شەھەر باشلىقى دادا
بىر نەچچە كۈن بۇرۇن سىنا تورىدا مۇنداق بىر سۆرەت كىشىلەرنىڭ ئىنتاىن بەك دىققىنىتى تارتتى ، ھەمدە ئىنتايىن تېزلا باشقا توربەتلەرگە تاقىتىلىپ پۇتۇن جۇڭگودىكى بىر قىززىق نوقتا بۇلۇپ قالدى . بۇ سۈرەتتە بىر ئوتتۇر ياش دادىنىڭ قىزىنى ۋېلسىپىتكە مىندۈرۈپ مەكتەپكە ئاپىرىش يۇلىدا تارتىۋېلىنغان رەسىم ئىكەن .
نىمە ئۈچۈن بۇ سۆرەت شۇنچە غۇلغۇلا قوزغاپ كىتىدۇ ؟
بىر ئاتىنىڭ قىزىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قۇيىشى شۇنچە قىززىق نوقتا بۇلۇپ مۇنازىرە قوزغايدىغان ئىشمۇ ؟
بۇنچە غۇلغۇلا قوزغىشىدىكى سەۋەپ : سۆرەتتىكى بۇ كىشى ئەنخۈي ئۆلكىسى ۋۇخۇ شەھرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى . ھازىقىدەك ‹ ھوقوقتىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ شەخسىيىتىگە قولايلىق يارىتىۋېلىش › ‹ ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى شەخسى ئىشقا ئىشلىتىش › قاتارلىق ئىشلار ئەۋىج ئېلىپ ‹نورمال› بىر ئىشقا ئايلىنىپ كەتكەن بۈگۈنكىدەك كۈنلەردە ، ئەڭ ئادەتتىكى نورمال بىر ئىشنىڭ ‹ بىنورمال › ئىش سۈپىتىدە توردا شىددەت بېلەن تارقىلىپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ھەم مۇنازىرىسىنى تارتقان .شۇڭلاشقا بۇ سورەت شۇنچە قۇلغۇلا قوزغاپ كەتكەن .
بۇ ئىش توردا تارقىلىپ بىرنەچچە كۈندىن كىيىن مۇخبىر ئۈنى زىيارەت زىيارەت قىلغاندا مۇخبىرغا :بۇ بىر ئاتىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى ، مەن شۇ ئىشنى قىلدىم دىگەن . بۇ نۇرغۇن تورداشلارنى تەسىرلەندۈرگەن .
نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمىيىتىدە كىشىلىك مۇناسىۋەت ، ئادەمگەتچىلىكىمىز ، ھوقوق ئاڭلىرىدا غايەت زور ئۆزگۈرۈش بۇلىۋاتماقتا ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ھوقوق توغرىسىدىكى ئاڭلىرى سىڭىپ كىرمەكتە . مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا يۇقىرقى ۋەقەگە بىرلەشتۈگەن ھالدا بىر مۇنازىرە قىلىشنى مەقسەت قىلىپ بۇ تىمىنى بۇ يەرگە يوللىدىم .
بۇ توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەر ،
باي دادام تور خاتىرىسىدەھەم بىرلىكتە داۋام ئىتىۋاتىدۇ .