مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4059|ئىنكاس: 1

مۇئاۋېن رەئىس ئەركىن تۇنىياز بىلەن تونۇشېۋىلىڭ  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29846
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7778
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2011-2-10
ئاخىرقى: 2014-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 12:10:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەركىن تۇنىياز
ئەركىن تۇنىياز،ئەر، ئۇيغۇر، 1961 – يىلى 12 – ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭنىڭ ئاقسۇدىن، 1983 – يىلى 7 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1983 – يىلى 8 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپى بويىچە ئاسپىرانتلار دەرسلىكلىرى بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىنى پۈتتۈرگەن، خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ماگىستىر، لىكتور.
1980 – يىلى 9 - ئايدىن 1983 –يىلى 8 - ئايغىچە سانجى پىداگوگىكا ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش ئىنستىتوتىنىڭ ماتېماتىكا كەسپى ئالىي تېخنىكوم سىنىپىدا ئوقۇغان.
1983 – يىلى 8 – ئايدىن 1984 – يىلى 9 – ئايغىچە كوممۇنستىك ياشلار ئىتتىپاقى سانجى پىداگوگىكا ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش ئىنستىتوتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.
1984 – يىلى 9 – ئايدىن 1987 – يىلى 6 – ئايغىچە كوممۇنستىك ياشلار ئىتتىپاقى سانجى پىداگوگىكا ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش ئىنستىتوتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان(بۇ مەزگىلدە 1986 – يىلى 9 – ئايدىن 1987 – يىلى 1 – ئايغىچە شەنشى پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى ئالىي مەكتەپ باشقۇرۇش بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان).
1987 – يىلى 6 – ئايدىن 1991 – يىلى 11 – ئايغىچە كوممۇنستىك ياشلار ئىتتىپاقى سانجى پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان(بۇ مەزگىلدە 1988 – يىلى 8 – ئايدىن 1990 – يىلى 7 – ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپى تولۇق كۇرس سىنىپىدا ئوقۇغان)
1991 – يىل 11 – ئايدىن 1992 – يىل 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتى باھالاش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش، مۇكاپاتلاش – جازالاش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.
1992 – يىلى 8 – ئايدىن 1993 – يىلى 11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلار ئۇنىۋېرسال باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.
1993 – يىلى 11 – ئايدىن 1998 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى زىيالىيلار خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان.
1998 – يىلى 3 – ئايدىن 1999 –يىلى 10 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى كومىتېت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان (1997 – يىلى 9 – ئايدىن 1999 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق كەسىپى ئاسپىرانتلار دەرسلىكلىرى بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئۇقۇغان).
1999 – يىلى 10 – ئايدىن 2005 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان
2005 – يىلى 2 – ئايدىن 2008 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان.
2008 – يىل 1 – ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.
ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.
ئىش تەقسىماتى: ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرگە ۋە باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق خەلق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل.

ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مۇئاۋېن ئۆلكە رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، يولداش ئەركىن تۇنىيز ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن بىر قانچە ئون يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئىجىرا قىلىنىش ئەھۋالىغا نازارەتچىلىك ۋە يىتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقوغوچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورونلىششى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كەلدى، ھەمدە شىنجاڭنىڭ جەنۇبى شىمالىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتوراقلاشقان رايۇنلاردا كۆپ قىتىپ تەكشۈرۈشتە بولوپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىتىبار بىرىش سىياسەتلىرىنىڭ ياخشى توغرا ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلىشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممسىى جۈملىدىن ئاز سانلىق مىللەت ئاممسىنىڭ مۇئاييەنلەنلەشتۈرىشىگە ئىرىشتى.
بىز يولداش ئەركىن تۇنىيازنىڭ بۇندىن كىيىنمۇ ياخشى بىر پارتىيلىك رەھبىرى كادىرلىق بۇرچىنى داۋاملىق ياخشى ئادا قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى ئۈچۈن ئەمەلى ئىش قىلىپ بىرىشىنى ئۆمىد قىلىمىز ۋە تىنىنىڭ سالامەت بولىشىنى تىلەيمىز.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-11 06:10 AM  


نورىدىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29846
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7778
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2011-2-10
ئاخىرقى: 2014-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 12:21:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەركىن تۇنىياز خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈشتە

2010030610460885.jpg
080916112555813.jpg
0223012.jpg
101703.jpg
1272c539dde.jpg
0016ece01e530a5823a10b.jpg
ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
loveuighur + 100 شىنجاڭغا رەئىس بولدىغ.
muzatd + 10 شىنجاڭ ئۆلكە ئەمەس ھې.
muttelib + 10 نور بەكرىنىڭ ئورنىغا .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 120   باھا خاتىرىسى

نورىدىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش