بايا قارىسام بىر تورداش باشقا بىر توربەتتىن <ئۈلكەر مەھسۇلاتىغا قانداق قارايسىز> دەپ تېما يوللاپتۇ .
ئادرىسى مانا :  
/thread-80438-1-1.html
 تورداشلارمۇ ناھايىتى ئەتراپلىق مۇلاھىزە ئىلىپ بىرىپتۇ . شۇ ئىنكاسلارنى ئۇقۇۋاتسام بىر ئىلھام يىنىمدا تۇرىدۇ .كاپپىدە تۇتىۋىلىپ بىر شېئىر يازدىم . مەقسىتىم شۇ ئاپتۇرغا ئازراق تەنبىھ بىرىش ھەمدە ، مۇشۇنداق پىتنە -ئىغۋا تارىتىدىغانلارغا ئەقلىنى تېپىشىنى بىلدۈرۈپ قويۇش .
                                 ئىنكاستىن  بىر ئىلھام 
                 كىردىم بۈگۈن مۇنبەرگە يىڭىلىقنى بىلەي دەپ ،
               تېما باركەن <ئۈلكەر>نى چۈشىنىڭ دەپ يوللاپتۇ .
              ئاچتىم،كۈردۈم مەزمۇننى ،لىكىن ئەجەپ ھىس قىلدىم ،
              بۇ تېمىنى يوللاشقا ، ئاپتۇر نىمە ئويلاپتۇ .
             ئۈلكەر مەھسۇلات ئۈسىتىگە يىزىلماپتۇ <ھالال> دەپ ؟
            مۇشۇ ئىكەن باھانە ،شەكلىنىشكە ئۈلكەردىن .
            سىزدىن سوراي ئەي ئاپتۇر: ھەر كۈنلۈكى 
سەھەردە،
 <ھالال> خىتى يوق ناننى ئىلىپ يەمسىز ناۋايدىن.
            مەنچە ئۆيدە يەپ تۇرىسىز ،لەغمەن ،پولو ،مانتىنى،
            ئۆيىڭىزدە چىنىدە <ھالال> دىگەن خەت بارمۇ.
            دىققەت قىلىڭ بارسىڭىز گۆش ئالغىلى قاسساپقا،
           قوي ئۈسىتىدە <ھالال> دەپ بىرە بەلگە،خەت بارمۇ.
          بىز ئۇيغۇرلار تۇلىمۇ مىھماندوستمىز سىزمۇ ھەم ،
          بىزگە ئۇدۇم بۇ ئەخلاق زامانلاردىن زامانغا.
         مىھمانلارغا بارسىڭىز ئۇنتۇپ قالماڭ سوراشنى،
         يىزىلدىمۇ <ھالال> دەپ تاماققا ھەم داسخانغا.
      بىر ھىكمەت بار دەپ بىرەي ،بۇنى ئەستە چىڭ ساقلاڭ،
      شەك قىلساڭ يىمە،يىسەڭ شەكلەنمە ، دەيدىغان .
<ھالال> خىتى نە ھاجەت ئەھلى مۇسلىم دۆلەتكە،
       قۇرۇق ئىغۋا ،پىتنىدىن ،بىلىسىڭىز بىز جاق تويغان .
*******************************************************************************
        كىرەك بىزگە ئىناقلىق ، ھەمكارلىق ھەم بىردەكلىك،
       قۇرۇق ،تۆھمەت ئۆسەك سۆز يىتەر ئەمدى توختايلى !
       قوللايلى بىز،گۈللەيلى بىز ، بىللە روناق تاپايلى !
       يىڭى ئەسىر يىڭىچە روھلۇق ئۇيغۇر بۇلايلى !
 مەنبە : مەن ھەم مىسرانىمنىڭ تېتىملىق ئىنكاسلىرى