1.نۇر تورى ئەپ دېتالى ئالما نۇسخىسىنىڭ ئالما ئەپ بازىرىدىكى چۈشۈرۈش ئادېرىسى:
http://itunes.apple.com/cn/app/nur/id531307065?mt=8
يانفوندا چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز App stoer ئىزدەش رامكىسىغا غا nur دەپ كىرگۈزۈپ چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ، ئەپنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن باھا يېزىش كۆزنىكىگە ياخشى پىكىر يېزىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
2.نۇر تورى ئەپ دېتالى ئاندىرويىد نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادېرسى:
www.nur.cn/nur.apk
ئاندىرويىدنىڭ 2.2 ۋە 2.2 دىن يۇقىرى نەشىرلىرىدە قاچىلسىڭىزلا بىۋاستە ئۇيغۇرچە تونۇيدۇ.
3. ئۇچۇر تورى ۋە نۇر تورىنىڭ يانفۇن نۇسخىسى ئېچىۋىتىلدى، يانفونىڭىزدا safari، firefox، opera تور كۆرگۈچلەر بولسا بىۋاستە www.uqur.cn www.nur.cn دەپ كىرگۈزسىڭىز ئاپتوماتىك يانفون بېتىگە ئالمىشىدۇ.
يانفون نۇسخىسىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى
نۇر تورى ئۇلىنىش شىركىتى بايرىقى ئاستىدىكى تور بېكەت بولۇپ، كۈندىلىك زىيارەت ۋە مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلىنىش سانى جەھەتتە ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. نۇر تورى ئەپ دېتالى ئالما مەھسۇلاتلىرىدا ئۇيغۇرچە خەۋەر كۆرۈش، ھېكايە، يۇمۇر، ئۇچۇرلارنى كۆرۈش دېتالى بولۇپ، كۈنلۈك مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلىنىشى 300 پارچىدىن، ئىنكاسلارنىڭ يېڭىلىنىشى نەچچە مىڭ پارچىدىن ئاشىدۇ.
مەيلى نەدىلا بولۇڭ، بۇ ئەپ ئارقىلىق ئالما شىركىتىنىڭ زامانىۋى كۆچمە ئۈسكۈنىلىرىدە، ئۇيغۇر ئانا تىلىدا دۇنيا يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ، نەزەر دائىرىڭىزنى ھەر ۋاقىت زورايتىپ تۇرالايسىز.
تۇنجى نەشىر ئەپنىڭ ئالاھىدىلىكى:
كۈندىلىك خەۋەرلەرنى سەھىپىلەر بويىچە كۆرگىلى بولىدۇ
ئۇيغۇرچە خەت نورمال، چىرايلىق، سىپتا كۆرۈنىدۇ
مەزمۇندىكى خەتنىڭ چوڭلىقىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ
ئېكراننى سۈرۈش ئارقىلىق مەزمۇن يۆتكىگىلى بولىدۇ
ھەر مىنۇت يېڭى مەزمۇنلار قوشۇلۇپ تۇرىدۇ
كۈنلۈك مەزمۇن 300 دىن، ئىنكاسلار نەچچە مىڭدىن ئاشىدۇ
نۇر تورىدىكى مەزمۇنلارغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆرگىلى بولىدۇ
ياقتۇرۇپ ئىشلىتىڭىزنى ۋە ئەتراپىڭىزدىكى دوستلىرىڭىزغا تەشۋىق قىلىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز،ئۇلىنىش شىركىتى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپلىگەن ئانا تىلدىكى ئەپلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەبلەغ سالىدۇ.