مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 19920|ئىنكاس: 124

توي كۈنىدىكى ماتەم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78230
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2836
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 02:56:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

توي كۈنىدىكى ماتەم


(نۇرلۇق)


بۈگۈن يالقۇن خېلى ئۇزاققىچە ئۇخلىيالمىدى . چۈنكى ئەتە ئۇنىڭ قۇتلۇق تۇيى ئىدى . شۇنداق بولغاچقىمىكىن ئەتىكى ئىشلارنى ئويلاپ ئۇيقا تاپالمايۋاتاتتى . شۇنداق شىرىن خىياللار ئىچىدە ئۈزىنىڭ قايسى ۋاقىتتا ئۇخلاپ قالغىنىنى سەزمەي قالدى . سەلىككە يېقىن تېلفۇننىڭ ئەنسىز جىرىڭلىشى بىلەن يالقۇن چۈچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتە . ئۇ خىيالىدا گۈلجەننەت قىلدى دەپ ئويلاپ تېلفوننى ئالدى .
ۋەي .... تېلفوندىن بىر ياشانغان ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى . يالقۇن ئۇيقۇچىلىقتا دەمەللىققا بۇ ئاۋازنى تۇنىيالمىدى .
ۋەي .... يالقۇنمۇ ؟
ھە .. مەن . سىز ئۈزىڭىىز كىم بۇلىسىز ؟
مەن ئايشەمخان ئاچىڭىز ، خاپا بولماي 2- دوختۇرخانىغا كەلگەن بولسىڭىز ؟ تىزراق بولۇڭ ھازىرلا ، 308 - ياتاق .
يالقۇن نىمە بولغانلىغىنى ئاڭقىرتىپ بولغۇچە تېلفون ئۈزۈلۈپ قالدى . ئۇ ئالدىراپ ئورنىدىن تۇردى . كىيىملىرنى كىيىپ سائەتكە قارىدى . سائەتنىڭ ئىستىرىلكىسى 4 نى كۆرسۈتۈپ تۇراتتى . ئۇ بىر تەرەپتىن قورقۇپ بىر تەرەپتىن جىدلىشىپ نىمە قىلارىنى بىلمەي قالدى . ۋە ئالدىراپلا سىرتقا راراپ ماڭدى . بۇ چاغدا تېخى خەلچىغان ئانا ئورنىدىن تۇرمىغان ئىدى . ئۇ سىرتقا چىقتى . تاڭ ئەمدىلا سۈزىلەي دىگەن ئىدى . قاراىماققا ھاۋا تۇتتۇق بۇلۇپ ئاسماندا بىرمۇ يۇلتۇز كۈرۈنمەيتى . بۇ ۋاقىتتا سىرتتا قاتناشمۇ ناھايتى ئاز ئىدى . نۇرمەممەت توت كۆچا ئېغىزىدا بىردەم ماشىنا ساقلىدى . لىكىن قېرىشقاندەك ماشىنا كەلمەيۋاتاتتى . بىردەمدىن كىيىن تەلىيگە يارىشا بىر كىرا ماشىنىسى كىلىپ قالدى . يالقۇن ئالدىراپلا ماشىنىغا چىقتى ۋە بارىدىغان نىشاننى شوپۇرغا دەپ بەرگەندىن كىيىن قۇرقۇنۇشلۇق خىيالغا چۈكۈپ كەتتى .
ئىككى كۈن ئاۋال يالقۇن ئۈزىنىڭ توي قىلىدىغان خەۋىرىنى زۇلپىيەگە ئېيتقان ئىدى . ئۇ كۈنى كەچتە ئۇلار ئىككىسى خېلى ئۇزاق پاراڭلاشقان . يالقۇنمۇ ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزىنى زۇلپىيەگە ئېيتقان ئىدى .
زۇلپىيە ئايشەمخان ئاچاشنىڭ بىر ياش ۋاقتىدا بېقىۋالغان قىزى بۇلۇپ ، بۇيىل ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن ئىدى .يالقۇندىن 7 ياش كىچىك ئىدى . ئۇلار ئىككىسى كىچىكىدىنلا بىر - بىرسىگە ناھايتى ئامراق بۇلۇپ بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان . يالقۇنمۇ زۇلپىيەنى ئۆز سىڭلىسىدەك ياخشى كۈرەتتى . كىچىكىدە بىرگە ئوينىغان ۋاقىتلىردا زۇلپىيە چاقچاق قىلىپ چوڭ بولسام مىنى ئالامسەن دەپ سوراپ قۇياتتى . يالقۇننمۇ چاقچاق قىلىپ سەندەك يېغلاڭغۇنىما ؟ دەپ چېقىشىپ قۇياتتى . بۇ چاغدا زۇلپىيە شوخلۇق قىلىپ مىنى ئالمىساڭ يېغلايمەن دەپ يالقۇننى قورقۇتاتتى . يالقۇن چوڭ بولغاندىكىن دائىم زۇلپىيە بىلەن چېقىشىپ ئۇنى يېغلىتاتتى . لىكىن يەنە كەينىدىن كۈلدىرەتتى . ئۇلار ئىككىسى بىر - بىرسىگە شۇنداق ئامراق ئىدى . ئايشەمخان ئاچاش بىلەن يالقۇننىڭ ئانىسىنىڭ ئازراق تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى بار ئىدى . زۇلپىيە 7 ياشقا كىرگەندە بېقىۋالغان دادىسى تۈگەپ كەتكەن ئىدى . بۇ چاغدا ئۇ كىچىك بولغاچقا ئانچە بىلىنىپ كەتمىگەن ئىدى . لىكىن يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ دادا مېھرىگە بارغانچە ئىنتىلىۋاتاتتى . زۇلپىيەنىڭ ئۇچ ئاكىسى بۇلۇپ دائىم زۇلپىيەنى بوزەك قىلىپ يېغلىتاتتى . بۇ چاغدا ئايشامخان ئانا ئوغۇللىرنى تىللاپلا كىتەتتى . مۇ شۇ بىر سىڭلىڭنىمۇ سىغدۇرۇشماي بوزەك قىلىشامسەن دەپ ئۇلارنى ئەيىپلەيتى . ئۇلار زۇلپىيەنى ھەر قانچە بوزەك قىلىپ يېغلاتسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ بېقىۋېلىنغانلىغىنى ھېچكىم ئېغىزدىن چىقىرىشقا پېتىنالمايتى . ئۇنداق قىلسا بولمايدىغانلىغىنىمۇ ئۇلار ناھايتى ئوبدان بىلەتتى . شۇنداق بولغاچقىمىكىن ئۇ دادىسىنىڭ بۇلىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتى . پەقەت يالقۇن بىلەن بىرگە بولغان چاغلىردىلار بۇلارنى ئۇنتۇپ قالاتتى . چۇنكى يالقۇن زۇلپىيەنى ئۆز سىڭلىسىدەك ياخشى كۈرەتتى . ئۇنى كۈلدىرەتتى ، خوشال قىلاتتى. تاكى يالقۇن تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگىچە ئۇلار ئەنە شۇ تەرەقىدە ناھايتى ياخشى ئاكا - سىڭىل بۇلۇپ ياخشى ئۆتكەن . يالقۇنمۇ شۇ ۋاقىتقىچە زوۇلپىيەنى ئۆز سىڭلىسدە كۈرۈپ مېھرىنى بىرىپ ، زۇلپىيەنى ھېچكىمگە بوزەك قىلدۇرماي ئۆز ئاكىسىدەك قوغداپ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالغان ئىدى . لىكىن مانا ئەمدى يالقۇن بۇ يۇرتنى ۋە زۇلپىيەنى تاشلاپ بۇ شەھەردىن كەتمەكچى بولغاندا ، زۇلپىيەنىڭ كۆڭلى يېرىم بۇلۇپ ياش توكتى . مېڭىش ئالدىدا زۇلپىيە بېكەتتە ئۇزاتقىلى چىقتى . لىكىن ئۆزىنى يامان تەستە تۇتىۋالغان ئىدى . يېغلىغىنىنى چاندۇرماي ، ئۇنىڭ ئالى مەكتەپكە ئۆتكەنلىگىنى تەبىرىكلىگەچ ئۆزى كەشتىلگەن قولياغلىقنى بىر پارچە خەت بىلەن يالقۇنغا بېرىشكە ئۈلگۈرگەن ئىدى . لىكىن يالقۇن كىتىپ بىر ھەپتىگىچە زۇلپىيەنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرمىدى . يالقۇن ماشىنىدا كىتىۋېتىپ قولياغلىقنى ئېچىپ قارىدى ، ئىچىدە يۈرەك شەكلىدە قاتلانغان بىر پارچە خەتنى كۈردى . خەتتە ئاددى قىلىپ مۇنداق يىزىلغان ئىدى . يالقۇن ئاكا ئۆز يۇرتىڭىزنى تاشلاپ يات بىر شەھەرگە كىتىۋاتىسىز . ئۇ يەردە سىزنىڭ ئانىڭىز ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىڭىز يوق ، مەنمۇ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىشقا ئامالسىز . شۇڭا ئۆزىڭىزنى كۆپەرەك ئاسراڭ . مىنى ئۇنتۇپ قالماڭ ، ماڭا خەت يىزىڭ . سىزنى ياخشى كۈرىدىغان سىڭلىڭىز زوۇلپىيەدىن :
يالقۇن ئۆزى كۈيۈمچان، ئاق كۈڭۈل ، تىرىشچان بالا بولغاچقا ، ئۇيۇن تاماشىدىن نېرى تۇرۇپ ،ئاتا- ئانىسى ۋە ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلىرنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويماي بەش يىل ئۇدا ئۈچتە ياخشى ئۇقۇغۇچى بۇلۇپ يېزا ئېگىلىك ئونۋىرسىتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ، بىر يىلدىن كىيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق يېزىدىكى يېزىلىق ھۈكۈمەتكە ئىشقا چۈشكەن ئىدى . بۇنىڭدىن ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرى قەۋەتلا خوشال بۇلۇشقان ئىدى ، بۇلۇپمۇ ھەممىدىن بەكەرەك سىڭلىسى زۇلپىيە بەكەرەك خوش بولغان ئىدى .
يالقۇن ئىشقا چۈشۈپ ئۇزاق ئۆتمەي ئائىلىسىدە كۈڭۈلسىزلىك يۈز بەردى . دادىسى تۇرداخۇن ئاكا قاتناش ۋەقەسىدە بەخىتكە قارشى ۋاپات بولدى . بۇ ئىش يالقۇنغا ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە ئېغىر زەربە بولدى . مىۋىلىك دەرەخ مىۋە بىرىپ مىۋە پىشىدىغان ۋاقىتتا شۇ بەخىتنىڭ مىۋىسىدىن تېتىيالماي بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان ئىدى . بۇ ۋاقىتتا زۇلپىيەمۇ يالقۇنغا قانداق تەسەللى بىرىشنى بىلمەي قالدى . تاكى قىرقى تۈگىگىچە زۇلپىيە كۈندە دىگۈدەك خەلچىغان ئاىنىڭ قېشىغا كىلىپ - كىتىپ دىگۈدەك ئۆزىنىڭ ئىشلىرنىمۇ تاشلاپ ،ئۇنىڭغا ھەمرا بولدى . خۇدى ئۆز قىزىدەك مىھرىبانلىق كۆرسەتتى . بۇنىڭدىن خەلچىغان ئانا قەۋەتلا سۈيۈنگەن ئىدى .
زۇلپىيە يالقۇن ئۇقۇشقا كەتكەندىن كىيىن تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا ئۇقۇشتىن چىكىندى ، يالقۇن نەچچە قېتىم نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇقۇغۇسى يوقلىغىنى ئېيتىپ ئۇقۇمىدى . ۋە دەرھاللا بىر چوپ كىسىش دۇكىنىغا شاگىرت بۇلۇپ كىردى . زۇلپىيەنىڭ تىرىشچانلىغى ، جاپالىق ئۆگىنىشى ئارقىلىق ئۇ ئاخىرى ئۆزىنىڭ چوپ كىسىش دۇكىنىنى ئېچىۋالدى . ئۇ ئۆزىنىڭ ئەستايىدىل ، تىرىشچان ، خېرىدارلىغا قىلغان ئەلا مۇلازىمىتى بىلەن مانا ھازىر خېلى چوڭ خوجايىنلاردىن بۇلۇپ قالغان ئىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە زۇلپىيە كۈندىن -كۈنگە رەڭ تۈزەپ چىرايلىقلىشىپ كىتىپ باراتتى. بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ بېلىگە چۈشىدىغان قاپقارا سۇمبۇل چېچى ھەر قانداق بىر ئەركەكنىڭ كۆز يېغىنى يەيتى . نۇرغۇن يېگىتلەر ئۇنىڭ كەينىدىن شۆلگەيلىرنى ئېقىتىپ تۇرۇشۇپ قالاتتى .
يالقۇن ئىشقا چۈشكەندىن كىيىن ئۇلار ناھايتى ئاز كۈرۈشىدىغان بۇلۇپ قالدى . چۈنكى يالقۇن ئەمدىلا ئىشقا چۈشكەشكە ئەستايىل بۇلۇپ تىرىشمىسا بولمايتى . شۇڭا بەزىدە دەم ئېلىش كۈنلىرمۇ ئىشلەپ كىتەتتى . شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار ئاندا ساندا تېلفوندا بولسىمۇ كۈرۈشۈپ تۈردى .
