بايقىغان كونا دۇنيادىن كەلگەن تۇنجى كىشى دەپ قارايدۇ، لېكىن ۋىكىڭلاردىن بولغان لېيف ئېرىكسون،  كولومبۇ ئامېرىكا يېڭى قۇرۇقلۇققا قەدەم قويۇشتىن 500يىل بۇرۇنلا يېڭى قۇرۇقلۇقنى بايقىغان.ئۇلار  ھازىرقى سىكاندىناۋىيەدىن يولغا چىقىپ  گىرىنلاندىيە ئارىلغا بارغاندىن كېيىن غەربكە قاراپ مېڭىپ ھازىرقى كانادانىڭ يېڭى فوندلاندىيەگە يېتىپ بارغان.ئۇلار ئۇ يەردە نۇرغۇنلىغان كېرەكلىك ياغاچ ،ئۈزۈم،يۇڭ-تېرە قاتارلىق ماددى-ئەشيالارغا ئېرىشكەن.بىراق ئۇلار ئامېرىكا قۇرۇقلىقىدا تەخمىنەن 10يىلىدەك تۇرۇپ  بۇ مۇنبەت يېڭى قۇرۇقلۇقتىن كېتىپ قالغان.ئاساسلىق سەۋەبى ۋىكىڭلار يېڭى قۇرۇقلۇقتا ئۇزاق  ياشىمايلا ئامېرىكا قىتئەسىدكى يەرلىك قەبىلىلەرگە يولۇققان،ئۇرۇشقاق ۋىكىڭلار بىلەن يەرلىك  قەبىلىلەر ئوتتۇرسىدا قان تۆكۈلۈش توقۇنۇشلىرى بولۇپ ۋىكىڭلار يەرلىك قەبىلىلەرنىڭ ئۆچ ئېلىشغا ئۇچرىغان،ئاخىردا يەرلىك  قەبىلىلەر ۋىكىڭلارنى ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىدىن قوغلاپ چىقارغان.بىراق 500يىلدىن كېيىن مىلتىق قىلىچ ۋە دېھقانچىلىق تېخنىكىسى بىلەن قوراللانغان باشقا ياۋروپالىقلار قايتىدىن ئامېرىكا قۇرۇقلىقىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە يەرلىك قەبىلىلەر ياۋروپالىقلارغا تەڭ كېلەلمىگەن.

793px-Viking_Expansion.svg.png


ۋىكىڭلار (Viking) بولسا شىمالىي ياۋروپادىكى سىكاندىناۋىيەلىكلەرنىڭ بىر تارمىقى،ئۇلار 8-ئەسىردىن 11-ئەسىرگىچە ياۋروپانىڭ دېڭىز بويىدىكى جايلار ۋە بىرىتانىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ ئۇ جايلارنى  مۇستەملىكە قىلغان ئېكىسپىدىتسىيەچى،رېتسار،سودىگەر ۋە دېڭىز قاراقچىلىردىن ئىبارەت.ۋىكىڭلارنىڭ قەدىمى ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدىن تارتىپ شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىگىچە بولغان كەڭ جايلارغا  يېتىپ بارغان،ياۋروپادا بۇ دەۋرنى ئادەتتە ۋىكىڭ دەۋرى دەپ ئاتايدۇ.

