ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى كىمكى تەپەككۇر قىلىدىكەن،
ئىبرەت ئالدۇ، ئىبرەت ئالغان كىشى ناچار ئىش-ھەركەتلەردىن يىراق بولىدۇ.
ناچار - ئىش ھەركەتلەردىن يىراق بولغان كىشى كىلىشمەسلىكلەردىن سالامەت قالىدۇ.
ئادەمنىڭ شان - شەرپى باشقىلاردىن بىھاجەت بولۇش بىلەندۇر. كۆڭلى-كۆكسى كەڭ،
بولۇش پۈتمەس-تۈگمەس بايلىقتۇر. قانائەتچان بول، تەمە قىلما،تىرىشچان بول، يېلىنما،
ئېسىڭدا تۇتقىنكى ،تۆۋەندىكى قولدىن ئۈستۈنكى قول ياخشىدۇر. بايلىقنىڭ ئەڭ ئالىسى،
ئەقىلدۇر. يوسۇللۇقنىڭ ئەڭ تۆۋىنى نادانلىدۇر-ئەخمەقلىقتۇر. ئەخمەقلەر بىلەن دوستلىشىشتىن،
ساقلان .ئۇ ساڭا پايدا يەتكۈزمەن دەپ زىيان سالىدۇ،يالغانچىلار بىلەن دوستلىشىشتىن ھەم ساقلان
.
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال شۇنى بىلگىنكى ، ئادەملەر ئۈستىدىكى ھەقلەر،
ئىچىدە كىشلەرنىڭ مىننەتلىرىدىن ئېغىر نەرسە بولمايدۇ. مەيلى قانچىلىك چوڭ،
نەرسە بولۇشىدىن قەتئىىينەزەر يۈزىڭنى تۆكۈپ قولغا كەلتۈرگەن نەرسەڭ بىلەن،
خوشال بولۇپ كەتمىگىن. مەيلى نېمىلا ئالغىن، يۈز-ئابرۇيىڭنى سېتىپ ئېرىشكەن،
نەرسە تولىمۇ قىممەت سېتىۋېلىنغان نەرسىدۇر .قانچىلىك سىناقتىن ئۆتكەن كىشى،
بولۇشىدىن قەتئىىينەزەر سىرىڭنى بەرمە،ئىھتىيات قىل،ئىھتىيات دېمەك دانالىق ،
دېمەكدۇر. سېنىڭ سىرىڭ ناۋادا سەن ئۇنى چىڭ ساقلىيالىساڭ ئۇ سېنىڭ ئەسىرىڭ،
بولىدۇ.ئەگەر ساقلىيالمىساڭ سەن ئۇنىڭ ئەسىرى بولسەن.ئاقىلىنىڭ ھاۋايى ھەۋسى،
تەپەككۇرىنىڭ ئارقىسدا.ئەخمەقنىڭ تەپەككۇرى بولسا ھاۋايى-ھەۋىسىنىڭ ،
ئارقىسىدىدۇر.
مەنبە؛ < ئاياللارغا 100نەسھەت> ناملىق كىتاپدىن