يالقۇننىڭ يەنە بىر جان - جىگەر دوستى بار بۇلۇپ ئۇمۇ يالقۇن بىلەن بىر يېزىلىق ئىدى . ئىسمى ياسىن بۇلۇپ ھازىر ئۇمۇ خېلى چوڭ لوبەنلەردىن بۇلۇپ قالغان ئىدى . ئۇ ئىككىسى بىر يەرگە كەلسە قىلىشمايدىغان گىپى ۋە ئوينىمايدىغان ئۇيىنى قالمايتى . ياسىن سەل شوخ بۇلۇپ قىز كەلتۈرۈشكىمۇ يامان ئىدى . ئۇلار كۈرۈشمىگىلى مانا نەچچە ئاي بولۇپ قالغان ئىدى . راستىنى ئېيتقاندا يالقۇن ئىشقا چۈشكەندىن بۇيان ئۇلار پەقەت كۈرۈشۈپ باقمىغان ئىدى .
يالقۇن ئىشقا چۈشكەندىن بۇيان تۈزۈكرەك ئارام ئېلىپ باقمىغان ئىدى . ئۇ ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ چارچىغانلىغىنى ھېس قىلدى . شۇڭا بۇگۈن شەنبە بولغاچقا ياخشىراق ئارام ئېلىۋېلىشنى ئويلاپ خېلى ئۇزاققىچە ئۇخلىدى . خەلچىغان ئانىمۇ ئۇنى چۈشەنگەندەك ئۇنى باشقا كۈندىكىگە ئوخشاش ئويغاتمىدى . ئۇ تاتلىق چۈش كۈرۈۋاتاتتى . تۇيۇقسىز تېلفوننىڭ جىرىڭلىشى ئۇنى بۇ شىرىن چۈشتىن ئويغاتتى . كۆزىنى ئاران تەسلىكتە ئېچىپ تېلفوننى ئالدى .
ۋەي .. .
تېلفوندىن تۇنۇش ئاۋاز ئاڭلاندى .
ۋەي ... ئاداش تېشلىقمۇ ؟ يوقاپلا كەتتىڭ . قانداقراق تۇرىسەن ؟ بۈگۈن دەم ئالغان ئوخشىمامسەن ؟
بۇ يالقۇننىڭ جان - جىگەر دوستى ياسىن ئىدى . ئۇلار كۈرۈشمىگىلى بەك ئۇزۇن بولغان ئىدى . ھەتتا يالقۇننىڭ دادىسى تۈگەپ كەتكەندىمۇ كۈرۈشالمىغان ئىدى . چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ياسىن تىجارەت ئىشى بىلەن ئىچكىردە ئالدىراش بولغاچقا بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز ئىدى . شۇڭا كىلىپلا يالقۇنغا تېلفون قىلغان ئىدى .
ھە ياخشى ئاداش . ئۈزەڭچۇ بەك ئالدىراشقۇ سەن ؟
يالقۇن سەل خىجىل بولدى بولغاي . ۋاي ئۇنداق دىمە ئاداش . بىلمەي قاپتىمەن . خاپا بولما . ۋاقتىڭ بولسا تاماق يىگەچ مۇڭدىشايلى دەپ تېلفون قىلىشىم ئىدى . ۋاقتىڭ بارمۇ ؟
يالقۇنمۇ بۇگۈن دەم ئالغان ھەم بىرەرسى بىلەن شۇنداق مۇڭداشقىسى بار ئىدى . شۇڭا ئىككىلەنمەيلا ھە ۋاقتىم بار . ئۈزۈڭ نەدە سەن . نەدە كۈرۈشىمىز ؟
ياسىنمۇ بۇگۈن جان - جىگەر دوستى بىلەن كۈرۈشالايدىغانلىغىنى ئاڭلاپ قەۋەتلا خوشال بولدى .
ھە ئاداش مەن كۈنا جايدا ساقلاپ تۇراي شۇ يەرگىلا كەلگىن دەپ خوشلۇشۇپ تېلفوننى ئۈزدى . ئۇلار دائىم كۈرىشىدىغان بىر تورتخانا بار ئىدى . ئۇلار بىكار بولسىلا شۇ يەرگە كىرىۋېلىپ ئىچىملىك ئىشكەچ پاراڭلىشاتتى .
يالقۇن ئورنىدىن تۇرۇپ ، تەييارلىغىنى قىلىپ ئانىسىغا دوستى بىلەن كۈرۈشىدىغانلىغىنى دەپ قۇيۇپ سىرتقا قاراپ ماڭدى . بۈگۈن ھاۋا ئالاھىدە ياخشى ئىدى . يالقۇن سىرتقا چىقىپ ئىللىق قۇياشنىڭ نۇرىدىن ھۇزۇرلاندى . ئىشىك ئالدىدىكى ئۆستەڭدە مەرۋايىتتەك سۈپسۈزۈك سۇلارنى ، كاپكاپ گۈلىنى ۋە كاككۈكلارنىڭ سايرىشىنى ئاڭلاپ ئالاھىدە بىر خىل ھېس تۇيغۇدا بولماقتا ئىدى . خۈددى بۈگۈن ئالاھىدە بىر خوشاللىق كىلىدىغاندەك ھېس تۇيغۇدا بولماقتا ئىدى . ئۇ توت كۆچا ئېغىزىغا بېرىپ بىر ماشىنىنى توستى دە - نىشانغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى .
يالقۇن بارغاندا ياسىن ئاللابۇرۇن بېرىپ ئۇنى ساقلاپ تۇرغان ئىدى . ئۇلار ئىككىسى بىر - بىرسى بىلەن ناھايتى قىزغىن كۈرۈشتى . ئاندىن يالقۇن نەچچە ئايدىن بۇيان تۇرمۇشىدىكى ، ئائىلىسىدىىكى ۋە خىزمەت ئورنىدىكى بولغان ئىشلارنى بىرمۇ بىر سۆزلەپ بەردى . ياسىنمۇ ئىچكىردىكى بولغان ئىشلارنى ئۆزىنىڭمۇ ئاز بولمىغا ئوڭۇشسزلىقلارغا ئۇچۇرغانلىغىنى سۆزلەپ ئۆز - ئارا دەردىنى تۈكۈشتى . قارىماققا ئۇلار ئۇلار ئۆز -ئارا دەردىنى تۈكۈپ خېلى يىنىكلەپ قالغاندەك خوشال كۈرۈنەتتى . شۇ تەرەقىدە ئۇلار چۈش بۇلۇپ قالغانلىغىنىمۇ سەزمەي قالدى . ئۇلارنىڭ قورساقلىرى ئاچقاندەك قىلاتتى .
ياسىن تۇيۇقسىز گەپ تەشتى . ئاداش بۈگۈن باشقا ئىشىڭ بولمىسا مەن بىلەن بىر سۇرۇنغا بىرگە بېرىشىپ بەرسەڭ بۇپتىكەن . بۈگۈن چۈشتە دوسلار يىغىلىشماقچى ئىدۇق . ۋاقىتمۇ تۇشۇپ قاپتۇ .سەنمۇ مىنىڭ يېقىن دوستۇم بولغاندىكىن ئۇلار بىلەن تۇنۇشۇپ قويغىن ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىشچى خىزمەتچىلەر ، ۋە سودا ساھاسىدىكىلەر ، تۇنۇشۇپ قويساڭ زىيان تارتمايسەن . لىكىن يالقۇن ئۇنداق سۇرۇنلارغا ئانچە بېرىپ كەتمەيتى . لىكىن بۈگۈن كۆڭلى خوشال ھەم يېقىن دوستى تەكلىپ قىلىۋاتقان يەردە ياق دىسە بولمايتى . شۇڭا ئۇلار بىرلىكتە تورتخانىدىن چىقىپ خوشال ھالدا يېغىلىشقا يۈرۈپ كەتتى .
يالقۇن بىلە ياسىن يىتىپ بارغاندا ئۇلار ئاللا بۇرۇن كىلىپ ساقلاپ تۇرغان ئىكەن . ئۇلار شەھەرنىڭ ئاۋات يېرىگە جايلاشقان بىر ئىسىل رېستۇراننىڭ ئايرىمخانىسىدىن ئۇرۇن زاكاس قىلغان بولۇپ ، بۇ رېستىران شۇ يەردىكى داڭلىق رېستۇرانلاردىن بىر ھىساپلىناتتى . ئۇ يەرگە كىرىدىغانلار ئاساسەن پۇللۇق سودىگەرلەر ۋە ئەمەلدارلار ئىدى. چۈنكى ئۇ يەرنىڭ ئىستىمال سەۋىيسى خېلى يۇقىرى ئىدى . يالقۇن بىلەن ياسىن كىرىشىگە ئۇلار دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن كۈرۈشتى . ئاندىن ئۇرۇنغا باسشلىدى . قاراىماققا ئۇلار خېلى ئىسل كىشىلەردەك كۈرۈنەتتى . ئۇزاق ئۆتمەي بىر نەچچە قىزلار ئاقا - ئارقىدىن كىرگىلى تۇردى. يالقۇن بەلكىم بۇلار شۇلارنىڭ ئاياللىرى ئوخشايدۇ دەپ ئانچە كۈڭۈلشۈپ كەتمىدى . تاماقلار تارتىلىپ ، ئىچىملىكلەر قۇيۇلۇشقا باشلىدى . سۇرۇن شۇنچىلىك مولچىلىقكى يالقۇن ئۆمرىدە بۇنچىلىك سۇرۇننى كۈرۈپ باقمىغان ئىدى . ئالدىدىكى جوزىلارغا تىزىلغا سەيلەر دەستە - دەستە تۇراتتى . تېخى يەنە چىقىۋاتقانلىرمۇ بار ئىدى . ئىچىملىكلەردىنمۇ ئاق ، قىزىل چەتئەلچە ھاراقلارنىڭ ھەممىسى تېپىلاتتى . سۇرۇنداق يېشى چوڭاراق كەلگەن كادىر سۈپەت بىرسى سۆز قىلىپ سۇرۇننى باشلىدى .
بۈگۈن جەمىيەتتىكى ھەر ساھە ،ھەر كەسىپتىن دوسلار يىغىلىپتىمىز . كىلىدىغانلارمۇ كىلىپ بولدى . شۇڭا سۇرۇنىمىزنى باشلاپ كەتسەك . مىنىڭ ئىسمىم غالىپ ناھىيلىك قۇرلۇش ئىدارىسىدا ئىشلەيمەن . سۇرۇنداق مەن تۇنۇيدىغان دوسلارمۇ ھەم تۇنۇمايدىغان دوسلارمۇ بار ئىكەن . مۇشۇ ماناسىۋەت بىلەن ئۇلار بىلەن تۇنۇشقانلىغىمدىن خۇرسەنمەن . بۇنداق يىغىلىپ ئولتۇرمىغىمىز ئاسانغا توختىمىدى . قالغىنىنى كىتىپ بېرىپ تۇنۇشۇۋالامىز . سۇرۇننىڭ ئاخىرغىچە ياخشى داۋاملىشى ئۈچۈن خوشە دىيىشى بىلەن ھەممەيلەن تەڭ خوشە دىيىشتۇق . سۇرۇن شۇ دەقىقىدە داۋاملاشماقتا ئىدى . يالقۇن ئادەتتىمۇ ئۇنداق سۇرۇنلارغا بارمايتى، بۈگۈن جان - جىگەر دوستىنىڭ يۈزىنى قىلىپ كەلگەن ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاراقمۇ ئىچمەيتى . ھازىرمۇ دەل قانداق قىلىش توغرىسىدا ئويلىنىۋاتاتتى . تۇيۇقسىز يېنىدىكى ياسىننىڭ دۈشكۈرلىشى بىلەن دېققىتىنى يىغدى . چۈنكى ھاراق يالقۇنغا تەڭلەكلىك ئىدى . يالقۇن نىمە قىلىشنى بىلەي كەچۈرۈڭلار مەن ئىچمەيتىم دىدى . لىكىن سايىپخان ئۇنىڭغا ئاۋال قۇلىڭىزغا بىر ئېلىڭ ئاندىن قالغان گەپنى دىمەمسىز دىدى . لىكىن قۇلىغا ئالسىلا ئىچمىسە بولمايتى . ياسىن يالقۇننىڭ ئوڭايسىز ھالەتتە قالغىنىنى كۈرۈپ دوستۇم ئۈچۈن مەن ئىچەي دىۋىدى ، سايىپخان ھە ياسىن دوستۇڭمۇ ئەركىشى بولغاندىكىن ئۆزى بىر گەپ قىلىپ باقمىسىنمۇ دىۋىدى يالقۇننىڭ غەزەپ ئاچچىغى كەلدى . نىمىلا بولسا مەيلى دەپ ئىچىۋېتىش قارارىغا كەلدى دە- رومكىنى ئېلىپ ئۆزىنى بىر تۇنۇشتۇرۋەتكەندىن كىيىن خوشە دەپ ئىچىۋەتتى يۇ ، تاس قالدى ياندۇرۋەتكىلى . ئۆزىنى ئاران تۇتىۋېلىپ ئالدىدىكى چايدىن بىر ئوتلام ئوتلىدى . ھە مانا ئەركەكتەك ئىش قىلدىڭىز دىدى سايىپخان . ھەممىمىز ئوخشاشكەنمىز بىزمۇ شۇ ھۈكۈمەتكە ئىشلەيدىغان ئادەم . كىيىنچە ھە ھۇ دىيىشىپ ئۈتۈشەمىز دىگىنىچە ئەمدى قىزىل ھاراقنىمۇ تەڭ قۇيۇۋاتاتتى . يالقۇن كۆڭلىدە ئارىسىدا قىزىل ھاراق ئىچىدىغانلارمۇ بار ئوخشايدۇ دەپ ئارتۇقچە ئويلىمىدى . لىكىن سايىپخاننىڭ يېنىدا ئولتۇرغان قىز بالىغا تۇتقىنىنى كۈرۈپ ھەيراق قالدى . قىزلار قاراپ ئولتۇرۇپ زىرىكىپ قالمىسۇن دەپ ، بۇ ئىچىملىكتىنمۇ بۇرۇتقان . بۇ ھاراق ئەمەس ، مەس قىلمايدۇ دەپ ئۇ قىزغا بەرگەنتى ئۇ قىز ئۈزىنى تۈنۇشتۇرمايلا ئەمسە خوشە دەپ گوپلا قىلىپ ئىچىۋەتتى . يالقۇن بۇنى كۈرۈپ تېخىمۇ ھەيران قالدى . چۈنكى ئۇ ھازىرغا كەلگىچە قىز بالىنىڭ ھاراق ئىچكىنىنى كۈرۈپ باقمىغان ئىدى . سۇرۇن شۇ دەقىقىدە داۋاملاشماقتا . بىر قانچە قېتىم مۇشۇنداق داۋاملاشقاندىن كىيىن ئەڭ ئاخىردىكى بىر قىزغا سۇنۇلغان قىزىل ھاراق رەت قىلىندى . ئۇ قىز قەتئىلا ئىچمەيمەن دەپ چىڭ تۇرىۋېلىۋاتاتتى . يالقۇن ئۇ قىزغا سەپ سېلىپ قارىدى . باياتىن ئۇ قىزلارنى شۇلارنىڭ ئاياللىرى ئوخشايدۇ دەپ ئۇنچىلىك سەپ سېلىپ قارىمىغان ئىدى . مانا چاچلىرى قاپقارا ، كۆزلىرى بۇلاقتەك . قاشلىرى ئورغاقتەك بىر گۈزەلنى كۈرۈپ يالقۇننىڭ يۈرەكلىرى سېلىپ كەتتى . ئارلىقتا ئۇلارنىڭ كۆزلىرمۇ ئۇچۇرشۇپ قالغان ئىدى . يالقۇننىڭ يۈرىكىگە ئوت كەتتى . ئالى مەكتەپتە ئۇقۇيدىغاندىمۇ ھەر - ھەر چىرايلىق قىزلارنى كۆرگەندە ھېچنىمە بولمىغاندەك كىتىۋىرىدىغان يالقۇن مانا ئەمدىلىكتە بىر قانچە رومكا ھاراقنىڭ تەسىردە مەست بۇلۇپ قالدىمۇ ياكى ئۇ قىزنى كۈرۈپ مەس بۇلۇپ قالدىمۇ ئەيتاۋۇر ئۈزىمۇ بىلمەيلا قالدى ، كۈزىگە ئالاھىدە چىرايلىق كۈرۈنۈپ كىتىپ باراتتى . شۇنداق قىلىپ ئۇقىز ئۇ ھاراقنى زادى ئىچمىدى . يېنىدىكى دوستى ئۆزرە ئېيتىپ ،راست بۇ ئاغىنەم راستلا ئىچمەيدۇ . ئۇنىڭ ئورنىدا مەنلا ئىچىۋېتەي دەپ سايىپخان گىپىنى دەپ بولغۇچە رومكىنى قۇلىغا ئېلىپلا ئىچىۋەتتى . سايىپخان چاقچاق قىلىپ يامان شاشتە دەپ قويدى . بىردەمدىن كىيىن ئۇلار قىزىدىمۇ ياكى مەست بولدىمۇ قانداق مۇزىكا قۇيۇپ ئويناشقا باشلىدى . يالقۇننىڭ ھازىر سۇرۇندىكىلەرنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىغى . دوستىنىڭ قانداق بۇلۇپ كەتكەنلىگى خىيالىغا كىرىپمۇ چىقمايتى . سۇرۇندىكىلەر ھېلى تانسا ئوينىسا ھېلى ئۇسۇل ئويناۋاتاتتى . بەئەينى ھايۋانلاردەك چاپلىشىپ قالغان ئىدى . لىكىن يالقۇننىڭ ئۇدۇلىدىكى ئۇ قىز يا ئۇسۇل ياكى تانسا ئوينىماي قاراپ ئولتۇراتتى . بىر نەچچە قېتىم سۇرۇندىكى بىر قانچىسى ئۇسۇل ۋە تانسىغا تارتىپ باقتى . لىكىن ئۆزرە سوراپ پەقەت ئويناشنى بىلمەيمەن دەپ تۇرىۋالدى . ئۇ قىزنىڭ بۇ قىلىقلىرى ئۇنى تېخىمۇ ئۈزىگە جەلىپ قىلىۋاتاتتى . ۋە يۈرىكىدە قانداقتۇر بىر مۇھاببەت ئۈتى قوزغالدى . ئۇ ئۆزىگە ھەيران قېلىپ بۇ چۈشۈم ئەمەستۇ ھە -،دەپ يۈزىنى چىمداپمۇ باقتى . توۋا تۇنجى كۈرۈپ ياخشى كۈرۈپ قېلىش دىگەن مۇشۇمۇدۇ - ھە .
يالقۇن ئۇ قىزغا يېقىنلىشىپ پاراڭلاشقىسى كەلدى . لىكىن جۈرئەت قىلالمىدى . تۇيۇقسىز تانسا مۇزىكىسى بىلەن ھەممەيلەن تەك تانسىغا چۈشۈپ كەتتى ، يەنە بىر قانچىسى سۇخانىغا چىكەتكەن ئىدى، پۇرسەت كەلدى دەپ ئويلىدى يالقۇن ئىچىدە . ئەمدى گەپقىلاي دەپ تۇرىشىغا تۇيۇقسىز ئۇ قىز گەپ قىلىپ قالدى .
سائەت نەچچە بولدى ؟ مەن قايتماقچى ئىدىم . ئۈيۈم بەك يېراق ، ئەگەر كىيىن قالسام ماشىنا چىقماي قالىدۇ . دىدى . يالقۇن ئۇ قىزغا قاراپلا قالغان ئىدى .
سىزدىن سوراۋاتىمەن ؟
ھە مەندىنما ...
ئۇ ئىتتىك تېلفونىنىڭ سائىتىگە قارىدى . بۇ چاغدا سائەت دەل 8.30 يېرىم بولغان ئىدى . ھە دەل 8.30 سەككىز يېرىم بۇپتۇ دەپ ئاران دىيالىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇزىكا توختىغاندا ئۇ قىز ھېلىقى دوستىدىن ۋە سۇرۇن ئەھلىدىن ئۆزرە ئېيتىپ ، كەچۈرۈم سوراپ كەتمىسە بولمايدىغانلىغىنى دەپ ئۇنمىغىنىغا ئۇنماي سۇرۇندىن چىكىتىپ قالدى .يالقۇنمۇ نىمە قىلىشىمنى بىلمەي سايىپخاندىن رۇخسەت سوراپ تازلىق ئۈيىگە چىقىپ كىرەي دەپ يالغان سۆزلەپ سىرتقا چىقتى. تەلىيگە يارشا ئۇ قىز يېراققا ئۇزاپ كەتمىگەن ئىدى . بۇ چاغدا خېلى كەچ بولغان بۇلۇپ يېراقتىكى ئادەمنى چىراقنىڭ يۇرىقى بولمىسا كۆرگىلى بولمايتى ، يالقۇن كەينىدىن يىتىشتى . ئۇ قىز بىرەر ئىشىڭىز بارمىتى دەپ سورىغاندا ئۇ دۇدۇقلاپ گەپ قىلالماي قالدى . ياق...ياق ...شۇ..
ھە گەپ بولسا تىزراق دەڭ . ئىتتىك ماڭمىسام ماشىنىغا ئۈلگۈرالمايمەن دىدى. يالقۇن مىڭ تەسلىكتە گەپ قىلدى . قارىسام بەك كەچ بۇلۇپ كىتىپتۇ . شۇڭا بېكەتكىچە بولسىمۇ ئاپىرىپ قۇياي . لىكىن باشقا مەقسىتىم يوق ، خاتا چۈشەنمەسلىگىڭىزنى سورايمەن .
ئۇنداقتا سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم .
ياقەي بۇ مىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىم . ئىسمىڭىز نىمە ؟
ئىسمىم گۈلجەننەت. سىزنىڭچۇ ؟
مىنىڭ ئىسمىم يالقۇن . قانداق بۇلۇپ ئۇ سۇرۇنغا كىرىپ قالدىڭىز ؟
ئەجەپ بۇنى سوراپ قالدىڭىزغۇ ؟ مىنى ئاشۇنداق قىزلار دەپ ئويلاپ قاپسىزدە؟
ياقاي شۇ سوراپ باقتىم .
ھە مەن بىر ئادەتتىكى دېھقان قىزى . خىزمىتىم يوق . بۈگەن يېزىدا ئىشلەيدىغان ھېلىقى مۇنىرە دىگەن دوستۇم بىرگە كىرىشىپ بەرگىن دەپ زورلاپ تۇرىۋالغان ئىدى . شۇڭا ئۇنىڭ يۈزىنى دەپ كىرىپ قاپتىمەن . بەك سەسكىنىپ كەتتىم . ئامالسىز ئولتۇرپ قالدىم .
ھە ..ئەسلى مانداق كەندە . باياتىن ئۇ دوستىڭىز ئۆزىنى تۇنۇشتۇرغاندا دېققەت قىلماپتىمەن . مەنمۇ شۇ سىزدەك ئولتۇرالماي قالدىم .
نىمىشقا ؟
مەنمۇ دوستۇمنىڭ يۈزىنى دەپ كەلگەنئىدىم . دەسلەپتە شۇنداق ياخشى كىتىۋاتاتتى . ئاخىرغا كىلىپ، بولدى دىمەيلا قۇياي . بۇنىمۇ ئۇ دوستىمدىن كۆرمەيمەن.
ۋاي شۇنداقمۇ ؟ ھا ھا ھا دەپ كۈلۈپ كەتتى . زۇلپىيەنىڭ بۇ كۈلۈشلىرى ھەقىقەتەن سەبىئىي ۋە تەبىئىي ئىدى . يالقۇنمۇ تەڭ جور بۇلۇپ كۈلدى . شۇنداق قىلىپ يالقۇن بېكەتكە بارغۇچە ئۇ قىزنىڭ ئىسمى ، نىمە ئىش قىلىدىغانلىغىنى ، ئۆيىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىگىنى سوراپ بىلىۋالدى . لىكىن ئالاقىلىشىش تېلفون نۇمۇرىنى بىلمەي قالدى . چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيى يېراق يېزىدا بولغاچقا ،ئۆيىدىمۇ ياكى يېنىدىمۇ تېلفون يوق ئىدى. ئۇلار ئىككىسى بېكەتكە بارغۇچە ناھايتى قىزغىن پاراڭلاشتى . قارىماققا زۇلپىيەمۇ يالقۇننى ياقتۇرۇپ قالغاندەك قىلاتتى . بېكەتكە كىلىپ يالقۇن ئاشۇ يېزىغا بارىدىغان ماشىنا ئۇقۇشۇپ ، زۇلپىيەنى چىرايلىق يولغا سېلىپ قويدى . تېخى ئۇنىڭغا يولدا بارغىچە يەيدىغان ۋە ئىچىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بەردى . ئۇ نەرسىلەر سېلىنغان خالتىغا ئۇ ئىسمى ۋە تېلفون نۇمۇرىنى يىزىپ قالدۇرۇپ قويغان ئىدى .
يالقۇننىڭ ھازىر ئۇ سۇرۇنغا قايتقۇسى يوق ئىدى . بىردەم ئۆزى يالغۇز ئايلانغاچ خىيال سۈرگىسى كەلدى . ئۇ خىيال سۈرگەچ كىتىپ باراتتى تېلفون جىرىڭلىدى . بۇ ياسىن ئىدى . ھەي ئاداش نەگە كەتتىڭ ئادەمنى ئەنسىرتىپ ، مەن تېخى مەس بۇلۇپ قېلىپ يولدا يىقىلىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن .
ياقاي .شۇ ئۈزەم يالغۇز ئايلىنىۋاتىمەن .
سەن نەدە مەن باراي .
يالقۇن ئورنىنى دەپ بەردى . چۈنكى ئۇنىڭ ھازىر بىرەرسى بىلەن شۇنداق مۇڭداشقىسى بار ئىدى . ياسىنمۇ ھايال قالماي كەلدى . ئۇلار ئىككىسى بۈگۈنكى سۇرۇن ۋە جەمىيەتتىكى ناچار ئىشلار توغرىسىدا خېلى دەتالاش قىلىشتى . ياسىننىڭ ئەتراپلىق چۈشەندۈرىشى بىلەن يالقۇنمۇ بۇ ئىشلارنى ئازراق چۈشەنگەندەك بولدى . لىكىن يەنىلا قايىل بولمايتى . جاھان ساڭا باقمىسا سەن جاھانغا باق دىگەن گەپ ئەسلى مۇشۇ ئىكەندە دەپ ئويلىدى ئىچىدە .
مانا گۈلجەننەتنى يولغا سېلىپ قويغىلىمۇ بىر ئايدىن ئاشتى . لىكىن ئۇنىڭدىن ھازىرغىچە خەۋەر يوق ئىدى . يالقۇن ئويغا پاتقان ئىدى . ئۇ كەتكەن ئاشۇ كۈندىن باشلاپ يالقۇنمۇ باشقىچىلا ئادەم بۇلۇپ قالغان ئىدى. خىزمەتتىمۇ ئانچە ئەستايىدىل بۇلۇپ كەتمىدى . ھە دىسىلا ئاشۇ كۈندىكى ئۇچۇرشۇشنى ئەسلەيتى .گۈلجەننەتنىڭ بۇلاقتەك كۆزىنى ، كۈلۈمسىرگەن ھالىتىنى يەنە بىر قېتىم كۆرگىسى بار ئىدى . يالقۇن قاتتىق تىت -تىت بولماقتا ئىدى . ياكى ئۇقىز نەرسىلەرنى ئالىدىغان ۋاقىتتا ئۇ تېلفون نۇمۇرىنى چۈشۈرۈپ قويغان بولسا ئۇ چاغدا ئىش چاتاق ، كۈرۈشمىگى تەس بۇلاتتى . ئەگەر ئۇ قەغەزنى كۆرگەنلا بولسا ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ . ئاخىرى بىر كۈنى مىنى ئىزدەپ كىلىدۇ دەپ ئويلايتى ھەم ئۆزىگە شۇنچىلىك ئىشىنەتتى .
كۈنلەر ئاشۇنداق سېغىنىش ۋە كۈتۈش بىلەن ئۆتمەكتە ، بۇ جەرياندا يالقۇننىڭ خىزمىتىمۇ تاشلىنىپ قالدى . ئۇ خزمەتكە بۇرۇنقىدەك ئانچە كۈڭۈلشىمەيدىغان بۇلۇپ قالدى .شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە گۈلجەننەت تۇيۇقسىز يالقۇنغا تېلفون قىلىپ قالدى . يالقۇن بۇنىڭدىن چەكسىز خوشال بولدى . ئۇلار ئالدىدىكى شەنبە كۈنى ئۇچۇرشىدىغانغا دىيىشىپ تېلفوننى قويدى . يالقۇن بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھاياجانلىنىۋاتاتتى . ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ شەنبە ھاياتىدىكى ھەممە شەنبىنى قوشقاندىمۇ ناھايتى ئاستا كىلىۋاتاتتى . ئۇ كۈتكەن كۈن ئاخىرى يىتىپ كەلدى . ئۇلار كۈرۈشۇپلا كۈلۈشۈپ كەتتى . ئۇنىڭ كۈلكىسى بەئەينى كىچىك بالىلاردەك ئوماق ئىدى. ئۈزىمۇ خېلى شوخ ئىدى . ئۇلار ناھايتى قىزغىن پاراڭلاشتى . تۇرمۇش ۋە مۇھاببەت ئۈستىدە شىرىن خىياللارنى سۈرۈشتى . بىللە بازا ئايلاندى ، بىللە تاماق يىدى . ئۇلار پاراڭلىشىپ كەچ بۇلۇپ كەتكەننىمۇ سەزمەي قالدى گۈلجەننەت بەك كەچ بۇلۇپ كەتكەنلىگىنى ، قايتمىسا بولمايدىغانلىغىنى ئېيتىپ تۇرىۋالدى . لىكىن يالقۇننىڭ قەتئىلا گۈلجەننەتنى قۇيىۋەتكىسى يوق ئىدى . ئۇلار ئىككىسى خېلىلا چىقىشىپ قالغان ئىدى . ئۇلار ئاخىرى بېكەت تەرەپكە قاراپ يول ئالدى . ئۇلار شۇنداق كۈڭۈللۈك پاراڭلىشىپ كىتىپ باراتتى . تۇيۇقسىز كۆز ئالدىدا پەيدا بولغان ئۈز ناتۇنۇش چىراينى كۈرۈپ توختاپ قېلىشتى . ئۇلار ئەسلىدە بىر بۇلاڭچىلار گوروھى بۇلۇپ ئۇلارنى قورشىۋالغان ئىدى . گۈلجەننەت ناھايتى بەك قورقۇپ كەتتى . يالقۇن ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ قورقماڭ مەن بار ھىچقىسى يوق دىدى . لىكىن ئۇلار ئۈچ ئىدى . ئۇلارنىڭ قۇلىدا پىچاق ۋە كالتەك بار ئىدى . ئۇلار يۇقىرى ئاۋازدا توختاش ، پۇلنى چىقار دەپ قورقاق سالدى . يالقۇن ئاغىنىلەر گەپ بولسا چىرايلىق دىيىشەيلى ، بۇ قىزنى كەتكىلى قۇيۇڭلار . نىمە دىسەڭلار مەن شۇنى بىرەي دىدى . لىكىن بۇلاڭچىلارنىڭ ئەلپازى يامان ئىدى ، ھىچبىر گەپنى ئاڭلايدىغاندەك قىلمايتى .تۇيۇقسىز بىرسى گۈلجەننەتنىڭ سومكىسىغا قولىنى ئۇزارتتى . يالقۇن ئۇنىڭ قۇلىدىن تۇتىۋېلىپ يۈزىگە مۇش بىلەن بىرنى ئۇردى . ئۇ يىقىلدى . لىكىن قالغان ئىككىسى بىرى كالتەك بىلەن يالقۇننىڭ بېشىغا بىرنى ئۇردى . لىكىن يالقۇن چاققانلىق بىلەن قولى ئارقىلىق بۇ زەربىنى تۇسىۋالدى . قارىماققا قۇلى سۇنغاندەك قىلاتتى . يەنە بىرسى پىچاق بىلەن گۈلجەننەتنىڭ گېلىغا تەڭلەپ تۇرۇپ قوقاق سالدى . ئەگەر يەنە قارشىلىق قىلساڭ بۇ قىزنى ئۆلتىرۋاتىمەن دىدى . يالقۇنمۇ جىم تۇردى . ئۇلار ئۇ ئىككىسىنىڭ يانچۇقىنى قۇرۇغداپ قويغاندىن كىيىن يەنە بولدى قىلماي زۇلپىيەگە يامان نىيەتتە بولماقچى بۇلۇپ ئۇنىمۇ بىرگە ئېلىپ ماڭماقچى بولدى . بۇ چاغدا يالقۇن پەقەت بەرداشلىق بىرەلمىدى . غۇرۇرى ئۈستۈن كەلدى . ھەر قانداق بىر ئەركەك بولسا چۇقۇم شۇنداق قىلاتتى . يالقۇن ۋارقىراپ تۇرۇپ دىدى ھەم ئادەم قېلىپىدىن چىققان مۇناپىقلار ، سەنمۇ ئادەممۇ ھە سىنىڭ ئاچا - سىڭىللىرىڭ يوقمۇ . ئۇ قىزنۇ قۇيىۋېتىپ تىزدىن كۈزۈمدىن يوقال بولمىسا سەنلەرگە بۇ جېنىمنى تىكىپ قويدۇم . ئەگەر جېنىم تىنىقىمدىلا بۇلىدىكەن سەنلەر مەقسىتىڭنى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشۇرالمايسەن . لىكىن ئۇلار ھىچ پەيلىدىن يانىدىغاندەك ئەمەس ئىدى . شۇنىڭ بىلەن يالقۇن ئۇ تۇيۇقسىز تۇرغان پۇرسەتتىن پايدىلنىپ بىرنى تىپىپ ئۇنى موللاق ئاتقۇزىۋەتتى . لىكىن كەينىدىن كەلگەن زەربە ئۇنى ھۇنى ھۇششۇزلاندۇرغانئىدى . پىچاق كۆتەرگىنى بولسا ئاچچىقىغا پايلىماي ئۇنىڭ يوتىسغا بىر قانچە يەرگە پىچاق ئۇرىۋەتتى . بۇ چاغدا گۈلجەننەت قاتتىق ۋاقىراپ ئادەم چاقىرىشقا ئۈلگۈرگەنئىدى . ئۇنىڭ ئاۋازىنى يېقىن ئەتراپتىكىلەر ئاڭلىدى بولغاي بىر توپ ئادەم يۈگۈرۈپ كىلىشتى . بۇنى كۆرگەن بۇلاڭچىلار ئىشنىڭ يامانلىغىنى پەملەپ ، ئالدى كەينىگە قارىماي بەدەر قېچىپ كەتتى . يالقۇن بولسا يەردە قانغا مىلەنگەن ھالدا ياتاتتى . ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ ئادەملەرمۇ كەلدى . ۋە ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ دەرھال جىددى قۇتقۇزۇشقا تېلفون قىلدى . زۇلپىيەمۇ نىمە قىلىشنى بىلمەي قېتىپلا قالدى . ئۇ ئىككىسى دوختۇرخانىغا كەلگەندە سائەت 11 بۇلاي دىگەن ئىدى . دوختۇرلارمۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ گۈلجەننەتنى پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىشقا بۇيرۇپ ، يالقۇننى ئاپراتسىيە ئۈيىگە ئەكىرىپ كەتتى . بۇ چاغدا ئۇنىڭ يېنىدا يالقۇننىڭ تېلفونىدىن باشقا ھېچنىمە قالمىغان ئىدى . ئۇ دەرھال تېلفونغا قارىدى . ئەتىگەندىن بىرى يالقۇن دوستى ياسىننىڭ گىپىنى خېلى قىلغان ئىدى ، گۈلجەننەت تۇيۇقسىز شۇنى ئويلاپ تېلفون دەپتىردىن ياسىننىڭ ئىسمىنى تاپتى . ۋە ئۇنىڭغا تېلفون قىلدى . تەلىيگە تېلفون ئۇلاندى . ۋەي دىگەن ئاۋازنى ئاڭلىغان ياسىن ھەيران قالىدى . سىز كىمۇ؟ دەپ سورىدى ياسىن. گۈلجەننەت يېغلىغان ھالدا بولغان ئىشلارنى قىسقا قىلىپ ياسىنغا دوكىلات قىلدى . شۇنىڭ بىلەن ياسىنمۇ ھايال ئۆتمەي دوختۇرخانىغا كىلىپ بولدى. ياسىن داۋالاش رەسمىيەتلىرنى ئۆتىۋەتكەندىن كىيىن ، گۈلجەننەت بىلەن بولغان ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلاشتى . ئىككى سائەتتىن كىيىن يالقۇن ئوپراتسىيەدىن ئوڭۇشلۇق چىقتى. تەلىيگە يارىشا يارىسى ئانچە ئېغىر ئەمەس ئىدى . پىچاق يىگەن يېرىنى تىكىپ بېشىنى داكا بىلەن تېڭىپ قويغان ئىدى . كالتەك زەربىسى مىڭىسىگە تەسىر قىلىپ ھۇشىدىن كەتكەننى ھىساپقا ئالمىغاندا يارىسى ئانچە ئېغىر ئەمەس ئىدى. دوختۇرلار بىر قانچە كۈن ئارام ئېلىپ چىقىپ كەتسە بۇلىدىغانلىغىنى ئېيتىپ ياتاقتىن چىقىپ كەتتى . ئەمدى ياتاقتا ئۇ ئۇچئەيلەنلا قالغان ئىدى . يالقۇن تېخى ھۇشىغا كەلمىگەن ئىدى، ئۇلار ئىككىسى ئۇ كۈنى كەچتە يالقۇننىڭ يېنىدا بولدى . كېچىچە دىگۈدەك كىرپىك قاقماي چىقتى. ياسىن تاڭىتاغا يېقىن جوزىغا بېشىنى قۇيۇپ ئۇخلاپ قالغان ئىدى، لىكىن گۈلجەننەت تېخىچە ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇراتتى . نىمىلەرنىدۇ ئويلاۋاتقاندەك قىلىاتتى. لىكىن سىرتقا چىقىرالمايۋاتاتتى. سائەت 8.00 گە يېقىن يالقۇن ھۇشىغا كەلدى . ھۇشىغا كىلىپلا گۈلجەننەتنى كۆردى . لىكىن مىدىرلىيالمىدى . چۈنىكى بېشى ھازىرغا قەدەر ئاغىرىۋاتاتتى . ئۇڭغىچە ياسىنمۇ ئويغۇنۇپ دوستىنىڭ قېشىغا كەلدى . ياسىن ئۇنىڭغا ھېلىمۇ ياخشى تەلىيىڭ باركەن . شۇنچىلىك زەربە يەپمۇ ئۆلمەي ھايات قاپسەن دەپ ئۇنىڭغا چاقچاق قىلدى . ھەممىسى كۈلۈشۈپ كەتتى . يالقۇن گۈلجەننەتنىڭ يېنىدا بىر كېچە ئۇخلىماي ھالىدىن خەۋەر ئالغىنىنى بىلىپ ئىنتايىن خوشال بولدى . ھەم ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئاشىق بولدى .گۈلجەننەت بولسا ئۆزىنى ئەيىپلەۋاتاتتى . مىنى دەپ شۇنداق بۇلۇپ قالدىڭىز . كەچۈرۈڭ . ھەممىسى مىنىڭ سەۋەبىم دەپ يېغلاۋاتاتتى . يالقۇن بىلەن ياسىن ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ ئۇلا ئەمەس ھەراقانداق بىر ئەركەك بولسا شۇنداق قىلغان بۇلاتتى . ھەتتا مەنمۇ شۇنداق قىلاتتىم . ئۇنىڭغا ئۈزىڭىزنى ئەيىپلىمەڭ . بۇمۇ ئىككىڭلارنىڭ تەقدىرى ئوخشايدۇ دەپ ئۇنى بەزلىدى . لىكىن گۈلجەننەتنىڭ كۆڭلىدە يەنە بىر ئەندىشە بار ئىدى . يالقۇن ئۇنىڭ كۈزىگە قاراپ ئۇنى چۈشەنگەندەك بولدى . ھەم ئۇنىڭغا ئەمدى سىزمۇ قايتىڭ ، ئۆيدىكىلەر ئەندىشە قىلىپ قالمىسۇن دىدى ۋە ياسىننى چاقىرىپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىر نىمىلەرنى دىدى . زۇلپىيەمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي ئەمسە خوش ، ۋاقىت بولسا يەنە كىلىمەن . ياكى بولمىسا تېلفون قىلىمەن . ياخشىراق كۈتۈنۈپ بالدۇراق ئەسلىگە كىلىڭ دەپ قۇيۇپ ياسىن بىلەن چىقىپ كەتتى .
مانا ئارىدىن ھەش پەش دىگۈچە بىر ھەپتە ئۈتۈپ كەتتى . يالقۇنمۇ بالنىستا ئۈچ كۈن يېتىپلا قايتىپ چىقتى . خەلچىغان ئانىنى ئەندىشە قىلىپ كەتمىسۇن دەپ ئۇنىڭغا خەۋەر قىلمىغان ئىدى . ئۇ تۇيۇقسىز كاماندوروپكىغا چىقىدىغانلىغىنى ئېيتىپ دوختۇرخانىدا تېلفۇن ئۇرۇپ قويغان ئىدى. زۇلپىيەمۇ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز قالدى .شۇڭا ئانچە چېنىپ كەتمىدى . يالقۇن يەنىلا گۈلجەننەتدىن ئەنىسراۋاتاتتى.
ئەتىسى يالقۇنغا تېلفون كەلدى . بۇ زۇلپىيە ئىدى . تىشلىقمۇ ، نىمىشقىلىۋاتىسىز . ئۇزۇن بولدى تېلفونمۇ ئۇرمايسىز . شۇڭا ئەنسىرەپ تېلفون قىلغان . ۋاقتىڭىز بولسا كۈرۈشسەك بۇپتىكەن . بۇلامدۇ ؟
ھە مەن ياخشى . لىكىن ھازىر ئىشلاۋاتاتتىم . كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ تېلفون قىلاي دەپ تېلفوننى ئۈزۈۋەتتى.
يالقۇن ئەمدى ئىشتىن چۈشەي دەپ تۇرىشىغا يەنە تېلفون كەلدى . ۋەي .. تىشلىقمۇ ، قانداق ئەھۋالىڭىز . كەچۈرۈڭ تېلفون قىلىپ بۇلالمىدىم . ئىشتىن چۈشكەن بولسىڭىز كۈرۈشەي دىگەن ۋاقتىڭىز بارمۇ؟
بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ يالقۇن قەۋەتلا خوشال بۇلۇپ كەتتى. چۈنكى بۇ گۈلجەننەت ئىدى ،ئۇنىڭ بىلەن كۈرىشىدىغانلىغىنى ئاڭلاپ يۈرىگى يايراپ كەتتى .
ھە مەن ياخشى . ھازىر يۈگۈرەپ يۈرىۋاتىمەن . ئوبداب بولۇپ قالدىم . سىز نەدە؟مەن ھازىرلا قېشىڭىزغا باراي .
مەن سىز ئىشلەيدىغان ئىدارىنىڭ ئالدىدا .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ يالقۇن تېخىمۇ بەك خوشال بۇلۇپ كەتتى . ئالدىنقى قېتىم كۈرۈشكەن ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئۆزى ئىشلەيدىغان ئىدارىنىڭ ئادرىسىنى دەپ بەرگەن ئىدى.ئۇنىڭ تېپىپ كىلەلىگىنىدىن قەۋەتلا سۈيۈنگەن ئىدى . ئۇ ئالدىراپلا ئىدارىنىڭ ئالدىغا چىقتى . دىگەنكىدەك ئۇ ئىدارىنىڭ ئالدىدا ئۇنى ساقلاۋاتاتتى . گۈلجەننەت بۈگۈن ئالاھىدە چىرايلىق بۇلۇپ كەتكەنئىدى. ئۇنىڭ قاپقارا ئۈرۈم چېچى ئۇنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ كۆرسۈتۈپ تۇراتتى. تىشلىقمۇ . ياخشى تۇردىڭىزمۇ . سىز كىتىپ سىزدىن بەك ئەنسىردىم . ئۆيىكىلەر بىر نەرسە دىمىگەندۇ . خاپا بولدىمۇ ؟ دەپ گەپ بەرمەي سوراپلا كەتتى .
گۈلجەننەت سەل خىجىل بولغاندەك قىلىپ نىمىگە ئەندىشە قىلاتتىڭىز . مەن يە كىچىكى بالا بولمىسام دەپ مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى . بۇ كۈلكىسى يالقۇنغا تېخىمۇ چىرايلىق بىلىنىپ كەتتى . كەچتە ئۇلار بىرگە تاماق يىدى ، تاماق يەپ بۇلۇپ يەنە كوچا ئايلاندى . زۇلپىيە ئالدىنقى قېتىملىق ئىشتىن ئۆزىنىڭ بەك خىجىل بولغانلىغىنى يالقۇنغا ئاۋارچىلىق ۋە ئۇۋالچلىق سالغانلىغىنى ئېيتىپ كەچۈرۈم سوراپ تۇرىۋالدى . بۇ يالقۇنغا نىسبەتەن ئېغىز ئاچىدىغان ياخشى بىر پۇرسەت ئىدى . يالقۇن گۈلجەننەتكە ئۇ ئۆزىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى ئىكەنلىگىنى ئەگەر خالىسا ئۇنىڭغا بىر ئۆمۇر قوغدۇغۇچى بۇلۇشنى خالايدىغانلىغىنى ئېيتتى . ۋە ئۇنى تۇنجى كۈرۈپ ياخشى كۈرۈپ قالغانلىغىنى ، بىر ئۆمۈر بەخىتلىك قىلىدىغانلىغىنى ئېيتتى . لىكىن گۈلجەننەتنىڭ شۇنداق ماقۇل بولغۇسى بولسىمۇ لىكىن ئىچىدە كىشىگە دىگىلى بولمايدىغان بىرەر سىرى باردەك گەپنى چاقچاقچا ئايلاندۇرۇپ يوقۇتىۋاتاتتى .يالقۇن بۇنى سىزىپ قالدى . ۋە گۈلجەننەتگە ھەر قانداق ئىش بولسا ماڭا ئېيتىڭ ، قىينىلدىغان يېرىڭىز بارمۇ دەپ سورىغاندا گۈلجەننەت بىر پەس جىم بۇلۇپ قالدى . ۋە ئۆزىنىڭ ماڭمىسا بولمايدىغانلىغىنى دەپ بېكەتقا قاراپ ماڭدى .يالقۇنمۇ بىر نەرسىنى سەزگەندەك قىلىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى .گۈلجەننەتمۇ بۈگۈن دەل مۇشۇ توغۇرلۇق كەلگەن ئىدى . ھەممە ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرىۋاتمىسا بولمايدىغانلىغىنى سەزگەن ئىدى . لىكىن ئۇنىڭغا ئېغىز ئېچىشتىن نۇمۇس قىلدى . ئۆزىنى ئۇنىڭغا راۋا كۆرمەيدىغاندەك ھېس قىلدى . يالقۇن ئەگەر ئۇ ئىشلارنى ئۇقسا چۇقۇم ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالاتتى . لىكىن ئۇنى ئالداشنىمۇ خالىمايتى . شۇڭا بۇ ئىشنى ئۇ يەنىلا كىيىنكى قېتىمغا قويدى . ئۇلار ئارتۇق پاراڭلاشمىدى . خۇددى بىر بىرسىنى چۈشەنگەندەك قىلىپ ئۆز - ئارا تەڭلىك قىلماسلىقنى ئويلىدى . گۈلجەننەت ماڭىدىغان ۋاقىتتا كىلەر قېتىم كۈرۈشكەندە چۇقۇم قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بىرىدىغانلىغىنى ئېيتىپ خوشلاشتى .
