سىنى سۆيۈپ قالغىنىم قىزىق
بۇجاھاننىڭ يوغانلىقىدا،
ساڭا ئۇچراپ قالغىنىم قىزىق.
گۈزەللەرنىڭ تولالىقىدا،
ساڭا نەزەر سالغىنىم قىزىق.
قەلبىڭ سوراپ، ۋەسلىڭنى سوراپ،
تىكەن دەسسەپ ماڭغىنىم قىزىق.
يۈرىكىمدە تاتلىق پىچىرلاپ،
سېنى بىر دەپ قالغىنىم قىزىق.
تەبەسسۈمدە گۈل تۇتۇپ كەلسە،
دەس كەينىمگە يانغىنىم قىزىق،
يىگانە بىر گۈل خانىشى دەپ،
سېنى قوغلاپ ھارغىنىم قىزىق.
نى نازىنىن پەرى قىزلاردىن،
قۇسۇر ئىزدەپ يۈرگىنىم قىزىق.
ئەمدى سەندەك ئاددىي بىر قىزغا
ئاھ! ئاتەش بوپ كۆيگىنىم قىزىق.
كۆيدۈم دېسە بىراۋلار ماڭا،
غىدىقىم كەپ كۈلگىنىم قىزىق.
ئەمدى مانا كېچىپ ھەممىدىن،
بىر سېنىلا سۆيگىنىم قىزىق.
مەن بىلەن قالدى
سەن يېنىمدىن كەتكەن شۇدەمدە،
كۈن تۇتۇلدى-قۇياش يوقالدى.
ئاي-يۇلتۇزمۇ ئۆچتى شۇ ھامان،
زۇلمەت كېچە مەن بىلەن قالدى.
شوخ يۈرۈكۈم زەئىپ تىپىرلاپ-
ئازاپ بىلەن گېلىمنى بوغدى.
ئۈمۈد قوغلاپ كېتىپسەن بىلسەم،
ئۈمۈتسىزلىك مەن بىلەن قالدى.
بىللە يۈرگەن-كۈلگەن شۇ چاغلار،
خىيالىمدا نامايان بولدى.
مەنسىزمۇ ھەم خوشال يايراپسەن،
يىغا-زارى مەن بىلەن قالدى.
قارا چېچىم ئاقىرىپ قالدى،
يۈرەك قانغا-لەختىگە تولدى.
يىللار ئۆتتى ،لېكىن يەنىلا-
ئىشق-ئازاپ مەن بىلەن قالدى.
ماكانسىز بۇلبۇل
مەردان ئابدۇللا
ئىشىكى زەپ ھەيۋەت ئىمارىتىم بار،
تۇرۇستىن قىستىلىپ چىقىپ-كىرىمەن.
ھەركېچە چوقىلار بەختىمنى ھوقۇش،
يۈرەكتە ياللۇغ بار،كۈچەپ تىنىمەن.
بۈركۈتتەك كۆكلەردە ئۇچار ئىدىم مەن،
بۇلۇتلارھەسەت قىپ چاقماق سوقىدۇ.
باغلاردا گۈلسەيلە قىلاې دېسەم مەن،
ياللۇغۇم قوزغايدۇ تۇتۇپ كېتىدۇ.
ماڭارىم تىكەنلىك، قارارگاھىم يوق،
ئىزدەيدۇ ئۆزىنى سەرسان ئۆلۈكۈم.
بىرنۆۋەت كىرەلىسەم ئىشىكتىن ھەيۋەت،
ئېتىلىپ كېتەرمۇ<< قاپلان>> يۈرۈكۈم.
سېغىنىشتا يانىدۇ يۈرەك
مەردان ئابدۇللا
خىياللىرىم كېزەر سامانى،
تاغلار ئېشىپ قىران بۈركۈتتەك.
باغلار ئارا ئۇچراتماي سېنى،
سېغىنىشتا يانىدۇ يۈرەك.
تائام ئۆتمەس گېلىمدىن پەقەت،
يۇتالمايمەن تۇزسىز ئۇماچتەك.
ھەر دەقىقە ئۇنۇتماي سېنى،
سېغىنىشتا يانىدۇ يۈرەك.
تۇرۇپ- تۇرۇپ كۈلۈپ سالىمەن،
قارا قۇيۇندا قالغان ساراڭدەك.
ھېچ بىراۋغا ئوخشاتماي سېنى،
سېغىنىشتا يانىدۇ يۈرەك.
كەلگۈسىگە كېتىپ قالىمەن،
ھەممە گويا گۈزەل چۆچەكتەك.
يا ئەمرىمگە ئالالماي سېنى،
سېغىنىشتايانىدۇ يۈرەك
بېلىق كەبى ئۈزىسەن تىنماي،
مېڭەم سەنچۈن بوپكەتتى كۆلچەك.
ئاھ! كاللامدا تىنجىتماي سېنى،
سېغىنىشتا يانىدۇ يۈرەك.
سىز
!
كۆڭلۈمدە سىز ، يۈرىكىمدە سىز،
پاك نىيەتلىك پەرى سۈپەت قىز.
سىزگە ئېيتسام يۈرەك سۆزۈمنى،
سۆيگۈم گويا چېكى يوق دېڭىز.
كۆزۈمدە سىز ،تىنىقىمدا سىز،
كۆزۈم سىزنى ئىزدەر ئۈن-تىنسىز.
ھەر تىنىقىم سۆيگۈ سورايدۇ،
جاۋاب بەرمەي مېنى قىينامسىز.
چۈشۈمدە سىز ،ئويلىرىمدا سىز،
خىيال باستى تۈنلەر ئۇيقۇسىز.
سىز يوق كۈن-تۈن ئوخشاشلا زۇلمەت،
نە تولۇنئاي! ئاسمان يۇلتۇزسىز.
ئارمانىم سىز ، دەرمانىممۇ سىز،
سۆيگۈم ئۆچمەس ئۆزگەرمەس ھەرگىز.
سىزدە يوقمۇ ھېسىيات-سۆيگۈ،
سۆزلەپ بېقىڭ سىزمۇ تۆت ئېغىز!!
ئىجادىيەت :مەردان ئابدۇللا
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى:سىلەرگە خوشلىشى سوۋغىتى سۈپىتىدە بۇ بىر قانچە شېئىرنىيوللىدىم.بەلكى بۇ مېنىڭ ئاخىرقى قېتىم يوللىغان تېمام بولۇپ قېلىشىمۇمكىن.ئوقۇشنى تاماملاپ خىزمەت ئىزدەش ئۈچۈن ئاتلاندىم...................
تۇرمۇشئۈچۈن تىرىشىپ تىرمىشىپ ياشايدىغان،جان تىكىدىغان كۈنلەر كەلدى.شۇڭا تورغاچىققۇدەك،بولۇپمۇ ئەسەر يوللىغىدەك ۋاقىتمۇ ناھايىتى قىس....
ھەممىڭلارنىڭتۇرمۇشىغا شادلىق،خىزمىتىڭلارغا ئۇتۇق،تېنىڭلارغا سالامەتلىك تىلەيمەن.
خوشمۇنبەر!!!!!!!!خوش مۇنبەر ئەھلى!!!!!!!!خوش تېما ئىنكاسلار!!!!!!!!!
كەمىنە تاتلىق پىغاندىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-12 03:30 PM