ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىزلەر، ھەممىڭلار سالامەت تۇردۇڭلارمۇ؟مەنكى مۇسىلىنەدىن ھەممىڭلارغا 360 گىرادۇس ئېگىلىپ تۇرۇپ ئوتلۇق سالام،ھەممىڭلارنىڭ تېنى سالامەت بولسۇن، ئىشلىرڭلار ئۇتۇقلۇق بولسۇن، چېھرىڭلاردىن كۈلكىلەر ئۆچمىسۇن،باسقان قەدىمىڭلاردىن گۈللەر ئۈنسۇن...!
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك ،خېلى بوپتۇ مۇنبەردە مۇشائىرە قىلىشمىغىلى، ،بۈگۈن مۇنبەرداشلار ئۆزئارا شائىرانە ھېسياتلىرىنى ئۇرغۇتۇپ، كۆڭۈل ئۈنچىلىرىمىزنى چېچىشىپ ، مۇنبەر كەيپىياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرغان ئاساستا مۇشائىرە قىلىشايلى دېگەن مەقسەتتە بۇ مۇشائىرە سورۇنىنى ھازىرلىدىم،قېنى ، ھەممىمىز مەرھەمەت قىلايلى...
تەقدىرگە ھېچبىر يوق ئىكەن ئامال،
دىلبىرىم كەتتى يىراق، بەك يىراق.
كۆز ياشلىرىم ياسىدى قىيان،
ئازابىم ئالەمگە چاچىدۇ پىراق.
ئىچ –ئىچىمدىن ئۆكسۈيدۇ يىغا،
دەردلىرىمگە يوقمىدۇ ئامال.
تەنھا قالغان ياپراقمەن گۇيا،
ھېچكىم مەندىن سورىماس ئەھۋال.
نى مەرت ئوغلانلار كەتتى دۇنيادىن،
دۇنيا ئەمەس بىزلەرگە باقى.
ئىنسان ئىكەنمىز ،ئىنساندەك ياشاپ،
ئاتا –ئانىمىزنى قىلايلى رازى.
ياشمەن دەپ ئۆزۈڭگە قويما تەماننا.
ياشلىق ئادەمدە تۇرمايدۇ مەڭگۈ.
ياشلىقنى بىھۇدە ئۆتكۈزسەڭ ئەگەر،
پۇشايماندا ئۆتەرسەن مەڭگۈ.
مۇشائىرە قائىدىسى: ئالدىنقى ئىككى كۇبلىت مەزمۇن جەھەتتىن باغلىنىشلىق،ئاخىرقى ئىككى كۇبلىت ئايرىم مەزمۇننى ئىپادىلەيدۇ،مۇشائىرە كۇبلىتلارنىڭ ئاخىرقى مىسراسى باش مىسرا قىلىنىپ باشلىنىدۇ،ئەگەر باشقا شەكىل،باشقا مەزمۇندىكى شېئىرلارنى يېزىپ بېقىشنى خالايدىغانلار بولسا ئۇنىڭغىمۇ مەرھەمەت،چۈنكى مۇنبەر ھەركىم ئۆزىنىڭ كۆڭۈل ئۈنچىلىرىنى چاچىدىغان سورۇن.....
قېنى ئەمسە ، مەرھەمەت...مېنى نائۈمىتتە قويمىغايسىلەر..........
مەنبە : كۆڭۈل ئۈنچىلىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-10 09:30 PM