|
|
|
|
شەھەرلەردىكى چىقىلىدىغان ئۆيلەرنىڭ باھاسى قانداق بىكىتىلىدۇ؟ شەھەر تەرەققىياتىنىڭ ئىھتىياجى تۇپەيلى ئۆي چىقىش كۇچۇرۇش ئىشلىرى داۋاملىق يۇز بىرىدۇ.ئۆي چىقىش كۇچۇرۇش ئىشلىرىدىكى قانۇنى تەشۋىقاتنىڭ ئاجىز بۇلىشى سەۋەپلىك ۋە ئاز ساندىكى كۆچۇرۇش چىقىش خادىملىرنىڭ قانۇنى ئىڭىنىڭ تۆۋەنلىگى تۇپەيلى چىقىش كۇچۇرۇشتە ئاز بۇلمىغان زىددىيەتلەر ۋە شەھەرلەردىكى چىقىلىدىغان ئۆيلەرنىڭ باھاسنىڭ قانداق بىكىتىلىدىغانلىقىغا نىسپەتەن كەڭ خەلق ئاممىسى ئارىسىدا بىر خىل ئىنىق بولمىغان ئۇقۇم شەكىللىنىپ قالدى . « شەھەر ئۆيلىرنى چىقىپ كۆچۇرۇشنى باشقۇرۇش نىزامى» نىڭ 24-ماددىىسدا « پۇل تۆلەم سوممسى چىقىلدىغان ئۆينىڭ ئورنى ،ئىشلىتىلىشى ،قۇرلۇش كۆلىمى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن ،ئۆي زىمىن بازىرىدا قۇيۇلغان باھا بۇيىنچە بىكىتىلىدۇ.كۇنكىرىت چارسىنى ئۆلكىلىك ،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلىق ھۆكۇمىتى تۇزۇپ چىقىدۇ» دىيلگەن.نۇرغۇن ئۆلكە ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلار قۇرلۇش مىنىستىرلىگىنىڭ « شەھەرلەردىكى چىقىلىدىغان ئۆيگە باھا قۇيۇش يىتەكچى پىكرى» گە ئاساسلىنىپ شەھەرلەردىكى چىقىلىدىغان ئۆيلەرگە باھا قويماقتا .شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى 2002-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۇنى «شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ شەھەرلەردىكى چىقىلدىغان ئۆيلەرگە تۇلۇقلىما بىرىش چىقىشنى باھالاش قائىدىسىنى ئىلان قىلغانلق ئۇقتۇرۇشى» نى ئىلان قىلغان بۇلۇپ شىنجاڭ دائىرسىدىكى چىقىلدىغان شەھەر ئۆيلىرگە باھا قۇيۇشتا مۇشۇ ئۇقتۇرۇش ۋە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمسىنىڭ نىزاملىرى ۋە تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يىزا قۇرلۇش مىنىستىرلىگىنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرى ئاساس قىلىنماقتا .چىقىلىدىغان شەھەر ئۆيلەرگە باھا قۇيۇش قىممىتىنى بىكىتىشنىڭ ئالاقىدار تەرتىپلىرى مۇنداق بولىدۇ. 1. ئۆي چاققۇچى ئالدى بىلەن چىقىلىدىغان ئۆيلەرنى باھالاش سالاھىيىتىگە ئىگە باھالاش ئاپپاراتىنى تاللايدۇھەمدە ئونىڭ بىلەن ھاۋالە قىلىنىدىغان ئىشلار ھەققىدە « چىقىلىدىغان ئۆينى باھالاش توختامى » ئىمزالايدۇ.2. ئۆي چاققۇچى پۇتۇشكەن مۆھلەت ئىچىدە باھالاشتا زۇرۇر بولغان ماتىرياللار بىلەن تەمىنلەپ ،باھالاش ئاپپاراتىنىڭ نەق مەيدان تەكشۇرۇش ئارقىلىق خىزمەت قىلىشغا ھەمكارلىشىدۇ.3. باھالاش ھاۋالىسىنى قۇبۇل قىلغان ئاپپارات ئالاقىدار بەلگىلىملەر بۇيىنچە باھالاش ئىلپ بارىدۇ .ھاۋالە پۇتۇشكەن مۆھلەت ئىچىدە ھاۋالە قىلغۇچىغا باھالاش دوكلاتى چىقىرىپ بىرىدۇ.باھالاش ھاۋالىسىنى قۇبۇل قىلغان ئاپپاراتنىڭ ئالاقىدارلارغا باھالاش دوكلاتىدىكى ئالاقىدار مەسىللەر ھەققىدە مەسلىھەت بىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش مەجبۇريىتىى بولىدۇ .باھالاش ھەققى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بۇيىنچە ئىلىنىدۇ .باھالاش دوكلاتىغا ئۆي زىمىن باھالىغۇچى ئورۇن تامغا بىسىشى ئالاقىدار مەسئۇل ئىمزا قۇيۇشى كىرەك.