ۋىكىڭ دېڭىز قاراقچىلىرى ھەققىدىكى خاتىرە ئەڭ بۇرۇن ‹ئانگلو-ساكسون يىلنامىسى›دا   كۆرۈلگەن بولۇپ مىلادىيە 789-يىلى ۋىكىڭلارنىڭ ئەنگىليەگە بىر قېتىملىق ھۇجۇم قىلىشدۇر،ئەينى ۋاقىتتا ئېنگىلىزلار ۋىكىڭلارنى سودىگەر دەپ قاراپ ۋىكىڭلاردىن باج يىغماقچى بولىدۇ،لېكىن ۋىكىڭلار ئەنگىليىنىڭ باجگىرلىرنى ئۆلتۈرۋېتىدۇ.شۇندىن كېيىن 200يىل مابەينىدە ۋىكىڭلار ياۋوروپادىكى دېڭىز بويىدكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە  توختىماستىن  پاراكەندىچىلىك سالىدۇ،دەريانى بويلاپ يۇقىرى ئېقىنغا بېرىپ بۇلاڭچىلىق قىلىدۇ.،ئىلگىرى -ئاخىر بولۇپ  شەرقى ياۋروپا تۈزلەڭلىكى ۋە بالتىق دېڭىز بويىدىكى جايلارنى تىزگىنلىۋالدۇ،ئۇلار يەنە كاسپى دېڭىز ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرغىچە يېتىپ بارغان.ۋىكىڭلارنىڭ بىر تارمىقى  بالتىق دېڭىزدىن ھالقىپ ئۆتۈپ نوۋگورود(رۇسسىيەدىكى ئەڭ قەدىمىي شەھەر) يۈرۈش قىلىپ كىيىۋ(ھازىرقى ئۇكرائىنانىڭ باشكەنتى) ۋە بۇلغارغا يېتىپ بارىدۇ ھەم كىيۋ رۇس كىنەزلىكىنى قۇرىدۇ.ۋىكىڭلارنىڭ بەزى كېمە ئەترەتلىرى كاسپى دېڭزىغىچە يېتىپ بېرىپ پېرسىيە ،مېسوپوتامىيە ۋە ئەرەبلەر بىلەن سودا قىلىدۇ.ۋىكىڭلارنىڭ تېخىمۇ مەشھۇر بولغان  يەنە بىر تارمىقى بولسا غەربىي ياۋروپانىڭ ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرنى بويلاپ جەنۇبقا قاراپ  ئىلگىرلەپ ياۋروپانىڭ مەركىزى رايونلىردا زور دولقۇن قوزغايدۇ.ۋىكىڭلار بىرىتانىيەنى تالان-تاراج قىلىپ  غەرىي ياۋروپاغا پاراكەندىچىكىك كەلتۈردۇ.ۋىكىڭ دېگەن سۆز بۇلاش،قىرىش قاتارلىق مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ياۋروپانىڭ بولۇپمۇ ئەنگىليە ۋە فرانسىيەنىڭ تارىخىي تەرەقىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

ياۋروپانىڭ يىراق قەدىمكى دەۋرى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىر ئوتتۇرسىدىكى ئۆتكۈنچى دەۋرى ئادەتتە ۋىكىڭ دەۋرى دېيىلدۇ.ۋىكىڭلار  مەشھۇر دېڭىزچى،ئۇلار شېتلاند تاقىم ئاراللىرى،فارو تاقىم ئاراللىرى،ئىسلاندىيە ۋە گرىنلاندىيەلەردە نۇرغۇن مۇستەملىكىلەرنى قۇرغان.10-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىردا ۋىكىڭلار يەنە قەرەلسىز ھالدا شىمالىي ئامېرىكا قىتەسىدىكى يېڭى فوندلاندىيەدە ئولتۇراقلاشقان.ۋىكىڭلار دېڭىزدا قاراقچىلىق قىلغاندىن باشقا يەنە سودا-سېتىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان،ھەتتا ياۋروپانىڭ دېڭىز بويلىرى،دەريا ياقىلىردا مۇقىم ئولتۇراقلاشقان.تارىخى خاتىرلەرگە ئاساسلانغاندا مىلادىيە 839-يىلى  ۋىكىڭلار شەرقىي رۇم ئېمپىريىسىنىڭ ياللانما ئەسكىرى بولۇپ شىمالىي ئافرىقىدىكى ئۇرۇشقا قاتناشقان.ئۇلارنىڭ مۇستەملىكلىرى پۈتۈن ياۋروپاغا تارقالغان بولۇپ ئەنگىليەدىكى دانىيە رايونى،كىيۋرۇس كىنەزلىكى ۋە فرانسىيەدىكى نورماندى قاتارلىق جايلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان.پەقەت ۋىكىڭ دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندىلا،شىمالىي ياۋروپادا مۇستەقىل دۆلەتلەر ۋە پادىشاھلار مەيدانغا كېلىدۇ ھەم خرىستيان دىنىنى قوبۇل قىلىپ ئوتتۇرا ئەسىر مەزگىلىگە كىرىشكە باشلايدۇ.ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پادىشاھلىرى كۈچىيىپ ۋىكىڭ دېڭىز قاراقچىلىرغا تاقابىل تۇرالىغۇدەك بولغاندىلا ۋىكىڭلارنىڭ تالان-تاراجغا تايىنىپ تىكلىگەن ھۆكۈمرانلىقى  تەدىرجى ئاخىرلىشىدۇ.

