بىزگە بىرەر ئىدىيەنى بىلدۈرمەكچى بولغان بولسىڭىز، ئاشۇ گۈزەل غايىنى تەشۋىق قىلىشنى داۋاملاشتۇردىڭىزمۇ؟ بۇنداق خالىس ئىشىڭىز كىشىلەرگە قانچىلىك تەسىر قىلدى؟ مۇشۇ ئىشىڭىز ئۈچۈن جاپادىن قورقماي ئالغا ئىلگىرلىدىڭىزمۇ، ئىزدەندىڭىزمۇ؟ بۇنىڭغا قەشقەر شەھەرلىك 16- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىسى، كومپارتىيە ئەزاسى، كونا ئىنقىلاۋىي كىنو-فىلىملەرنى يىغىش، توپلاش، نەشىر قىلدۇرۇش ھەۋەسكارى، كىنو تەتقىقاتچىسى، لېي فېڭ روھىنىڭ دەۋرىمىزىدىكى تەشۋىقاتچىسى ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى بىزگە ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ياخشى جاۋاب بەردى. مەن ئۇنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن قەشقەر شەھىرىنىڭ نەزەرباغ بازىرى چۈمبۇس كەنتى 9- مەھەللىسىگە جايلاشقان ئۆيىگە باردىم. ئۇنىڭ ھويلا ۋە ئۆي تاملىرىغا مەملىكىتىمىزدە ئىشلەنگەن كىنو فېلىملەردىن «لېي فېڭ»، «دوڭ سۈنرۈي»، «لىيۇۋ خۇلەن»"، «خۇاڭ جىگاڭ» ۋە «بوستانلىقتىكى تەنتەنە»، «ئانارخان»، «ئىككى ئەۋلات» قاتارلىق فىلىملارنىڭ رەڭلىك تەشۋىقات رەسىملىرى چاپلانغان بولۇپ، بۇ جاي خۇددى ئىنقىلاۋىي، تارىخىي فىلىملەرنى تونۇشتۇرىدىغان، تەشۋىق قىلىدىغان بازىغىلا ئوخشاپ قالغانىدى.
-قاراڭ، ماۋۇ «1- ئاۋغۇست» كىنو سىتودىيەسى 1963 –يىلى ئىشلىگەن «لېي فېڭ» ناملىق فىلىم،- دېدى ئۇ مېنىڭ تامدىكى رەسىملەرگە ھەۋەس بىلەن قاراۋاتقانلىقىمنى كۆرگەندىن كېيىن بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ: - ئاۋۇ تەرەپتىكىسى ئالبانىيەدە ئىشلەنگەن «مەڭگۈ باش ئەگمەسلىك» دېگەن فىلىمنىڭ، پەستىكىسى ھىندىستاندا ئىشلەنگەن «ئىككى مو يەر» دېگەن فىلىمنىڭ كۆرۈنىشلىرى. . . كىنو رەسىملىرىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قازناق ئۆيىگە قەدەم تەشىرىپ قىلدىم. بۇ ئۇنىڭ كىنو فىلىم ساقلاش، كىرىشتۈرۈش، ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىشتا ئىشلىتىدىغان مەخسۇس ئۆيى بولۇپ، يان تەرەپتىكى بىر قانچە ئۈستەلگە تېلېۋىزور، كومپيۇتېر، سېنئالغۇ، سېنقويغۇ، DVD قاتارلىقلار رەتلىك تىزىپ قويۇلغانىدى. يوغان كارىۋات ئۈستىگە ئازادلىق ئارمىيە نەشىرىياتى 1973 – يىلىدىن 1990 –يىلىغىچە نەشىر قىلغان «لېي فېڭ ھەققىدە ھېكايە»، «دۇڭ سۇنرۈي»، «كىچىك جەڭچى جاڭگا» قاتارلىق كىتابلار، «تەڭرىتاغ ئىكرانى»، «شىنجاڭ سەنئىتى»، «شىنجاڭ مەدەنىيتى» قاتارلىق ژورناللارنىڭ 80-يىلاردىن بۇيان نەشىر قىلىنغان سانلىرى؛ «قىزىل چىراق خاتىرىسى»، «قۇربان تولۇمنىڭ بېيجىڭغا سەپىرى»، «يەر ئاستى پارتىزانلار ئەترىتى»، «قۇملۇقتىكى يېشىل دولقۇن» قاتارلىق نۇرغۇن فىلىملەرنىڭ لىنتىلىرى ۋە ئۇنىڭ كونا كىنو فىلىم ھەققىدە يازغان بىر قىسىم ئەسەرلىرى يېيىلغان بولۇپ، بۇلار ئۇنىڭ ئىزدىنىش ئىچىدىكى ھايات كارتىنىسىدىن بىشارەت بېرىپ تۇراتتى. ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 1971-يىلىدىن 2005–يىلىغىچە قەشقەر شەھەرلىك 16-ئوتتۇرا مەكتەپ، 17–ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ 35 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا مەكتەپ تەرىپىدىن كۆپ قېتىم «مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى»، «ئىلغار ئوقۇتقۇچى» بولۇپ باھالاندى. ئۇ گەرچە پىنسىيەگە چىقىپ، ئۆزى قىزغىن سۆيىدىغان دەرس مۇنبىرى بىلەن خوشلاشقان بولسىمۇ، بىراق كېنو سەنئىتىگە بولغان كۆپ يىللىق قىزىقىش ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتتى. ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى كىنوغا بولغان قىزىقىشى بىلەن ئىزدىنىش جەريانىدا، مەملىكىتىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر كىنولىرى، جۈملىدىن بىر قىسىم كونا ئىنقىلاۋىي كىنو فىلىملەرنىڭ يوقىلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ كۆڭلى يېرىم بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چارە-ئاماللارنى قىلىپ، بۇ خىل كونا فىلىملەرنى رەتلىدى ھەمدە بۇ كونا فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىش، نەشىر قىلدۇرۇش يولىدا جاپا چەكتى. بۇ خىل كىنوغا بولغان ئىشتىياق ئۇنىڭدا بالىلىق چاغلىرىدىن باشلانغانىىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: -- 1962-يىلى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2- يىللىقدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىم بولسا كېرەك، 8-ئاينىڭ 15-كۈنى يولداش لېي فېڭ ۋاپات بولدى. شۇ كۈنى مەكتەپ بىزگە چوڭ يىغىن ئىچىپ، ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇردى. ئاران 22 يىللىق قىسقىغىنە ھايات مۇساپىسىنى تاماملىغان ئاددىي كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ بارلىقىنى ئومۇمنىڭ ئىشىغا سەرپ قىلىپ، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇشتەك ئېسىل پەزىلىتى بىزنى شۇ چاغدا چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەنىدى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە «1- ئاۋغۇست» كىنو سىتودىيەسى «لېي فېڭ» ناملىق فىلىمنى ئىشلەپ لېي فېڭدىن ئۆگىنىش قىزغىنلىقى پەيدا قىلدى. ئۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك كومپيۇتېر، تېلېۋىزور، سېنقويغۇ، سېنئالغۇلار يوق بولغاچقا، ئۇزاق يول يۈرۈپ، بىر نەچچە قېتىم كىنوخانىلارغا بېرىپ، بۇ فىلىمنى زور قىزىقىش ئىلكىدە كۆرگەن ئىدىم. مۇشۇ فىلىم مېنىڭ ھازىرقىدەك كونا ئىنقىلاۋىي فىلىملەرنى يىغىش، ساقلاش، رەتلەش، نەشىر قىلدۇرۇشقا بولغان ھەۋىسىمنىڭ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەۋەسنىڭ قىززىقتۇرۇشى ئارقىسىدا 30 نەچچە يىلدىن بىرى ئىزچىل تىرىشىپ كەلدىم. دېمەك، 80 - يىلارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە كىنو كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئامىلغا ئايلىنىپ قالدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئىلگىرىكى مۇنەۋۋەر كىنولار جۈملىدىن نادىر ئىنقىلاۋىي، تارىخىي فىلىملەر كىنو سەھنىسىدىن بارا-بارا چېكىنىشكە باشلىدى. بۇ خىل ئەھۋالغان قارىتا ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئىلى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، كونا كىنو فىلىم لىنتىلىرى ۋە ئۈن-سېن لىنتىلىرىنى يىغىپ ساقلاشقا باشلىدى. بۇ جەرياندا ئۇ «لېي فېڭ»، «دۇڭ سۈڭرۈي»، «بوستانلىقتىكى تەنتەنە»، «ئانارخان»، «يىراقتىكى يۇلتۇز ئۇچقۇنى»، «تەڭرىتاغ گۈللىرى» قاتارلىق كونا مۇنەۋۋەر فىلىملەرنىڭ يوقالغانلىقىنى بايقىدى. ئۇ بۇنىڭ بىلەن قاغىلىق، يەكەن، مەكىت، ئاتۇش، ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، نۇرغۇن پىشقەدەم كىنو خادىملىرىنى زىيارەت قىلىپ، يۇقارقى كىنولارنىڭ ئۈن-سېن لىنتىلىرىنى يىغدى. ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدە تاپالمىغان بىر قسىم كونا كىنولارنى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەكەلدۈردى. بۇ جەرياندا ئۇ جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ بەزى كونا مۇنەۋۋەر فىلىملىرىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنىڭ يوقلىقىنى بايقاپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ ۋە ئۆزى مەبلەغ سېلىپ، «بوستانلىقتىكى تەنتەنە»، «ئىككى ئەۋلاد»، «مەڭگۈ باش ئەگمەسلىك» قاتارلىق يەتتە فىلىمنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئاۋاز بەرگۈزۈپ ئىشلىدى ۋە بۇلارنى توپلام قىلىپ ئىشلەپ ئالاقىدار نەشىرىياتلارنىڭ نەشىر قىلىشىغا سۇندى. كونا مۇنەۋۋەر فىلىملەر ھەققىدە 50 پارچىغا يېقىن تەتقىقات ماقالىسى يېزىپ، بۇلاردىن 10 نەچچە پارچىسىنى ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە چىقىدىغان ھەر خىل گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلدۇردى. ھازىر ئۇ ساقلىغان كونا مۇنەۋۋەر فىلىملەرنىڭ سانى 200 قىسىمدىن ئاشتى. ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئىلى ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆزى يېزىپ سىنارىيەشتۈرگەن ئىككى قىسىملىق تارىخىي فىلىم «سەكراتتىكى نىدا»نى ئۆز يېىنىدىن مەبلەغ چىقىرىپ مۇۋەپىقىيەتلىك سۈرەتكە ئالغۇزۇپ تاماملاپ، 2008- يىلى مىللەتلەر ئۈن-سېن نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلدۇرۇپ بازارغا سالدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تىياتىر سەنئىتى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن سەنئەتكار-قەمبەرخان ئىسمايىلنىڭ سەنئەت ھاياتىغا دائىر تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، «شىنجاڭ سەنئىتى»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى» قاتارلىق ژورناللاردا ماقالە ئېلان قىلدۇرغاندىن باشقا، جۇڭگو ئىنقىلاۋىغا ئائىت ئىشلەنگەن 100 نەچچە تارىخى فىلىمنى تەپسىلى كۆرۈپ، ئۇ فىلىملەردىكى مۇھىم كۆرۈنىشلەرنى رەتلەش، كىرىشتۈرۈش ئاساسىدا جۇڭگو كوممۇسنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقنىڭ 90 يىللىقىغا ئاتاپ، «جۇڭگو ئىنقىلاۋى ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسى» ناملىق بەش قسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمنى ئىشلەپ نەشىرگە تەييارلاپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك داغدۇغا پەيدا قىلدى. ئۇ گەرچە پىنسىيەگە چىققان بولسىمۇ يەنە 16-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پەخىرىي پىئونېرلار تەربىيىچىسى، ئاتا-ئانىلار قۇرۇلتىيىنىڭ پەخىرى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، ئوقۇغۇچىلارغا كۆپ قېتىم ئۆزى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يىغقان لېي فېڭ، دوڭ سۈنرۈي، لىيۇ خۇلەن، قۇربان تولۇمنىىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى كىنولارنى قويۇپ بەردى، كىتابلارنى ئوقۇپ بەردى. ئوقۇغۇچىلارنى ئۇلار ھەققىدە لىكسىيە سۆزلەشكە، تەسىرات ماقالىسى يېزىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللىكتىۋىزىملىق قارىشىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئاكتىپ كۈچ چىقىرىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. زىيارىتىم ئاخىرىدا ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئىلىدىن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلىرىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا سورىغىنىمدا ئۇ يېزىقچىلىق ئۈستىلىدە تۇرغان «لېي فېڭ ھەققىدە ھېكايە» ناملىق كىتابنى قولىغا ئېلىپ ماڭا : «ئەگەر بىر تامچە سۇ بولسىڭىز، ئالقانچە تۇپراقنى سۇغۇرالىدىڭىزمۇ؟ ئەگەر بىر نۇر بولسىڭىز، كىچككىنە زۇلمەتنى يورىتالىدىڭىزمۇ؟ ئەگەر بىر تال دان بولسىڭىز، كېرەكلىك بىر جانلىقنى پەرۋىش قىلالىدىڭىزمۇ؟ ئەگەر بىر كىچىك بۇرما مىخ بولغان بولسىڭىز، ئۆز خىزمەت ئورنىڭىزدا چىڭ تۇرالامسىز؟" دېگەن ئىلھام بەخىش قۇرلىرىنى ئوقۇپ بەردى ھەمدە مەنىلىك قىلىپ: - مېنىڭ قىلغانلىرىم يۇقىرىقى جۈملىدە دېيىلگىنىدىن تېخى بەكمۇ يىراقتا. گۈزەل غايىنى تەشۋىق قىلىش مېنىڭ بۇرچۇم. مەن چوقۇم يەنىمۇ تىرىشىمەن،-دېدى
- ئاپتۇرى ئەنۋەرجان مەتنىياز كېلىش مەنبەسى:جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ ئۇيغۇرچە قانىلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-12 09:09 PM
|