ئۆيى چىقىلغۇچى ئەگەر باھالاش دوكلاتىغا قايىل بولمىسا باھالاش ئاپپاراتىنىڭ قايتا باھالاپ بىرىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. ئەسلىدىكى باھالاش دوكلاتى بىلەن يىڭى باھالاش دوكلاتى بىردەك بۇلمىسا ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كەلسە بولىدۇ.ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كىلەلمىسە بىر تەرەپ رايۇنلۇق ،ناھيىىلىك ئۆي باشقۇرۇش ئىدارىسگە ئىلتىماس قىلىپ باشقا يىڭى باھالاش ئاپپاراتىنى كۇرسىتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. رايۇنلۇق ،ناھيىىلىك ئۆي باشقۇرۇش ئىدارىسى كۆرسەتكەن باھالاش ئاپپاراتى قايتا باھالايدۇ.قايتا باھالاش دوكلاتى چىققاندىن كىيىن ئۆيى چىقىلغۇچى يەنىلا قايىل بولماي ئۆي چاققۇچى تەرەپلەر بىلەن ئۆي چىقىش كۇچۇرۇش كىلىشمى ھاسىل قىلالمىغاندا ،ئۆي چاققۇچى چىقىش كۇچۇرۇشنى باشقۇرۇش تارماقلىرغا مەمۇرى كىسىم چىقىرىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.مەمۇرى كىسىم قارارى چىقىرلىپ ئالاقىدارلاغا يەتكۇزۇپ بىرلىدۇ ،تەرەپلەر قايىل بۇلمىسا ئۇچ ئاي ئىچىدە خەلق سوتىغا دەۋا قىلسىمۇ ئىككى ئاي ئىچىدە مەمۇرى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسمۇ بولىدۇ. بۇ كىسىم « شەھەر ئۆيلىرنى چىقىش كۇچۇرۇش مەمۇرى كىسىم خىزمەت قائىدسى » دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بۇيىنچە چىقىرلىدۇ.ئۆيى چىقىلغۇچى قانۇنى كۇچكە ئىگە بۇلغان كىلىشىم ،كىسىم ،ھۆكۇم ،مۇرەسسەنامە قاتارلىقلارنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلسا ئۆي چاققۇچى تارماقلار شۇ جايدىكى خەلق سوت مەھكىسمىنىڭ مەجبۇرى ئىجرا قىلىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ .خەلق سوت مەھكىمىسىدىن باشقا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ ئۆز ئالدىغا چىقىش كۇچۇرۇشنى مەجبۇرى ئىجرا قىلىش ھوقۇقى بۇلمايدۇ.چىقىش كۇچۇرۇشتە چىقىرىلغان باھالاش دوكلاتىدىكى ئۆينىڭ باھاسى كۇچۇش ياردەم پۇلى ،ۋاقىتلىق ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى ،ئىشلەپچىقىرىش ئىشتىن تۇختاش ياردەم پۇلى، ئۆينى بىزىگەن پۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. كۇچۇش ياردەم پۇلى ،ۋاقىتلىق ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى ،ئىشلەپچىقىرىش ئىشتىن تۇختاش ياردەم پۇلىنى ئۆلكە ،ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ بەلگىلىمسى بۇيىنچە بۇلىدۇ. ئۆي بىزىگەن پۇلدا تەرەپلەر كىلىشەلمىسە ئالاقىدار تارماقلارغا باھالاتسا بولىدۇ.چىقىش كۇچۇرۇش ئىشلىردىكى ئادىل ۋە ھەققانىلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن چىقىش كۇچۇرۇشكە بولغان قانۇن تەشۋىقاتىنى كۇچەيتىپ زىددىيەتنى ئازايتىپ مۇقۇملىقنى ساقلاش كىرەك. 24سائەت قانۇندىن ھەقسىز مەسلىھەت بىرىش قىزىق لىنىيەلىك تىلفۇنى ؛ 18299819854( ئادۇۋكات بەختىيار) چ چ: 1471561935 توردا ماتىريال يوللاش ئۇچۇن بۇ نۇمۇر قالدۇرۇلدى،چ چ دا مەسلھەت بىرىش قولايسىز، دوسلارنىڭ ئامال بار تىلفۇن بىرىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. مىنىڭ مۇلازىمەت ۋەدەم: باراۋارلىك، ئادىللىق ، ئىتتىپاقلىق ،تىنىچلىق ۋە تەرەققىيات، مىنىڭ ئەڭ ئالى نىشانىم . خەلق ئادۇۋكاتى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alabag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-10 12:47 PM
|
|
|
|
|
|