روھىم بولدى سۆيگۈڭگە ئەسىر
ئۇرۇش قىلسا ئەگەر پادىشاھ ،
ئىشلىتەركەن قېلىچ نەيزىنى،
يىڭىرالسا رەقىبىنى گەر،
چالار ئىكەن ناغرا-بۇرغىنى؛
لېكىن بۇ جەڭ قېلىچ نەيزىسىز،
ئەسىر بولدۇم قىلمايلا ئۇرۇش،
ھېچ ئىش كەلمەس قۇلۇمدىن ئەمدى،
كىلەر پەقەت يۈكۈنۈپ تۇرۇش؛
روھىم بولدى سۆيگۈڭگە ئەسىر ،
بامبۇكتىنمۇ قاتتىقكەن قېشىڭ،
سىقىلماقتا دىمىم توختىماي،
چىڭ باغلانغاچ ئارغامچا چېچىڭ؛
غەزەپ بىلەن توۋلىدىڭ شىردەك،
ئاۋازىڭدىن تىرىدى زىمىن،
بۇيرىغاندا مىنى ئۈلۈمگە ،
ئۆركەشلىدى تىپتىنىچ ئېقىن؛
ئەسىر دىگەن ھۇقۇقسىز نەرسە،
شەرت قۇيالماس غالىپقا پەقەت،
لېكىن مىنىڭ باردۇر ھۇقۇقۇم،
ۋىسالىڭدۇر ساڭا قويغان شەرت؛
تاشلانغاندا كىچىك زىندانغا ،
خۇشاللىقتا قىلدىم نەغمىنى ،
چۈنكى زىندان ئىچىدە ھەر ۋاخ،
كۈرەلەيمەن جانانىم سىنى؛
روھىم بولدى سۆيگۈڭگە ئەسىر ،
لېكىن بولدۇم غالىپلارچە قۇل،
چۈنكى مىنى ئەسىر ئالغىنى،
قىلدى مانا سۆيگۈمنى قۇبۇل؛
2008.8.27
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-11 07:03 PM