زۇلپىيە بولسا تا ھازىرغىچە يالقۇننىڭ تېلفونىنى ساقلاۋاتاتتى . لىكىن يالقۇن بۇنى ئۇنتۇپلا قالغان ئىدى . يالقۇننىڭ تېلفونى جىرىڭلىدى . ئۇ تېلفۇنغا قاراپ ئاندىن بۈگۈن كەچتە گۈلجەننەت بىلەن كۈرۈشۈشكە دىيىشىپ قويغانلىغىنى ئىسىگە ئالدى . ئاپالا دىدى ئۇ ئىچىدە . ھە تەنتەك مانا ھازىرلا بىكار بولدۇم . سەن نەدە قېشىڭغا باراي .
ۋاي يالغانچى دەپ خاپا بولغانلىغىنى ئىپادىلەپ ، يالقۇنغا ئەركىلدى . ۋە ئۆزى تۇرغان جاينى دەپ بەردى . يالقۇنمۇ ماشىنا تۇسۇپ بىردەمدىلا يىتىپ كەلدى . يالقۇن تاماق يەپ بولغاچقا گۈلجەننەتنىڭ تاماق يەيلى دىگەن گىپىگە دەماللىققا جاۋاپ بەرمەي قالدى . زۇلپىيە چاقچاق قىلىپ ۋاي پىتى بولدى مەن مىھمان قىلىمەن دەپ چاقچاق قىلدى . يالقۇنمۇ چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ماقۇل بولدى . ئۇلار بىر ئاشخانىنىڭ ئايرىمخانىسىغا كىرىپ تاماق يىدى . يالقۇنمۇ زولاپ دىگۈدەك ئاران يېرىمىنى دىگۈدەك يىيالىدى . ھەم چاندۇرماسلىق ئۈچۈن يېقىندىن بۇيان ئاشقازىنىم ئاغرىپ كۆپ تاماق يېرەلمەيدىغان بۇلۇپ قالدىم دەپ باھانە كۆرسەتتى . تاماق يەپ بۇلۇپ كوچا ئايلانغاچ پاراڭلاشتى .زۇلپىيە يەنە يالقۇنغا ئەركىلەپ مىنى قاچان ئالىسەن . تېزراق بول بولمىسا مىنى باشقىلار ئېلىپ كىتىدۇ جۇمۇ دەپ چاقچاق قىلدى . زۇلپىيە ھەقىقەتەن يالقۇننى بەك ياخشى كۈرەتتى . شۇڭا ئامال بار ئۇنى ئاۋارە قىلمايتى . خىزمىتىگە تەسىر يەتمىسۇن دەپ ئويلايتى . يالقۇن ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايتى. ھەم يالقۇننىمۇ ئۆزىنى ياخشى كۈرىدۇ دەپ ئويلايتى . شۇڭا ئادەتتە يولدا ماڭسىمۇ يالقۇننىڭ قۇلىغا مەھكەم ئېسىلىۋالاتتى . لىكىن يالقۇن بۇنى پەقەت ئاكا - سىڭىل ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت دەپ بىلەتتى . شۇڭا ئۇنىڭ ئۇنداق ئشلىرغا ئانچە ئەرەن قىلىپ كەتمەيتى . زۇلپىيە يەنە بىر قېتىم سورىدى . ۋاي ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن . مىنى قاچانلىققا ئېلىپ كىتىسەن دەيمەن . يالقۇن چاقچاق قىلىپ ھەي سەن ماشۇنداق سەت تۇرساڭ سىنى كىممۇ ئالار ، خام خىيال قىلما دەپ چىقىشىپ قويدى . زۇلپىيە يېقىندىن بۇيان يالقۇننىڭ سەل ئۆزگۈرۈپ گەپ سۆزلىرنىڭ ئازلاپ ، ئۆزى بىلەن ناھايتى ئاز كۈرۈشىدىغانلىغىنى ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدى . شۇڭا بۈگۈن قەستەن ئۇنىڭدىن گەپ كوچىلدى . راست گەپ قىل ھە مىنى زادى ياخشى كۈرەمسەن ، كۆرمەمسەن ؟ يالقۇن ئەلۋەتتە ياخشى كۈرىمەن . سەن دىگەن مىنىڭ سىڭلىم تۇرساڭ دىدى. لىكىن زۇلپىيە مەن ئۇنداق دىمىدىم . مەن سىنى ياخشى كۈرىمەن . كەلگۈسىدە سىنىڭ ئايالىڭ بۇلۇشنى ئويلايمەن . ئەجىبا سەن ئۇنداق ئويلىمامسەن ؟ يالقۇن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بەك ھەيران قالدى . زۇلپىيە ئەزەلدىن يالقۇنغا ئۇنداق ئۇچۇق گەپ قىلىپ باقمىغان ئىدى . بۇ قېتىم ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بەك ھەيران قالدى . ۋە كۈلگىسى كەلدى .
ۋاي ساراڭ مەن دىگەن سىنىڭ ئاكاڭ . ئاكىسى دىگەن سىڭلىسىنى ئالغان نەدە بار ؟ زۇلپىيە يەنە جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋالدى . مەن ئۇنداق ئويلىمايمەن . مەن دىگەن سىنىڭكى كەلگۈسى ئايالىڭ . كىچىكىمدىن تارتىپ شۇنداق ئويلاپ كەلگەنمەن . ئەگەر سەندىن ئايرىلسام مەن ياشىيالمايمەن ، بۇنى بىلەمسەن يالقۇن، سەن مىنىڭ يالقۇنۇم . مىنى كۆيدۈرگەن يالقۇنۇمسەم . مەن پەقەت ساڭىلا تەئەللۇق . ئەگەر مىنى ئالمىساڭ ئۈلۈپلا تۈگۈشىمەن . سىنى سۈيىمەن يالقۇنۇم دەپ يالقۇننىڭ بوينىغا گىرە ئالدى . لىكىن يالقۇن بۇنداق بۇلۇشنى خالىمايتى . ئۇنىڭغا ئەمىلى ئەھۋالنى دىيىشنى راۋا كۆردى يۇ لىكىن ئۇنىڭ ئازاپلىنىشىنى خالىمايتى . شۇڭا نىيتىدىن يالتايدى . ھە ھە ماقۇل جىنتەك . بەك كەچ بۇلۇپ كەتتى ئەمدى سىنى ئۈيۈڭگە ئاپىرىپ قۇياي . ياق كەتمەيمەن كېچىچە سەن بىلەن بىرگە بۇلىمەن .
ۋاي ئالجىپ قالدىڭمۇ ؟ نەدە بىر ئوغۇل بىلەن بىر قىز توي قىلماي تۇرۇپ بىرگە بۇلىدىغان ئىشلار بار . ئەمدى ئاشۇنداق دىسەڭ سىنى ئۇرىمەن جۇمۇ ھەم بۇندىن كىيىن ساڭا قارىمايمەن. ماقۇل ، ماقۇل يالقۇنۇم گىپىڭنى ئاڭلاي. قايتاي دەپ يالقۇنغا يەنە ئەركىلدى . ئويگە زۇلپىيە مىنى ھاپاش قىل دەپ تۇرىۋالدى . يالقۇن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ئۇنى ھاپاش قىلدى . ئۆينىڭ ئالىدغا كەلگەندەزۇلپىيە يالقۇنغا مىنى سۈيۈپ قوي دەپ تۇرىۋالدى . يالقۇن ئۇنمىدى . لىكىن زۇلپىيە مەجبۇرى ھالدا يالقۇننى سۈيىۋالدى . ھەم كۈلگەن پېتى ئەتە كۈرۈشەيلى ، ياخشى چۈش كۆر دەپ قېچىپ كىرىپ كەتتى .
بۈگۈنكى ئىشلاردىن يالقۇن سەل ئەنسىرەپ قالدى . ئۇ ساراڭ راستىنلا شۇنداق قىلامۇ دەپ ئويلىدى . لىكىن يەنە كۈنلەرنىڭ ئۈتىشىگە ئەگىشىپ ئۇنتۇپ كىتىدۇ دەپ ئويلىغىنىچە ئۇيقىغا كەتتى.
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى . گۈلجەننەتتىن تېخىچە خەۋەر يوق ئىدى . جاۋابىنى بىرىدىغان چاغمۇ كىلىپ قالغان ئىدى . تۇيۇقسىز ئۆينىڭ تېلفونى جىرىڭلاپ قالدى . يالقۇن بۇ ئەمدى كىمدۇ دەپ تېلفوننى ئالدى . تېلفون قىلغان ياسىن ئىدى . ۋاي قانداق قىلىپ مەن يادىڭغا كىچىپ قالدىم دەپ سورىدى يالقۇن . ۋاي ئاداش مەنغۇ يادىمغا كەچۈرمىگەن ئىدىم . لىكىن گۈلجەننەتنىڭ ساقلاپ كۈزى توت بۇلۇپ كىتىپتۇ . يانفونڭغا تېلفون قىلسا ئىتىككەن . شۇڭا ماڭا تېلفون قىلىپتىكەن . ۋاي رەھمەت ئاداش . ئۇ نەدىكەن ھازىر . بۇرۇن تاماق يىگەن جايدا دەيدۇ . سورىسىام ئۆزى ئۇقىدۇ، دەپ قويسىڭىز دىگەن . شۇڭا ساڭا تېلفون قىلىشىم . ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولسۇن دوستۇم .دەپ تېلفوننى قويدى . يالقۇن خوشال بولۇپ دەرھال يولغا چىقتى . بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى قېتىم كۈرۈشكەندەك خوشال كۈرۈشمىدى . ئاددىلا كۈرۈشتى . گۈلجەننەتنىڭ چىرايىدىن غەمكىنلىك چىقىپ تۇراتتى .
ئۇلار ئىككىسى تاكى ئاشخانىدىن چىققىچە بىر ئېغىزمۇ گەپلەشمىدى . ئاشخانىدىن چىقىپ خېلى ئۇزاق ماڭغاندىن كىيىن يالقۇن جۈرئەتكە كىلىپ گەپ باشلىدى . قانداق بۈگۈن مىجەزىڭىز يوقتەك قىلامدۇ نىمە ؟ بىر يېرىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ ؟
گۈلجەننەت ياق ئۇنداق ئەمەس .
ئۇنداقتا نىمە بولدى سىزگە. چىرايىڭىز باشقىچە تۇرىدىغۇ ؟
سىزگە بىر گەپنى دىمەكچى ئىدىم . خالى بىر جايغا بېرىپ ئولتۇرايلى .
يالقۇن بۇلىدۇ . ئالدى تەرەپتە خەلىق مەيدانى بار . شۇ يەرگە بېرىپ ئولتۇرايلى. دەپ گۈلجەننەتنى باشلاپ ماڭدى . ئۇلار ئىككىسى ئادەم شالاڭ بىر يەرگە بېرىپ ئۇرۇنداقتا ئولتۇردى . يالقۇننىڭ كۆڭلى قانداقتۇر بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بۇلۇپ ، گۈلجەننەتكە قاراىدى . گۈلجەننەتمۇ گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەيۋاتاتتى .
گۈلجەننەت قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭغا دىمىسە بولمايتى. ئۇنى ئالداشنى خالىمايتى . شۇڭا تۇلۇق غەيرەتكە كىلىپ گەپ باشلىدى .
مەن كىچىكىمدىنلا ئاتا - ئانامدىن يىتىم قالغان ئىكەنمەن . مىنى ئاكام ئۈزى بىر قوللۇق بېقىپ چوڭ قىلىپتىكەن . ئائىلىمىزمۇ ئانچە باياشات ئائىلە بولمىغاچقا مەن تۇلۇقسىزنى پۇتتۈرۈپلا ئۇقۇشتىن چىكىندىم . ئاكامغا ياردەملىشىپ ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرغا ياردەملەشتىم . كىيىن ئاكام ئىچى ئاغرىپ مىنى بىر ماشىنچى ئۇستامنىڭ قېشىغا شاگىرتلىققا بەردى . مەن ئۇ يەردە ماشىنچىلىقنى ئۆگەنگەچ ئائىلە ئىشلىرغا ياردەملەشتىم . بىر يىلدىن كىيىن ئاكامنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ،مەن بىلەن شاگىرت بىر بالا بىلەن توي قىلدىم ، ئۇ چاغدا مەن ئەمدىلا 18 ياشتا ئىدىم . لىكىن توي قىلىپ يولدۇشۇمنىڭ ئېغىر خورلىقىغا ئۇچۇردۇم . ئەسلى ئۇ بىر ھاراقكەش ، قىمارۋازكەن . ھە دىسىلا ھاراق ئىچىپ كىرىپ مىنى ئۆلگىچە ئۇراتتى . قىمار ئويناپ ئۇتتىرۋەتسىمۇ مىنى ئۇراتتى . تاكى ھېرىپ ئۇرغىلى ھالى قالمىغىچە ئۇراتتى . شۇنداق بولسىمۇ چىداپ تۇرۇپ بىر يىل ئۇنىڭ بىلەن ئۆتتۈم . لىكىن بىر كۈنى ئۇ قىمار ئويناپ ئۇتتىرۋېتىپ مىنى ئۇتىۋالغۇچىغا سېتىۋەتكەنلىگىنى . ئەتىسدىن باشلاپ مەن ئاشۇ ئۇتۇۋالغۇچىنىڭ خۇتىنى بۇلىدىغانلىغىمنى ئاڭلاپ چىداپ بۇلالماي ، ئۇنىڭغا نەپرەتلەنگەن ھالدا ئەمدى تۇغۇلغان بالمنى كۆتۈرۈپ قېچىپ چىقىپ كەتتىم . ئۆيگە بېرىپ ئاكامغا بولغان ئىشلارنى باشتىن ئاياق سۆزلەپ بەردىم . ئاكاممۇ دەرغەزەپكە كىلىپ ئۇ ھايۋاننى بىر نىمە قىلىۋەتمەكچى بولدى . بۇندىن بۇرۇن ھىچقانداق ئىشنى ئۇنىڭغا دىمىگەن ئىدىم . ئاكام مىنىڭ يالۋۇرشۇم بىلەن توختاپ قالدى . ئەتىسى قانۇن ئورگانلىرغا بېرىپ ئەھۋالنى دەپ ، قانۇن ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن مەجبۇرى ئاجىرشىپ كەتتىم . قانۇندىن بالىنى ماڭا بۇيرۇپ بەردى . مانا ھازىر ئوغلۇممۇ ئۇچ ياشقا كىردى . شۇنىڭدىن باشلاپ مەن ئەر كىشى زاتىغا قارىمايمەن . بىر ئۆمۈر بالام بىلەن مۇشۇنداق ئۈتۈپ كىتىمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم . چۈنكى مىنىڭ يۈرۈگۈم ئېغىر جاراھەتلەنگەن ئىدى . لىكىن كۈڭۈل دىگەن ئاجايىپ بىر نەرسە ئىكەن . ئاشۇ بىر قېتىملىق تاسساددىبى ئۇچۇرتۇشتا سىزنى ئۇچۇرتۇپ ، ئۈزەممۇ بىلمىگەن ئاساستا سىزنى ياخشى كۈرۈپ قېلىۋاتاتتىم . ئىلگىرى مەندە ئەزەلدىن بۇنداق تۇيغۇ بۇلۇپ باقمىغان ئىدى . ئەسلىدە ئاشۇ قېتىملىق ئولتۇرۇشتا باشتىن ئاخىر سىزگە دېققەت قىلىپ كەلگەن ئىدىم . سىزنىڭ ياخشى بالا ئىكەنلىكىڭىزنى ئاللا بۇرۇن ھېس قىلغان بولغاچقا، كەينىمدىن قوغلۇشۇپ چىققان ۋاقتىڭىزدا سىزگە قوپاللىق قىلالمىدىم . چۈنكى مەن ئەزەلدىن ئوغۇللار بىلەن پاراڭلاشمايتىم . شۇ چاغدا سىز بىلەن پاراڭلىشىپ . كۆڭلۈم شۇنداق خوشال بولغان ئىدى . كىيىن مەن كىتىپ كۆپ ئويلاندىم . سىزنى ئالداش خىيالىممۇ يوق ئىدى . ئەسلىدە ئالدىنقى قېتىم ئۇچراشقاندا بۇ ئەھۋاللارنى سىزگە دىمەكچى بولغان ئىدىم . لىكىن دىيىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم . چۈنكى بىر قانچە قېتىملىق ئۇچۇرشىشىمىزدىن كىيىن مەن سىزنى خېلى ياخشى كۈرۈپ قالغان ئىدىم . سىزدىن بۇ ئەھۋاللارنى ئۆمۈر بۇيى يۇشۇرۇپ كىتەلمەيتىم . ھەم بۇنداق قىلىشقا ۋىجدانىم ئۇنمايتى . سىزنىڭ ماڭا قىلغان مۇئامىلىڭىز ، ۋە ماڭا بولغان مۇھاببىتىڭىز زەرداپ بولغان يۈرۈگۈمنى ئويغاتتى . ئۈزەمنى خۇددى ياشلىق باھارىمغا قايتقاندەك ھېس قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم . لىكىن يەنىلا ئۈزەمنى سىزگە ماس كەلمەيمەن دەپ ئويلاپ كەلدىم . شۇڭا سىزنىڭ تەلىبىڭىزگە ئىككىلنىپ تۇرۇپ قالدىم . سىزنى داۋاملىق ئالدىغىم كەلمىدى .
يالقۇن مەن سىزگە ماس كەلمەيمەن ، سىزنىڭ مەندەك بىر قىزنى ياخشى كۆرگەنلىگىڭىزدىن مەن بەك خوشال . سىزنىڭ ماڭا بولغان بۇ مۇھاببىتىڭىزنى بىر ئۆمۈر يۈرۈگۈمدە ساقلايمەن . سىز چۇقۇم مەندىنمۇ ياخشى قىزنى تاپالايسىز . شۇڭا ھەر ئىككىلىمىز بىر - بىرىمىزنى ئالدىمايلى . مانا ئەمدى ھەممىنى بىلدىڭىز . ئۈزىڭىزنى ئاسىراڭ دەپلا كىتىپ قالدى . ئۇ كەتكەن بىلەن يۈرىگى ئايرىلىش ئازابىدىن يېغلىماقتا ئىدى .
يالقۇن گۈلجەننەتنىڭ بۇ گەپلىرنى ئاڭلاپ ئورنىدا تۇرۇپلا قالدى . نىمە دىيىشنى ياكى نىمە قىلىشنى بىلمەيۋاتاتتى . خۇددى ئاسماندىن يەرگە چۈشكەندەك قاتتىق ئازاپلانماقتا ئىدى . نىمىشقا بۇنداق بۇلىدۇ . زادى نىمىشقا ؟
شۇ كەتكەنچە يالقۇن بىر ھەپتىگىچە ئۆزىنى يوقۇتۇپلا قويدى . تەقدىرنىڭ بۇ ئېغرى چاقچىقىغا بەرداشلىق بىرەلمەيۋاتاتتى ، خىزمەتمۇ خوشياقماس بولدى . ھاراق ئىچمەيدىغان ئادەم كۈنبۇيى ئىشتىن چۈشۈپلا ھاراق ئىچىپ مەسلا يۈرۈيدىغان بۇلۇپ قالدى . بىر كۈنى مەس ھالەتتە كىتىپ بارسا سىڭلىسى زۇلپىيە ئۇچراپ قالدى . ئۇ مەسلىكتە ھۇشىنى بىلمەيتى . پەقەت گۈلجەننەتنىڭ ئىسمىنى توۋلايتى . زۇلپىيە ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۈرۈپ بەك ئىچى سىرىلدى . ھەم ئازراق بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك ھېس قىلدى . ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قۇيۇپ قايتىپ كەتتى .
ئەتىسى ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتتا زۇلپىيە ئۇنى ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇردى . ئۇنىڭ ھەقىقى ئەھۋالنى بىلگىسى بار ئىدى . يالقۇن ئىشتىن چۈشۈپ ئىدارىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان زۇلپىيەنى كۈرۈپ ھەيران قالدى . ۋاي جىنتەك بۇ يەردە نىمىش قىلىسەن، دەپ ئۇنىڭغا بىلىندۈرمەي چاقچاق قىلىدى . زۇلپىيە ئۇنىڭغا دەيدىغان گەپ بارلىغىنى ، بۈگۈن دىمىسە دىدى بولمايدىغانلىغىنى دىدى. يالقۇنمۇ ھە بۇپتۇ ئەمسە دىگىن دەپ پىيادە ئىككىسى خېلى ئۇزاق بىللە ماڭدى . بىر دەمدىن كىيىن زۇلپىيە يالقۇنغا بىز ئىككىمىز توي قىلايلى دىدى. تۇيۇقسىز ئېيتىلغان بۇ گەپتىن يالقۇن چۈچۈپ كەتتى . يالقۇن چاقچاق قىلىپ ھە يەنە كېسىلىڭ تۇتۇپتۇمۇ نىمە . نىمانداق تومتاقلا بۇ گەپنى قىلىسەن.
بىز توي قىلايلى دەيمەن ، چاقچاق قىلمىدىم . سەنمۇ چاقچاق قىلماي جاۋاپ بەر . يالقۇن تۇرۇپلا قالدى . زۇلپىيە سەن باشقا بىرسىنى ياخشى كۈرۈپ قالدىڭ شۇنداقمۇ ؟
يالقۇن ئۇندىمىدى . قارىماققا زۇلپىيە ھەممىنى بىلگەندەك قىلاتتى .
زۇلپىيە يالقۇنغا يالۋۇردى . جېنىم يالقۇنۇم سەندىن ئايرىلسام ياشىيالمايمەن .مىنى تاشلىۋەتمە بۇلامدۇ ؟
يالقۇن ھەقىقى ئەھۋالنى دىيىشنى ئويلىدى . لىكىن ھەقىقى ئەھۋالنى بىلسە زۇلپىيەنىڭ ئازاپلىنىشىدىن ، قالايمىقان ئىش قىلىپ قۇيىشىدىن قورقتى. لىكىن دىمەي بولمايتى . زۇلپىيە دىدى يالقۇن. ھەممىنى بىلىپسەندە ؟
راستىنى دىسەم مەن سىنى پەقەت ئۆزەمنىڭ سىڭلىسىدەك ياخشى كۈرىمەن ، مەن ساڭا بەك ئامراق ، سىنى بەك ياخشى كۈرىمەن . لىكىن بۇ مۇھاببەت ئەمەس . ئاكىنىڭ سىڭلىسىغا بولغان مۇھاببىتى . مەن ھەقىقەتەن بىرسىنى ياخشى كۈرۈمەن . سەن بىلەن مەڭگۈ يېقىن ئاكا - سىڭىل بۇلۇپ ئۆتكۈم . سىنى ئاكىنىڭ ئورنىدا قوغدىسام دەيمەن . سەن چۇقۇم ماڭا ئوخشاش ياخشى يىگىتنى تاپالايسەن .
بۇ گەپلەر زۇلپىيەگە قىلچلىك تەسىر قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى . گۈلجەننەت ئۈچۈنمۇ ؟ مەن ئاخىرغىچە ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلىمەن . ھەرگىز سەندىن ۋاز كەچمەيمەن . سەندىن ئايرىلغان كۈنۈم مىنىڭ ئۆلگەن كۈنۈم دەپ ئاچچىقلىغان ھەم يېغلىغان ھالدا يۈگۈرەپ كىتىپ قالدى .
يالقۇن زادى نىمە قىلىشنى بىلمىدى . ئۆزى ياخشى كۈرىدىغاننى تاللاش كېرەكمۇ ياكى ئۆزىنى ياخشى كۈرىدىغاننىمۇ ؟ يالقۇننىڭ بېشى ئايلىنىپ كىتىپ باراتتى . ئەمدى بىر قارارغا كەلمىسە بولمايدىغانلىغىنى ھېس قىلدى بولغاي . جان-جىگەر دوستى ياسىنغا مەسلەھەت سېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تېلفون قىلدى .
ۋەي ئاداش قانداق ئەھۋالىڭ ئالدىراشلىقتا ساڭا تېلفون قىلىپ بۇلالمىدىم ، چىقساڭ بىر كۈرۈشسەك بۇپتىكەن . كونا جايدا سىنى ساقلاپ تۇراي بۇلامدۇ ؟
ياسىن ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ تېلفوننى قويدى .
يالقۇن بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەي ياسىنمۇ كەلدى . ياسىن يالقۇنغا چاقچاق قىلىپ قىز بالىنى كۈرۈپ دوستۇڭنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىسەن ، ساڭا گۈلجەننەت بولسىلا بۇلىدىغۇ دەپتىمەن دەپ چېقىشىپ قويدى . يالقۇن ، ئۇنداق دىمە ئاداش . كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ كىلىدۇ . ئالدىرماڭ ياراي ،سىزگىمۇ باراي دىگەن گەپ بار . ياسىن ، چېقىشىپ قويدۇم ئاداش بولدى خاپا بولما . قېنى دىگىنە قانداق بۇلۇپ كەتتىڭلار ؟
يالقۇن گۈلجەننەت بىلەن زۇلپىيەنىڭ ئەھۋالىنى باشتىن ئاياق بىرنىمۇ قالدۇرماي ، ياسىنغا سۆزلەپ بەردى . ياسىنمۇ ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى . يالقۇن گىپى تۈگەپ ، ئاداش ئىشلار ماشۇنداق . مەن زادى قانداق قىلىشىم كېرەك . بېشىم پارتىلاپ كىتەي دېۋاتىدۇ . ماڭ بىر يول كۆرسەتكىن بۇلامدۇ ؟
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ياسىنمۇ بىر نەرسە دىيەلمەي تۇرۇپ قالدى . چۈنكى ئەمدى زۇلپىيە قۇشۇلۇپ قالغان ئىدى . ياسىن زۇلپىيەنى ياخشى كۈرەتتى . لىكىن ئاغىنىسىنىڭ سىڭلىسى بولغاچقا بۇ گەپنى ئۇنىڭغا دىيەلمىگەن ئىدى .
ئاداش دىدى ياسىن . بۇ ئىشنى يەنىلا ئۈزۈڭ قارار قىلغىن . مەيلى سەن قايسىنى تاللىما مەن سەن تەرەپتە . سەن بەخىتلىك بولساڭلا مەن شۇنىڭغا خوش . گۈلجەننەت ئۇ ھەقىقەتەن ياخشى قىزكەن . بولمىسا ساڭا ئۇنداق گەپلەرنى قىلمىغان بۇلاتتى . ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىيدۇ . بېشىغا نۇرغۇن كۈلپەتلەر كەلسىمۇ قەيسەرلىك بىلەن ياشاپ كىلىۋېتىپتۇ . مەن ئۇنىڭغا قايىل بولدۇم .
يالقۇن ، مەنمۇ بىلىمەن ئاداش . كۆپ ئويلاندىم ، ئۇنى ياخشى كۈرىمەن . ئۇنىڭ جىسمىنى ئەمەس ئۇنىڭ ئاشۇ ئىچكى دۇنياسىنى ، ئىسىل ئەخلاقى پەزىلىتىنى ياخشى كۈرىمەن. لىكىن ئۇنى تاللىسام ئانامنى قايىل قىلىشىم بەك تەس ، ئۇنىڭ ئۈستىگە زۇلپىيەدىن ئەنسىرەيمەن . ئۇنىڭدىن ئەنسىرمە ئاداش ئۇلارنى مەن قايىل قىلاي .
ئۇنداقتا بەك ياخشى ساڭا تاپشۇردۇم . شۇنداق كىلىشتۇق دىگىنىچە ھەر ئىككىلىسى قايتىشتى .
يالقۇن ئۆيىگە بېرىپ خەلچىخان ئانىنىنىڭ رايىنى سىناپ باقماقچى بولدى. ئانا بەك جاپا تارتىپ كىتىۋاتىسەن جۇمۇ ؟ خەلچىخان ئانىمۇ يالقۇننىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەندەك ئەگەر مىنى جاپا تارتمىسۇن دىسەڭ تىزراق قىزدىن بىرنى باشلاپ كەلمەمسەن دەپ چاقچاق قىلدى . سىنىڭمۇ يېشىڭ بىر يەرگە باردى . كۈزۈمنىڭ ئۈچۇق ۋاقتىدا تۇيۇڭنى قىلىۋالسام . كۈچۈمنىڭ بار ۋاقتىدا نەۋرەمنى بېقىپ بەرسەم دىگەن ئۈمۈدتىمەن بالام . يالقۇنمۇ ئەمدى گەپنى يورغۇلتۇپ ئولتۇررشنى خالىمىدى . گۈلجەننەت بىلەن بولغان ئىشنى ئۇنىڭغا دىدى . لىكىن خەلچىخان ئانا بۇنى ئاڭلاپ بىر تەرەپتىن گۈلجەننەتكە ئىچى ئاغىردى . لىكىن خەلچىخان ئانىنىڭ ئويلىغان يېرى بار ئىدى . خەلچىخان ئانا بىلەن ئايشەمخان ئاچا بەك يېقىن دوسلاردىن ئىدى . ئۇلار ئاللا بۇرۇن زۇلپىيە بىلەن ئىككىسنىڭ توي ئىشى توغۇرلۇقمۇ سۆزلىشىپ بولغان ئىدى . شۇڭا ئۇنىڭ دىگىنىگە قەتئىلا قۇشۇلمىدى . چۈنكى ئۇلار ئىككىسى لەۋزىلشىپ بولغان ئىدى . يالقۇن ئەمدى باشقىچە ئامال قىلمىسا بولمايدىغانلىغنى ھېس قىلدى .
كىيىن بىر قانچە قېتىم ياسىن كىلىپ خەلچىخان ئانىغا نەسىھەت قىلدى . گۈلجەننەتنىڭ نۇرغۇن ياخشى گەپلىرنى قىلدى. لىكىن يەنىلا قۇشۇلمىدى.
يالقۇن ئاخىرى كۆپ ئويلاپ ئىشنى ئۇزۇنغا سوزماي ۋاقتىدا بىر تەۋەپ قىلماقچى بولدى . ھەم شۇ ھامان ئىدارىسىدىن رۇخسەت سوراپ جان - جىگەر دوستى ياسىن بىلەن بىرگە گۈلجەننەت دەپ بەرگەن ئادرىس بۇيىچە ئۇنى ئىزدەپ ماڭدى . باشقىلاردىن سوراپ دىگۈدەك گۈلجەننەتنىڭ ئۈيىنى تاپتى . تەلىيگە يارىشا ئۇ ئۈيىدە بار ئىدى. گۈلجەننەت بۇ ئىككىسىنى كۈرۈپ بەك ھەيران قالدى . ھەم خوشال بولدى . ئۇ ئىككىسىنى ناھايتى ياخشى كۈتتى . يالقۇنمۇ گۈلجەننەتنىڭ ئاكىسى بىلەن تەپسىلى پاراڭلاشتى . ئاكىسىمۇ يالقۇننىڭ ياخىشى بالا ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدى بولغاي ، مەن بۇنىڭغا بىر نىمە دىيەلمەيمەن . گۈلجەننەت ئۆزى قارار قىلسۇن . ئۇ قۇشۇلسا مىنىڭمۇ باشقىچە پىكىرىم يوق . ئۇ بەخىتلىك بولسىلا مەن خوش دىدى . ئەمدى گەپ گۈلجەننەتتە قالغان ئىدى .
يالقۇن گۈلجەننەت بىلەن ئايرىم پاراڭلاشتى . يالقۇن ئۇنىڭغا ئۇنىڭ جىسمىنى ئەمەس بەلكى ئىچكى دۇنياسىنى ياخشى كۈرىدىغانلىغىنى ، بۇرۇنقى ئىشلار بىلەن كارى يوقلىغىنى ، گۈلجەننەتنى ئۆزىگە مەڭگۈ پاك ھىساپلايدىغانلىغىنى، ئۇنى مەڭگۈ بەخىتلىك قىلىدىغانلىغىنى ئېيتىپ ، مىڭ تەسلىكتە ئۇنى دەپ بۇنى دەپ ئۇنى ئاخىرى قايىل قىلدى . ئانىسىنىڭمۇ بۇ ئىشقا قۇشۇلغانلىغىنى ئېيتىپ ئۇنىڭغا يالغان گەپ قىلغان ئىدى . شۇڭا ئىككى كۈندىن كىيىن ئەلچىلىككە ئادەم ئەۋەتىدىغانلىغىنى ئېيتىپ قايتىپ قېلىشتى . يالقۇن ناھايتى خوشال ئىدى . ئۇ خىيالىدا گۈلجەننەت بىلەن توي خېتى ئېلىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن بۇ ئىشلارنى زۇلپىيەگە ئېيتىشنى راۋا كۆردى . شۇنداق بولغاندا زۇلپىيە تەقدىرگە تەن بىرىپ نىيتىدىن يېنىپ قىلىشى مۇمكىن دەپ ئويلىدى . ئەمدى گەپ ئانىسىنى قايىل قىلىشتا قالغان ئىدى . شۇڭا ئۇ ئۆيگە بېرىپلا ئانىسىغا يالۋۇردى . جاھاندا بار ياخشى گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ ئانىسىنى قايىل قىلماقچى بولدى . ئانا سەن مىنىڭ بەخىتلىك بۇلىشىمنى ئويلايسەنغۇ . مەن ئۇ قىزنى ياخشى كۈرىمەن . ئۇ بولمىسا مەن ياشىيالمايمەن . ماڭا رازىلىق بەرگىن . ئانىسى ئوغۇلىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ رازى بولماي تۇرالمىدى . بۇپتۇ ئەمسە . سەن دىگەندەك بولسۇن . لىكىن ئايشەمخانغا نىمە دەمەن ئەمدى . دەپ ئويلىدى كۆڭلىدە . لىكىن ئوغۇلىنىڭ كوڭلى ئۈچۈن بۇپتۇ ، ئۇنىڭغىمۇ بىر ئامال بۇلۇپ قالار دەپ ئەلچىلىككە بېرىشقا تەييارلىق قىلدى .
يالقۇن بۇ ئىشلارنى ۋاقتىنچە زۇلپىيەدىن سىر تۇتتى . ئۇنىڭ بىلەن ئاندا - ساندا تېلفوندا پاراڭلىشىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساپ يۈردى . ئەلچىلىككە بېرىشمۇ غەلبىلىك ئاياغلاشتى . ئەمدى يالقۇن تويلۇق بىلەن توي خېتىغا ماڭسىلا بۇلاتتى . يالقۇن گۈلجەننەت بىلەن مەسلەھەتلىشىپ ئاۋال توي خېتىنى ئالىدىغان ئاندىن تويلۇقنى ئالىدىغان بۇلۇپ كىلىشتى . تويلۇقمۇ ئاددى ، ھەم نورمال ئىدى. مانا بۈگۈن يالقۇن بىلەن گۈلجەننەت توي خېتىغا ماڭدى . ئۇلار ناھايتى خوشال ئىدى . بۇلۇپمۇ گۈلجەننەت ئۆزىنىڭ بەختىنى تاپقانلىغىدىن ئىنتايىن خوشال ئىدى . توي خېتىنىمۇ يېرىم كۈندىلا ئوڭۇشلۇق ھالدا ئېلىپ بولدى . ئەمدى ئەتە تويلۇقنى ئالسىلا ئىشلار پۈتەتتى . يالقۇن توينى ئالدىنقى يەكشەنبىگە توغۇرلاپ رېستۇراننىمۇ ئۇقۇشۇپ بولدى . تويلۇققا يالقۇن خېلى جېىق نەرسىلەرنى ئېلىشنى ئويلاشقان ئىدى . لىكىن گۈلجەننەت بۇنىڭغا قۇشۇلمىدى . ئاددى ساددا بولسىلا بولدى ، نىمە قىلىمىز ئۇنداق ئاۋۇي قىلىپ دەپ توي كۆڭلىگىنىمۇ كەيمەيدىغان بولدى . بۇلار ئىككىسى ناھايتى خوشال ھالدا قايتىشتى. ئەمدى ئۇلار ئىككى كۈندىن كىيىن بۇلىدىغان تويغا تەييارلىق قىلسىلا بۇلاتتى . خەلچىخان ئانىمۇ بۇ مەزگىلدە توي تەييارلىغى بىلەن بەك ئالدىراش بۇلۇپ كەتتى. ئايشەمخان ئاچاشمۇ بەك رەنچىپ كەتمىدى . ھازىر بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ . ياشلارنىڭ تاللىشىغا يول قويماي ئامالىمىز يوق دەپ توغرا چۈشەندى . ھەم خەلچىخان ئانىغا توي تەييارلىغى قىلىشقا ياردەملەشتى .
ھەممىدىن بەك ئىغىر كەلگىنى زۇلپىيە بولدى . ئۇ بۇ ئىشنى ئۇققاندىن بۇيان دۇكانغىمۇ بارماي ئۆيدە تاماقمۇ يىمەي ، سىرتلارغىمۇ چىقماي بۇرۇىتۇن بۇلۇپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان بولدى . ئايشەمخان ئانىمۇ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئوڭشۇلۇپ قالار دەپ ئارتۇق گەپمۇ قىلمىدى .
مانا بۈگۈن ئۈتۈپ كەتسىلا ئەتە يالقۇننىڭ قۇتلۇق تۇيى ئىدى . دوستى ياسىنمۇ بۇ قېتىم ئالاھىدە كۈچ چىقاردى . ئۇششاق -چۈششەك ،يۈگۈ - يېتىم ئىشلارغا ھەممىسىگە ئۆزى ماڭدى . بۇنىڭدىن يالقۇن بەكمۇ رازى بولدى . ئۇ ھەم ئۇنىڭ قولدىشى بولدى .
يالقۇن پۈتۈن بىر كۈن چېپىپ يۈرۈپ بەك چارچىغان ئىدى . لىكىن پەقەت ئۇيقۇ تاپالمايۋاتاتتى . ئۇ بىر تەرەپتىن گۈلجەننەت بىلەن كىيىنكى گۈزەل تۇرمۇشلىرى ئۈستىدە خىيال سۈرسە . يەنە بىر تەرەپتىن زۇلپىيەدىن ئەنسىراۋاتاتتى . يالقۇن زۇلپىيەگە بەك ئامراق ھەم ئۇنى ئۆز سىڭلىسىدەك ياخشى كۈرەتتى . ئۇ كۆڭلىدە ئۇنى جان- جىگەر دوستى ياسىنغا بەك لايىق كىلىدۇ دەپ ئويلايتى . ئەگەر ئۇلار ئىككىسىنىڭ بېشى قۇشۇلۇپ قالسا يالقۇنمۇ خېلى خاتىرجەم بۇلۇپ قالاتتى . ياسىنغا بۇنى نەچچە قېتىم دىمەكچى بولدى يۇ لىكىن نىمە دىيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغان ئىدى . ئۇ شۇنداق خىياللار ئىچىدە ئۆزىنىڭ قايسى ۋاقىتتا ئۇخلاپ قالغىنىنى سەزمەي قالدى . يالقۇن چۈش كۈردى ، چۈشىدە زۇلپىيەنىڭ قانغا مىلەنگەن ھالىتىنى كۈرۈپ قورقۇپ چۈچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتى . ئۇنىڭ كۆڭلى بىر شۇملۇقنى سىزىۋاتاتتى . تۇيۇقسىز تېلفوننىڭ جىرىڭلىشى بىلەن ئۇ تېخىمۇ چۈچۈپ قورقۇپ كەتتى .
تېلفوننى ئېلىپلا دەرھال 2 - دوختۇرخانىغا قاراپ يول ئالدى . ئۇ ئەنسىرگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەرگەن ئىدى . زۇلپىيە كېسەل كارۋىتىدا يېرىم جان ھالىتىدە ياتاتتى . ئايشەمخان ئاچا يېغلامسىراپ تۇرۇپ ئۇ كېچىچە سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى توۋلاپ چىقتى ، بىر مىنىتمۇ توختاپ قالمىدى . ئەسلىدە بالدۇراق تېلفون قىلىشنى ئويلىغان ، لىكىن سىزنى يېرىم كېچىدە ئاۋا قىلمايلى دەپ ئۇرمىغان ئىدۇق . لىكىن ئۇيقۇ دارىسىنى كۆپ ياۋالغانلىقتىن ئاشقازىنىنى ئۈچ قېتىم تازلىسىمۇ يەنىلە ئۈنۈم بەرمەي ھازىرلا جان ئۈزدى دەپ ئۈنىنى قۇيۇۋېتىپ يېغلاپ كەتتى .يالقۇن نىمە دىيىشنى ، قانداق قىلىشنى بىلمەي تۇرغان جايىدا قېتىپلا قالدى .
ئائىلىسىدىكىلەر مىيىتنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتاتتى . بىر دوختۇر كىلىپ بىر پارچە خەتنى يالقۇنغا بەردى . ئۇ خەتنى ئېلىپ سىرتقا چىقتى . تاڭ سۈزۈلگەن بۇلۇپ يامغۇر ياغىدىغاندەك قىلاتتى . ئۇ خەتنى ئېچىپ ئۇقۇشقا باشلىدى .
مىنىڭ جاندىن ئەزىز يالقۇنۇم . ئەتە سىنىڭ قۇتلۇق تۇيۇڭ . لىكىن مەن قاتنىشىشقا ئامالسىزمەن . چۈنكى سەن بۇ خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋاقتىڭدا مەن ئاللا بۇرۇن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان بۇلىمەن . مەن ساڭا ئېيتقان ، سەندىن ئايرىلسام ياشىيالمايمەن دەپ . چۈنكى سەن مىنىڭ ھاياتىم ئىدىڭ . لىكىن سەن مىنى تاشلاپ كەتتىڭ . مىنى ئويلاپمۇ قويمۇدۇك . بەخىتلىك بولغىن . مەن ئۈچۈن ياشمۇ تۆكمە . ئازاپلىنىپمۇ كەتمە . چۈنكى مەن ئۈزەم خالاپ مۇشۇ يولنى تاللىدىم .مەندەك بىر بىچارە سىڭلىڭنى ئۇنتۇپ قالما . مەن ئۇ دۇنيادا سىنى ساقلايمەن . بۇ دۇنيادا سەن ماڭا تەئەللۇق بولمۇدۇڭ . ئەمدى ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ مەن بىلەن توي قىلغىن . سىنى ساقلايمەن . سىنى سۈيۈپ زۇلپىيە .
يالقۇن قاتتى ۋاقىردى . خۇددى پۈتۈن دۇنيا ئاڭلىسۇن دىگەندەك . ھاۋا گۈلدۈرلەپ ، چاقماق چېقىشقا باشلىدى ، بۇ قېتىمقى چاقماق شۇنداق قاتتىق چاقتىكى خۇددى ئاسمان ھازىرلا دۈم كۆمتۈرلۈپ چۈشىدىغاندەك قىلاتتى . يالقۇن يامغۇردا كىتىپ بارماقتا . ئۆزىنىڭ يا ماتەمگە ياكى تويغا كىتىپ بارغانلىغىنى بىلمەيتى .

تۈگىدى .
2012-يىل6-ئاينىڭ 12 -كۈنى


ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
白雪~公主 + 10 ناھايتى ياخشى يېزىپسى.
loveuighur + 150 نېمىدىگەن تەسىرلىك مى.
tanha777 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
uzbik + 126

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 296   باھا خاتىرىسى

نۇر چېچىشنى بىلمىگەن ئىنسان مەڭگۈ باشقىلارنىڭ سايىسى ئاستىدا ياشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81315
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3132
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2015-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 03:38:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارەكەللا !!!!!!بارىكاللا !!!!!

نادان سۆھبەتكە يارىماس ، پاكار سۆلەتكە يارىماس !

جاپا ئىچىدە ھالاۋەت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25429
يازما سانى: 1168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9890
تۆھپە نۇمۇرى: 753
توردا: 5011 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 03:41:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن سەل تۇرۇپ ئوقاي ، ساقلىۋېلىپ .

ئەجىرگە تۇشلۇق نەتىجە چىقىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 03:45:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئورۇن،




ئىنكاسىمنى ئوقۇپ بولۇپ تەھرىرلەيمەن؛

ھىجاب ئاتا بوۋاڭدىن،ئەرەپلەردىن قالغانمۇ دىگۈچىلەرگە بىر كەلىمە سۆز،جەھەننەم ساڭا ئەبۇجەھىلدىن قالغانمۇ؛

كۈيۈمچان مەلىكە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5323
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9031
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 04:02:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن بۇ !!! تىما ئىگىسىگە رەخمەت ................

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە: نۇقسانسىز ۋە خۇلۇقسىز ئايالنىڭ بولۇشى؛ئاياللاردىكى ئەڭ قىممەتلىك ئىككى خىسلەت: ياخشى - ياماننى پەرق ئىتىش ئۇسۇلى ۋە خىجىل بولۇشتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30164
يازما سانى: 694
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6695
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 3505 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 04:06:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ. لىكىن كەمىنىنىڭ بىر قانچە پىكىرىنى ئاڭلاپ بىقىشىڭىزنى سورايمەن:
1. ئەسەردىكى بىر قانچە يەردە زۇلپىيە بىلەن گۈلجەننەتنىڭ ئىسمى ئالمىشىپ قاپتۇ.
2.   گۈلجەننەت بىرىنجى قىتىم يالقۇنغا تىلفۇن قىلغان چاغدا،بىرەر ئىش سەۋەبىدىن ئالاقىلاشقان قىلىپ يازغان بولسىڭىز  گۈلجەننەتنىڭ ئەخلاقلىق ئىكەنلىگىنى تىخىمۇ يورتۇپ بەرگىلى بولامدىكىن دەيمەن. ئەسەردە كونا تونۇشلاردەك تۇيۇقسىز تىلفۇن قىپتۇ.
  مەن يازالمايمەن،مۇشۇنداق قۇسۇر تىپىپ قويدۇم.كەچۇرۇڭ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   MUHAPIZATQI تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-12 04:06 PM  


ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن!

ھاياتتىن گۈزەلل

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3276
يازما سانى: 1824
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18023
تۆھپە نۇمۇرى: 611
توردا: 4982 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2014-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 04:10:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەل ئالدىراشچىلىقتا يېزىلىپ قالدىمۇ قانداق ھە،لىكىن ياقتۇرۇرپ ئۇقۇدۇم ،قەلەم ئېگىسى ھارمىغاي

باھار چېچەكلىرى دىماقلارغا ئۇرۇلدى ،لىكىن دىلنى چەكسىز غېرىپلىق قاپلىدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79166
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3273
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2012-4-21
ئاخىرقى: 2013-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 04:23:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇھ.ئاخىرى ئوقۇپ بۇلدۇم.جاپا چىكىپسىز.............

ئەردەمئاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41612
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8930
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 794 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 04:26:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت! تەسىرلىك چىقىپتۇ ! بىراق بەزى يەرلىرىدە ئىسىملار ئالمىشىپ قالغاندەكمۇ قانداق؟

ھەربىر قەلب گۈزەل بولغاندىلا پۈتكۈل ھاياتلىق گۈزەللىككە تولىدۇ! مېھرى مۇھەببەت بىلەن تولسۇن كەڭ ئالەم!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80426
يازما سانى: 817
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5136
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2012-5-21
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 04:43:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانچە مۇنچە ئىسىملىك ئالمىشىپ قاپتۇ ،،،،،،(سۆ‍لىگۈچىدە ئەيىپ يوق ، ئاڭلىغۇچى توغىرىلاپ ئاڭلىسا)   ياخشى يرزىپسىز ،،،،رەخمەت !!!!!!!

ئاللاھ خالىسا شۇنداق كۈنلىرىم كىلىدۇ :دوسلىرىم پەخىرلىنىپ كۈلگىدەك ، دۈشمەنلىرىم ھەسەت قىلىپ ئۆلگۈدەك .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش