جىگەرنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە سالامەتلىك
جىگەر ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ چوڭ ھەزىم قىلىش بېزى. قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ جىگىرى 5.1 كىلوگىرام كېلىدۇ. ئۇ ئاساسەن قورساق بوشلۇقىنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنى قوۋۇرغا ۋە قوۋۇرغا مۇسكۇلى ئوراپ تۇرىدۇ. ئۇ ئادەم ئورگانىزمىدا ياساش، قۇراشتۇرۇش، ئۆزگەرتىش، پارچىلاشتەك مۇرەككەپ فىزىيولوگىيەلىك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ.
1. ئورگانىزمدىكى ماددا مېتابولىزمىغا قاتنىشىدۇ
(1) ئاقسىل مېتابولىزمىغا قاتنىشىدۇ.
بەدەنگە سۈمۈرۈلگەن ئاممىنو كىسلاتالارنى جىگەر يېڭىباشتىن سىنتېزلەپ، ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق بولغان ئاقسىلغا ئايلاندۇرۇپ بەدەندە زاپاس ساقلايدۇ.
(2) مايلار مېتابولىزمىغا قاتنىشىدۇ.
بەدەنگە سۈمۈرۈلگەن گىلىتسېرىن ۋە ماي كىسلاتاسىنى جىگەر يېڭىباشتىن سىنتېزلەپ، ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق بولغان مايغا ئايلاندۇرۇپ، بەدەندە زاپاس ساقلايدۇ. بەدەنگە ئېھتىياجلىق بولغاندا زاپاس ساقلانغان ماي جىگەرگە توشۇلۇپ، جىگەر ھۈجەيرىلىرى تەرىپىدىن پارچىلىنىدۇ.
(3 ) قەنتلەر مېتابولىزمىغا قاتنىشىدۇ.
بەدەنگە سۈمۈرۈلگەن قان شېكىرىنى جىگەر يېڭىباشتىن سىنتېزلەپ، گىلىكوگېنغا ئايلاندۇرۇپ، بەدەندە زاپاس ساقلايدۇ. قان شېكىرىنىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەنلىگەندە گىلىكوگېننى گىلۇكوزىغا ئايلاندۇرۇپ، قان قەنتىنىڭ بەدەندىكى مىقدارىنى نىسپىي مۇقىم ھالەتتە ساقلايدۇ. ئورگانىزمنىڭ جىددىي ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن ھاسىل بولغان كۆپ مىقداردىكى لاكتوزا )سۈت كىسلاتا( نى ۋە قاندىكى ئارتۇقچە گىلۇكوزىنى گىلىكوگېنغا سىنتېزلەيدۇ.
2. زەھەر قايتۇرۇش فۇنكسىيەسىگە ئىگە
ئاشقازان ئىنچىكە ئۈچەي تىۋىتچىلىرى سۈمۈرگەن بىرقىسىم زەھەرلىك ماددىلار )ئارسېن، قوغۇشۇن( نى زەھەرسىز ماددىلارغا ئايلاندۇرۇپ، ئادەم بەدىنىنى قوغدايدۇ، بۇ ماددىلارنى سۈيدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ.
ئورگانىزم ھەركۈنى سۈمۈرگەن نىكوتىن، كوفىيىن ۋە باشقا ناركوز تىپىدىكى ماددىلارنىڭ زەھەرلىك غىدىقلىشىنى يوقىتىپ، يۈرەك، مېڭىگە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى يەڭگىللىتىدۇ. ھاراق تەركىبىدىكى ئسپىرتنى پارچىلاپ، كاربون VI ئوكسىد ۋە سۇغا ئايلاندۇرۇپ، زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بەدەندە توپلىنىشىنى تىزگىنلەپ، فىزىيولوگىيەلىك پائالىيەتنىڭ نورماللىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
3. ئېنزىم ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەسىگە ئىگە
ئورگانىزمدىكى ھەرخىل خىمىيەلىك رىياكسىيەلەرنى تاماملاش ئۈچۈن 0001 خىلدىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان ئېنزىم ئىشلەپچىقىرىپ، ئورگانىزمنىڭ تۈرلۈك فىزىيولوگىيەلىك پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.
(1) ۋىتامىن A نىڭ سىنتېزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئېنزىم ئىشلەپچىقىرىدۇ.
(2) قان ئۇيۇتقۇچى فاكتور ئىشلەپچىقىرىپ، زەخىملەنگەن ئورۇندىكى قاننى توختىتىدۇ.
(3) ھەرخىل ئانتىتېلالارنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئورگانىزم يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
(4) بۆرەك ئۈستى بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان ئارتۇقچە ھورموننىڭ تەسىرىنى يوقىتىپ، بەدەندىكى تۇز مېتابولىزمىنى تەڭشەيدۇ.
4. ياساش فۇنكسىيەسىگە ئىگە
(1) ئورگانىزم ھەركۈنى ئۆلگەن قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ پارچىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان كېرەكسىز قالدۇقنى خام ئەشيا قىلىپ، يېڭى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنى ياساشقا قاتنىشىدۇ.
(2) ئورگانىزىمنىڭ فىزىيولوگىيەلىك پائالىيىتى جەريانىدا ھاسىل بولغان بەزى تاشلاندۇق كېرەكسىز ماددىلاردىن پايدىلىنىپ، مايلار مېتابولىزمىغا قاتنىشىدىغان ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ياسايدۇ.
دېمەك، جىگەرنىڭ ساغلام بولۇش – بولماسلىقى ئادەمنىڭ سالامەتلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ساقلىقنى ساقلاش، ھاياتنى قەدىرلەش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە كىشىلەر ئارىسىدا جىگەر كېسىلىنى تۆۋەندىكى مەسىلىلەر كەلتۈرۈپ چىقارماقتا:
1. بۇلغانغان، سۈپىتى ئۆزگەرگەن، چىرىگەن، ۋاقتى ئۆتكەن يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىش.
2. ئوزۇقلىنىش ئادىتى تەرتىپسىز، قالايمىقان بولۇش، ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى گىرادۇسلۇق ھاراق ئىچىش، ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى ئاقسىللىق، يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەر بىلەن غىزالىنىش.
3. قالايمىقان دورا ئىچىش، ئىزچىل دورا ئىچىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋېلىش.
4. زىيادە چارچاش، يېتەرلىك ئارام ئالماسلىق، داۋالاش ۋە كۈتۈنۈش مۇۋاپىق بولماسلىق.
بۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا: ئوزۇقلىنىش گىگېنىسى ۋە يېمەك – ئىچمەك گىگېنىسىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئورگانىزمدىكى ھەرخىل ئۆزگىرىشلەرگە سەل قارىماي، ياخشى يېمەك – ئىچمەك ئادىتى، تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتى، مۇۋاپىق دەم ئېلىش ئادىتى يېتىلدۈرۈش لازىم.
مەنبە : خەلق تورى .
http://uyghur.people.com.cn/156019/15232844.html