مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9198|ئىنكاس: 58

قەدىمقى دەۋرلەردە <<جۇڭگو >>زادى قانچىلىك چوڭلۇقتا ئىدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17173
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7371
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3951 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2012-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-10 12:43:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

گې جىيەن شوڭ


     جۇڭگونىڭ تىنچلىقى ھەققىدە سۆز بولغاندا شۇنداقلا  دۇنيادىكى چوڭ  دۆلەتلەرنىڭ  تارىخى تىلغا ئېلىنغاندا ، تەبىئي ھالدا قەدىمقى دەۋرىدىكى جۇڭگو ئېسىمىزگە كېلىدۇ . قەدىمقى دەۋىردىكى جۇڭگو زادى چوڭ دۆلەت سانىلامدۇ ياكى سانالمامدۇ ؟ چوڭ دۆلەت سانالسا  ئۇنىڭ دائىرسى قانچىلىك چوڭلۇقتا  ؟ بۇ بىزنىڭ تارىخنى  چۈشىنىشىمىز  ۋە  ئۇ ھەققىدە  ئىلگىرلىگەن ھالدا سېلىشتۇرما ئېلىپ بېرىشىمنىڭ ئالدىنقى شەرتى . لېكىن ھېلىغىچە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ ھەققىدىكى چۈشەنچىسىدە خاتالىق  مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.

   ئاۋال بىلىشىمىز زۆرۈر بولغان نەرسە شۇكى ، <<جۇڭگو >> دېگەن نامنىڭ  رەسمىي  ھالدا ئېلىمىزنىڭ دۆلەت نامى بولۇپ ئاتىلىشى 1912_يىلى جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلغاندىن كېيىن باشلانغان . بۇنىڭدىن بۇرۇنقى زامانلاردا <<جۇڭگو >>ھەققىدىكى چۈشەنچە تولىمۇ ئېنىقىسىز ئىدى . ئاددىلا ئېيتقاندا بۇ چۈشەنچە ئاستا _ ئاستا كېڭىيىش  جەريانىدا ئوتتۇرا  تۈزلەڭلىككە  تارالغان ،  ئاندىن كېيىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە ئۇنىغا تەۋە بولغان بارلىق دۆلەتلەرنى كۆرسىتىدىغان بولغان. ئەمما ،چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە <<جۇڭگو >> بەزىدە چىڭ خاندانلىقىنىڭ نامى بولۇپ ، ئۇنىڭ پۈتكۈل ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دائىرسىنى كۆرسەتسە ،بەزىدە ئىچكىرىدىكى ئون سەككىز ئايماقنى كۆرسىتىپ  (东北)دۇڭبېي ، ئىچكى مۇڭغۇل ، شىزاڭ ، شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان  .   شۇڭلاشقا جۇڭگونىڭ  قەدىمقى دەۋردىكى دائىرسىنى  ئېنىق كورسۈتۈپ بېرىش ئۈچۈن ، ئەينى ۋاقىتتىكى سۇلالىلارنىڭ  مەسىلەن ،تاڭ سۇلالىسى ،خەن سۇلالىسى ،  چىن سۇلالىسى ،مىڭ سۇلالىسى ...قاتارلىقلارنىڭ ھەقىقىي باشقۇرۇش (ھۆكۈمرانلىق) دائىرىسىنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقتا ئىكەنلىكىگە مۇراجىئەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ بىزگە  بۇ << جۇڭگو>>دىگەنىڭ زادى قانداق چۈشەنچە ئىكەنلىكىنى ھەم ئۇ ئەينى ۋاقىتتا قايسى ھاكىمىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ .

   بىز ئەينى ۋاقىتتىكى تاڭ سۇلالىسىنىڭ دائىرسىگە قارايدىغان بولساق، ئۇ ۋاقىتتىكى  تاڭ سۇلالىسىنىڭ زېمىنى چىڭخەي _ شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى كەڭ زېمىنلارنى ئۆز ئىچگە ئالمايتتى.چۈنكى ،ئۇ يەرگە تۈبۈتلەرھۆكۈمرانلىق قىلاتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار تاڭ سۇلالىسىغا بېقىنمايدىغان مۇستەقىل ھاكىمىيەت ئىدى. ئۇلار مۇستەقىل ھاكىمىيەت بولمىغان بولسا تاڭتەيزۇڭ ئۆزىنىڭ  قىزىنى ئۇلارنىڭ خاقانغا توقاللىققا بەرمىگەن بۇلاتتى  ھەم ئۇلار بىلەن تاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىتتىپاق تۈزۈشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق ئىدى . بىز چىڭخەي _  شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى كەڭ زېمىنلا  ئەزەلدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى سۇلالىلارنىڭ  خەرىتىسدە بولغان ،شۇڭا  ، تۈبۈتلەر  ئاۋال تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەن،  يەنى تاڭ  ھۆكۈمىتىگە ئۆزىنىڭ تەۋە ئىكەنلىكىنى  بىلدۈرۈپ باش ئۇرغان دېسەك  . ئۇ ھالدا بۇ قارىشىمىز تارىخى رېئاللىققا تۈپتىن ماس كەلمەيدۇ ،ئەلۋەتتە.
   بىز تارىختىكى نۇرغۇن سۇلالىلارغا  قارايدىغان بولساق ،ئۇلارنىڭ  زېمىنىنىڭ  مەۋقەسىز ھالدا ئۆزگىرىپ تۇرغانلىقنى بايقايمىز  . بولۇپمۇ داۋاملاشقان ۋاقتى ئۇزۇن ھەم كەڭ دائىرلىك زېمىنى ئىگەللىگەن خانلىقلارنىڭ  زېمىنى ئاخىرى چوڭ كۆلەمدە ئۆزگىرىش خەۋىپىگە  دۇچار بولغان مەسىلەن ، غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ  زېمىنى دەسلەپكى مەزگىللەردە غەربتە خېيشى كارىدورىغا  تېخى يەتمەيتتى  . بىراق ، كېينكى مەزگىللەردە ئۇنىڭ زېمىنى كېڭىيىپ بالقاش كۆلىگە يەتتى . ئاخىرقى يىللىرىدا يۈمىن گۈەن  (玉门关) بىلەن چەكلىنىپ قالدى .ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردە جەنۇپتىكى چېگرىسى  (抵南岭)دىنەنلىڭدا   توختىغان بولۇپ  گۇاڭشى بىلەن گۇاڭدۇڭ جەنۇبى ۋىتنامغا تەۋە ئىدى . بىراق ،ئوتتۇرا مەزگىلگە كەلگەندە ئۇنىڭ زېمىنى ھازىرقى ۋېتنامنىڭ جەنۇپ قىسمىغىچە كېڭەيگەن .
     تاڭتەيزۇڭ ھاكىمىيەت تۇتۇپ شەرقىي  تۈركلەر مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ،تاڭ سۇلالىسىنىڭ زېمىنى (贝加尔湖) گە يەتتى .بىراق ،تۈركلەر قايتىدىن ھاكىمىيەت تىكلىگەندە تاڭ سۇلالىسىنىڭ شىمالدىكى چېگرىسى (阴山)يىنشەن بولۇپ قالدى.  چىڭ سۇلالىسىنى ئېلىپ ئېيتساق .(   雍正  )يوڭجىڭ ھاكىمىيەت تۇتقان زاماندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ   زېمىنى ھازىرقى شىنجاڭنى ئۆزئىچىگە ئالمايتتى . 18ـ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا  كەلگەندە(  乾隆  )چىيەنلوڭ تيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى يوللارنى تىنجىتىپ ، زېمىنىنى  بالقاش كۆلى ۋە پامىر ئېگىزلىكىگە كېڭەيتكەن  . بىراق،  1860ـ يىلدىن كېيىن خېيلۇڭجياڭ ۋە ئۇنىڭ شىمالىدىكى كەڭ زېمىنلا شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى نۇرغۇن يەرلەر روسىيىگە تەۋە بولۇپ قالغان . 20 ـ ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىدا تاشقى موڭغۇلىيە  پۈتۈنلەي  قولدىن چىقىپ كەتكەن .

    غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ھون تەڭرىقۇتى خەن ھۆكۈمىتىگە تەسلىم بولغان بولسىمۇ لېكىن ،خەن  ھۆكۈمىتى ھون ھاكىمىيىتىنى ئۆزىگە قوشىۋالماي ئەكسىچە  ھون تەڭرىقۇتىنى يەنىلا خان دەپ جاكارلاپ ،ئۇنىڭغا ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بەرگەن شۇنداقلا ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ زېمىن چېگرىسىنى سەددىچىن سېپىلىنى ئاساس قىلىپ ئايرىپ ، ئۆز – ئارا تاجاۋۇز قىلماسلىق ھەققىدە كېلىشكەن  . شۇڭلاشقا خەن سۇلالىسىنىڭ شىمالدىكى  چېگىرىسى باشتىن – ئاخىرى  (阴山)يىنشەندىن ھالقىپ باقمىغان ھەم ھونلارمۇ خەن سۇلالىسىغا  تەۋە بولۇپ باقمىغان .موڭغۇللارنىڭ ئاتامانى چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى غەرپكە  يۈرۈش قىلىپ     ياۋرۇپاغىچە يەتكەن بولسىمۇ، ئاخىردا جىڭگىزخان ھاكىمىيىتى پارچىلىنىپ ئۇنىڭ بالىلىرى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەرنى  قۇرىۋالدى  . كېيىن بۇلار ‹‹تۆت چوڭ خانلىق›› دەپ ئاتالدى . بۇ خانلىقلار بىلەن  يۈەن سۇلالىسى  ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولغان ھاكىمىيەتلەر ئىدى . پەقەت ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىرىنىڭ  ئەجدادى بىر ئىدى . يۈەن سۇلالىسىغا  ئەزەلدىن   شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرى تەۋە بولۇپ باقمىغان. چۈنكى،  جەنۇبىي شىنجاڭ ئىزچىل باشقا خانلىقىغا تەۋە زېمىن بولۇپ تۇرغان   . شۇڭا بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيا ، غەربىي  ئاسىيا ھەتتا ياۋروپانىڭ قىسمەن يەرلىرىنى تىلغا ئېلىش تېخىمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش .
   ياپۇنىيە ، شەرقى جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرمۇ ئەزەلدىن رەسىمىي ھالدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى سۇلالىلارغا    تەۋە بولۇپ باقمىغان . جۇڭگو تارىخى كىتابلىرىدا خاتىرلەنگەن خانلىققا ئولپان ـ سېلىق تاپشۇرۇش،  ئەمەلىيەتتە خانغا ئولپان ـ سېلىق  تاپشۇرۇش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان  خەلقئارالىق سودا ۋە  ۋاقىتلىق زىيارەتنى  كۆرسىتەتتى    .ئۇلارنىڭ بەزىلىرى   ساماۋى خانلىقلارنىڭ كونا قايدا ـ يوسۇنلىرىغا ئىخلاسىنى بىلدۈرۈش ياكى  ئۇنىڭغا ھۆرمەت سۆزى قىلىش ئارقىلىق  ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىش مەقسىتىدە  يېزىلغان يۈزەكى تارىخى بايانلار ئىدى  . .چىڭ سۇلالىسىنىڭ  دەسلەپكى يىللىرىغا كەلگۈچە روسىيە ،فرانسىيە ،ئەنگلىيە (قىزىل تۈك ) ...قاتارلىق دۆلەتلەر خانلىققا  ئولپان ـ سېلىق تاپشۇرىدىغان دۆلەتلەر دەپ ئاتىلىپ كەلگەن  . بىز يوقاردىكى بايانلارغا قاراپ بۇ دۆلەتلەرنىڭ چىڭ سۇلالىسىغا  تەۋە ئىكەنلىكىگە شەرتسىز  ئىشەنسەك بولامدۇ ؟
ھازىرغىچە نۇرغۇن كىشىلەر تارىختىكى ‹‹جۇڭگو ›› ياكى جۇڭگو تارىخىدىكى سۇلالىلارنىڭ زېمىنىنى   (دائىرسىنى ) قانچە چوڭ دېسەك شۇنچە ۋەتەن پەرۋەرلىك روھىنى كۈچەيتكىلى  ۋە جارىي  قىلدۇرغىلى بولىدۇ دەپ قارىماقتا . ئەمەلىيەت بۇنىڭ ئەكسىچە . ئەگەر جۇڭگو ھەقىقى تىنچلىقنىڭ ئۆز قوينىدا ئۇزاق مەزگىل  قەت كۆتۈرۈشنى خالىسا  چوقۇم تارىخى رېئاللىقنى چۈشىنىشى ،تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلىشى ،ئۇنىڭدىكى ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىشى زۆرۈر . شۇنداق بولغاندىلا ئۇ رېئاللىقتا پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ ھەم  كەلگۈسىگە دادىل يۈزلىنەلەيدۇ