مەنبە:ئوغۇلچاق مۇنبىرى(www.oghulchaq.co.cc)                   تەرجىمىدە:بىلگە


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-13 09:58 PM  


غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 10:10:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋىكىڭلارنىڭ شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنى مۇستەملىكە قىلىشى  توغىرلۇق بىر كىنو ئىشلەنگەن بولۇپ ،تورداشلارنىڭ بىر كۆرۈپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ.

كىنونىڭ ئىسمى:بويسۇندۇرغۇچى

2167235_131121208441_2.jpg


كىنو ئۆزى ۋەھشەت لېكىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-13 10:23 PM  


غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77395
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 227
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2012-3-13
ئاخىرقى: 2012-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 10:16:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

aㄒamaη بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 10:53:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9838
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1762 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 11:20:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەن قەتئىي ئاڭلاپ باقمىغان گەپكەن جۇمۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9838
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1762 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 11:21:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىراق خەلىئىقئارادا ئومۇميۈزلۈك ئامېرىكا چوڭ قۇرۇغلۇقىنى كۇلۇمبۇ بايىقىغان دەپ قارايدىغۇ دەيمەن.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 11:24:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aㄒamaη يوللىغان ۋاقتى  2012-6-13 10:53 PM
دۇنيادىكى ئىشلار توغۇرسىدىكى سىياسى تېمىلار يوللانسى ...

تېىمىنى ئوقۇمايلا ئىنكاس قايتۇرۇپسىزغۇ؟كاللا دېسە پاقالچاق دەپ.

غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 11:26:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
a.sayrami يوللىغان ۋاقتى  2012-6-13 11:20 PM
بۇ مەن قەتئىي ئاڭلاپ باقمىغان گەپكەن جۇمۇ!

سىلى بىز ئاڭلاپ باقمىغان ئىشلار خېلى بار.

غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 11:34:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
a.sayrami يوللىغان ۋاقتى  2012-6-13 11:21 PM
بىراق خەلىئىقئارادا ئومۇميۈزلۈك ئامېرىكا چوڭ قۇرۇغلۇ ...

ئەگەر ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى زادى كىم بايقىغان دىگەن سوئالغا جاۋاب بېرشقا توغرا كەلسە،مېنىڭچە ئىندىئانلار ۋە ئىننۇئىتلار  ئەڭ مۇۋاپىق.

كولومبو پەقەت ھىندىستانغا بارىمەن دەپ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھايتىغا بېرىپ قېلىپ ياۋروپالىقلارنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىنى ھەقىقىي بويسۇندۇرۇشقا ،مۇستەملىكە قىلىشقا ، ئىندىئانلارنى قۇربان قىلىش بەدىلگە ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ئاتالمىش زامانىۋى جەمىئىيەتكە باشلاپ كىرگەن تۇنجى شەخىس.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-13 11:35 PM  


غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 11:38:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەلۋەتتە ھەرقانداق ئىشنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ،كولومبۇ  گەرچە بىر مال-دۇنيا دېسە جېنىنى بېرىدىغان دېڭىز قاراقچىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى ئاخىرقى ھېسابتا ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىنىڭ تەرەقىياتىنى تېزلەتتى. شۇڭلاشقا كولومبو نېمىلا دېمىگەن بىلەن  بىر قالتىس مەشھۇر  شەخىس.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-13 11:44 PM  


غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش