چاقچاقتىن ياغدى بەرىكەت، خەلق ئوقۇدى رەھمەت
سالامەت خۇدابەردى
يوللىغۇچىدىن:يرقىنقى يىللاردىن تېلېۋىزىيە سەنئەت پىروگراممىللىرى ھەم VCDلاردا غۇلجۇلۇق ھەبى ئىسىملىك بىر چاقچاقچى يىگىتنىڭ ھازىر جاۋاپ،يۇمۇرىستىك چاقچاقلىرى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ،كەڭ ئاممىنىڭ قايىللىقىنى قوزغاپ،ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.مەنمۇ ئۈرۈمچىدە بىر قانچە سورۇندا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇپ،چاقچاق،يۇمۇرلىرىنى نەق مەيداندا ئاڭلاپ ،ئۈچۆيۈم ئۈزۈلۈپ كەتكۈدەك ھالەتتە كۈلگەن ھەم چاقچاق سورۇنىدا چۈشكەن ئۆرۈم پۇلى ئارقىلىق ،بىر مۇنچە يىتىم بالىنى بېقىۋېلىپ ئوقۇتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ھەقىقى قايىل بولغان ئىدىم.ئەسلىدە ئۇ چاقچاقچى يىگىتنىڭ ھەقىقى ئىسمى ھەبىبۇللا ئابدۇرېھىم بولۇپ،‹‹ھەبى››ئۇنىڭ خەلق ئارىسىدا ئومۇملۇشۇپ كەتكەن قىسقارتىلما ئىسمى. ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››نى كۆرۈۋېتىپ ،چاقچاقچى ھەبى ھەققىدە يېزىلغان تەپسىلىي خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم. شۇڭا تورداشلارمۇ ھەبىنىڭ ‹‹تەرجىماھالى››دىن خەۋەردار بولۇپ قالسۇن دەپ مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم.********************************************************** **************************************
مېھماندارچىلىقىدا چاقچاقچىسى كەم بولمايدىغان ئىلى خەلقى چاقچاقچىلارنى ناھايىتى چوڭ بىلىدۇ. ئىلىدىكى ھېسام قۇربان ئاكا باشچىلىقىدىكى بىر بۆلۈك چاقچاقچىلار ئىچىدە ھازىر جاۋابلىقى بىلەن يۈز تاپقان چاقچاقچى ھەبىبۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ چاقچاقلىرى بىلەن خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولسا، ئىزچىل قىلىۋاتقان ساخاۋەتلىك ئىشلىرى بىلەن ئەلنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدى.
ھەبىبۇللا غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئۈچئۇن خۇيزۇ يېزىسى مەمەيۈزى كەنتىدىن بولۇپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2 – يىللىقىنى پۈتكۈزۈپ، يېزىلىق تەمىنات – سودا كوپىراتىپىدا ئىشلىدى. ئۇ 18 يېشىدا سورۇنلاردا چاقچاق ئېيتىشنى باشلىغان بولۇپ، بىر – ئىككى يىلدىلا تونۇلغان چاقچاقچىلاردىن بولۇپ قالدى. كېيىن تەمىنات – سودا كوپىراتىپىمۇ تاقىلىپ قالدى، ھەبىبۇللا ئىش ئورنىدىن قېلىپ ئايدا 250 يۈەن تۇرمۇش پۇلى ئالدى. بىراق چاقچاق سورۇنلىرىدا ئۇنىڭ چاقچاقلىرىغا ئۆرۈلگەن ئۆرۈم بۇ پۇلدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. كۈنلەر ئۆتتى، يانچۇققا چۈشۈۋاتقان ئۆرۈممۇ كۆپىيىپ قالدى. پۇل كۆپەيگەنسېرى ئۇ ھەشەمەتچىلىككە بېرىلمىدى، ئەكسىچە ئاغىنىلىرىنىڭ شىركەتلىرىدە ئىشلىدى. 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرى چېگرا سودىسى گۈللەنگەن ۋاقىتلاردا، ئۇ ئاغىنىلىرى بىلەن چەت ئەللىكلەرگە مال ئېلىشىپ بېرىپ، ئارىدىن خېلى پايدا تاپتى.
ئۇنىڭ پۇلى كۆپىيىپ تۇرمۇشىياخشىلانغانچە، نامراتلارنى، باققۇچىسى يوق بوۋاي – مومايلارنى، ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقىدىن مەكتەپنى تاماملىيالمىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدى. بىرەرسىنىڭ مەكتەپكە تاپشۇرىدىغان پۇلى يوقكەن ياكى بىرەرسىنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئىكەن، دېگەننى ئاڭلىسا، شۇ كىشىلەرنىڭ ۋاقىتلىق ھاجىتىدىن چىقىپ تۇردى. شۇ كۈنلەردە، ئۇ ساخاۋەتچى نۇرتاي ھاجىنى ئىزدەپ بېرىپ، بىرەر ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىش ئويى بارلىقىنى ئېيتتى. نۇرتاي ھاجى ئۇنىڭدىن سۆيۈنۈپ، ياخشى مەسلىھەت ۋە مەدەت بېرىپ، يول كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 80 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى مەمەيۈزى كەنتىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئوقۇيالمىغان بالىلار، ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى يوق ھەم ئەمگەك كۈچىدىن قالغانلار بولۇپ 90 كىشىگە ئاتىدى...
كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ئۇنىڭ يېشىمۇ توي قىلىش يېشىدىن ھالقىدى. باشقىلارنىڭ نېمىشقا توي قىلمايسەن، دېگەن سوئالىغا ‹‹بېقىۋاتقان بالىلىرىمنى ئۆگەيلەپ قويامدىكىن، دەپ ئەنسىرەيمەن›› دەپ چاقچاق بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتتى. دېمىسىمۇ شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ ئۆيىدە بېقىۋاتقان بالىلىرىمۇ يەتتىگە يەتكەنىدى. ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېچىنىشلىق كەچمىشى بولۇپ، مۇھەممەد تۇرسۇننىڭ كەچمىشى ئۇنىڭ كۆڭۈل ئېكرانىدىن كۆتۈرۈلمەيتتى. 1998 – يىلى كەچ كۈزدە، سورۇندىن قايتقان ھەبىبۇللا ئۈلپەتلىرى بىلەن خەلق مەيدانىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، مەيداندىكى سۇپىدا بىر بالىنىڭ تۈگۈلۈپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ:
ـ ھوي ساقام تۇرە، نېمە بۇ يەردە ياتىسەن؟- دەپ سورىدى.
ـ جېنىم ئاكا، ئەمدى بۇ يەردە ياتماي، بارىدىغان يېرىم يوق يېتىپ قاپتىمەن،- دېدى بالا.
ھەبىبۇللانىڭ قەلبى بىر خىل ئاچچىق تۇيغۇدا پۇچىلىنىپ كەتتى.
ـ ئاتا – ئاناڭ نەدە، ئۆيۈڭچۇ؟
ـ يوق، ئۆيۈممۇ يوق.
ـ يۈرە ئۆيگە كېتىمىز.
ئەتىسى ئەتىگەندە ئۈستبېشى مەينەتلىشىپ كەتكەن ناتونۇش بىر بالىنىڭ ئۆيدە ياتقىنىنى كۆرۈپ، ھەبىبۇللانىڭ ئاتا – ئانىسى ‹‹كوتۇلداپ›› قويدى. شۇنداق قىلىپ، ھەبىبۇللا بۇ بالىنى بېقىۋالدى.
ئاددىي – ساددا بۇ كىشىنىڭ غۇلجا ناھىيەسى ئۈچئۇن يېزىسى مەمەيۈزى باشلانغۇچ مەكتىپى، چاپچال ناھىيەسى قوغۇنچى يېزىسى يالغۇز ياغاچ كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە ئورىلىق كەنتى باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگە ياردەم قىلىۋاتقانلىقى، ياغاچ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەيدانىغىلا 150 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ رەڭلىك خىش ياتقۇزغانلىقى، بۇ مەكتەپتىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا ماددىي بۇيۇملارنى يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقى، ئورىلىق باشلانغۇچ مەكتىپىگە پارتا، ئورۇندۇق، كومپيۇتېر ياردەم قىلغانلىقى، مەمەيۈزى باشلانغۇچ مەكتىپىگىمۇ ھەر يىلى قىشلىق چاپان، تەنتەربىيە كىيىمى، توپ ھەم 20 كومپيۇتېر ئىئانە قىلىۋاتقانلىقىنى، ياردەمگە ئېرىشكەن بالىلارنىڭ 400 ئادەم/قېتىمگە يەتكەنلىكى، مېھرىبان ئانىلارغا ياردەملىشىپ يوقسۇللارغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم.