مەنبە :《青年文摘》2007年4月   54页
تەرجىمە قىلغۇچى : ئالىپ ئوغۇز

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Xaparang + 35 دەلىللەر يېتەرلىك
Uyghun + 100 ياخشى تەرجىمە
a.sayrami + 20 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 155   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9838
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1762 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-10 02:40:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرجىمە ئىگىسىگە رەھمەت! جوڭگونىڭ 24تارىختىكى بايانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزگىنى ماختاش،باشقىلارنى كەمسىتىش بىلەن تولغان،نۇرغۇن ۋەقەلەرنىڭ خارەكتىرى بۇرمىۋېتىلگەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9838
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1762 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-10 02:42:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىتىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان چوڭ دۆلەتچىلىك،ئۆزىنى  مەركەز قىلىش ئىدىيسى ھازىرچە ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسىتىپ كېلۋاتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-10 02:48:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاينى ئىتەك بىلەن توسۋالغىلى بولمايدۇ، چوغنى پاختىنىڭ ئارسىدا ساقلىغىلى بولمايدۇ ھەقىقەت دىگەن ھامان ھەقىقەت. ھەقىقەت دىگەن ئىگىلىدۇ سۇنمايدۇ. ئۆز تارىخىنى بىلمىگەن مىللەت مەڭگۈ راۋاج تاپمايدۇ .تېما ئىگسىگە رەخمەت

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

سالۇن: Uyenene

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7972
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9838
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 713 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-10 02:53:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ مۇئەللىملەرمۇ بىر نەچچە يىل بۇرۇن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دىگەندى.   يەنە ھېلقى  قورۇقچى بەگ  مەھكىمىسى  ۋاھا -كازالار مۇ شۇ ، بۈگۈنكى زاماندىكى  كونسۇلخانغا ئوخشاشلا بىرنەرسە خالاس!...
بۇخۇددى ئامېركىنىڭ جوڭگۇدىكى كونسۇلخانسىدا مەلۈم مىقداردا ساقچى ياكى ئەسكەر تۇرغۇزىشى بىلەن ياكى جۇڭگۇننىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى كونسۇل-ئەلچىخانىسدا، مەلۈم ساندا ئەسكەر -ياكى ساقىچى تۇرغۇزىشى بىلەن بۇ جايلار كونسۇل -ياكى ئەلچىخانا  ئىگىللىرىگە تەۋە بوپ قالمىغاندەك بىر ئىش دەپ چۈشۈنىشكە بولدۇ!....

30يۈەنگە 30 كۈن پۈتۈن جوڭگۇغا چەكسىز تېلفۇن قىلىڭ! چ چ 250054423  سالۇن: Uyenene

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79243
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3127
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-4-23
ئاخىرقى: 2012-6-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-10 02:53:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نومۇس قىلىدىغان ئىشى بولمىسا  نىمىشقا  ئۇنداق تارىخ بۇرمىلايدۇ ؟؟؟؟؟؟

چىن  يۈرىكىمدىن  چىقىرىپ  كۈلۈپ  باقسام  دەيمەن..........................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11120
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-10 02:57:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەلىللەر يېتەرلىك

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9838
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1762 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-10 03:13:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
玉门关-قاشقۇۋۇق
贝加尔湖بايقال كۆلى
阴山-چۇغاي تېغى
东北شەرقى شىمال
تىما ئىگىسگە تەۋىسيە:ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى بار يەر ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئاتىشىڭىزنى تەۋىسيە قىلمەن،ئانا تىلمىزنى قەدىرلەش ھەممىزنىڭ ئورتاق بۇرچى!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-12 11:27 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ALDIYAR + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
ئۈمىد + 97 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 107   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7749
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-10 03:22:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ماتىريالكەن، رەھمەت

foormat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-10 03:51:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش