ئەركىن روزى
قىسقىچە ئوقوش تارىخى
1990- يىلى شىنجاڭ ئۇنۋرسىتىتنىڭ قانۇن فاكولىتىتىنى پۈتتۈرگەن، ئالى مەكتەپ تولوق كۇرس ئوقوش تارىخىغا ئىگە، قانۇن پەنلىرى دوكتورى. مەكتەپتىكى مەزگىللىردە مەملىكەتلىك ئالى مەكتەپ ئوقوغوچىلىرى ئويۇشمىسىنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئوقوغوچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ ئالى مەكتەپ ئوقوغوچىلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
قىسقىچە خىزمەت تارىخى :
1990- يىلىدىن 2004- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتىتىدا ئىشلىگەن، بۇ جەريانىدا ئەدلىيە كومىتىتىنىڭ ئەدلىيە جەھەتتىن نازارەت قىلىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى بولغان. 2004- يىلى 10- ئايدا توڭىيەن ئادۇۋكاتلىق ئىش ئورنىنىڭ شاڭخەيدىڭى ئىش بىجىرىش ئورنىدا ئىشلىگەن، ھەمدە مىللەتلەر ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 2007- يىلى توڭيەن ئادۇۋكاتلىق ئىش ئورنى بىجىڭدىكى ئورنىغا يۆتكەپ كىلىنگەن ھەمدە توڭيەن بىجىڭ ئادۇۋكاتلىق ئىش ئورنىنىڭ مۇئاۋېن مۇدىرى بولغان؛
كەسپى ئالاھىدىلىكى :
جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى، ھەق تەلەپ ۋە سودا قانۇنى بىلىملىرى؛
ئەزالىق ئورنى :
جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئادۇۋكاتلار جەمئىيەتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگۇ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيتنىڭ ئەزاسى؛
ئاساسلىق ئىشلىتىدىغان يىزىق :
خەنزۇ تىلى، ئۇيغۇر تىلى، قازاق تىلى، ئۆزبەك تىلى، قىرغىز تىلى، تاتار تىلى؛
ئەدەبى ئىجادىيەتلىرى :
"بۇ يەردە كىينكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار"، "قۇتۇلۇش يولى" قاتارلىق بەش كىتاپنى يىزىپ نەشر قىلدۇرغان. 2007- يىلى 10- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن 25- كۈنىگىچە، شىنجاڭلىق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر جەمئىيتنىڭ بىجىڭدا چاقىرغان مۇكاپات تارقىتىش يىغىنىدا "تەڭرىتا" ئەدەبىيات سەنئەت مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن بولوپ، ئەركىن روزى ئەدەبىيات يىزىقچىلىق ساھەسى، قانۇن ئادۇۋكاتلىق ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە شىنجاڭدىكى كەڭ ئۇيغۇر زىيالىي، ئوقوتقوچى – ئوقوغوچىلار، كەڭ ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىمى يۈكسەك ئىناۋەتكە ۋە ھۆرمەتكە ئىگە.
بىز يولداش ئەركىن روزىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق ۋە ئوڭوشلۇق بولشىنى تىلەيمىز.