2007 – يىلى غۇلجا شەھىرى ۋە غۇلجا ناھىيەلىرىدە يامغۇر ئاپىتى بولدى. ‹‹مەمەيۈزىدىمۇ يامغۇر ئۆتمىگەن ئۆي ئاز قالدى›› دېگەننى ئاڭلىغان ھەبىبۇللانىڭ كۆز ئالدىغا دەرھال مەمەيۈزى باشلانغۇچ مەكتىپى كەلدى – دە، ئولتۇرالماي قالدى. ئۇ يېنىدىكى بارلىق پۇللىرىنى يىغىپ مەكتەپكە كەلدى ھەم 10 مىڭ يۈەننى مەكتەپ مەسئۇلىغا تۇتقۇزۇپ، سىنىپلارنىڭ ئۈستىگە موم ياتقۇزۇشقا ياردەملەشتى. ئىشىنى تۈگىتىپ ئۆيىگە كەلگەندە، ئانىسى سۇپىنىڭ ئۈستىدىكى يامغۇر تامچىلاۋاتقان يەرلەرگە داس، قاچىلارنى تىزىۋەتكەنىدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ يېنىدا ئۆگزىگە موم ياتقۇزغۇدەك پۇل قالمىغانىدى.
بىر ئىشنى باشلىماق ئاسان، بىراق ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش خېلى كىشىلەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. ھەبىبۇللا بۇ ئىشنى باشلىغاندا يالغۇز قېلىشتىن، ئىقتىسادىي يېتىشمەي توختاپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەنىدى. لېكىن، ئۇ يالغۇز قالمىدى، جەمئىيەتتىكى ساخاۋەتچىلەر ئۇنىڭغا ھەمدەم بولدى، ئۇنىڭ ئىش – ئىزلىرى تور، تېلېۋىزورلاردا ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا پۇل ئەۋەتىدىغانلار كۆپەيدى. ئىسمىنى ئاتاشنى خالىمىغان بىرەيلەن ئۇنىڭغا تېلېفون بېرىپ: ئۇكا ياخشى ئىشلارنى قىلىۋېتىپسەن، مېنىڭ ئازراق كۆڭلۈم بار ئىدى، سېنىڭ قولۇڭ بىلەن جايىنى تاپىدىغىنىغا ئىشىنىمەن، دېدى – دە، ئۇنىڭ كارتىسىغا 100 مىڭ يۈەن ئەۋەتىپ بەردى. ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭغا 80 مىڭ يۈەن ئەۋەتتى، ئىچكىرى ئۆلكىدىكى بىر خەنزۇ ساخاۋەتچى ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزى بىلەن شېرىكلىشىپ ئىش قىلىدىغان ئۇيغۇر يىگىتىدىن ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا 54 مىڭ يۈەن ئەۋەتتى. ھەبىبۇللا ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتماقچى بولغاندا، ئۇ تېلېفون نومۇرىنى ئېيتىپ بەرمىدى.
كونىلاردا ‹‹ئاتاڭنىڭ بالىسى بولغىچە، ئەلنىڭ بالىسى بول›› دېگەن گەپ بار. ھەبىبۇللا دەل مۇشۇنىڭ مىسالى. ئۇ پاراغەتلىك تۇرمۇشتىن ۋاز كېچىپ، ئاددىي – ساددىلىق ئىچىدە ئەلنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. خەلق ئۇنى ئالدى بىلەن ساخاۋەتچى، ئاندىن بىر چاقچاقچى دەپ تونۇدى. پاك دىل، سەمىمىي نىيەت بىلەن قىلغان ئىشلىرىدىن بەرىكەت ياغدى. چۈنكى، ئۇنىڭغا خەلقنىڭ رەھمىتى ياغقان...
مەنبە؛‹‹شىنجاڭ گېزىتى››نىڭ 2012-يىل8-ئىيۇن سانى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hasalharisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-11 06:10 PM